«قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىنىدىغا  يېگانە كىتابتۇر

«قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىنىدىغا  يېگانە كىتابتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

«قۇرئان كەرىم» ساماۋى كىتابلار ئىچىدە چىرايلىق تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇلغان يېگانە كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسى تىلاۋەت قىلىنمايتتى ۋە تىلاۋەت قىلىشقىمۇ بۇيرۇلمىغان. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا بىرەر كىتابنى ئوقۇغانغا ساۋاب يېزىلمايدۇ. پەقەت «قۇرئان كەرىم»لا ئوقۇغانغىمۇ ساۋاب يېزىلىدىغان كىتابتۇر. مۇندىن باشقا يەنە بارچە ساماۋى كىتابلار بىر قېتىمدىلا چۈشكەن بولسا، «قۇرئان كەرىم» بىر قانچە باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ئاز_ئازدىن چۈشۈپ 23 يىلدا چۈشۈپ بولغان. بۇ ئۇنى قەلبلەردە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىدى. ﴿ﲾ ﲿ ﳀ ﳁ ﳂ ﳃ ﳄ ﳅ  ﳆﳇ ﳈ ﳉ ﳊ ﳋﳌ ﳍ ﳎ ﳏﱠ يەنى ﴿كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر قېتىمدىلا چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق( يەنى پارچە _ پارچە چۈشۈردۇق) ۋە ئۇنى دانە _ دانە ئوقۇپ بەردۇقﱠ [1].

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ئەڭ ئاستا ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ ئاستا ئوقۇيتتى. تىلاۋەت ئەسناسىدا ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ، تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇيتتى. بەزى بىر ئايەتنى بىر انچە قېتىم تەكرارلاپ ئوقۇيتتى.

قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتۇر

قۇرئانى تىلاۋەت قىلغاننىڭ ساۋابى ئىنتايىن كۆپ. ھەتتا بىر ھەرپ ئوقۇغانغا 10 ساۋاب يېزىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. «ئەلىف، لام، مىم» نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى «ئەلىف» بىر ھەرپ، «لام» بىر ھەرپ، «مىم» بىر ھەرپتۇر» دەپ كۆرسەتكەن([2]). ئەمما قۇرئان ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى مۇشۇ دۇنيادا كۆرەي دېگەن ئادەم چوقۇم ئۇنى ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغۇدەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ تىلاۋەت قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مۇسۇلمانلار ھەممىدىن بەك قۇرئاننىڭ تەسىرىگە مۇھتاج. ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئەڭ سەرخىلى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قارىتىش مۆجىزىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرى تەۋەلىرىنى قۇرئاننى ئاڭلاپ قېلىشتىن توسقان. ﴿ﲞ ﲟ ﲠ ﲡ ﲢ ﲣ ﲤ  ﲥ ﲦ ﲧ ﲨ ﲩﱠ يەنى ﴿كاپىرلار: «سىلەر بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، (قۇرئان ئوقۇلغاندا غەلۋە قىلىپ) ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار، قۇرئاننى توسۇشتا) غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دېدىﱠ[3].

 بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھاياتىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدىكى زور تەسىرىگە ئېرىشەلمەستىن، ئۇنى قانچىلىك كۆپ تىلاۋەت قىلساقمۇ ئۇنىڭدىن كۆزلىگەن پايدىنى ئالالمايمىز. چۈنكى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن نەرسە «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىرى ئىدى. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىشتىن بىرىنچى مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتىن ئىبارەت بولىشى لازىم.

قۇرئاننىڭ تەسىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى  ئاز بولسىمۇ ھەر كۈنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشنى ئادات قىلىش، تىلاۋەت قىلغاندا، تىنچ ئورۇننى تاللاپ، ئۆزىگە ئاڭلانغۇدەك مىقداردا ئاۋازنى چىقىرىپ، ئالدىرىماي، مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇش لازىم. ئىمكانقەدەر قۇرئاننى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇش تولىمۇ ياخشىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھېسسىياتنى ئۆرلىتىش، دىلنى يۇمشىتىش رولىغا ئىگە. بىرەر ئايەتتىن تەسىرات ھاسىل قىلغان ۋاقتىمىزدا، شۇ ئايەتنى قايتا_قايتا ئوقۇشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ﴿ﲾ ﲿ ﳀ ﳁﳂ  ﳃ ﳄ ﳅ ﳆ ﳇ ﳈ ﳉﳊ ﱠ يەنى ﴿ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭ، شەكسىزكى، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن[4] دېگەن ئايەتنى تەھەججۇد نامىزىدا بىر كېچە تەكرارلاپ چىققانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

قۇرئان ئوقۇشتا ۋە ئۇنى ئاڭلاشتا ساناپ بولغۇسىز ھۇزۇر_ھالاۋەت بار. ئۇنى پەقەت ئاللاھ تائالا ماڭا خىتاب قىلىۋاتىدۇ دېگەن ھېس_ تۇيغۇغا كېلەلىگەن ئادەملا بايقىيالايدۇ. مەسىلەن: ﴿ﳊ ﳋ ﳌ ﳍ  ﳎﳏ ﱠ يەنى ﴿ يەر يۈزىدە غادىيىپ ماڭمىغىن ﱠ [5]، ﴿ﳒ ﳓ ﳔ ﱠ يەنى ﴿نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىن ﱠ [6]، ﴿ﲷ ﲸ ﲹ ﱠ يەنى ﴿بۇيرۇلغىنىڭدەك (توغرا يولدا) مۇستەھكەم بولغىن [7] دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان ئادەم بۇ سۆزلەرنى ئاللاھ تائالا ماڭا قارىتىپ سۆزلەۋاتىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئەھۋالى بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا تەلەب قىلغان بويىچە بولىۋاتامدۇ ياكى ئەكسىچە كېتىپ بارامدۇ؟ بۇنى بىلىدۇ ۋە ئۆزىنى ھەم ئەھۋالىنى بۇ ئايەتلەردە بۇيرۇلغان بويىچە توغرىلايدۇ.

شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ﱒ ﱓ ﱔ ﱕ ﱖ ﱗ  ﱘﱠ يەنى ﴿رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ﱠ[8]، ﴿ﲖ ﲗ ﲘ ﲙ ﲚﲛﱠيەنى﴿زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنﱠ[9] دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ، دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەمرىنى ئورۇندىغان ئادەم «قۇرئان كەرىم»نىڭ پايدىسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرگەن بولىدۇ.

ئەبۇلھەسەن نەدەۋى[10] ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئىقبال[11] ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ مۇشۇ ئۇسلۇبنىڭ بەرىكىتى بىلەن قۇرئاننىڭ ھالاۋىتىنى ئەڭ تولۇق تېتىيالىغان ۋە ئۇنىڭ سايىسىدا ھۇزۇرلۇق ھايات كەچۈرگەن شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئەللامە ئىقبال ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن: «مەن ھەر ئەتىگىنى بامدات نامىزىدىن كېيىن قۇرئان ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدىم. ھەر كۈنى دادام مەندىن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سورايتتى. مەن «قۇرئان ئوقۇۋاتىمەن»دەپ جاۋاب بېرەتتىم. دادام ھەر كۈنى شۇ بىر خىل سوئالنىلا سورايدۇ، مەنمۇ  شۇ بىر خىل جاۋابنىلا بېرىمەن. بىر كۈنى مەن دادامدىن «دادا ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە مەندىن نېمە قىلىۋاتقىنىمنى سوراشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ؟ »دەپ سورىۋىدىم. دادام ماڭا «بالام! مەن ساڭا قۇرئاننى خۇددى ساڭا چۈشكەندەك ئوقۇغىن دېكچى ئىدىم»دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن قۇرئاننى خۇددى ئاللاھ تائالا ماڭا چۈشۈرگەندەك ھېس_تۇيغۇ بىلەن ئۇنى چۈشىنىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ پارلاق نۇرىدىن ۋە جەۋھەرلىرىدىن مېنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىم بارلىققا كەلدى»[12].



[1] فۇرقان سۈرىسى32-ئايەت.

 
([2])  تىرمىزى رىۋايىتى.
[3] فۇسسىلەت سۈرىسى26-ئايەت.
[4] مائىدە سۈرىسى118-ئايەت.

 
[5][5] لۇقمان سۈرىسى18-ئايەت.
[6] ساد سۈرىسى26-ئايەت.
[7] شۇرا سۈرىسى15-ئايەت.
[8] فۇرقان سۈرىسى45-ئايەت.
[9][9] قەسەس سۈرىسى40-ئايەت.
[10] ئەبۇلھەسەن نەدەۋى ھىندىستانلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى، كۆپلىگە ئىسلام ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورىدۇر. 1913-يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىدا دۇنياغا كېلىپ 1999-يىلى ئالەمدىن ئېتكەن.
[11] مۇھەممەد ئىقبال-ئىسلام مۇتەپەككۇرى، شائىر، پەيلاسۇپ ۋە ئەدىب بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىدىستان تەۋەسىدە، سۇنداقلا دۇنيادا زور شۆھرەتكە ئېرىشكەن شەخس. ئۇ 1877-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى ھىندىستاننىڭ پەنجاب ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە 1938-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇھەممەد ئىقبال ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق مەيدانى چىڭ تۇرغان شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ؛ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن.
[12] ئەبۇل ھەسەن ننەدەۋىنىڭ« ئىقبال شېئىرلىرى»ناملىق ئەسىرى38-39-بەتلەر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار