زەمزەم قۇدۇقىغا سىيگەن سەھرالىق (ياكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى سىيگەكلەر)

زەمزەم قۇدۇقىغا سىيگەن سەھرالىق

ياكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى سىيگەكلەر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەللامە ئىبنى جەۋزىي ھەج ۋاقتىدا ھەرەمدە يۈزگەن مۇنداق بىر قىسسىسىنى بايان قىلغان. ھاجىلار كەئبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقان ئەسنادا سەھرالىق ئەرەبلەردىن بىرى زەمزەم قۇدۇقىغا ئۇزۇن جىلبابىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ سىيىدۇ. ھاجىلار دەسلەپتە بۇ ئەدەپسىزلىككە ھەيران قالىدۇ، ئاندىن يۈگۈرەپ كېلىشىپ سەھرالىقنى ئۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئەسنادا ھەرەمنىڭ ساقچىلىرى سەھرالىقنى ھاجىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قويىدۇ ۋە قازىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. قازىي سەھرالىق ئەرەبكە كايىپ، «سەن نېمە ئۈچۈن بۇ قەبىھ ئىشنى قىلدىڭ؟» دەپ سورايدۇ. سەھرالىق ئەرەب: «مېنىڭ باشقا غەرىزىم يوق ئىدى، بۇ ئىشنى پەقەت بىرلا سەۋەب بىلەن قىلدىم» دەيدۇ. قازىي: «قايسى سەۋەبكەن ئۇ؟» دەپ سورايدۇ. سەھرالىق ئەرەب: «خەلق مېنى تونۇسۇن ۋە زەمزەم قۇدۇقىغا سىيگەن سەھرالىق دېگەن نامىم قالسۇن دەپلا شۇنداق قىلدىم» دەيدۇ.

بۇ سەھرالىق ئەرەب مەشھۇر بولۇش ۋە تارىختا ئىسمىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق ئەدەپسىز قىلمىشنى تاللىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تارىخقا ئىسمىنى يازالىغان. يېزىلغاندىمۇ ئۇنىڭ ئىسمى ئەخمەقلىقنىڭ، نادانلىقنىڭ ۋە پەسكەشلىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ يېزىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ سەھرالىق مۇرادىغا يەتكەن بولدى.

زامانىمىزدا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە، قاملاشمىسىمۇ جۆيلۈپ قويۇش، توغرا گەپلەرگىمۇ پۇتاق  چىقىرىش، لۇزۇمسىز گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئەخمەقلەر ئاز ئەمەس. زىيالىيلارنىڭ، ئۆلىمالارنىڭ ۋە ھەرقانداق بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ سۆزلىرىدىن ئەيىب ئىزدەپ، ئۇلارغا بىرەر چەندەك ئاتالىسا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدىغان، نامىم چىقتى دەپ خۇش بولىدىغان بۇ سىيگەكلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى پاسكىنا قىلىۋەتتى بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ساپ ھاۋاسىنى بۇلغىۋەتتى.

بەزى ئىنسانلار ھەسەل ھەرىسىدەك گۈل-چېچەكلەرنىڭ ئۈستىگە قونماي، پاسكىنا چىۋىندەك سېسىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە قونىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەربىر شەخسنىڭ خۇش پۇراق ۋە گۈزەل تەرەپلىرىنى يۆگەپ، ئۇنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا «ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان نەرسىگە ئەگەشمە. چۈنكى قۇلاق، كۆز، دىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ» . ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ياخشى گەپ قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن» ، «ئىنسان ئويلىمايلا ئاللاھ يامان كۆرىدىغان بىرەر سۆزنى ئېيتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدۇ» .

شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بىز بىراۋغا يامانلىق قىلىپ قويۇپ، يۈز مىڭ قېتىم ھەج قىلساقمۇ بۇ يامانلىقنىڭ گۇناھىنى يۇيالمايمىز. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى تەۋبە بىلەن ياكى تەۋبىسىزمۇ كەچۈرىۋېتىدۇ. ئەمما بەندىلەرنىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلارنىڭ گۇناھىنى بەندىلەر ئەپۇ قىلمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلمايدۇ. بۇ ئادالەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. بەندىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا قارىتا سادىر قىلىنغان قىلمىشلارنىڭ گۇناھىنى كۆپ ئىبادەت قىلىش بىلەن ياكى تەۋبە – ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش بىلەن يۇيۇۋەتكلى بولمايدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار