زۇلۇم ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى تەسىرى

زۇلۇم ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى تەسىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

«زۇلۇم» سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: بىر نەرسىنى ئۆز ئورنىدا قويماسلىق، ئىشلارنى لايىق بولغان شەكىلدە قىلماسلىق دېگەنلىك بولۇپ، قىسقىسى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى جايىدا قىلماسلىق ۋە ئۇنى باشقىچە قىلىش زۇلۇمدۇر. ئىسلام ئاتالغۇسىدا: ھەقسىزلىق قىلىش، ناھەق ئىش قىلىش، ئۇۋال قىلىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «زۇلۇم» سۆزىدىن مەسئۇللارنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىگە ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلققە زۇلۇم قىلىشىنىلا چۈشىنىۋېلىش چوڭ خاتالىقتۇر. چۈنكى زۇلۇمنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،  ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ۋە ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىش – ھەرىكەتلىرىدە ۋە گەپ - سۆزلىرىدە دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

زۇلۇم قىلىش قەتئىي ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا زۇلۇمنىڭ ھەممە تۈرىنى چەكلىگەن بولۇپ، زۇلۇم قىلغۇچىلار چوقۇم جازاسىنى تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىپ: «سىلەردىن كىمكى زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز چوڭ ئازابىمىزنى تېتىتىمىز»[1] دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت كۈنىدە زۇلمەتلەرگە ئايلىنىدۇ»[2] دېگەن. ئۆلىمالار بۇ يەردىكى «زۇلمەتلەر»نى زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ يولىنى توسىدىغان قاراڭغۇلۇقلار ياكى  ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان زور قىيىنچىلىقلار  دەپ شەرھلىگەن.

   ئۆلىمالار زۇلۇمنى مۇنداق ئۈچكە بۆلۈپ چۈشەندۈرگەن:

بىرىنچىسى، ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى زۇلۇمدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە قەتئىي زۇلۇم قىلمايدۇ، ئەمما ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلماسلىق ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەققىگە قارىتا ھەقسىزلىق قىلىدۇ. بۇ خىل زۇلۇمنىڭ ئەڭ چوڭى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. « ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن. چۈنكى شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر »([3]) دېگەن ئايەت بۇ خىل زۇلۇمنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىككىنچىسى، ئىنسانلارنىڭ بىر _ بىرىگە زۇلۇم قىلىشى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ: «ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، يەر يۈزىدە ناھەق زورلۇق _  زومبۇلۇق قىلىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار »([4]).

ئۈچىنچىسى، ئىنساننىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشى بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپقان: «ئاندىن بىز ئۇ كىتابنى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. مانا بۇ كاتتا ئىنئامدۇر».

زۇلۇمنىڭ تۈرلىرى

1.              ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلىشى. بۇ دىننىڭ ۋە ئەقىلنىڭ چەك_چېگرىسىدىن چەتنەپ كېتىش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن بولىدۇ. شەكسىزكى، ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشى ۋە گۇناھ _ مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلىشى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغانلىقدۇر. «كىمكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن چىقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ»[5]  دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

2.              ئاتا_ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلەش ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلماي ئۇلارغا ئۇۋال قىلىشى. «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا_چاقاڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان، قاتتىق قول پەرىشتىلەر مەسئۇل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار»[6] دېگەن ئايەت بۇنى كۆرسىتىدۇ. شەكسىزكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ۋە بالا_چاقىلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلاپ قېلىشىنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۇلارنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە تەربىيەلەپ چىقىپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشتۇر. بالىلارغا كىچىكىدىن ئىمان، ئىسلام ۋە ئەخلاق ئۆگىتىش، ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، ھەر خىل پەنلەردە ئوقۇتۇش، بالىلار ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلەرنىڭ ھەممىسىنى جايىدا قىلىش ئاتا–ئانىلارنىڭ بۇرچىدۇر. ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنى جايىدا ئادا قىلماسلىقى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3.               بالىلارنىڭ ئاتا_ ئانىسىنى قاقشىتىشى ۋە ئۇلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلماسلىقى. بالىلارنىڭ ئاتا_ئانىسىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلماسلىقى، ئۇلارنى گەپ-سۆزدە ياكى مۇئامىلىدە رەنجىتىپ قويۇشى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىشى ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: « رەببىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا _ ئاناڭلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىلىسى سېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ ياشىنىپ قالغان بولسا، ئۇلارغا »«ئوف!» دېمىگىن (يەنى شۇنچىلىك گەپنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمىغىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا چوڭقۇر مېھرىبانلىق بىلەن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە (مېھرى بىلەن) تەربىيەلىگەندەك، (سەنمۇ) ئۇلارغا رەھمەت قىلغىن» دېگىن»[7]. ئاتا_ ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش پەرزدۇر. شۇڭا بۇ پەرزنى ئادا قىلماسلىق ياكى ئادا قىلىشتا كەمچىلىك سادىر قىلىش ئاتا–ئانىغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ پەرزنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېگەن: «(ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا_ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر»[8].

4.              قوشنىلارغا ئازار بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلماسلىق. شەكسىزكى، قوشنىلارنى بىئارام قىلىش، ئۇلارغا ئەزىيەت بېرىش ۋە قوشنىدارلىق ھەققىنى ئادا قىلماسلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «يا رەسۇلۇللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ»[9] دېگەن. بۇ ھەدىستە مەزكۇر ئايالنىڭ قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىكى ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

5.              بايلارنىڭ يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىشى. قول ئىلكىدە بار كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى ئىچىدىكى يوقسۇللارغا تېگىشلىك ھەققىنى بەرمەسلىكى، زاكات پەرزىنى ئادا قىلماسلىقى، سەدىقە، خەير- ساخاۋەت دېگەندەك خالىسانە ياردەملەرنى تەرك ئېتىشى ئۇلارنىڭ يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى زاكات، سەدىقە، خەير- ساخاۋەت قاتارلىقلار يوقسۇللارنىڭ بايلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ پۇل_ مېلىدا تىلەيدىغان ۋە (ئىپپەتلىك بولغانلىقتىن) تىلىمەيدىغان ھاجەتمەنگە (بېرىشكە تېگىشلىك) مۇئەييەن ھەق بار»[10]

6.              ئۇرۇق–تۇغقانلارغا زۇلۇم قىلىش. شەكسىزكى، تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرماسلىق، ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلماسلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. چۈنكى تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇق _ تۇغقانلار ئىچىدىكى ماددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغانلارغا ياردەم قىلىش پەرزدۇر. «تۇغقانغا، مىسكىنگە، مۇساپىرغا (بېرىشكە تېگىشلىك) ھەققىنى بەرگىن»[11] دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈپ قويۇش ئېغىر گۇناھتۇر ۋە جەننەتكە كىرىشكە توسالغۇدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈپ قويغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»[12] دېگەن. تۇغقاندارچىلىق يۇقىرىسى، ئۇرۇق ـ تۇغقانلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مال دۇنياسىنى، يۈز ـ ئايرۇيىنى ۋە ماددىي ھەم مەنىۋى كۈچىنى ئايىماسلىقتۇر، ئۇنىڭ ئەقەللىيسى ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە تەبەسسۇم بىلەن قاراشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى كىشىلەرگە چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە تەبەسسۇم بىلەن قاراش ھەم ئىبادەت ھەم سەدىقىدۇر.

7.              مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زۇلۇم قىلىشى. مۇئەللىملەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلىمەسلىكى، قېتىرقىنىپ ياخشى ئوقۇتماي، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى زايە قىلىۋېتىشى ياكى ئۇلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا كۆز يومۇشى ياكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئادالەتلىك بولماستىن، بەزى ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بەزىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ۋە ياكى ھەقسىزلىق قىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتا قالدۇرۇپ قويۇشى قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارغا زۇلۇم قىلغانلىقىدۇر.

8.               مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىش. يەنى مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ پىكىر–ئېقىمى ياكى مەزھىپى ياكى مىللىتى سەۋەبلىك چەتكە قېقىش، ئۇلارغا مۇئامىلىدە ئادالەتسىزلىك قىلىش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ھەق _ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، تۆھمەت چاپلاش، غەيۋەت قىلىش، مەسخىرە قىلىش، ھەققىنى يەۋېلىش، ئالداش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، خىيانەت قىلىش، ھەسەت قىلىش، لەقەم قويۇش، ئەيىبىنى ئىزدەش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى مۇسۇلمانلار بىر گەۋدىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىر – بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلىشماڭلار، بىر– بىرىڭلارنى ئالدىماڭلار، بىر– بىرىڭلارنى يامان كۆرمەڭلار، بىر– بىرىڭلارغا دۈشمەن بولماڭلار، بىر– بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزماڭلار. ئۆزئارا قېرىنداشلار بولۇپ، ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇڭلار. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى خورلىمايدۇ. تەقۋالىق قەلبتىدۇر»[13]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «تەقۋالىق قەلبتىدۇر» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ تەكىتلىگەن.

9.              مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش. مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگىمۇ ياخشى، ئادالەتلىك ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان. بارلىق مۇئامىلە تۈرلىرىدە ئۇلارغا ئايرىمىچىلىق قىلماستىن، ھەقسىزلىق قىلماستىن، توغرا ۋە ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قولدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ئىنسانىي ياردەم قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە بىزگە تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «باشقا دىندىكىلەردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادالەت بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ»[14].

10.         ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلىش. ھايۋانلارغا كۆتۈرەلمەيدىغان ئېغىر يۈكلەرنى ئارتىش، ئۇلارنى ياخشى باقماي ئاچ ياكى سۇسىز قويۇش، ئۇرۇپ قىيناش، ئوق ئېتىش مەشىقلىرىدە نىشان قىلىش، ئۇلارنى بىر _ بىرى بىلەن سوقۇشتۇرۇش. مەسىلەن: ئىت تالاشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق قىلمىىشلارنىڭ ھەممىسى ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. ھەتتا ھايۋانلارنى بوغۇزلاشتىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىش چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ئاللاھ ھەممە نەرسىگە رەھىم – شەپقەت قىلىشنى پۈتۈۋەتتى. مال بوغۇزلىغاندا ياخشى بوغۇزلاڭلار، پىچاقنى ئىتتىك قىلىڭلار ۋە مالنىڭ جېنىنى قىينىماستىن چىقىرىڭلار»[15] دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇسسۇزلۇقتىن قاتتىق قىينىلىپ كېتىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ھۆل تۇپراقنى يېيىشكە باشلىغان بىر ئىتنى كۆرگەن بىر بۇزۇق ئايالنىڭ ئىتقا ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن، ئۆتۈكىنى سېلىپ، ئۇنىڭغا قۇدۇقتىن سۇ تولدۇرۇپ چىقىپ ھېلىقى ئىتنى سۇغۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ جەننەت ئەھلى بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر ئايالنىڭ بىر مۈشۈكنى سۇ ياكى نان بەرمەستىن باغلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخ ئەھلى بولۇپ كەتكەنلىك قىسسىسىنى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ھايۋانلارغا رەھىم – شەپقەت قىلىشنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىبادەت ۋە دىنىي ھەم ئىنسانىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن.[16]

11.         يالغان سۆزلەش ۋە سۆزىدە تۇرماسلىق. شەكسىزكى، يالغان سۆزلەش ئەڭ چوڭ ھەقسىزلىق ۋە قەبىھ زۇلۇمدۇر. چۈنكى يالغان ئېيتقان ئادەم ئاللاھ تائالا چەكلىگەن يالغان سۆزنى سۆزلەش بىلەن ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا تېگىشلىك قىلغان بولىدۇ ھەم باشقىلارنى بۇ يالغان سۆزگە ئىشەندۈرۈش بىلەن ئۇلارغا زىيان _ زەخمەت يەتكۈزگەن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى قەتئىي ھارامدۇر. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ زىنا قىلىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ يالغان ئېيتىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، ‹«ياق، مۇمكىن ئەمەس»[17] دەپ جاۋاب بەرگەن.

شۇنىڭدەك، سۆزىدە تۇرماسلىق ۋەدىلىشىپ قويغان ئادەمگە قارىتا قىلىنغان ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر. چۈنكى ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئادەم ۋەدىلىشىپ قويغان ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويغان بولىدۇ. سۆزىدە تۇرماسلىق، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆچ كۆرىدىغان يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىللەت كىمدە بولسا شۇ ئادەم ياخشىلىق كۈتۈشكە يارىمايدىغان، ئىشەنگىلى بولمايدىغان، يارامسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، لەۋزى قىلغان ئىشقا ئىگە بولماسلىق ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇناپىقلىق خاراكتېرىگە ئىگە يالغانچىلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ: «مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتۇر»[18] دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇ ئۈچ ئىش ئىشەنچنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىدۇر.

12.      پارا بېرىش ياكى پارا ئېلىش. بىراۋغا پارا بېرىش ياكى باشقىلاردىن پارا ئېلىش ھەر ئىككىلىسى زۇلۇمدۇر. چۈنكى پارا ئالغان ياكى پارا بەرگەن ئادەم بۇ ئىشنى پەقەت باشقىلارنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ. پارىخورلۇق __ بىراۋنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، ياكى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى تارتىۋېلىش، ياكى ئۇنىڭغا كەلگەن ئامەتنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش، ياكى گۇناھسىز بىرىنى قارىلاش، ياكى بىرەر جىنايەتكارنى ئاقلاش، ياكى ئۇنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىش، ياكى قانداقلا بىر داۋا ئىشىدا قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە قارىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم مىقداردا پۇل، ياكى پۇلغا توختايدىغان بىر نەرسە بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، پارىنى بەرگەن ۋە ئالغان ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار، ئىنسانىيەت ئالدىدا ئەيىبكار بولىدۇ.

پارىخورلۇق ئەڭ يامان خىيانەتچىلىك بولۇپ، ھەق _ ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇشىغا، ئادالەتسىزلىككە ۋە ھەقسىزلىككە، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە نامەردلەرچە خىرىس قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقا، تۆھمەتلەرنى ئارتىپ ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈشكە، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە ئىشەنچنىڭ يوقۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىنتايىن قەبىھ ۋە رەزىل قىلمىش بولغانلىقى ئۈچۈن پارا بېرىش ياكى ئېلىش ئىسلام دىنىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دىنلاردا ۋە پۈتۈن قانۇنلاردا قەتئىي ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ پارا بەرگۈچىگە، ئۇنى ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا ۋاسىتە بولغۇچىغا لەنەت قىلدى»[19] دېيىش ئارقىلىق پارىخورلۇق جىنايىتىنىڭ دائىرىسىنى ۋە جازاسىنى بايان قىلغان. ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىق ئاخىرەتلىك نېسىۋىدىن پۈتۈنلەي قۇرۇق قالغانلىقتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى پارا بېرىشتىن بىرلا مەسىلىنى مۇستەسنا قىلغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ياكى يوللۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پارا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، باشقىلارغا زىيان– زەخمەت يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن پارا بېرىپ بولسىمۇ، ئۆز ھەققىنى قوغداپ قالسا گۇناھ بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

13.      سودىدا ئالدامچىلىق قىلىش. ساتماقچى بولغان مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش، يالغان سۆزلەش، ساتماقچى بولغان ماللىرىغا باشقىلارنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ سېتىش، تارازىدا ياكى ئۆلچەمدە كەم تارتىپ بېرىش، خېرىدار ئەمەس بىرىنى خېرىدار ئورنىدا كۆرسىتىپ ئۇنى يۇقىرى باھادا تەلەپ قىلدۇرۇش ئارقىلىق راستتىنلا ئالىدىغان خېرىدارلارنى ئالداپ تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىش، چارۋا ماللارنى سېتىشقا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن مەخسۇس دورىلار بىلەن يالغاندىن سەمرىتىپ خېرىدارلارنىڭ كۆزىنى بوياش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سودىدا ئالدامچىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا: « ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر –بىرىڭلارنىڭ مال _ مۈلۈكىنى ھارام يول بىلەن يەۋالماڭلار»[20] دەپ توسقان. يۇقىرىقى ئالدامچىلىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ پۇل_ مېلىنى ناھەق يەۋالغانلىقتۇر.

14.      چېقىمچىلىق. شەكسىزكى، بىراۋنى زالىم ھۆكۈمدارلارغا مەلۇم قىلىپ قويۇش ياكى ئۇنى باشقىلارغا يامان كۆرسىتىش ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. چۈنكى چېقىمچىلىق — بىراۋنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئۇنى زالىملارغا مەلۇم قىلىپ قويۇش ياكى ئىككى كىشىنى بىر _ بىرىگە دۈشمەن قىلىش ئۈچۈن بىرى توغرۇلۇق ئاڭلىغان بىر _ ئىككى ئېغىز گەپنى يالغان سۆزلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ يەنە بىرىگە يەتكۈزۈشتۇر. چېقىمچىلىق گەپ توشۇشتىن ئىبارەت سۇخەنچىلىكتىن پەرقلىق جىنايەتتۇر. چۈنكى گەپ توشۇش مەقسەتسىزمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما چېقىمچىلىق پەقەت بىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر قېتىملىق چېقىمچىلىقنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلار ۋە ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، بەختنىڭ ئاساسى بولغان خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ. چېقىمچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى چېقىمچىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىق ياكى ئاڭلاپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكتۇر. چېقىمچىنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى كىشىنىڭ باشقىلار ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان سۆزىنى يەتكۈزۈپ قويىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا قوغۇشۇن قويۇلىدۇ»[21]  دەپ كۆرسەتكەن.



[1] فۇرقان سۈرىسى، 19- ئايەت
[2] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([3]) لۇقمان سۈرىسى:13_ ئايەت.
([4]) شۇرا سۈرىسى:42_ ئايەت.
[5] تالاق سۈرىسى،1-ئايەت.
[6] تەھرىم سۈرىسى، 6-ئايەت.
[7] ئىسرا سۈرىسى،23-ئايەت.
[8] لوقمان سۈرىسى 14 ـ ئايەت
[9] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[10] مەئارىج سۈرىسى،24-25-ئايەتلەر.
[11]  ئىسرا سۈرىسى 26 ـ ئايەت
[12] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
[13] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[14] مۇمتەھىنە سۈرىسى، 8 – ئايەت.
[15] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[16] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بۇ ماۋزۇدىكى ھەدىسكە قاراڭ.
[17] ئىبن جەرىر، ئىبن ئەساكىر رىۋايىتى
[18]ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
[19] ئىمام بۇخارى، ئەھمەد رىۋايىتى
[20] نىسا سۈرىسى 29 - ئايەت
[21] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار