ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلەيلى

 

ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلەيلى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئۇيغۇرلار ئىسلام نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئىنسانىيەت ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، قىممەتلىك بىر مىللەت ۋە قىممەت ياراتقان بىر خەلق. ئۇيغۇرلار ياراتقان تۆت چوڭ كەشپىيات ۋە تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى ئىسلام ھاكىمىيىتى ھېسابلىنىدىغان قاراخانىيلار دۆلىتى بۇنىڭ مىسالى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ شەھەرلەشكەن خەلق. ئەپسۇسكى، كېيىنكى بىر قانچە ئەسىر مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كىرىزىسلار ۋە بەختسىزلىكلەر ئۇلارنىڭ روھىغا تەسىر قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۆزىدىكى جەۋھەرلەرنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەرەبلەردە «مەغلۇب بولغانلار غالىبلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. ھازىرقى دۇنيانىڭ ھالىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۆزىنى مەغلۇبلار قاتارىدىن ساناپ سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىپ تۇرغان مىللەتلەر راستتىنلا ئارقىدا قالغان. ئەمما ئۆزىنى غالىبلارنىڭ قاتارىدىن ساناپ سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ھەر تەرەپتىن غالىب كەلمەكتە. چۈنكى مەغلۇب مىللەت روھىي جەھەتتىن مەغلۇب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆزى بەلگىلەپ بولىدىكەن، شۇڭا ئۇلار ھەمىشە غالىبلارنىڭ ئارقىسىدا مېڭىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدىكەن. ئەمما غالىبلار ئۆزىنىڭ غالىبىيىتىنى ئۆزى سىزىپ، سۇ يولدا ماڭىدىكەن. ئىسلام دۇنياسى 16- ئەسىردىن كېيىن، دۇنيادا غالىبلىق رولىنى ۋە تەرەققىيات روھىنى ياۋروپالىقلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ھەر تەرەپتىن مەغلۇب خەلقلەرگە ئايلىنىپ قالدى. شۇنىڭدىن بېرى مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۆزلىرىدىكى جەۋھەرلەرنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار دەل شۇنداق بولۇپ قالدۇق. بۇنىڭغا مىسال ناھايىتى كۆپ. ئاددىي بىر مىسالنى ئالايلى، بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغان كۈنىمىزدىن باشلاپلا باشقىلارنى چوڭ بىلىدىغان، ئۇلارغا تەلپۈنىدىغان، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسى بىزنىڭكىدىن مۇكەممەل ۋە ياخشى كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلىرىنى، ئالىملىرىنى ۋە ھۈنەر- سەنئەت ئىگىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان قەھرىمانلاردىن، ئالىملاردىن، ھۈنەر – سەنئەت ئىگىلىرىدىن ئەۋزەل بىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ خاھىش ھاياتىمىزنىڭ ھەممە ساھەسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان بولدى، ئاندىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە رەسمىي ئومۇملاشتى. ئەگەر بىز ئالىملىرىمىزنى ئۆز زامانىسىدا دۇنياغا تونۇشتۇرالىغان بولساق، نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى. مەسىلەن: ئابدۇلقادىر داموللام ئىسلام دۇنياسىدا مىسلى تېپىلمايدىغان دەرىجىدىكى ئىسلاھاتچى ئالىم ئىدى. ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى ئويغىتىشقا تىرىشقان ۋە شۇ زامانلارغا نىسبەتەن دۇنيادا تونۇلۇشقا تېگىشلىك ۋەتەنپەرۋەر زات ئىدى. ئەمما بىز ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلمىدۇق، ئۇلارنى دۇنياغا تونۇشۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى جىمىقتۇردۇق. ھازىرمۇ بىرەر دىنىي ياكى ئىلمىي ماۋزۇنى ئۆزىمىزدىن چىققان ئالىملىرىمىزدىن بىرى ناھايىتى يېتەرلىك يورۇتۇپ بېرەلىسىمۇ، بىز ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان سەۋىيەدىكى بىرەر ئەرەب ياكى تۈرك ۋە ياكى ئۆزبېك ئالىمىنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاشنى ئەۋزەل كۆرىمىز. ئۇلار بىزنىڭ مىللەتتىن بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا كۆزىمىزدە چوڭ كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ بىزدىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ باشقىلارنى چوڭ بىلىش ياكى ئۆزىدىكى قىممەتلەرنى تونۇماي، باشقىلاردىن قىممەت ئىزدەش خاھىشىنىڭ بىر مىسالى.

تۈركىيە خەلقى بىلەن بىز قانداش. ئەمما ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىش مەسىلىسىدىكى ئەھۋالىمىز بىر-بىرىمىزگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. تۈركىيە تۈركلىرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ، باشقىلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ، باشقىلارنى چوڭ بىلمەيدۇ، ئۆزىنى چوڭ بىلىدۇ، ئۆزىنى، ئۆز خەلقىنى، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەرنى ۋە ئۆزىدىن يېتىشىپ چىققان ئىختىساس ئىگىلىرىنى قەدىرلەيدۇ، ئۇلارنى باشقىلارغا تەڭ قىلمايدۇ. تۈركلەردىكى مىللىي ئاڭ بىزدىن ئالاھىدە يۇقىرى، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىدىن چىققانلارنى ھىمايە قىلىش روھى ناھايىتى مۇكەممەل. ئۇلار ئۆزىنىڭ بولغان ھەر نەرسىنى قەدىرلەيدۇ، باشقىلارنىڭكىنى ئۆزلىرىنىڭكىگە ھەرگىز ئۈستۈن قىلىۋالمايدۇ. ئاددىيسى،  باشقا مىللەتنىڭ ئالىملىرىنى ئۆزىنىڭ ئالىملىرىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن كۆرۈپ كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ سەنئەتچىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سەنئەتچىلىرىدىن يۇقىرى بىلمەيدۇ. تۈركلەردىكى ئۆزىدىكىنى قەدىرلەش خاھىشى شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارغانكى، كۆپ ساندىكى تۈركلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا «پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى»دە بېسىلغان ۋە دۇنيادا ئومۇملىشىۋاتقان قۇرئان كەرىم نۇسخىسىنى ئوقۇماي، ئۆز دۆلىتىدە بېسىلغان قۇرئان كەرىم نۇسخىسىنى ئوقۇيدۇ، شۇڭا ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەنلەرنىڭ كۆپلىرى تۈركىيەدىن ئۆزى ئوقۇيدىغان قۇرئاننى بىللە ئېلىپ كېلىپ شۇنى ئوقۇيدۇ، ھەتتا مەسجىدى ھەرەمدە شۇنچە قۇرئان كۆپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۆزى تۈركىيەدىن ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننى ئوقۇيدۇ. مەن بۇنداق قىلىشنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن بۇ گەپنى قىلمىدىم، پەقەت تۈركلەردىكى «ئۆزىنىڭكىنى قەدىرلەش روھى»غا مىسال ئۈچۈنلا كەلتۈردۈم، خالاس.

ئىنسان ئۆزىنى قانچىلىك قەدىرلىسە، باشقىلارمۇ ئۇنى قەدىرلەيدىكەن. مىللەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىكەن. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلمىسە باشقىلار قانداق بىلسۇن؟ بىر مىللەت ئۆزىنى قەدىرلىمىسە، باشقىلار ئۇنى قانداقمۇ قەدىرلىسۇن؟!

بىز مۇستەملىكىدە قېلىپ ئەركىنلىكىمىزنى يوقاتقان بىر خەلق بولساقمۇ، ئىززىتىمىزنى، قىممىتىمىزنى ۋە دۇنيادىكى ئورنىمىزنى يوقاتمىدۇق. بىز خېلى- خېلى مىللەتلەردىن ياخشى ۋە قىممەتلىك مىللەتمىز. بىز دۇنيادىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان مىللەتلەردىن ياخشى. ئاددىيسى، بىزدىكى يېمەك-ئىچمەكلەردىكى ھالال-ھارامنى ئىلغاش خىسلىتى، مېھماندوستلۇق ئادىتى مانا مەن دېگەن كۆپلىگەن مۇسۇلمان خەلقلەردە يوق. چۈنكى بىزدە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن مىللىي مەدەنىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن.

بىز ئېزىلگەن بولساقمۇ، ئەركىنلىكىمىزدىن مەھرۇم قىلىنغان بولساقمۇ، قىممىتىمىزنى يوقاتقىنىمىز يوق. بىز يەنىلا قىممەتلىك مىللەت. ئالتۇن توپىغا كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ يەنىلا ئالتۇن. ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ئۇ ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا پارقىرايدۇ، شۇڭا، بىز ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنەيلى ۋە ئۆزىمىزنىڭكىنى قەدىرلەيلى!

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار