مۇۋەپپەقىيەتكە ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ

 

مۇۋەپپەقىيەتكە ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ تېز ۋە ئەڭ كاپالەتلىك يولى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتۇر. دۇنيادا كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغا مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىزدەنگەن ئادەم ئۇلارنىڭ ئومۇمەن ئۆزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى ۋە ئىشنى كىچىكتىن باشلىغانلىقىنى بايقايدۇ. چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئەمەس، داۋاملاشتۇرۇشقا، ئاخىرقى نىشانغا ئەمەس، ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرغا قەدەر داۋاملىشىدىغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر.

يازغۇچىلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپتە يۇرتىمىزدىكى مەلۇم بىر گېزىتكە ماقالە يېزىشقا باشلىغان چېغىمدا، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىش نىيىتى بىلەن تۆت كۈن ئىچىدە يىگىرمە ماقالە يېزىپ ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلدىم. ئەمما ئون بەش ماقالىنى پۈتتۈرۈپ چىقىشىم ئۈچۈن ئالتە ھەپتە ۋاقتىم كەتتى ۋە ناھايىتى چارچاپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇسلۇبىمنى ئۆزگەرتىپ، ھەر كۈنى بىر ماقالە يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈردۈم. بۇ ئىش ماڭا دەسلەپتە بەك ئاز ۋە بەك ئاددىي كۆرۈندى. ئەمما بۈگۈن كومپيۇتېردىكى ئارخىپىمغا قارىسام سەككىز مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يېزىپ بولۇپتىمەن. بۇنىڭدىن بىلدىمكى، غەلىبىلىك ئىش ئاز-ئازدىن قىلىش ۋە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىكەن». 

بۇ تەجرىبە بىزگە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ غېمىنى قىلماستىن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، سىز قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان نەتىجىنىڭ غېمىنى قىلماي، ئاشۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سالماقلىق بىلەن قەدەم بېسىڭ. مەسىلەن: لاياقەتلىك بىر بەدەنگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ غېمىنى قىلماستىن، ھەر كۈنى يېرىم سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. ئەگەر سىز قۇرئان كەرىمنى رولۇق يادلىماقچى بولسىڭىز، ئىشنى ھەر كۈنى بىر بەت ياكى يېرىم بەت قۇرئان يادلاشتىن باشلاڭ. ئەگەر سىز بىرەر چەتئەل تىلىنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز،  سىز ئىشنى ھەر كۈنى بەش، ئون سۆزلۈك يادلاشتىن باشلاڭ. ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، سىز ئادەت قىلىۋالغان ئىشلىرىڭىز كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ ماڭىدۇ. بىر كۈنى قارايدىغان بولسىڭىز ئاشۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كۈندىلىك ئادەت ئارقىلىق قانچىلىك چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭىزگە ئۆزىڭىزمۇ ئىشەنمەي قالىسىز. ئىشلارنى ئاز-ئازدىن داۋاملاشتۇرۇش ھاياجان كەلگەندە جىق بىر ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، قالغان چاغلاردا ئۇخلاپ قالغاندىن كۆپ ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ داۋام قىلغىنىدۇر» دېگەن كۆرسەتمىسى نېمىدېگەن ھېكمەتلىك-ھە!

 ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىنىڭ كۆلىمى ھەققىدە باش قاتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئاز بولسىمۇ، كۈندىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىكەن. قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاش ياكى سەككىز مىڭ پارچە ماقالە يېزىپ بولۇش ۋە ياكى چەتئەل تىللىرىدىن بىر قانچىسىنى ئۆگىنىش ھەققىدە ئويلىنىش كۆپىنچە ھاللاردا ئادەمنى ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بېرىشى ۋە بۇ ئىش مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن خۇلاسىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما نەتىجە ھەققىدە باش قاتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئىشنى ئاز-ئازدىن داۋاملاشتۇرۇش ئادەمنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدىكەن. بۇ ئىشلار كۆزگە كۆرۈنمەيلا ۋۇجۇتقا چىقىپ قالىدىكەن. بىزدە «تاما، تاما كۆل تولا» دەيدىغان ھېكمەت بار. ئەرەبلەر «داۋاملاشقان ئاز ئىش داۋام قىلالمىغان چوڭ ئىشتىن ياخشىدۇر» دەيدۇ.

كېچە-كۈندۈزدىكى يىگىرمە تۆت سائەت ۋاقىت ھەرگىزمۇ ئاز ۋاقىت ئەمەس. ئەمما بۇ ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىر  ئىش قىلسىڭىزمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھېچ ئىش قىلمىسىڭىزمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. سىز تىرىكچىلىك قىلىش، ناماز، زىكىر ۋە دۇئا قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش، ئارام ئېلىش، تائاملىنىش قاتارلىق كۈندىلىك زۆرۈر ئىشلىرىڭىزنى جايىدا ئېلىپ بارغاننىڭ سىرتىدا، بىر سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، بۇ بىر سائەتلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر قانچە ئىشنى قىلىمەن دېسىڭىزمۇ ئەلۋەتتە قىلالايسىز. ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلا ئىشنى قىلماقچى بولۇڭ:

1.      يېرىم سائەت قۇرئان يادلاش ياكى تەكرارلاش،

2.      يېرىم سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇش ياكى مېڭىش.

بۇ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپلا كېتەلىسىڭىز، ئەلۋەتتە ھەر ئىككىلىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. مەن بۇ يەردە روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ئىككى مىسال كەلتۈردۈم. چۈنكى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ تۇرۇش ۋە مەنىسىگە ئەمەل قىلىش بىزنىڭ روھىي ساغلاملىقىمىزنى ساقلىسا، بەدەن چېنىقتۇرۇش جىسمانىي ساغلاملىقىمىزنى ساقلايدۇ. مۇئمىن ئادەم بۇ ئىككىسىگە ئوخشاشلا موھتاج.

يىگىرمە تۆت سائىتىڭىز ئىچىدىكى  بۇ بىر سائەت سىز ئۈچۈن سىزنىڭ ھېچقانداق ئىشىڭىزغا تاقاشمايدۇ. سىز بۇ بىر سائەتنى  قاتناش زىچلىقىدا يوللاردىمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىسىز، يانفونغا قاراش بىلەنمۇ ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەنمۇ ھېس قىلماي ئۆتكۈزۈۋېتىسىز. ئەمما سىز مۇشۇ بىر سائەتتىن پىلانلىق ھالدا پايدىلانغىنىڭىزدا، كېيىن ئۆزىڭىزمۇ ئىشەنمەي قالغۇدەك دەرىجىدە نەتىجە يارىتالايسىز. بىر قانچە يىلدىن كېيىن قارىسىڭىز، تېنىڭىزنىڭ ساغلام ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ بولغانلىقىڭىزنى كۆرىسىز. مانا بۇ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.

مەن تەجرىبە قىلىپ باقتىمكى، ناماز شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدىكى بىر يېرىم سائەتلىك ۋاقىتتىن نېمىگە ئېرىشكەنلىكىمنى بىلمەيدىكەنمەن. بۇ ۋاقىت ئومۇمەن، ئۆيدە بالىلار بىلەن ئولتۇرۇش، كىتاب ۋاراقلاپ قويۇش، خەۋەر كۆرۈش، يانفونغا قاراش بىلەن مەنىسىزلا ئۆتىدىكەن. بىر كۈنى ناماز شامدىن كېيىن مەسجىدتىن ئۆيگە قايتماي ناماز خۇپتەنگىچە ئولتۇرۇپ باقتىم، ئەسلىدە بۇ ئاز ۋاقىت ئەمەس ئىكەن. شۇ ۋاقىت ئىچىدە ئالدىرىماي ئىككى پارە قۇرئان ئوقۇپ بولۇپتىمەن يەنە تېخى سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈلگۈرۈپتىمەن. دېمەكچىمەنكى، ئەگەر بىز ۋاقىتتىن پىلانلىق پايدىلىنىشنى بىلسەك، ئاز ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئاۋۋال ئۆزىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كىچىكتىن باشلىنىدىغانلىقىغا ۋە ئىزچىللىقنىڭ ئەھمىيىتىگە قايىل قىلىشىمىزغا باغلىقتۇر. تۆۋەندە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بولىدىغان بەزى تەۋسىيەلەرنى سۇنىمىز.

1.        تەدرىجىيلىك يولىنى تۇتۇڭ

ھاياتىڭىزنى تېزلا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماڭ. چۈنكى كۆنۈپ قالغان ئادەتلەرنى بىر كېچە- كۈندۈزنىڭ ئىچىدە ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ۋاقىت ۋە سەۋرچانلىق كېتىدۇ. ئىشنى دەسلەپتە ئاز-ئازدىن باشلاڭ، سىزگە مالاللىق يەتمەسلىكى ئۈچۈن باشتا ئۆزىڭىزنى ئىشقا ئۇرۇپ كەتمەڭ. ئەرەبلەردە «قاچان يېتىپ بېرىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى يېتىپ بېرىشتۇر» دەيدىغان ھېكمەت بويىچە ئىش قىلىڭ.

2.        مۇئەييەن ئىشقا مەركەزلىشىڭ

ھەممە ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا قىلغىلى بولمىغاندەك، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىمۇ بىر-بىرلەپ قىلىش كېرەك. مەسىلەن: سىز كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەكچى بولسىڭىز، بارچە ھىممىتىڭىز شۇنىڭغا مەركەزلىشىشى، كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەپ، ئۇنىڭغا قەتئىي رىئايە قىلىشىڭىز شەرت.

3.        ھەمراھ تېپىۋېلىڭ

بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۆزىڭىزگە بىرەر ھەمراھ تېپىۋالسىڭىز، شۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ياردەمچى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا سىلەر بىرىڭلارنى رىغبەتلەندۈرىسىلەر، كۆڭلىڭىز خالىمىغان كۈنلەردىمۇ ھەمراھىڭىزنىڭ زورى بىلەن بولسىمۇ ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىسىز.

4.        مۇكەممەلشۇناس بولۇۋالماڭ

ئۇرۇنۇشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، ھەممىدە نەتىجە قازىنىشىم كېرەك دەپ ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇۋالماي، قولىڭىزدىن كەلگەنچە، ئىقتىدارىڭىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىزدۇر، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھ تائالادىندۇر.

5. ئۆزىڭىزگە ۋەدە بېرىڭ

ئىنسان نەپسى راھەتكە مايىل بولغانلىقتىن، پىلان تۈزۈپ مۇنتىزىم ئىش قىلىشنى ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما سىز ئۆزىڭىزگە ۋەدە بەرسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزگە قەتئىي خىيانەت قىلماسلىقىڭىز كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكرارلىسىڭىز، بۇ ئىشنى تەرك ئەتمەي داۋاملاشتۇرالايسىز.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار