پىرىنسىپنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى

 

پىرىنسىپنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

پىرىنسىپ — سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇن، نىزام دېگەنلىكتۇر[1]. ئىنسانغا ھەقىقىي ھاياتنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىدىغان نەرسە پىرىنسىپتۇر. ھەقىقىي ھايات ئىنساننىڭ مۇئەييەن پىرىنسىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىشى بىلەن بولىدۇ. ئىنسان ھاياتىدا پىرىنسىپنىڭ يوقۇلۇشى ئۇنىڭ ھەقىقىي ھاياتىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پىرىنسىپ ئىنساننىڭ سوقىدىغان يۈرىكى، جىسمىدا ئاقىدىغان قېنى ۋە خاتالىقلاردىن ساقلايدىغان قالقىنىدۇر. ئىنسان ئۆز پىرىنسىپى بىلەن ئەزىز ۋە قىممەتلىكتۇر. پىرىنسىپال ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت ئاشىدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىقتا ھېچقانداق پىرىنسىپى يوق ئادەملەرنىڭ قىممىتىمۇ ۋە ھۆرمىتىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى پىرىنسىپ ئىنساننىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنى ۋە پەزىلىتىنى نامايان قىلىدىغان نەرسىدۇر. ئۇستاز مەھمۇد شاكىر مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقىي ھايات پىرىنسىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىككىسى بولمىسا ئىنسان يا ئىجاد قىلىشنى ياكى قارشىلىق كۆرسىتىشنى ۋە ياكى ئېسىل پەزىلەتلەرگە يۈكسىلىشنى بىلمەيدىغان سايمانغا ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى يوقىتىدۇ. توغرا پىرىنسىپ ئىنساننىڭ ئەقلىي تارىخىدا كاتتا ئىشلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە كاپالەت قىلالايدۇ، پىرىنسىپقا بولغان ئىمان بولسا ئەقىلگە ھەقىقىقىتىنى ۋە ئارمانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش يولىدا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ».

ئۇستاز ئابدۇراھمان ئەرىفى «ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئېتىقادىدا مۇستەھكەم بولغانلارنى ھەركىم سۆيىدۇ. چۈنكى پىرىنسىپال ئىنساننى باشقىلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنالمىغان ۋاقىتلاردا سۆككەن بىلەن، چىن قەلبىدىن ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ ۋە ئۇنى چوڭ بىلىدۇ. بېشىغا كۈن كەلگەن چاغلاردا ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. پىرىنسىپال ئىنسان خاتالىقلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن، نەپسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئۆزىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق دىن، ھەر قانداق پەلسەپە ۋە ھەر قانداق بىر قانۇن ئىنسانلارنى پىرىنسىپال بولۇشقا، ھەركىم ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىدۇ».

ھەربىر ئىنساننىڭ پىرىنسىپى ئۇنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. ئىنسان بۇ قالقان ئارقىلىق ئۆزى توغرا دەپ ئىشەنگەن مەيداندا چىڭ تۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى بولمىغان ئىنسان تۇراقسىز ئىنسان بولۇپ، باشقىلار ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلمايدۇ، ھۆرمەتلىمەيدۇ ۋە ياخشى كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغان، زىيان تارتسىمۇ ئۆزى توغرا دەپ ئېتىقاد قىلغان يولدا مۇستەھكەم تۇرغان ئادەمگە دىلىنى ئاچىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشېنچ قىلىدۇ. پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمايدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ نەپسىي ھەۋەسلىرىنىڭ ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنالمايدۇ، بەزىدە ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆز پىرىنسىپىنى سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ. ھىندىيلارنىڭ داھىسى گەندى ئىنسان ھاياتىدا پىرىنسىپنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ: «دىنسىز ھايات پىرىنسىزسىز ھاياتتۇر، پىرىنسىپسىز ھايات رولسىز ماشىنىدۇر» دېگەن ئىكەن.

پىرىنسىپ دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل ئەمەل قىلىش بىلەن بولغاندەك، ھەربىر ئادەم ئۆزىگە خاس پىرىنسىپ بەلگىلەش ئارقىلىقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: پارا ئالماسلىقنى پىرىنسىپ قىلىۋالغان بىر مەسئۇل كىشىلەردىن ھارام پارىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ۋە روھىنى بۇلغىمايدۇ، «ھەدىيە» ياكى «سوۋغات» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن پارىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىر-بىرىگە قەتئىي يالغان ئېيتماسلىقنى پىرىنسىپ قىلىۋالغان ئەر-ئايالمۇ ھەرقانچە قىيىن شارائىتقا چۈشۇپ قالسىمۇ يالغان ئېيتمايدۇ. خېرىدارلارغا سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇشنى پىرىنسىپ قىلىۋالغان سودىگەر ياكى دوكاندار يالغان ئېيتمىسا زىيان تارتىپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغان شارائىتلاردىمۇ قەتئىي يالغان ئېيتمايدۇ.

 



[1] «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 235- بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار