ھەقىقىي قېرىنداشلاردىن بولايلى

 

ھەقىقىي قېرىنداشلاردىن بولايلى

 

(2018- يىلى 22- ۋە 26- ئىيۇل كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان «10– قېتىملىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»دا سۆزلەنگەن نۇتۇق)

مۇھەممەد يۈسۈپ

قەدىرلىك، ئەزىز قېرىنداشلىرىم! مەن سىلەرگە تۆۋەندە چىن كۆڭلۈمدىن كەلگەن يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتىمەن.

1.   بۇ ئۇچرىشىش ئىسمى ئۈستىدە «قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»دۇر. شۇڭا، بىز ئالدى بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلاردىن بولۇش ئۈچۈن دىللىرىمىزنى بىرلەشتۈرەيلى، بىر- بىرىمىزگە مۇھەببىتىمىزنى بېغىشلايلى، قېرىنداشلىق بىزنىڭ ئېغىزىمىزدا، تاشقى كۆرۈنىشىمىزدە ياكى زىياپەتلىرىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى يۈرىكىمىزدە، ئەمەلىيىتىمىزدە بولسۇن. بىر-بىرىمىزنى ئاللاھ ئۈچۈن دوست تۇتايلى، ئاللاھ ئۈچۈن بىرلىشەيلى. ئەگەر بىز ھەقىقىي مەنىدىكى قېرىنداشلاردىن بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ۋە نۇسرىتىگە تېگىشلىك بولۇشىمىز مۇمكىن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ھەقىقىي مەنىدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلاردىن بولغاندىن كېيىن، ئۇلار كۈچلەنگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

2.   بۈگۈن بۇ يەردە توپلانغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ئۆلىمالار، زىيالىيلار، سىياسىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئورۇن ئالماقتا. ئەزىز قېرىنداشلار! سىلەرنى مىللىتىمىزنىڭ سەرخىللىرى ۋە ئالاھىدە كىشىلىرى دېسەك مۇبالىغە بولماس. چۈنكى مىللىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان، ۋە ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى قىلىدىغان كىشىلەر ئارىمىزدا ئولتۇرۇپتۇ. بىزدىن مىللىتىمىزنى بىرلەشتۈرۈش، ھەر قايسى تەشكىلاتلارنى بىر- بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. كۆرۈۋاتىمىزكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىزنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر پەيدا بولماقتا. دۈشمەن بىزنى بىر- بىرىمىزنى سۆكۈش، ئەيىبلەش ۋە قارىلاش ئارقىلىق بىرلىكىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئارىمىزغا ئىغۋاگەرلىك تارقىتىش ئارقىلىق بىزنى بىر- بىرىدىن يىراقلاشتۇرماقتا. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال. شۇڭا، بۇ يەردە ئولتۇرغان ئۆلىما، زىيالىي ۋە سىياسىي قېرىنداشلاردىن تەشكىلات مەسئۇللىرىغا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنسۇپلىرىغا نەسىھەت قىلىشنى، ئۇلارنى ھەمكارلىققا، بىر-بىرىگە يول قويۇشقا دەۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بىر- بىرىنى تىللىشىپ يۈرۈۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، بىزنىڭ مىللىتىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى دۈشمەنلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئاق- قارىنى بىلەلمەي بىر-بىرىگە دۈشمەن بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇلارغا يول كۆرسىتىش بۇ يەردە ئولتۇرغان قېرىنداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. شۇڭا، بىز بۇ يەردىكى قېرىنداشلىق روھىنى ئۇلارغا يەتكۈزەيلى، ئۇلارنى قۇچاقلايلى، ئۇلارنى شەيتانغا ياردەمچى بولۇپ قېلىشتىن قوغداپ قالايلى.

3.   دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قېرىنداشلاردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى خەلق بىلەن دوستلۇق ئىچىدە ئىناق ئۆتەيلى، ئۇلارغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەخلاق –پەزىلەتلىرىنى، ئۆزگىچىلىكلىرىنى نامايان قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل بىر مىللەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاشقا تىرىشايلى. چۈنكى بىز دەۋايىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشكە موھتاجمىز.  بولۇپمۇ، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلار يەرلىك خەلققە ئۆزىمىزدىكى جەۋھەرلەرنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، ئۆزگىچىلىكىنى، مەدەنىيلىكىنى ۋە ئۆزىگە خاس كۈلتۈرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنەيلى ۋە ئۆزىمىزدە يەرلەشتۈرەيلى. بۇ خەلقتىن بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك ئارتۇقچىلىقلار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: پاكىزلىق، بىرلىك، جامائەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك قاتارلىقلار.  دىنىي كىيىنىش، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە يۈرۈش – تۇرۇش قاتارلىقلاردا يەرلىك خەلق بىلەن زىتلىشىدىغان، ئۇلارنى نەپرىتىنى قوزغايدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرايلى. ئەگەر بىز يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىسەك، خەلق بىزنى ھىمايە قىلىدۇ، ھۆكۈمەتلەر بىزنى سېتىۋەتمەكچى بولسىمۇ، خەلق بۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. بىز شۇنداق ھالەتنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك خەلق بىلەن ياخشى ئۆتۈشىمىز لازىم.

4.   ئەزىز قېرىنداشلار! ۋەتەن ئىچىدە بىزنىڭ دىنىمىز ۋە تىلىمىز تەھدىت ئاستىدا قالغاندەك، چەتئەللەردە ئۇيغۇر تىلىمىز تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. پەرزەنتلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى بىلمەيدۇ، بەزىسى ئۇيغۇچە سۆزلىيەلمەيدۇ، كۆپلىرى ئۇيغۇرچە ئوقۇش – يېزىشنى بىلمەيدۇ، ئان ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىنى ۋە جۇغراپىيەسىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر. ئەگەر بىز ئەۋلادلىرىمىزنى دىنىمىزنى بىلىدىغان، ئانا تىلىمىزدا سۆزلەيدىغان، تارىخىمىزنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلىمىسەك، بىزنىڭ ئىشىمىز چاتاق، كېلەچېكىمىز خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بىز ئەۋلادلىرىمىزنى دىنىي، مىللىي ئاڭدا يېتىشتۈرەيلى، ھەربىر ئائىلىدە بالىلارغا ئۆز تىلىمىزنى، تارىخىمىزنى ياخشى ئۆگىتەيلى، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بارلىق مەدرىسىلەردە، قۇرئان كۇرسلىرىدا ئۇيغۇرچە ئوقۇشلۇق، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى ئوقۇتۇلسۇن. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مەدرىسىلەردىكى تەلىم- تەربىيە ئۇسۇللىرىنى ۋە دەرسلىكلىرىنى ئۆزگەرتىشتىن ئاۋۋال شۇ مەدرىسىلەردىكى ئۇستازلارنىڭ كاللىسىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مۇتلەق كۆپ سانلىق مەدرىسىلەر خۇددى ۋەتەندە چارىسىزلىك ئىچىدە قۇرۇلغان قاراڭغۇ ئۆيلەردىكى مەدرىسىلەرگە ئوخشاش ھالەتتە كېتىپ بارماقتا. بۇ مەدرىسىلەر ۋەتەندىكى نۇقۇل ئۆگىتىش ئۇسۇلىدىن قىلچە ئۆزگەرمىگەن، چەتئەللەردىكى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇل ۋە مېتودلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدرىسە ۋە قۇرئان كۇرسلىرىدىكى مۆھتەرەم ئۇستازلاردىن دەرسلىكلەرگە ئۇيغۇر تىلى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، جۇغراپىيەسى قاتارلىق دەرسلىكلەرنى كېچىكتۈرمەستىن كىرگۈزۈشىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئېڭىغا دىيانەت بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى بىرلىكتە سىڭدۈرۈپ مېڭىشىنى ئۆتۈنىمەن.

5.   قانداقلا بىر تەشكىلاتقا ياكى جامائەتكە تەنقىد ياكى تەكلىپ پىكىرلەر بولسا، ئۇنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلماستىن، شۇ تەشكىلات ۋە شۇ جامائەت مەسئۇللىرىنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە يەتكۈزەيلى. بۇنداق قىلىش ھەقىقىي نەسىھەت ۋە سەمىمىي تەنقىد بولىدۇ. ناۋادا دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلغىنىمىزدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولىمىز ۋە كۆزلىگەن مەقسەتكە ھەرگىز يېتەلمەيمىز. ئەكسىچە بىز نەسىھەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ خاتالىقتا چىڭ تۇرۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىمىز. شۇڭا بىز ھەرقانداق تەنقىد بولسا، شەخسلەرنىڭ ياكى تەشكىلات مەنسۇپلىرىنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە يەتكۈزگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرگەن بولىمىز-دە، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

6.   ئەزىز قېرىنداشلار! يۈرۈش – تۇرۇشىمىزغا، مۇئامىلىمىزگە ۋە ئەخلاقىمىزغا دىققەت قىلايلى. ھاياتىمىزنى ئىبادەت ئىچىدە قىلىشقا تىرىشايلى. مەلۇمكى، ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ئەمەلىي ئىبادەتلەر (العبادات التعاملية)، يەنە بىرى رەمزىي ئىبادەتلەر (العبادات الشعائرية) دۇر. ئەمەلىي ئىبادەتلەر _ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلاردىن چەكلىنىش ۋە بارلىق ئىش _ ھەرىكەتلەردە، گەپ  _ سۆزلەردە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئىش كۆرۈشتۇر. بۇ تۈردىكى ئىبادەت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلىرىدە ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن ۋە بۇيرۇغان بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەمنىڭ كېچە_ كۈندۈزى، ھەرىكەت ۋە سۇكۇناتلىرى، شۇنداقلا ھاياتىنىڭ بارلىق دەقىقىلىرى ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن مۇشۇ ئىبادەتنى تەلەپ قىلىدۇ. رەمزىي ئىبادەتلەر _ بەزىسى قۇرئان ئوقۇش، زىكىر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىشقا ئوخشاش تىل بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر، بەزىسى نامازغا ئوخشاش بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن قىلىنىدىغان جىسمانىي ئىبادەتلەر، بەزىسى پۇل  _ مال سەرپ قىلىش بىلەن قىلىنىدىغان ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر، يەنە بەزىسى ھەجگە ئوخشاش ھەم بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن، ھەم ئىقتىساد بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردۇر. رەمزىي ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاللاھ تائالاغا باغلىنىشنى ھاسىل قىلىش بولۇپ، بۇ باغلىنىش پەقەت ئەمەلىي ئىبادەتلەرنى جايىدا ئورۇنداش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى گۇناھ ئاللاھ تائالا بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا پەردە ھاسىل قىلىدۇ، نەتىجىدە، بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا باغلىنىشى ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ. ئاللاھ تائالاغا باغلىنىش ئەمەلگە ئاشمىسا، ئىبادەتلەر قوبۇل بولمايدۇ. گۇناھتىن ساقلىنىش ئەمەلىي ئىبادەت بولۇپ، مۇشۇ ئەمەلىي ئىبادەت ئورۇندالمىسا، رەمزىي ئىبادەت قوبۇل بولمايدۇ.

7.   ئەزىز قېرىنداشلار! ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارا قىلالمايدىغان، پەردە ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ توختىماستىن ئادەم تىللايدىغان، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى سۆكىدىغان ۋە كىشىلىرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە يۈكلىۋېلىشتىن قورقمايدىغان قەھرىمانلارغا رەددىيە قايتۇرىمەن دەپ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلمايلى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىزنى مۇھىم ئىشلىرىمىزدىن مەشغۇل قىلىپ بىزگە زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى مۇمكىن. بىز ئۇلارنىڭ يازمىلىرىغا پىسەنت قىلمىساق، ئۇلار بازار تاپالماي ئۆزىگە جىمىپ قالىدۇ. ئەمما باشقا قېرىنداشلار جىم تۇرماسلىقى، قېرىندىشىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا رەددىيە بېرىپ، ئۇنى قوغدىشى ئەقەللىي بىر تەلەپتۇر.

8.   يولباشچىلىرىمىزنى، تەشكىلات مەسئۇللىرىمىزنى، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنى ھۆرمەتلەيلى، ئۇلارنى قوغدايلى. بىز يولباشچىلىرىمىزنى ئۆلگەندىن كېيىن ئەمەس، بەلكى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلەيلى. مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ قەدرىنى بىلمىدۇق. ئەسلىدە بۇ كىشى ھەقىقىي مەنىدىكى لىدېر ۋە سەمىمىي يولباشچى ئىكەنتۇق. ئەپسۇسكى، ئۇ كىشىنىڭ قەدرىنى ۋاپاتىدىن كېيىن بىلدۇق. بىزدىن لىدېر چىقمايدۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە چىقىدۇ. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەقىللىق، پاراسەتلىك كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئەمما بىز چىقارماسلىققا كۆنۈپ كەتكەن خەلق بولغانلىقتىن، ئۆزىمىزدىن چىققان لىدېرلەرنى ئېتىراپ قىلمىدۇق، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭمىدۇق ۋە ئۇلارنى قوغدىمىدۇق.

9.   ئەزىز قېرىندشلار! دىنىي ئىشلاردا ئوتتۇراھاللىقنى تەشۋىق قىلايلى، ئىبادەتلەردە، ئەخلاق- پەزىلەتتە ئۆزىمىزگە تەلەپنى قاتتىق قويايلى، ئەمما باشقىلارغىمۇ شۇنداق تەلەپ قويىمەن دېمەيلى. چۈنكى «بەش قول تەڭ ئەمەس» دېگەندەك، ھەممىلا ئادەم سىزدەك تەقۋادار، سىزدەك ئەخلاقلىق ۋە سىزدەك مەرد - سېخىي بولالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، باشقىلارنى ھەر ئىشتا مۇكەممەل بولۇشقا تەرغىب قىلايلى، ئەمما ھەممىلا ئادەمنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى كۈتمەيلى. چۈنكى بۇ مۇمكىن ئەمەس.

10. ئەزىز قېرىنداشلار! ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن خىزمەتنى قىلايلى، ھەركىم ئۆزى قىلالايدىغان خىزمەتنى قىلسۇن. ھەر ئەتىگە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا، بۈگۈن ۋەتىنىم ۋە خەلقىمز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىمەن، دەپ پىلان تۈزەيلى، ئاخشام ياتقان چېغىمىزدا بۈگۈن ۋەتىنىم ۋە خەلقىم ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدىم، دەپ ئۆزىمىزدىن ھېساب ئالايلى. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئىش كۆرسەك غەپلەتتە قېلىشتىن، بىغەم يۈرۈشتىن ساقلىنىمىز دەپ ئويلايمەن. ئاخىرىدا قېرىنداشلاردىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، بىز بىر قانچە كۈندىن بېرى بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم لېكسىيەلەر سۆزلەندى، قىممەتلىك ماقالىلار ئوقۇلدى. بىز بۇلارنى ئاڭلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ كەتمەستىن، خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭايلى ۋە مۇھىم مەزمۇنلارنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلى ۋە ئۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشايلى.

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار