رامىزاندا مۇنۇ 5 ئىشنى قىلماڭ!

رامىزاندا مۇنۇ 5 ئىشنى قىلماڭ!

مۇھەممەد يۈسۈپ

تۇتقان روزىنىڭ ساۋابىنى ساقلاپ قېلىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەردىنى تارتىپ بىر كۈن كەچكىچە تۇتقان بۇ جاپالىق روزىنىڭ بىكارغا كېتىشى ھەقىقەتەن چوڭ زىيان ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر. تۆۋەندىكى 5 ئىش نۇرغۇن كىشىلەر ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان، ئەمما روزىنىڭ ساۋابىنى ۋە ئەجىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىدىغان خەتەرلىك ئىشلاردۇر.

1.         كۆزىڭىزنى ھارامدىن ساقلاڭ. كۆزنى ھارامدىن ساقلاش دېيىلگەن ھامان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە يول يۈرگەندە، رەستىگە چىققاندا نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق دېگەن ئوقۇم كېلىدۇ. ئەمما ھازىر كۆزنى نامەھرەملەرگە قارىتىشنىڭ تۈرلىرىنى كۆپىيىپ كەتتى. زامانىمىزدا نامەھرەملەرگە قاراش ئۈچۈن سىرتقا چىقىشقا ھاجەت قالمىدى. چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ قولىدىكى ئەقىللىق تېلېفون يېتەرلىك. روزا تۇتۇپ تۇرۇقلۇق گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلىش روزىنىڭ ساۋابىنى يەپ كېتىدۇ. مەلۇمكى، مەيلى ئەقىللىق تېلېفوندىن بولسۇن ياكى تېلېۋىزوردىن بولسا نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراپ ھۇزۇرلىنىش ئېغىر گۇناھتۇر. بۇنداق قىلىش ھەرقانداق ۋاقىتتا گۇناھتۇر، ئەمما رامىزاندا تېخىىمۇ ئېغىر گۇناھتۇر. شۇڭا، ئەقىللىق تېلېفوننى ئىشلەتكەندە ئەدەپسىز، ئەخلاقسىز سۈرەتلەرگە، ۋىدىيولارغا قارىماسلىق لازىم. ئۇچراپ قالسا تېز ئۆتۈپ كېتىش ۋە سىنچىلاپ قارىماسلىق لازىم.

2.         تىلىڭىزنى گۇناھتىن ساقلاڭ. تىلنى ھارامدىن ساقلاڭ دېيىلگەن ھامان ئەقىلغا كىشىلەرنى تىللاش، ئەزىيەت بېرىش دېگەندەك مەنىلەر كېلىدۇ. ئەمما تىلنىڭ سادىر قىلىدىغان گۇناھلىرى بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەزى كىشىلەر كۆنۈپ قالغان كونا ئادىتى بويىچە، رامىزاندىمۇ يالغان ئېيتىپ سالىدۇ، بىرلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ قويىدۇ، ۋەدە قىلىپ خىلاپلىق قىلىپ سالىدۇ. ئېغىزىمىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ سورىقى بولىدۇ. بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆز ئادەمنىڭ جەننىتى بولۇپ كېتىشىگە تۈرتكە بولسا، بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆز ئۇنىڭ دوزىخى بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ رامىزاندا ئېغىزىمىزدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز ۋە ھوشيار بولۇشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلۈكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»([1]) دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان بىلەن ئىش قىلىشنى تاشلىمايدىكەن، ئۇنىڭ يېمىكىنى ۋە ئىچمىكىنى تەرك ئەتكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ ھاجىتى يوقتۇر»[2].

3.          قۇلىقىڭىزنى ھارامدىن ساقلاڭ. غەيۋەتخورلارغا قۇلاق سېلىش، ئەدەپسىز ناخشىلارنى ئاڭلاش قۇلاق ئارقىلىق ھارام ئىشنى سادىر قىلغانلىقتۇر. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كىشىلەرنىڭ غەيۋەتلىرىگە، بىراۋلار ياكى تەشكىلاتلار ئۈستىدىن قىلغان غەيۋەت-شىكايەتلىرىنى تىڭشاش ئاشۇ ھارام غەيۋەتكە شېرىك بولغانلىقتۇر. ئەپسۇسكى، زامانىمىزدا كۆپ سانلىق كىشىلەر دىنىي ۋەز-نەسىھەت پروگراممىلىرىغا ۋە قۇرئان تىلاۋىتىگە ئانچە قۇلاق بېرىپ كەتمەيدۇ، ئەمما بىرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى غەيۋەتلىرىنى، تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتلەر ئۈستىدىن قىلغان شىكايەتلىرىنى كۆپرەك تىڭشايدۇ. يامان سۆزلەرگە، ھارام گۇناھلارغا قۇلاق سېلىش ھارامنى يېگەندەك ئېغىر گۇناھتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە )سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ أَكَّالُونَ لِلسُّحْتِ( «يالغانغا بەك قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى بەك يېگۈچىلەردۇر» دېگەن سۆزى ئارقىلىق يالغان قۇلاق سالغۇچىلارنى ھارامنى يېگۈچىلەر بىلەن بىر ئورۇندا قويغان.

4.         پۇت-قولىڭىزنى ھارامدىن ساقلاڭ. گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلىنىدىغان سورۇنلارغا ۋە جايلارغا بېرىش، نامەھرەملەرنى تۇتۇش، ھارام نەرسىنى توشۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پۇت-قول ئارقىلىق ھارامنى سادىر قىلغانلىقتۇر. روزا تۇتقان ئادەمنىڭ يۇقىرىقى گۇناھلارنى قىلىشى ئۇنىڭ روزىسىنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىشقا يېتەرلىكتۇر.

5.         قارنىڭىزنى ھارامدىن ساقلاڭ. ھارام يېيىش دېگەن ئۆزىنىڭ بولمىغاننى يېيىش ياكى ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېيىش ۋە ياكى يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق يوللىرى بىلەن تاپقاننى ھارامنى يېيىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى ئۆزى ھالال ئىشلەپ ھالالدىن تاپقان ھالال يېمەكلەرنى قورساق ئېتىلغۇدەك دەرىجىدە چىڭقاپ يېيىش ھارامدۇر. توق قورساققا تاماق يېيىش ھارامدۇر. رامىزاندەك ئاز يەپ، ئىبادەتنى كۆپ قىلىش تەلەپ قىلىنغان بىر ئايدا كۆپ يېيىش ھارامدۇر. بىزدە بۇ ھەقتە تارقالغان نۇرغۇن سەپسەتىلەر بار. مەسىلەن: «ئون بىر ئاي ئىسلەپ، بىر ئاي يېگىن»، «رامىزاندا كۆپ يېگەنلىكتىن ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتىلەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كۆپ يېيىش كاپىرلارنىڭ سۈپىتى قىلىپ بايان قىلىنغان. ئەمما مۇئمىنلەرنىڭ سۈپىتى بولسا، ئاز يېيىش، تويماستىن داستىخاندىن تۇرۇپ كېتىش، توق قورساققا يېمەسلىك قاتارلىقلاردۇر. بىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىمىز ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاز يەيتتى ۋە تويماستىن تۇرۇپ كېتەتتى. روزا تۇتۇشتىن مەقسەت نەپسىمىزنى ئاچ قويۇپ تەربىيەلەش ۋە ئۆزىمىزگە بويسۇندۇرۇش، روھىمىزنى بولسا ئىبادەتلەر بىلەن تويغۇزۇش ۋە كۈچلەندۈرۈشتۇر. روزا تۇتقان ئادەمنىڭ ئاچلىقنى ھېس قىلىشى لازىم. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا، روزا تۇتۇشتىن بولغان غايە ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ. چۈنكى بىز ئاچلىقنى ھېس قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىبادەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئاچلىقنى ھېس قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ئاچ قويماي يىل بويى، ھەتتا ئۆمۈر بويى تويغۇزۇپ كېلىۋاتقانلىق نېمىتىنى بىلىمىز. ئاچلىقنى ھېس قىلىش ئارقىلىق كۈندىلىك ئوزۇقىنى تاپالمايدىغان يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يېتىمىز. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام مىسىردا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن زامانلاردا ئىنتايىن ئاز يەيدىكەن، كۆپ روزا تۇتىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سورىغانلارغا: «مەن توق يۈرسەم خەلقنىڭ ھالىغا يېتەلمەي قالىدىكەنمەن» دېگەن ئىكەن. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچ يۈرۈشى يوقلۇقتىن ئەمەس، بەلكى باشقىلار بىلەن ئوخشاش بولۇش ۋە باشقىلارنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ھېس قىلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇ مىسىر زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان بىر زات بولۇپ، ھازىرقى زاماننىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرى ئىدى.

 كۆپ يېيىش ئازاب، كۆپ يېيىش كېسەللىك، كۆپ يېيىش غاپىللىقتۇر. ئاز يېگەنگە، ئاچ قالغانغا ئادەم ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، ئەمما توقلۇقتىن ئادەم ئۆلىدۇ. زامانىمىزدا كۆپ يېگەنلىك سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھېسابى يوق. بۇرۇنقى زامانلاردا ئىنسانلار ئومۇمەن ئېتىزلاردا دېھقانچىلىق قىلىش، جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلىش بىلەن بولاتتى. شۇڭا ئۇلار قانچىلىك كۆپ يېسىمۇ ئۇنى سىڭدۈرۈپ كېتەلەيتتى، سېمىزلىك كېسىلىگىمۇ گىرىپتار بولمايتتى. چۈنكى ئۇلار يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن ئالغان ئېنېرگىيەنى كۈندىلىك سەرپ قىلىپ تۇراتتى، ئەمما ھازىرقى ئىنسانلار ئومۇمەن جىسمانىي ئەمگەك قىلمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار يېگەن، ئىچكەنلىرىدىن ئالغان ئېنېرگىيەسىنى سەرپ قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇلاردا قان بېسىمى، دىيابېت قاتارلىق ھەرخىل كېسەللىكلەر كۆپ بولماقتا.

([1]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
[2]  ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار