ئىمان — كۈچ

ئىمان — كۈچ
مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇنيادا ئىماننىڭ كۈچىگە يېتىدىغان ۋە ئۇنى يېڭىپ چۈشەلەيدىغان ھېچقانداق كۈچ يوقتۇر. چۈنكى، ئىمان پەۋقۇلئاددە كۈچ بولۇپ، ئىمان ئاشالمايدىغان داۋان، يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق يوقتۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئىنسانلار ئىلىم-مەرىپەتتىن يىراق، ئىجتىمائىي جەھەتتە ئىنتايىن تارقاق، سىياسىي جەھەتتە ناھايىتى ئۇرۇشقاق، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن نامرات ھايات كەچۈرەتتى. جاھالەت ۋە نادانلىق ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىغان بولۇپ، شۇڭا ئۇلار ياشىغان دەۋر «جاھالەت دەۋرى» دەپ ئاتالغان. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتىكى ئىنسانلار ۋەھيىنىڭ تەربىيەسى بىلەن تەربىيەلىنىش ۋە ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىمان ئېيتىش ئارقىسىدا دۇنيانى تىترەتكەن زور كۈچكە ئايلاندى. ئۇلارنى بۇنداق كۈچلۈك قىلغان ۋە شۇ زامانلاردا دۇنيانى قورقۇتۇپ تۇرىدىغان رىم ۋە پارىس ئىمپېراتورلۇقلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاتقان نەرسە ئىمان ئىدى. ھەقىقىي ئىمان ئەنە سۇنداق مۆجىزىلەرنى ياراتقان ئىدى.
ئىمان ھازىرمۇ ئەنە شۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىر. ئەمما ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە خۇددى بۇرۇنقىلارنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئالغاندەك ئورۇن ئېلىشقا موھتاج.

مۇئمىنلەرنىڭ كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەسى
شەكسىزكى، مۇئمىنلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بەنبەسى ئاللاھ تائالادۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا تەڭداشسىز كۈچلۈك زات بولۇپ، ئۇ بارچە كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسىدۇر. فَإِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا «شەكسىزكى، كۈچ _ قۇۋۋەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر» . شۇڭا مۇئمىنلەر ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ۋاقىتلىرىدا كۈچلۈك ۋە قۇدەرەتلىك بولىدۇ، ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشقان چاغلىرىدا ئاجىزلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز كۈچ-قۇۋۋىتىگە تاشلاپ قويىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇپ، ئۇنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بولغان چاغلىرىدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قوللايدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا كۈچلۈك بولغان مۇئمىنلەرنى ياخشى كۆرىدۇ
كۈچلۈك بولۇش دىننىڭ ئەمرى، ھاياتلىقنىڭ تەلىپى ۋە مۇئمىننىڭ خىسلىتىدۇر. «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىقتۇر» . شۇڭا سىز ئاجىزلارغا باش بولغاندىن كۈچلۈكلەر جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇڭ. مۇئمىن ئادەم ھەرگىز ئاجىز ئەمەس، چۈنكى ئۇ كۈچ- قۇۋۋىتىنى ئاللاھ تائالادىن ئالىدۇ. شۇڭا سىز ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ئاجىز، چارىسىز دەپ قارىماڭ. چۈنكى، سىز ئۆزىڭىزنى ئاجىز، يارامسىز دەپ قوبۇل قىلغان كۈنىڭىزدىن باشلاپلا ئاجىزلاردىن بولۇپ قالىسىز. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىز قىلالمايمەن دەپ ئويلىغان ئىش ئەسلىدە سىز قىلىشنى خالىمىغان ئىشتۇر. ئەگەر سىزدە كۈچلۈك ئىستەك ۋە مۇستەھكەم ئىرادە بولىغان بولسا، سىز ھەممىنى قىلالايسىز. بىرەر ئىشنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىگە ئىشىنىش كۈچلۈكلەرنىڭ خىسلىتى بولۇپ، بۇ خىسلەت كۈچلۈكلەرنىڭ دىلىدىلا بار. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ۋە ئەڭ جاسارەتلىكى ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا مەككىدىن مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئون مىڭ كىشىلىك مۇشرىك قوشۇنلىرىدىن مەدىنە شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ساھابىلىرى بىلەن خەندەك كولاۋېتىپ ساھابىلىرىگە كەلگۈسىدىكى كاتتا غەلىبىلەردىن بېشارەتلەرنى بېرەتتى ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھ ماڭا زېمىننىڭ ھەممە تەرىپىنى يېقىنلاشتۇرۇپ كۆرسەتتى، كۈنچىقىش كۈنپېتىشقا قەدەر ھەممە جاينى كۆردۈم. مېنىڭ ئۈممىتىم ماڭا كۆرسىتىلگەن جايلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئاللاھ ماڭا كىسرا ۋە قەيسەرنىڭ خەزىنىلىرىنى ۋەدە قىلدى» . بۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كەلگۈسىدە روياپقا چىقىرىدىغان كاتتا غەلىبىلىرىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، راست دېگەندەك، يېرىم ئەسىرگە يەتمەيدىغان بىر ۋاقىت ئىچىدە ئىران ئىمپىراتورلۇقى بولغان كىسرا بىلەن رىم ئىمپېراتورلۇقى بولغان قەيسەر مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ۋە ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى مۇسۇلمانلار ئولجا قىلىپ ئالغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەنىۋى جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى جىسمانىي جەھەتتىنمۇ كۈچلۈك زات ئىدى. ئۇ خەندەك كولاش جەريانىدا ساھابىلەرنىڭ چېقىشقا كۈچى يەتمىگەن چوڭ تاشلارنى چېقىپ بېرەتتى ۋە ئۇلار بىلەن قاتتىق ئىشلەيتتى.

ياشاش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇش شەرت
كۈچلۈك بولۇش ياشاشنىڭ ئاساسىدۇر. چۈنكى، ھاياتنىڭ قىممىتى كۈچ-قۇۋۋەەتتە بولۇپ، شۇڭا ئاجىزلارنىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتى يوق. كۈچلۈكلەرنىڭ لۇغىتىدە قورقۇنچاقلىق، تەسلىمىيەتچىلىك، ھورۇنلۇق، ئاجىزلىق ۋە خارلىق دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر نامازدا سالام بېرىشتىن بۇرۇن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيتتى:  اَللَّهُمَّ إنَّي أعُوذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ، والْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَأعُوذُ بِكَ مِنَ الْعَجْزِ وَالْكَسَلِ وَالْهَرَمِ وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغَلَبَةِ الْعَدُوِّ «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ غەم- قايغۇدىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن پاناھ تىلەيمەن ۋە ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، قەرزدارلىقتىن، دۈشمەننىڭ مېنى مەغلۇب قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»( ). كۈچ-قۇۋۋەت ئۆزىڭىزنى كۈچلۈك ھېس قىلىش بىلەن سەۋەب قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا سىز كۈچلۈكلەر جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشتىن قىلچە ئىككىلەنمەڭ. ئاۋۋال روھىڭىز ۋە قەلبىڭىز كۈچلۈك بولسۇن!.

تەۋھىد — كۈچ
شەكسىزكى، تەۋھىد كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەت ئىگىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئاللاھ تائالادىن ئالغان ئادەم ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئادەمدۇر. مۇنداق ئادەم دۇنيادىكى بارلىق قورقۇنچلاردىن ئازاد بولغان ھالدا قورقۇشنى بىر ئاللاھ تائالاغىلا بېغىشلايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىدىنلا قورقىدۇ، ئىنسانلاردىن قورقمايدۇ. شۇڭا ئۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە گەرچە جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ قەدەر كۈچلۈك بولمىسىمۇ ئۆزىنى كۈچلۈك ھېس قىلىدۇ. مۇشۇ ھېس-تۇيغۇ ئۇنى بارلىق قورقۇنچلاردىن يىراق قىلىدۇ. چۈنكى، تەۋھىد ئەقىدىسى كۈچلۈك بولغان ئادەمنىڭ قەلبى كۈچلۈك قەلبتۇر، ئۇ ئاللاھ تائالا بىلەن ئارام تاپقان قەلبتۇر. مۇنداق قەلبتە خاتىرجەملىك، ئەمىنلىك ۋە ئۈمىد ئورۇن ئالغان بولىدۇ.
تەۋھىد ئەقىدىسى كۈچلۈك بولغان ئادەمدە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە، ياردىمىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچ كۈچلۈك بولىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدىغان كۈچكە ۋە جاسارەتكە تولىدۇ. كۈچلۈك ۋە جاسارەتلىك بولغانلار ھېچقاچان زىيان تارتمايدۇ. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سالالايدۇ.

ھەسەن بەسرىي ۋە زالىم ھەججاج
مۇسۇلمانلار ئىچىدىن چىققان زالىم قوماندان ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ ئەسسەقەفىي ئىراققا ۋالىي بولغان چاغدا، خەلققە جەۋر-زۇلۇمنى كۆپ سالىدۇ. شۇ زامانلاردا زالىملارغا قارشى چىقىدىغان ۋە ھەق سۆز ئالدىدا دادىل سۆزلەيدىغان ئۆلىمالار بار ئىدى. شۇلارنىڭ بىرى ھەسەن بەسرىي بولۇپ، ئۇ زالىم ھەججاجنىڭ قىلمىشلىرىنى خەلق ئارىسىدا ئوچۇق تەنقىدلەشكە باشلايدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ھەججاج ھەسەن بەسرىينىڭ بېشىنى ئېلىپ، خەلقى ئالەمگە ئىبرەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، سورۇن ھازىرلاپ جامائەتنى چاقىرىدۇ، جاللاتلىرىنى تەييارلاپ، قىلىچنى بۈلەپ ھەممە ھازىرلىق پۈتكەندە، ھەسەن بەسرىينى ھۇزۇرىغا چاقىرتىدۇ. ھەسەن بەسرىي ھەججاجنىڭ ھۇزۇرىدا قىلىچلىرىنى تىكلەپ تۇرغان جاللاتلارنى، بېشى كېسىلگەنلەرنى يۆگەيدىغان مەخسۇس گىلەمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئېغىزنى مىدىرلىتىپ ئىچىدە بىر نەرسىلەرنى دەيدۇ. ئەمما ھەججاج ھەسەن بەسرىينى كۆرەر-كۆرمەيلا ئورنىدىن تۇرۇپ، «كەلسلە ئى ئىمام! يۇقىرى ئۆتكەيلا» دەپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزغىن ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ تەختىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزىدۇ، ئەھۋالىنى ۋە بالىچاقىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ، ئۇنىڭدىن بەزى مەسىلىلەرنى سورايدۇ، شۇنداق ناھايىتى كۆڭۈللۈك سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇنىڭغا «سىلى ئۆلىمالارنىڭ كاتتىسى» دەيدۇ ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئەتىرلەرنى تەقدىم قىلىپ يولغا سېلىپ قويىدۇ. سورۇنغا ھازىر بولغانلار بۇ ئەھۋالدىن ھەيران قالىدۇ. بەزىسى ھەسەن بەسرىيدىن «ئى ئىمام! ھەججاج ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن چاقىرتقان ئىدى، ئەمما ئۇ ئۆزلىرىگە كاتتا ئىلتىپات كۆرسەتتى. ئۆزلىرى سورۇنغا كىرگەندە جاللاتلارنى كۆرۈپ ئېغىزلىرىنى مىدىرلاتتىلا، شۇ چاغدا نېمە دېدىلە؟» دەپ سورايدۇ. ھەسەن بەسرىي ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ، «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ بىردىنبىر ئىگەم ۋە ھەقىقىي مەدەتكارىمسەن، خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوتنى سوغۇق ۋە سالامەتلىك قىلىپ بەرگەرندەك، ھەججاجنىڭ جازاسى ماڭا راھەتلىىك قىلىپ بەرگىن، دەپ دۇئا قىلدىم» دەيدۇ. مانا بۇ تەۋھىدنىڭ مېۋىسى.

ئىلىم-مەرىپەت —كۈچ
ئىلىم ئەھلى ئۆزىنىڭ ئىلمى بىلەن ھەر زامان ۋە ھەر يەردە كۈچلۈكتۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنى، ھۆرمىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.  يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آَمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ «ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» . كىچىك ۋاقتىمدىلا «بىلىم — كۈچ» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان بولساممۇ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتىم. ئەمدى بىلسەم بۇ سۆز ھەقىقەتەن ھەق ۋ توغرا سۆز ئىكەن. چۈنكى، بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت ئىلىمدىن كېلىدىكەن. ئىلىم ئىگىسى بولغانلار ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن، ئۇلار كۈچلۈك بولۇپ ياشايدىكەن.
شەكسىزكى، ئىلىمنىڭ مەرتىۋىسى ھەقىقەتەن ئەڭ ئالىي مەرتىۋىدۇر. زامانىمىزدا چوڭ قارارلارنى چىقىرىپ دۇنيانى تەۋرىتىدىغانلار ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولغان تەجرىبىلىك كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلاردىن ئەقىل تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكىدەك چوڭ دۆلەتلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىلمىدىن ۋە تەجرىبىلىرىدىن پايدىنىلىشنى خالايدۇ. شۇڭا ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى ئىچىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن نۇرغۇنلىرى ئۆز دۆلەتلىرىدە كۆرمىگە ھۆرمەت ۋە ئىززەتنى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرمەكتە ئىكەن. شۇڭا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەڭ ئۇستا دوختورلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.

پادىشاھ ۋە ئۆلىما
ئۇمەۋىيلەر خەلىپىلىكىنىڭ يەتتىنچى پادىشاھى سۇلەيمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئىككى ئوغلى بىلەن ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كېلىدۇ. بىر كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمىرلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرى بىلەن ھەيۋەتلىك ھالدا مەسجىدى ھەرەمگە كىرىپ كېلىدۇ. پادىشاھ كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ بولۇپ، جامائەتتىن «مەككىنىڭ كاتتا ئۆلىماسى كىم؟» دەپ سورايدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭغا: «مەككىنىڭ كاتتا ئۆلىماسى ئەتائ ئىبنى رەباھ دېگەن كىشىدۇر، ئۇ كىشى ھازىر ھەرەمنىڭ ئاۋۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇپ كىشىلەرگە دىننى ئۆگىتىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ۋە پادىشاھنى قارا تەنلىك، بۇرنى پاناق، چىرايى كۆرۈمسىز، چاچلىرى تېرىقتەك تۇرغان بىر قېرى ئادەمنىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىپ، «مانا مۇشۇ كىشىدۇر» دەيدۇ. پادىشاھ ئۇ كىشىگە يېقىنلىشىپ كېلىپ، سالام بېرىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا «نامىڭ تىللارغا داستان بولغان ئەتائ ئىبنى رەباھ دېگەن سەنمۇ؟» دەيدۇ. ئەتائ ئىبنى رەباھ كەمتەرلىك بىلەن: «كىشىلەر شۇنداق دەيدىكەن» دەيدۇ. ئاندىن پادىشاھ: «سېنى بۇ كاتتا ھۆرمەتكە ئىگە قىلغان نەرسە زادى نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئەتائ ئىبنى رەباھ كەسكىن قىلىپ، «بۇ مېنىڭ كىشىلەرنىڭ مال-دۇنياسىغا ھاجەت بولمىغانلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئىلىمىمگە ھاجىتى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك» دەيدۇ. پادىشاھ شۇ جايدا ئېلان قىلىپ، «ئى ھاجىلار! قانداقلا سوئالىڭلار بولسا مۇشۇ كىشىدىن سوراڭلار. چۈنكى ھەقىقىي ئالىم مۇشۇ كىشى ئىكەن» دەيدۇ.
پادىشاھ ھەج جەريانىدا ئوغۇللىرى بىلەن بىر-ئىككى مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالىدۇ. ئەسلىدە پادىشاھنىڭ دىنىي مەلۇماتى بار، ئوغۇللىرىمۇ دىنىي ئىلىملەردە يېتىشكەن يىگىتلەر ئىكەن. ئۇلار ئاخىرى ئەتائ ئىبنى رەباھنىڭ يېنىغا پەتىۋا سورىغىلى كېلىدۇ. ئۇلار ئەتائ ئىبنى رەباھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىۋاتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ھەجنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە پەتىۋا سوراش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا ئۆچرەت كۈتۈپ ئولتۇراتتى. سەپتىن ئاتلاپ كېلىۋاتقان پادىشاھنى كۆرگەن ئەتائ ئىبنى رەباھ پادىشاھقا نىدا قىلىپ، «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! نۆۋەتلىرىنى كۈتكەيلا، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن كەلگەن كىشىەلر بار» دەيدۇ. پادىشاھ تۇرغان يېرىدە دەرھال ئولتۇرۇپ نۆۋىتىنى كۈتىدۇ. نۆۋىتى كەلگەندە سورايدىغان مەسىلىنى سوراپ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ ۋە ئىككى ئوغلىنى ئالدىغا تارتىپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئىلىم ئۆگىنىڭلار، ئاللاھ ئىلىم ئەھلىنى گەرچە ئۇ ھەبەشستانلىق قارا تەنلىك قۇل بولسىمۇ ئاشۇنداق ئەزىز قىلىدۇ. كۆردۈڭلاركى، دۇنيادا ئىلىمدىن شەرەپلىك نەرسە يوق ئىكەن. مەن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى تۇرۇقلۇق، بۈگۈن بىر قارا تەنلىك قۇلنىڭ ئالدىدا خارلانغاندەك خارلانغان ئەمەس. ئاللاھ ئىلىم ئەھلىنى ئەنە شۇنداق ئەزىز قىلىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەزىز بولۇشنى خالىساڭلار چوقۇم ئوقۇڭلار، ئۆگىنىڭلار» .

ھەقىقىي ئىبادەت —كۈچ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدە جۇلەيبىب دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بار بولۇپ، ناھايىتى يوقسۇل، ھېچ نەرسىسى يوق، مەسجىدتە يېتىپ قوپىدىغان، بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ نامازنى ئادا قىلىدىغان، غازاتلاردىن قېلىپ قالمايدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھتىكە كۆپ قاتنىشىدىغان، ناھايىتى تەقۋادار ساھابە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئۇنىڭغا: «ئى جۇلەيبىب! ئۆيلەنمەمسەن؟» دەپ سورايدۇ. جۇلەيبىب: «يا رەسۇلۇللاھ! ماڭا كىم ئۆيلىنىدۇ، مېنىڭ يا مال-دۇنيارىم بولمىسا ياكى چىرايىم بولمىسا؟ مېنى ھېچكىم ياراتمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سېنى مەن ئۆيلەندۈرىمەن» دەيدۇ. جۇلەيبىب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «يا رەسۇلۇللاھ! ئۇنداقتا، ئىشلىرى كاسات» دەيدۇ. چۈنكى، جۇلەيبىب ئىنتايىن يوقسۇل بىر كىشى بولغاننىڭ سىرتىدا، چىرايى بەكمۇ كۆرۈمسىز كىشى ئىدى. شۇڭا ئۇ «مەن بىلەن ھېچكىم ئۆيلىنىشنى خالىمايدۇ» دەپ ئويلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ: «سەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەرگىز كاسات ئەمەس» دەيدۇ. شۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇلەيبىبنى ئۆيلەپ قويۇش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتىدۇ. بىر كۈنى مەدىنىلىك ساھابىلەردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، كىئوغلىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ۋە قىزىنىڭ تۇل قالغانلىقىنى ئېيتىپ، قىزىنى ئۆيلەندۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بولىدۇ، قىزىڭغا ئۆيلىنىدىغان كىشى بار، ئەمما مەن ئەمەس» دەيدۇ. ساھابە: «يا رەسۇلۇللاھ! ئۇنداقتا كىم ئۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « جۇلەيبىب» دەيدۇ. ساھابە: «يا رەسۇلۇللاھ! ئاشۇ جۇلەيبىبنى دەملا؟ مەن ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي» دەيدۇ ۋە ئۆيىگە قايتىپ كېتىدۇ.
ساھابە ئۆيىگە بېرىپ ئايالىغان: «قىزىمىزنى رەسۇلۇللاھ نىكاھلىماقچى بولدى» دەيدۇ. ئايال قاتتىق خۇشاللىقتىن يۇقىرى ئاۋازدا: «ۋاي بەك ياخشى ئىش ئىكەنغۇ، بۇ نېمىدېگەن ياخشى تەلەي!» دەيدۇ. ساھابە: «ئالدىرىما، رەسۇلۇللاھ ئۆزىگە ئەمەس، جۇلەيبىب ئۈچۈن تەلەپ قىلدى» دەيدۇ. سۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ ئەرۋايى ئۆرلەپ كېتىدۇ، «ئاشۇ جۇلەيبىبمۇ؟ ياق، قىزىمنى ئۇنىڭغا ھەرگىز بەرمەيمەن. نى، نى ئادەملەر سوراپ كەلگەندە بەرمىدۇق. ئەمدى ھېچ نەرسىسى يوق، چىرايىمۇ بىرىگە قانداق بېرىمىز؟» دەپ قاتتىق رەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى ساھابە قاتتىق غەمگە چۈكىدۇ. «رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىپىنى قانداق رەت قىلىمەن؟ ئايالىمنى قانداق قايىل قىلىمەن؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ بېشى قاتىدۇ. شۇ ئەسنادا قىزى ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىشلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئاتىسىدىن: «مېنى كىم نىكاھلاپ قويىدىكەن؟» دەپ سورايدۇ. ئاتىسى: «رەسۇلۇللاھ!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. قىز: « سىلەر رەسۇللاھنىڭ تەلىپىنى رەت قىلامسىلەر؟ مېنى رەسۇلۇللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ئۇ مېنى ھەرگىز زيە قىلىۋەتمەيدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى قىزنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزنى جۇلەيبىبقا نىكاھلاپ قويىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ مۇنداق دەپ دۇئا قىلىدۇ: «ئى ئاللاھ! بۇ ئىككىسىگە رەھمىتىڭنى تۆكۈۋەتكىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قاتتىق قىلمىغىن». ئاندىن بىر قانچە كۈندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن غازاتقا چىقىدۇ، جۇلەيبىبمۇ بىللە چىقىدۇ. غازات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ساھابىلەر توپلىشىدۇ ۋە ئارىلىرىدا كىملەر بار، كىملەر يوق دەپ، يوقلارنى ئىزدەشكە باشلايدۇ، ئەمما جۇلەيبىبنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۇنى ھېچكىم سورىمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئەمما مەن جۇلەيبىبنى تاپالمايۋاتىمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر ئۇنى ئىزدەيدۇ ۋە بەدەنلىرى قىلىچ زەربىسىدىن تىتىلىپ كەتكەن ھالدا شېھىت بولغان ھالىتىنى كۆرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇلەيبىبنىڭ تىتىلىپ كەتكەن جەسىدى ئالدىدا تۇرۇپ، «ئى جۇلەيبىب! سەن مەندىن، مەن سەندىن» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارالايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئىككى قولى بىلەن كۆتۈرۈپ ئۆزى دەپنە قىلىدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىز غازاتتىن قايتىپ مەدىنىگە كەلدۇق. جۇلەيبىبنىڭ ئايالى ئىددىتىنى توشقۇزۇشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغانلار بەس-بەستە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىشكە باشلىدى .

سەمىمىي دۇئا — كۈچ
يۇنۇس ئەلەيھىسسالام كىتنىڭ قارنىدىن دۇئانىڭ كۈچى بىلەن چىقىپ كەتكەن. چۈنكى، كىتنىڭ قارنىدىكى قاراڭغۇلۇقتا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلغا ۋە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن كىتنىڭ قارنىدىن سالامەت چىقىپ كەتكەن. «قۇرئان كەرىم» يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:  وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ . إِذْ أَبَقَ إِلَى الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ . فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ الْمُدْحَضِينَ . فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ. فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ. لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ « يۇنۇسمۇ ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىن ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قېچىپ، (ئادەم بىلەن) تولۇپ كەتكەن بىر كېمىگە چىقىۋالدى. يۇنۇس (كېمىدىكىلەر بىلەن) چەك تاشلاشقان بولۇپ ( )، ئۇ دېڭىزغا تاشلىنىدىغان بولۇپ چىقتى (ئاندىن دېڭىزغا تاشلاندى). ئۇ ئۆزىگە مالامەت قىلىپ تۇرغان ھالىتىدە، ئۇنى چوڭ بىر كىت يۇتۇۋەتتى. ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتىپ تۇرمىغان بولسا ئىدى، كىتنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى» . چۈنكى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا ئاغرىنىپ، قەۋمىنىڭ يۇرتىدىن كېتىپ قالغان ئىدى.
فَنَادَى فِي الظُّلُمَاتِ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ. فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْغَمِّ وَكَذَلِكَ نُنْجِي الْمُؤْمِنِينَ «ئۇ (كىتنىڭ ئىچىدىكى) قاراڭغۇلۇقتا: «(ئى رەببىم!) سەندىن باشقا (ھەقىقىي) ئىلاھ يوقتۇر، سەن (بارلىق كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن راستتىنلا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ ئىلتىجا قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدۇق، بىز مۇئمىنلەرنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز» . ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى كىتنىڭ قارنىدىن دېڭىز ساھىلىغا سالامەت چىقىرىپ قويغان.
ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتىكى بىر كىت 150 توننا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ 50 توننىسى گۆش، 50 توننىسى ماي، 50 توننىسى سۆڭەك بولىدىكەن. ئۇ ئادددىي بىر ناشتىلىقىغا تۆت توننا بېلىق يەيدىكەن. ئەمدى تۇغۇلغان بىر بالا كىت بىر قېتىمدا 300 كىلو سۈت ئىچىدىكەن. ئادەتتىكى بىر كىتنىڭ ئاغزىدا ئۇزۇن بويلۇق بىر ئىنسان راھەت ئۆرە تۇرالايدىكەن. شۇنداق بىر مەخلۇقنىڭ ئىچىدىن ساق-سالامەت چىقىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىلىدىغان ئىشلاردىن بىرىدۇر. لېكىن ئاللاھ تائالا يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى كىتنىڭ قارنىدىن ساق-سالامەت چىقارغان.

ئىپپەت— كۈچ
يۈسۈف ئۆز قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغان، ئاندىن كارۋانغا سېتىۋېتىلگەن، ئاندىن كىسىرنىڭ قۇل بازىرىدا مىسىرنىڭ مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بىر زات ئىدى. ئۇنى سېتىۋالغان خوجايىننىڭ ئايالى گۈزەل جامالى ۋە ھەر تۈرلۈك قوزغىتىش كۈچلىرى بىلەن ئۇنى ئۆزى بىلەن يامان ئىش قىلىشقا زورلىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىپپەت- نومۇسىنى ساقلىغان، ھەتتا تۈرمىگە تاشلىنىشنى بۇنداق يامان ئىشنى قىلىشتىن ئەۋزەل كۆرۈپ، ئاللاھ تائالادىن شۇنى تىلىگەن ئىدى. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاشۇ ئىپپتى يۈزىسىدىن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ئۇنى مىسىرنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ۋەزىرلىككە قەدەر كۆتۈرگەن. يەنە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىنغانلىقى ھەممىدىن كاتتا نېمەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  إِنَّهُ مَنْ يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ «چۈنكى كىمكى تەقۋالىق قىلىدىكەن ۋە سەۋر قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» .


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار