مەزھەب ھەققىدىكى مەسىلىلەر

مەزھەب ھەققىدىكى مەسىلىلەر
مەزھەپ – لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بارىدىغان جاي دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە، ئىسلام ئىستىلاھىدا، دىنىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھكاملار دېگەنلىك بولۇپ، مۇجتەھىدلارنىڭ دىنىي ماۋزۇلاردىكى پەرقلىق چۈشەنچىلىرىدىن ھاسىل بولغان جامائەتلىشىشنى ئىپادىلەيدۇ.

تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، مەزھەب – ئىسلام دىنىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىدىن پايدىلانغان مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ قۇرئاندا ياكى سۈننەتتە بولمىغان ماۋزۇلاردا مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مۈشىكىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا تايىنىپ ھەل قىلىشى بىلەن مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئومۇملاشقان پىكىر ۋە تەتبىقلاردىن مەيدانغا كەلگەن جامائەتلىشىش دېگەنلىكتۇر.

مەزھەبنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى
مەزھەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ساھابىلارنىڭ زامانىدىلا پەيدا بولۇشقا باشلىغان.

مەزھەپلەرنىڭ كۆپ كۆپ بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى

ئىسلام دىنىدا مەزھەپلەرنىڭ كۆپ بولىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

     1. ئەرەب تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپ مەنىلەرگە دالالەت قىلىشى. بۇ سۆزنىڭ مۇجمەللىكى ياكى ئومۇم ۋە خاسلىق ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىشى ياكى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن مەجازىي (باشقا بىر) مەنە ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىشى ۋە باشقىلاردۇر. مەسىلەن: ئەرەب تىلىدىكى«قۇرۇئ»سۆزىنىڭ ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرىشىنى ئىپادىلىگىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھەيزدىن پاكلانغانلىقىنىمۇ ئىپادىلىگىنىگە، «ئەمر» سۆزىنىڭ پەرزنى ئىپادىلىگىنىدەك، ۋاجىب ياكى مۇستەھەب(ياخشى كۆرۈلگەن ئىش)نى ئىپادىلىگىنىگە، «نەھيى» سۆزىنىڭ ھارامنى ئىپادىلىگىنىدەك، مەكرۇھنىمۇ ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش.

قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوق﴾([1]) دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى «كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلىماڭلار» دېگەن مەنىدىكى چەكلەشنى ئىپادىلەمدۇ؟ ياكى «كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلىمىدۇق» دېگەن مەنىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىشنىمۇ؟ ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي دالالىتى ۋە مەقسەت قىلىنغان مەنىسىنى چۈشىنىشتە بىر خىل بولمىغانلىقتىن مەزھەپلەر كېلىپ چىققان. ھەتتا ساھابىلارنىڭمۇ چۈشىنىشى بىر خىل بولمىغان.

2. ھەدىسلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى. بۇ مۇنداق:

 (1) بەزى ھەدىسلەر بەزى ئۆلىمالارغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، باشقىلىرىغا يېتىپ بارالمىغانلىقى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىسلام دىنىنى پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىغا يەتكۈزۈش يولىدا، يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ قىتئەلەرگە تارقاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلاردىن ھەر بىرى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىلا يەتكۈزەتتى.

 (2) ئۆلىمالاردىن بىرەرسىگە ھەدىس يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىشەنچسىز يول بىلەن يېتىپ كەلگەنلىكىدىن ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ۋە باشقا بىرىگە شۇ ھەدىس ئىشەنچلىك يول بىلەن يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا كۆرە ئىش كۆرگەنلىكى.

(3) ئۆلىمالاردىن بىرەرسىگە ھەدىس ئىشەنچلىك يول بىلەن يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەدىسلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن شەرتلىرىگە توغرا كەلمىگەنلىكى. مەسىلەن: ئىمام ئەزەم مەيدانغا چىققان ۋاقىتتىكى ئىراقتا يالغان ھەدىسلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدىن ئويدۇرۇپ چىقىش دولقۇنى ئەۋجىگە چىققان ئىدى. شۇڭا ئىمام ئەزەم ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتا شەرتنى بەكمۇ ئېغىر ۋە چىڭ قويغان. ئەمما مەدىنىدە ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، مەدىنە خەلقىنىڭ ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتا شەرتلەرنى ئېغىر قويمىغان.

ئىسلام دۇنياسىدىكى مەزھەبلەر
ئىسلام دۇنياسىدا ئىككى تۈرلۈك مەزھەب بولۇپ، بىرى، ئېتىقادىي (يەنى ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك) مەزھەبلەر، يەنە بىرى ئەمەلىي (يەنى ئەمەل – ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك) مەزھەبلەردۇر.

ئېتىقادىي مەزھەبلەر: ئەھلى سۈننە، شىئە، مۇتەزىلە، خاۋارىخ، رافىزە، ئىسمائىلىيە، باھائىيە، ئابازىيە، جىبىرىيە، قەدەرىيە قاتارلىق مەزھەبلەردۇر.

ئەھلى سۈننە مەزھىبىنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزى قانچىلىك؟

دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ. تۈركىستان، جۇڭگۇ، روسىيە، بالقان رايونى، ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە، ھىندونوزىيە، شۇنداقلا ئافرىقا، ئەرەب ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى، ئومۇمەن ئۆتمۈشتە ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى (ياكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىسى ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ. ئىران، ئەزەربەيجان، بەھرەين ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ %85 ى ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ. قالغان %15نى باشقا مەزھەبلەرگە ئەگىشىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تەشكىل قىلىدۇ.

ئىسلام دۇنياسىدىكى ئېتىقادىي مەزھەبلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى

ئىسلام دۇنياسىدىكى ئېتىقادىي مەزھەبلەردىن ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئەڭ مەشھۇرلىرى ئىككى بولۇپ، بىرى، ئەھلى سۈننە مەزھىبى، ئىككىنچىسى، شىئە مەزھىبىدۇر. بۇ ئىككىسىدىن باشقا مەزھەبلەرنىڭ تولىسى دۇنيا يۈزىدىن غائىب بولۇپ تۆگەپ كەتكەن بولۇپ، بارلىرىنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن ئاز بولغانلىقتىن پىرسەنتكە چۈشمەيدۇ.

ھازىر دۇنيادا قانچىلىك شىئە بار؟

يېقىنقى زاماندا ئېلىپ بېرىلغان ستاستىكىلار ھازىر دۇنيادا 120 بىلەن 150 مىليون ئارىسىدا شىئە بارلىقىنى، بۇ ساننىڭ ئومۇمىي مۇسۇلمانلار سانىنىڭ تەخمىنەن 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.

شىئەلەر ئەڭ كۆپ تېپىلىدىغان دۆلەت ئىران بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئەزەربەيجان، بەھرەين ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە شىئەلەر كۆپ ساندا تېپىلىدۇ. شىئەلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەزھىبى ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىدۇر.

ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى
ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى ئاۋۋىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىئوغلى، تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئاخىرى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئەسكەرى دېگەن كىشىگىچە جەمى 11ئىمامنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇلاردا ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بولغان پەرزەنتلىرى ئىچىدىنلا چىقىدۇ. ئۇلار: ھەسەن، ھۈسەين، زەينىل ئابىدىن، مۇھەممەد باقىر، جەفەر سادىق، مۇسا كازىم، ئەلى رىزا، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ھادى، ھەسەن ئەسكەرى، مۇھەممەد مەھدى قاتارلىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ 11-ئىمامى ھۈسەين ئەسكەرى ھىجرىيىنىڭ 260-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ئىمام بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى. لېكىن ئۇ چۈشىنىشسىز بىر شەكىلدە يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى شىئەلەر 12-ئىمام مۇھەممەدنى ئۆلمىدى، ئۇ چوقۇم مۇناسىپ بىر زاماندا «ئىمام مەھدى»بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە دۇنيانى ئادالەتكە تولدۇرىدۇ، دەپ ئېلان قىلغان. شۇندىن بىرى شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىدە  ئىماملىق ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇلار ھازىرغىچە مۇھەممەد مەھدىنىڭ چىقىشىنى كۈتمەكتە.

 شىئەلەرنىڭ بۇ پىرقىسى ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى، ئىمامىيە مەزھىبى، جەئفەرىيە مەزھىبى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى دەپ ئاتىلىشى ئۇلاردا ئىماملىقنىڭ ئون ئىككى ئىمام بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى، ئىمامىيە دەپ ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ ئىمام تىكلەشنىڭ پەرزلىكىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ۋە جەئفەرىيە دەپ ئاتىلىشى شىئەلەرنىڭ ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ دەۋرىدە قۇدرەت تېپىپ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبتىن ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرىدىكى مەزھەبلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىقتۇر.

 شىئەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىماملىرىنى پەيغەمبەر دەرىجىسىگىچە، ھەتتا بەزىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ يۇقىرى مەرتىبىلەرگە كۆتىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىماملىرىنى چوڭ-كىچىك ھەر قانداق بىر گۇناھتىن پاك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردا ئۇنتۇپ قېلىش، خاتالىشىش بولمايدۇ، ئۇلار دۇنيا يارىتىلىشتىن بۇرۇن نۇرلۇق سۈرەتتە يارىتىلىپ بولغان، ئۇلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تىكلەنگەن ئىماملار بولۇپ، كارامەتلەر پەقەت شۇلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

 شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى ھازىر ئىران، ئىراق، ھىندىستان، سۈرىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ تېپىلىدۇ.

مىلادىيىنىڭ 1500-يىلى ئىراندا پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان شاھ ئىسمائىل سەفەۋى شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىنى ئىراننىڭ رەسمىي دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەندىن بېرى بۇ مەزھەب ھازىرغىچە ئىراندا دەۋر سۈرۈپ كەلمەكتە ([2]).

ئەھلى سۈننە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا دەۋر سۈرىۋاتقان فىقھى مەزھەبلەر
ئەھلى سۈننە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا دەۋر سۈرىۋاتقان فىقھى مەزھەبلەر تۆۋەندىكىلەر:

ھەنەفىي مەزھىبى

مالىكىي مەزھىبى

شافىئىي مەزھىبى

ھەنبەلىي مەزھىبى

بىرىنچى: ھەنەفىي مەزھىبى
ھەنەفىي مەزھىبى - ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە مەنسۇب بولغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ بىرىنچىسىدۇر. ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋاسى ۋە قۇرغۇچىسى ئىمام ئەزەم (ئەڭ چوڭ ئىمام)نىڭ تولۇق ئىسمى – سابت ئوغلى نۇئمان بولۇپ، ھىجرىيىنىڭ 80-يىلى (699م) ھازىرقى ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەمەۋىلەر بىلەن ئابباسىيلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خەلىپىلىك زامانىدا ياشىغان، كاتتا مۇجتەھىد ئالىم. ئىمام ئەزەم تەقۋالىقى ۋە ھۇشيارلىقى بىلەن داڭق چىقارغان كىشى بولۇپ، تىجارەت ئىشلىرىدىمۇ راستچىللىقى ۋە توغرىلىقى بىلەن تونۇلغان زات ئىدى.

ئىمام ئەزەم ئۇستازى ھەممادنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مەسجىدتىكى تالىبلارنى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇ تالىبلارغا ئىنتايىن مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىدى. ھەتتا ئىمام ئەبۇ يۈسۈپكە ئوخشىغان بەزى كەمبەغەل تالىبلارنىڭ مەئىشەت يولىدىكى پۈتۈن چىقىملىرىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى ئوقۇش بىلەنلا شۇغۇللىنىشقا ئۈندەيتتى.

 ئىمام ئەزەم تالىبلارنى ئوقۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىجارەت ئىشىنىمۇ ئاقساتمىغان بولۇپ، كۇفە شەھىرى مەركىزىدە خام ۋە يېپەك ساتىدىغان دۇكىنى بار ئىدى. ئۇنى ئۆزىنىڭ شېرىكى ماڭدۇرۇپ پايدىسىدىن ئۇنىمۇ نېسىۋىدار قىلاتتىكەن. ئىمام ئەزەمنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بولۇپ، ئەڭ مەشھۇرلىرى «ئەل فىقھۇل ئەكبەر»، «ئەل مەخارىج فى ئەلفىقھ» دېگەن كىتابلىرىدۇر.

ئىمام ئەزەم ھىجرىيىنىڭ 150-يىلى (767- يىلى 14- ئىيۇن كۈنى) 70 يېشىدا باغداد شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، باغداد شەھىرىنىڭ ئەئزەمىيە رايونى، دىجلە دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خىرزان قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

ئىمام ئەزەمنىڭ ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىدىكى مەرتىبىسى
ئىمام ئەزەم ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى ۋە دۇنيادىكى مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ پېشىۋاسىدۇر.

ئىمام شافىئىينىڭ ئۇستازى ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ ئىمام ئەزەمنى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئەزەمدىن ئالىمراق ۋە ئۇنىڭدەك ياخشى ناماز ئوقۇيدىغان بىرىنى كۆرگىنىم يوق»([3]).

ئىمام شافىئىي ئىمام ئەزەمنىڭ ئىلمىي مەرتىبىسىنى بايان قىلىپ: «فىقھى ئىلمىدا ھەممىمىز ئىمام ئەزەمگە موھتاجمىز»([4]) دېگەن ئىكەن.

ئاتاقلىق تىلشۇناس ۋە فىقھىشۇناس ئالىم نەزر ئىبنى شەمىل مۇنداق دېگەن ئىكەن: «كىشىلەر ھەممىسى ئۇيقۇدا ئىدى، ئىمام ئەزەم ئۆزىنىڭ ماھارىتى بىلەن ئۇلارنى ئويغاتتى»([5]).

ئاتاقلىق فىقھىشۇناس ئالىم ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن: «فىقھى ئىلمىدە ئىمام ئەزەمدەك كامالىغا يەتكەن بىرىنى كۆرمىدىم، تەقۋادارلىقتىمۇ ئۇنىڭدەك بىرىنى كۆرمىدىم»([6]).

ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرىنى توپلىغانلار
ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرىنى ئىمام ئەزەمنىڭ شاگىرتلىرىدىن 40 تىن كۆپرەك ئالىم يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكى ئۈچ كىشىدۇر:

1. ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ، تولۇق ئىسمى - ئىبراھىم ئوغلى ياقۇب ئەل ئەنسارى ھىجرىيىنىڭ 113-يىلى (731م) كۇفە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىن دىنىي ئىلىملەرگە قاتتىق قىزىقىش بىلەن يۈزلىنىپ، ئىمام ئەزەمنىڭ قولىدا 17 يىل مۇنتىزىم ئوقۇپ يېتىشكەن مۇجتەھىد ئالىم. ئابباسىيلار خەلىپىلىرىدىن خەلىپە مەھدىنىڭ زامانىدا باغداتتا تارىختا بىرىنچى قېتىم قازىلىق مەنسىبى ۋە قازى ئاتالغۇسى بارلىققا كېلىپ، ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ ئىسلام تارىخىدا تۇنجى قېتىم قازىلىق ۋەزىپىسىنى قىلغان كىشى بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنىدۇ. كېيىنچە دۇنياغا مەشھۇر خەلىپە ھارۇن ئەل رەشىدنىڭ زامانىدا ئۇنىڭ مەنسىبى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ قازى قۇزات (قازىلارنىڭ قازىسى) بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ئىمام ئەبۇ يۈسۈپنىڭ قازىلىق دەۋرى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ گۈللىنىشى ۋە كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قىلغان. ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ ئىمام ئەزەمنىڭ بىرىنچى شاگىرتى بولۇپ، كاتتا ئۆلىما ئىدى، نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان، تۇنجى بولۇپ ئۇسۇلى فىقھى (قانۇنشۇناسلىق پرىنسىپى)نى ئىجاد قىلغان كىشىدۇر. ئۇ ھىجرىيىنىڭ 182-يىلى (799م 21- ئاپرىل كۈنى)، 69 يېشىدا باغداتتا ئالەمدىن ئۆتكەن، جىنازا نامىزىنى مەشھۇر ئابباسىيلار خەلىپىسى ھارۇن رەشىد ئۆزى ئوقۇغان.

2. ئىمام مۇھەممەد، تولۇق ئىسمى ھەسەن ئوغلى مۇھەممەد ئەل شەيبانىي بولۇپ، ھىجرىيىنىڭ 132-يىلى (749م) ئىراقتا دۇنياغا كەلگەن. ئىمام مۇھەممەد ئىلىمدە كامال تاپقان مۇجتەھىد ئالىملاردىن بولۇپ، ئىمام ئەبۇ يۇسۇفتىن قېلىشمايتتى. ئۇ شۇ زاماننىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن ئىدى. ئۇ ئىمام ئەزەمنىڭ ئىككىنچى شاگىرتى بولۇپ، ئىمام ئەزەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىمام ئەبۇ يۈسۈپتە ئوقۇغان. ھىجرىيىنىڭ187-يىلى (803م) ئالەمدىن ئۆتكەن.

3. ئىمام زۇفەر ئەلھۇزەيل ھىجرىيىنىڭ108-يىلى (727م) ھازىرقى ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ھەنەفىي مەزھىبىدىكى كاتتا مۇجتەھىدلاردىن بولۇپ، ئىمام ئەزەمنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، خېلى كۆپ مەسىلىلەرنى يېشىپ چىقارغان كىشىدۇر. ئىمام زۇفەر ھىجرىيىنىڭ 157- يىلى (774م) تەخمىنەن 47 ياشلار ئەتراپىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ھەنەفىي مەزھىبىدە مۇھىم مەسىلىلەردىن 17 مەسىلىدە ئىمام زۇفەرنىڭ رەيى بويىچە ئىش كۆرۈلۈپ كەلمەكتە([7]).

ئىككىنچى: مالىكىي مەزھىبى
مالىكىي مەزھىبى- ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە مەنسۇب بولغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ ئىككىنچىسىدۇر. مالىكىي مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام مالىك بولۇپ، تولۇق ئىسمى مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىكتۇر.

ئىمام مالىك ھىجرىيىنىڭ93-يىلى (715م) مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ھەدىسشۇناسلىق ۋە فىقھىشۇناسلىقتا كامالەتكە يەتكەن مۇجتەھىد ئالىم بولۇپ، كۆپلىگەن دىنىي ئەسەرلەرنى يازغان. ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى «ئەل مۇۋەتتە» دۇر. ئىمام مالىك ھىجرىيىنىڭ 179-يىلى (795م) مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مالىكىي مەزھىبى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە مەيدانغا كېلىپ ھىجاز (مەككە، مەدىنە ۋە بۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار)، مىسىر، ئافرىقا دۆلەتلىرى، ماراكەش، ئەندەلۇس(ئىسپانىيە) قاتارلىق رايونلارغىچە بېرىپ يەتكەن. ھازىرقى زاماندا مالىكى مەزھىبىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق رايونلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرى، ماراكەش، تۇنىس، ئالجىرىيە، لىبىيە، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، ئىراق، ھىجاز، پەلەستىن ۋە سۈرىيەلەردىمۇ ئاز ساندا تېپىلىدۇ.

ئۈچىنچى: شافىئىي مەزھىبى
شافىئىي مەزھىبى- ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە مەنسۇب بولغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر. شافىئىي مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام شافىئىي بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەل شافىئىيدۇر.

ئىمام شافىئىي ھىجرىيىنىڭ 150-يىلى (767م) ھازىرقى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن ۋە ئىككى يېشىدا ئاتىسى بىلەن مەككىگە كەلگەن. كېيىنچە ئىمام مالىكتا فىقھى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىنى ئوقۇغان. ئەرەب تىلى، ئەرەب ئەدەبىياتى، قۇرئان، ھەدىس ۋە فىقھى ئىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن ئىمام شافىئىي ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك دىنىي ئەسەرلەرنى ۋە شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان مۇجتەھىد ئالىمدۇر. ئۇ يەنە ئىراققا بېرىپ ئىمام ئەزەمنىڭ شاگىرتلىرىدا فىقھى ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. كېيىنچە مىسىرغا ھىجرەت قىلغان ۋە ھىجرىيىنىڭ202-يىلى (819م) مىسىردا ۋاپات بولغان.

ئىمام شافىئىينىڭ «كونا» ۋە «يېڭى» ئىككى مەزھىبى بولۇپ، ئىراقتىكى ۋاقتىدا كونا مەزھىبى، مىسىرغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭى مەزھىبى ئوتتۇرىغا چىققان.

شافىئىي مەزھىبى ھازىر مىسىر، پەلەستىن، كۇردلار ياشايدىغان رايونلار، ئىران، ھېندۇنۇزىيە، پاكىستان ۋە لىۋان قاتارلىق جايلاردا ئورۇن ئالماقتا.

تۆتىنچى: ھەنبەلىي مەزھىبى
ھەنبەلىي مەزھىبى - ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە مەنسۇب بولغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ تۆتىنچىسىدۇر. ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەل شەيبانىيدۇر. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھىجرىيىنىڭ 163- يىلى (780م) ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋە دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. باغدات، مەككە، يەمەن، شام (سۈرىيە ۋە لېۋان)، بەسرە ۋە كۇفە شەھەرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان مۇجتەھىد ئالىم. ئىمام شافىئىي باغدادتا بولغان چاغلىرىدا ئۇنىڭدا فىقھى ئىلىملىرىنى ئوقۇغان. كۆپلىگەن دىنىي ئەسەرلەرنى يازغان. باغداتتىكى ئابباسىيلار خەلىپىسى مەئمۇن مۇتەزىلە مەزھىبىنىڭ "قۇرئان مەخلۇقتۇر" دەيدىغان پىكرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۆلىمالارنى بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغاندا، ئىمام ئەھمەد بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلمىغان. شۇ سەۋەبلىك 28 ئاي تۈرمىدە ياتقان ھەمدە كۆپ ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى تارتقان. ئۇ ھىجرىيىنىڭ 271-يىلى (855م) ھازىرقى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

ھەنبەلىي ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نەجد رايونىدا پۈتۈنلەي ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھىجازدىمۇ كۆپ ساندا تېپىلىدۇ. پەلەستىن، سۈرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردە شافىئىي مەزھىبىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مەزھەب ھەنبەلىي مەزھىبى ھېسابلىنىدۇ.

شىئەلەردە دەۋر سۈرۈۋاتقان مەشھۇر فىقھى مەزھەبلەر
شىئەلەردە دەۋر سۈرىۋاتقان مەشھۇر فىقھىى مەزھەبلەر زەيدىيە ۋە جەئفەرىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەبتۇر.

زەيدىيە مەزھىبى- تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چەۋرىلىرىدىن زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى زەينىل ئابىدىن دېگەن كىشىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، بۇ كىشى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن زامانداش ئىدى.

 زەيدىيە مەزھىبىنىڭ فىقھىي قاراشلىرى ئەھلى سۈننە مەزھىبىدىكى مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ فىقھىي قاراشلىرىغا ئەڭ يېقىندۇر. ئېتىقادىي قاراشلىرى مۇتەزىلە مەزھىبىنى ئاساس قىلىدۇ. ھەتتا مۇتەزىلە مەزھىبى ئىمام زەيدنى ئۆزلىرىنىڭ پىكرىي جەھەتتىكى ئىمامى ھېسابلايدۇ. بۇ مەزھەب مىلادىيە 8- ئەسىردە مەيدانغا چىققان بولۇپ، ھازىر يەمەن جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسى ئىچىدە دەۋر سۈرمەكتە.

جەئفەرىيە مەزھىبى – ئەھلى بەيتنىڭ 6– چوڭ ئىمامى ۋە كاتتا ئالىم ئىمام جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇرىدلىرى بولۇپ، بۇ كىشى شىئەلەرنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرى بويىچە ئەڭ چوڭ ئىمامى ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە كۇفە شەھىرىدە، ئىمام مالىك مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئىمام جەئفەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كۆپلىگەن فىقھىي مەسىلىلەرنى ئۆگەنگەن. 

جەئفەرىيە مەزھىبى ھازىر ئىران، ئىراق، ئەزەربەيجان، بەھرەين، لىۋان، تاجىكىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دەۋر سۈرمەكتە.

ئەھلى سۈننە مەزھىبى ئىچىدە تۆگەپ كەتكەن فىقھىي مەزھەبلىرى
 ئەھلى سۈننە مەزھىبى ئىچىدە تۈگەپ كەتكەن فىقھىي مەزھەبلىرى تۆۋەندىكىلەر:

 1. ئىمام لەيس ئىبنى سەئىد (93-174ھ/712-791م) نىڭ مەزھىبى. بۇ مەزھەب مىسىردا مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئىمام شافىئىينىڭ مەزھىبى ئومۇملاشقانغا قەدەر داۋام قىلغان.

2.  ئىمام داۋۇد زاھىرىي (199-269ھ/815- 883م) نىڭ مەزھىبى. بۇ مەزھەب باغدادتا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ 4- ئاساسى بولغان قىياسنى ئېتىراپ قىلمايتتى، ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىپ كېيىنچە يوقىلىپ تۆگەشكەن.

3.  ئىمام ئابدۇراھمان ئەۋزائىي (88-157ھ/707- 774م) نىڭ مەزھىبى. بۇ مەزھەب سۈرىيىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ سۈرىيە، لىۋان، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلاردا ئومۇملاشقان. كېيىنچە، سۈرىيىدە ئىمام شافىئىينىڭ، ئىسپانىيىدە ئىمام مالىكنىڭ مەزھىبى ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ مەزھەبكە ئەگىشىدىغانلار تەدرىجى تۈگەپ كەتكەن.

دۇنيادا قانچىلىك مۇسۇلمان ھەنەفىي مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ؟

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۈمھۇرىيەتلەر، شەرقىي تۈركىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، تاتارىستان قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى، تۈركىيە، مىسىر، لىۋان، سۈرىيە، ئېئوردانىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ھەنەفىي مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ. مىسىر، لىۋان، سۈرىيە، ئېئوردانىيە، ئافغانىستان ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەھكىمە شەرئىيلەر ھازىرمۇ ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبى بويىچە ئىش كۆرمەكتە. ئومۇمەن ئوسمانىي خەلىپىلىكى (ئوسمان ئىمپېرىيىسى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبى ئورۇن ئالغان. دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ كۆپرەكى ھەنەفىي مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىدىمۇ 25 مىليوندىن كۆپرەك مۇسۇلمان ھەنەفىي مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ([8]).

مەزھەبگە ئەگىشىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
  مەزھەبكە ئەگىشىش زۆرۈرمۇ؟

ئىسلام دىنىي مۇسۇلمانلارنى باشقا دىنلاردىكىگە ئوخشاش قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشقا تەشەببۇس قىلمايدۇ، بەلكى تەقلىدچىلىكنى ناھايىتى قاتتىق سۆكىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئالدى بىلەن ئەقىل ئىشلىتىشكە، ئۆزىنىڭ پايدا – زىيىنىنى بىلىپ، توغرا يولغا ئەگىشىشكە چاقىرىدۇ.

 پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھيىنىڭ ﴿ئوقۇ﴾([9]) ئەمرى بىلەن باشلانغانلىقى، يەنە قۇرئان كەرىمنىڭ ﴿بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر﴾([10]) دېگەن چاقىرىقى كىشىلەرنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇش ئۈچۈن ئوقۇشقا، ئاندىن پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە چاقىرىشتا قاتتىق تەلەب قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلىسە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ ئەقىل ئىشلەتمەستىن، توغرا – خاتانى ئايرىماستىن، ھەدەپ ئاتا-بوۋىلىرىنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشتەك بېكىنمە روھىي ھالىتىنى سۆكۈپ ﴿ئۇلارغا ئاللاھ چۈشۈرگەن ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەگىشىڭلار دېيىلسە، ئۇلار:« ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ﴾([11]) دېگەنلىكى ئىسلام دىنىنىڭ پىكىر ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش، ئەقىلنى قوللىنىپ ئىش كۆرۈشكە چاقىرىشتەك ئەۋزەللىكىنىڭ ۋە ھەققانىيلىقىنىڭ ئايرىم بىر دەلىلىدۇر.

 ئەمما قۇرئان كەرىم كاپىرلارنى تەقلىد قىلىشنى سۆككەن بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى مۇستەقىل بىلەلمىگەن مەسىلىلەردە، ئۆلىمالارنى تەقلىد قىلىشىنى چەكلىگەن ئەمەس.

ئىسلام مەزھەبلىرىنى تەقلىد قىلىشنىڭ ھۆكمى
ئەمدى، ئىسلام مەزھەبلىرىنى تەقلىد قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئېتىقادىي مەسىلىلەردە ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىش زۆرۈردۇر. چۈنكى ئەھلى سۈننە – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا تولۇق ئەگىشىشنى ئاساس قىلغان ھالدا بارلىققا كەلگەن، ئېتىقادى ئەڭ ساغلام مەزھەبتۇر. شۇ سەۋەبتىنمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى بۇ مەزھەبكە ئەگىشىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئېتىقادى توغرا ۋە ساغلام بولمىسا، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەل – ئىبادەتلىرى پايدا بەرمەيدۇ.

ئەمما ئەمەل – ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك فىقھىي مەزھەبلەرگە ئەگىشىش مەسىلىسى مۇنداق:

 1. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە، قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئۆزلىرى ئوقۇپ، چۈشىنىپ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلىشتىن ئاجىز كەلگەن ئاۋام خەلقنىڭ ئەمەل – ئىبادەت مەسىلىلىرىدە، مۇئەييەن بىر مەزھەپنى تەقلىد قىلىشى (ئەگىشىشى) جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. چۈنكى ئاۋام خەلقمۇ ئاللاھ تائالا چۈشۈرگەن شەرىئەت بويىچە ئىش كۆرۈشكە چاقىرىلغان. شەرىئەت بويىچە ئىش كۆرۈش ئۈچۈن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش شەرت. ئۇلارنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىشىنىڭ بىرلا يولى بىلگەنلەرنى تەقلىد قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىلمەيدىغان كىشىلەرنى بىلىدىغان ئۆلىمالاردىن سوراپ ئۆگىنىشكە ئەمر قىلغان.﴿ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار﴾([12]).

2. شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئۆز ئىجتىھادى بىلەن كۈچلۈك ياكى زەئىپ دەپ ئايرىيالايدىغان مەرتىبىگە يەتمىگەن ئۆلىمانىڭ مۇئەييەن بىر مەزھەپنى تەقلىد قىلىش ياكى قىلماسلىقى ئىختىياردۇر. يەنى خالىسا بىرەر مەزھەبكە ئەگىشىدۇ، خالىسا ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرىدۇ.

3. ئۆز ئىجتىھادى بىلەن شەرىئەت دەلىللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۇلاردىن دىنىي مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش سەۋىيىسىگە يەتكەن كىشىنىڭ كۈچى يەتمىگەن بەزى مەسىلىلەردىلا باشقا بىرىنى تەقلىد قىلىشى جائىزدۇر. ئەمما ئۆزىنىڭ كۈچى يېتىدىغان مەسىلىلەردە باشقىلارنى تەقلىد قىلىشى جائىز ئەمەس.

ئاۋامنىڭ بىرەر مەسىلىدە رۇخسەت ياكى ئوڭايلىق ئىزدەپ ئۆلىمالارنىڭ رۇخسەتلىرى ئارقىسىدىن چېپىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۆزى مەنسۇب بولغان مەزھىبىدىن باشقا بىر مەزھەپكە رۇخسەت ئىزدەپ ئۆتۈش ئۆلىمالارنىڭ سۆزىنى شەرىئەت دەلىللىرىدىن ئۈستۈن بىلگەنلىك ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەزھەب چۈشەنجىسى
ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىي قاتارلىق مەشھۇر تۆت مەزھەپنىڭ ھەقلىقى ۋە توغرىلىقىدا شەك يوق. بۇلار مەرتىبە جەھەتتىمۇ ئوخشاشتۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنبىئى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەت بولۇپ،  بۇ مەزھەبلەرنىڭ قايسىسىغا ئەگىشىش جائىزدۇر.

 ئەمما مەزھەپ رەيىنى دىننىڭ رەيى دەپ قاراپ، باشقىلارنىڭ تۇتقان يولى ئۆزى ئەگەشكەن مەزھەپنىڭ رەيىدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەزھىبىگە قارىغۇلارچە تەئەسسۇبلۇق قىلىشمۇ ئىلىم ئەھلىگە ياراشمايدىغان بىر ئىش. چۈنكى مەزھەبنىڭ رەيى شۇ مەزھەبنىڭ دىن روھىدىن چۈشەنگەنلىرى ۋە بىلگەنلىرى بەس. شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، مەزھەبنىڭ رەيى توغرا ۋە خاتاغا ئېھتىمالى بولغان كۆز قاراشلاردۇر. چۈنكى پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھېچقانداق ئىنسان خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس.

 مۇجتەھىدلار  دىنىي مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىپ توغرىسىنى تاپقان بولسا بىر ھەسسە ساۋابقا، ئەگەر خاتالاشقان بولسا ئىككى ھەسسە ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى ئىسلام دىنىدا قارار قىلىنغان بىر ھەقىقەتتۇر.

 



([1])  بەقەرە سۈرىسى 256- ئايەت.
([2])  مىسىر ۋەقىپ ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ « ئىسلامىي ئىشلار ئالىي كېڭىشى» تەرىپىدىن ھازىرلانغان «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»دىن ئېلىندى.
(1)  باغدادنىڭ تارىخى 13 - توم 345 - بەت.
([4])  باغدادنىڭ تارىخى 3 - توم 323 - بەت.
([5])  تەھزىب ئەل تەھزىب 5 - بەت 604 - بەت .

(2)  تەھزىب ئەل تەھزىب 5 - بەت 604 - بەت .
([6])  تەرتىب ئەل مەدارىك 3 - توم 300 - بەت.
([7])  «ئىسلام فىقھىغا كىرىش» ناملىق ئەسەردىن.
([8])  «المدخل في الفقه» ناملىق ئەسەردىن .
([9])  قۇرئان كەرىمدىن ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ۋەھيى ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدىن مۇنۇ 5 ئايەتتۇر: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى».
([10]) مۇھەممەد سۈرىسى 19- ئايەت.
([11]) مائىدە سۈرىسى 104- ئايەت.
([12])    نەھل سۈرىسى 43 - ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار