ئىسلام ۋە ئىلىم

ئىسلام ۋە ئىلىم
    مۇھەممەد يۈسۈپ

ئوقۇش، ئۆگىنىش ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى چاقىرىقى بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىن ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ئايەت «ئوقۇ» ئەمرى بىلەن باشلانغان. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئوقۇش، ئۆگىنىش ئەر –ئايال ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزدۇر»([1]) دەپ كۆرسەتكەن.

ئىسلام دىنى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە چاقىرغان ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆگىنىش پەرز بولغان ئىلىم ئاۋۋال ئاللاھ تائالانى تونۇش، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ياشاشنى ئۆگىنىشتىن باشلاپ، ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان، ئىمان ۋە ئەخلاققا خىزمەت قىلىدىغان پۈتۈن ئىلىم تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىگە ئىسلامىي ئىلىملەر، ئىجتىمائىي پەن، تەبىيئىي پەن ئىلىملىرى ۋە ھازىرقى ئەسىردە شاخلىنىپ چىققان پۈتۈن ئىلىم تۈرلىرىمۇ كىرىدۇ ([2]).

بىر ئىنساننىڭ كامىل مۇسۇلمان بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى تولۇق ئورۇنداشقا سالاھىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان ئىسلامىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشى پەرز ئەيندۇر. ئىسلامىي ئىلىملەر ئىمان، ئەخلاق، ئىبادەت، ھالال-ھارام قاتارلىقلاردىن باشلاپ مۇسۇلمانچىلىققا كېرەك بولغان ئىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما مەيلى ئىسلامىي ئىلىملەردىن بولسۇن، مەيلى پەننىي ئىلىملەردىن بولسۇن، قايسىبىر پەننى شۇ پەندە مۇتەخەسسىس بولۇش ۋە ئۇنى ئىمان بىلەن ئەخلاققا خىزمەت قىلدۇرۇش نىيىتى بىلەن ئوقۇش پەرز كىفايەدۇر. ئىسلامىي ئىلىملەر شەرئىي ئىلىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

شەرئىي ئىلىم
دىننى ئۆگىنىش، دىنىي بىلىملەرنى ئىگىلەش، دىننىڭ تەلىماتلىرىنى مۇكەممەل بىلىش، ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى توغرا چۈشىنىش دېگەنلەر ئەرەب تىلىدا «ئەل فىقھۇ فىددىن»يەنى (دىندا مۇكەممەل بولۇش) دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى «فىقھى» سۆزىنىڭ مەنىسى ئۆگىنىش ۋە بىلىش دېگەنلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، مۇكەممەل بىلىش ۋە توغرا چۈشىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا «فەقىھ» سۆزى «ئالىم» سۆزىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. ھەر قانداق «فەقىھ»نى «ئالىم»دېگىلى بولىدۇ. ئەمما ھەر قانداق «ئالىم»نى «فەقىھ» دېگىلى بولمايدۇ.

شەرئىي ئىلىم مەنپەئەت جەھەتتىن ئىلىملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، مەرتىۋە جەھەتتىن ئىلىملەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا مۇكەممەل قىلىدۇ»([3]) دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

دىنىي ئىلىملەردە مۇكەممەل بولۇش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك يولىدۇر. شۇڭا ئۆگىنىش ۋە بىلىش ئىسلام دىنىنىڭ پەرزلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى بولغىنىدەك، دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى باشقا جىمى ئىلىملەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى ئىلىم-پەنلەر ئىنسانلارنىڭ دۇنيالىق ھاياتى ئۈچۈن پايدىلىق بولسا، دىنىي ئىلىملەر ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، قوش قاناتلىق ئىلىملەردۇر.

ئاللاھ تائالا ئىلىمنىڭ مەرتىۋىسىنى ئىماننىڭ مەرتىۋىسى بىلەن بىر ئورۇندا قويغان.﴿ يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آَمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ﴾يەنى )ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ(([4])

ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىنىڭ مەرتىۋىسىنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرگەن، ھەتتا قۇرئان كەرىم ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قاتارىدا ساناپ، ئۇلارنى پەرىشتىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئالاھىدە تىلغان ئالغان.﴿ شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ﴾يەنى)ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى(([5])

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى جەننەتكە كىرىشنىڭ يولى دەپ ئوچۇق جاكارلىغان ھالدا: «ئوقۇش ئۈچۈن يول ئالغان ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى ئاللاھ ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ»([6]) دېگەن.

ئىلىم-پەن
    ئىلىم ـ پەن دىنغا دۈشمەن ئەمەس، ئۇنىڭغا زىتمۇ ئەمەس، بەلكى ئىلىم ـ پەن كىشىنى ئىمانغا باشلايدىغان بىر يولباشچىدۇر. ئىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغان كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ بۇ سىرلىق كائىناتنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى ھىمايە قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر نەرىسىنىڭ مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە، پۇختا يارىتىلغان سەنئەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا قايتقانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئىلىم ھەر قاچان ئاللاھقا باشلىماي قالمايدۇ. دىنسىزلىق ئېتىقادى بىلەن تەبىئەت، ئاسترونومىيە، بىئولوگىيە، فېزىكا ۋە باشقا ئىلىم پەن ساھەلىرىگە قەدەم قويۇپ، بۇ ئىلىم ـ پەنلەر سايىسىدا ھەقىقەتنى تونۇپ ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ئىلمىي يوسۇندا يېتەرلىك دەلىللەرنى كەلتۈرگەن ۋە بۇدەلىللىرى ئارقىلىق ئىلىم ـ پەندىن يۈزەكى مەلۇماتلىق بولۇپ، ئىلىمنى دىنغا قارشى قورال قىلماقچى بولغانلارغا قارشى كۈچلۈك رەددىيەلەرنى بېرىپ كەلگەن تەبىئىي پەن ئالىملىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.

   تەبىئىي پەندە ئۆزلىرىنى ئالىم ساناپ مەغرۇرلانغۇچى ئاتېئىزمچىلار ئۆتمۈش زامانلارنىڭ ئەقلىيىتى بىلەن ياشىغۇچىلاردۇر. ئۇلار زامانىمىزدىكى ئىلم ـ پەننىڭ قانچىلىك زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە ھەر بىر قەدىمىدە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاۋاتقانلىقىنى كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش تەرزى باشقىلار سىزىپ بەرگەن چەكلىك نەزەرىيە دائىرىسىدە مەھبۇس بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەقلىمۇ شۇ ئەندىزە ئىچىدە مەھبۇستۇر. مۇنداق مەغرۇرلار ھەرساھە تەبىئىي پەن ئالىملىرىغا قۇلاق سالسا بولىدۇ.

   بۇيۇك ئالىم ھۇشېل مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم ساھەلىرى كېڭەيگەنسېرى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك، يەككە ـ يېگانە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىلمىي دەلىللەر كۆپەيمەكتە. بىئولوگىيە، فېزىكا، تەبىئەت، ئاسترونومىيە ئالىملىرى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئىلم مۇنبىرىنى تىكلىمەكتە. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز ئۇلۇغلىقىنىڭ مۇنبىرىدۇر».

ئىلىم پەننى تەرەپسىز ھالدا  بېرىلىپ ئوقۇغان ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن تەپەككۇر قىلىپ مۇلاھىزە قىلغان ھەر قانداق ئادەم  ئىلىم ـ پەن ئارقىلىق ئاللاھنى چوقۇم تونۇيدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ ئاللاھقا بولغان ئېتىقادى مىسلىسىز كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىمانىمۇ چۈشەنمەستىن تەقلىدچىلىك بىلەن قارغۇلارچە مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ئىمانىغا نىسبەتەن قىممەتلىك ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. ئەمما ئىلىم ـ پەننى دىنغا قارشى قورال قىلماقچى بولغانلار  ئىلىم ـ پەننىڭ بۇ نېمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان يوقسۇللاردۇر. بۇنداقلارنىڭ ئىلىم ــ پەندىن ئالغانلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلالمايدىغان يۈزەكى  مەلۇمات بولىدۇ.

ئاللاھنىڭ ئىككى كىتابى باردۇر. ئۇنىڭ بىرى قۇرئان. قۇرئان بولسا ئاللاھنىڭ كالام ( سۆزلەش) دېگەن سۈپىتىنىڭ ئەسىرىدۇر. يەنە بىرى كائىناتتۇر. كائىنات ئاللاھنىڭ سانىئ (سەنئەتكار) دېگەن سۈپىتىنىڭ ئەسىرىدۇر. دۇنيادىكى ھەر ساھە ئىلىم ــ پەن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئاللاھقا ئىشەنسۇن، ياكى ئەشەنمىسۇن، ئۇلار بەرىبىر ئاللاھنىڭ  «كائىنات» ناملىق كىتابىنى ئوقۇماقتا ۋە ئۇنى تەپسىر قىلماقتا. 

ھېربېرت سپېنسېر «تەربىيە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم خۇراپات بىلەن زىتلىشىدۇ، ئەمما دىننىڭ ئەسلىسى بىلەن زىتلاشمايدۇ. كۆپلىگەن يۈزەكى تەبىئىي پەن ئىلىملىرىدە دىنسىزلىق روھى بار. ئەمما يۈزەكىلىكتىن يۈكسېلىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىم سەۋىيىسىگە كۈتۈرۈلگەن ئىلىم   مۇنداق دىنسىزلىق روھىدىن ئۇزاقتۇر، ئەلۋەتتە. تەبىئىي پەن ئىلىملىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىبادەتتۇر. چۈنكى تەبىئىي پەن ئىلىملىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىش بىز سىرلىرىغا يېتىپ بولالماي دەرتلىنىۋاتقان ۋە ئاستا ـ ئاستا بىلىۋاتقان شەيئىيلەرنىڭ ئېسىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئاندىن ئۇلارنى ياراتقان زاتنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى تونۇش دېمەكتۇر. بۇ ئاغزاكى تەسبىھ (ئاللاھنى مەدھىيەلەش)ئەمەس، ئەمەلىي تەسبىھتۇر. مۇنداق ئىلىملەرگە قىلىنىدىغان ھۆرمەتمۇ مەنىسىز ھۆرمەت ئەمەس، بەلكى ئەقىل، تەپەككۇر ۋە ۋاقىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن قىممەتلىك ھۆرمەتتۇر. بۇنداق ئىلىم كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ قانداق شەكىل ۋە قانداق كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتە ئىستىبدات يولىنى تۇتمايدۇ، لېكىن بىزگە بۇ مۇمكىن ئەمەسلىكنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ يولنى تۇتىدۇ ۋە ئىنساننى ئەقلى يېتىدىغان بارلىق ساھەلەرگە باشلاپ بېرىپ، ئاخىرىدا ئەقىلنىڭ سىرتىدا بولغان چېگرادا توختايدۇ. شۇ ۋاقىتتا دەيدۇكى، ئىنساننىڭ ئەقلى شۇنچىلىك يەرگىچە يېتىدۇ، ئەمما ئەقىل ئىدراك قىلالمايدىغان ئالەملەر كۆپ!».

ھېربېرت يوقىرىقى سۆزلىرىگە مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر تامچە سۇنى كۆرگەن ئالىم ئۇنىڭ ئوكسگېن بىلەن ھېدروگېندىن مەلۇم نىسبەتتە تەركىب تاپقان سۇ ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ نورماللىقىدىن ئۆزگىرىپلا كەتكەندە، سۇ ئەمەس، باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇبدان بىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە ھېكمەت بىلەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. مۇنداق ئالىمنىڭ ئىلمى سۇ تامچىسىنى پەقەت بىر تامچە سۇ  خالاس، دەپ بىلىدىغان ئالىمنىڭ ئىلمىدىن ئەلۋەتتە يوقىرى ۋە كۈچلۈك ئىلىمدۇر. شۇنىڭدەك، بىرتال قار دانىسىنى كۆرگەن ئالىممۇ ئۇنىڭدىكى بەدىئىي سەنئەتنى، دىققەت بىلەن لايىھىلەنگەن گۈزەللىكنى كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ماھارىتىنى ۋە ھېكمەتلىك ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما شەيئىيلەرگە يۈزەكى باقىدىغان ئالىم قار دانىسىنى ‹مۇزلىغان سۇ› دەپلا كۆرىدۇ، بەس».

 ([1]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
  ([2]) ئاپتورنىڭ «دىن ۋە ھايات (2000سوئالغا جاۋاب)» ناملىق ئەسىرىدىن.
  ([3]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([4]) مۇجادەلە سۈرىسى11-ئايەت.
([5]) ئال ئىمران سۈرىسى18-ئايەت.
([6]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار