خۇشخەۋەر....

 خۇشخەۋەر....

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» ناملىق ئەسىرى كىرىل ھەرپىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى.

مەلۇمكى، بۇ ئەسەر ئۇستازنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ، بىرىنچى نەشرى 1995- يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، 2002- 2010-2011-2013- 2014- يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ھازىرقى نەشرى يەتتىنچى نەشرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىرىنچى نەشرىنىڭ مۇقەددىمىسى
بسم الله الرحمن الرحيم

بارچە مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارى، ئىنسانلارنى ئەر - ئايال قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېھرى – مۇھەببەت ئادا قىلغان جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن ۋە ئۇلارغا ئىنسانى ئالىي پەزىلەتلەرنى ئۆگەتكەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىغا، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۇئمىنلەرگە سالام يوللايمەن.

ئىسلام دىنى ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ھەرتۈرلۈك ئىللەتلەر ۋە خۇراپاتلىقىدىن ئازاد قىلىپ، ئۇنى ئىسلاھ قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چاقىرىدىغان ئەڭ ئىلغار، مەدەنىي ۋە ئىلمىي بىر دىندۇر. ئائىلە ھاياتىمۇ ئىجتىمائىي ھايات بولغاچقا، جەمئىيەت ھاياتىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشنى ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئائىلە ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىپتىدائى مەكتىپى بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق بولۇپ چىقىشى پەقەت ئۇنىڭ ئائىلىسىدە كۆرگەن تۇنجى تەربىيەسىگە باغلىقتۇر، ياخشى ئائىلە ياخشى ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ.

ئىسلام دىنى يۇقىرىسى دۆلەت تۆۋىنى ئائىلە ھاياتىغىچە بولغان ھەر قانداق ئىجتىمائىي ھايات ئۈچۈن مەلۇم قانۇن ـ تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلەرنى بېكىتكەن. ئائىلە ھاياتىدىمۇ مەلۇم قانۇن ـ تۈزۈملەر ۋە پىرىنسىپلار بار. ئائىلە ھاياتىنىڭ بەختلىك ھەم خاتىرجەم ھالدا داۋام قىلىشى ئۈچۈن دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن ئائىلە تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز تولىمۇ مۇھىمدۇر.

ھۆرمەتلىك كىتابـخان! قولىڭىزدىكى «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» ناملىق كىتابنى يۇقىرىقى بوشلۇقنى ئازراق بولسىمۇ تولدۇرۇش نىيىتىدە، سەۋىيەمنىڭ يېتەرسىزلىكىگە قارىماي مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولۇپ قالار، دېگەن ئۈمىد بىلەن يېزىپ چىقتىم. بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ۋە ئائىلە ھەققىدە يېزىلغان نوپۇزلۇق كىتابلارنى مەنبە قىلدىم. كىتابنىڭ ئىخچام ۋە سىستېمىلىق بولۇشى ئۈچۈن ماۋزۇلارنى مۇمكىن قەدەر ئىخچاملاشقا تىرىشتىم، شۇنداقلا ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئەرەبـچە تېكىستلىرىنى كەلتۈرمەستىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىلىرىگە كۇپايە قىلدىم. ،

سەۋىيەمنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە تەجرىبەمنىڭ يوقلىقىدىن بۇ كىتابنى تۈرلۈك سەۋەنلىكلەردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ. كىتابـخانلىرىمىزنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمەن.

بىلگەنگە ئوخشايمەن، بىلگەنچە بىراق،

پاراسەت بابىدا ئەمەسمەن ئويغاق.

ئوقۇدۇم يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئۇزاق،

بىلمەيمەن يېزىشنى ھەرقاچان قايناپ.

 

ۋەلېكىن يازدىممەن، بىلگەننى تۇتۇپ،

ياشلىقىم كەتمىسۇن، مەنىسىز ئۆتۈپ .

بىلگىنىم ئاز بىراق، ھىممىتىم كۆپتۇر،

يازدىممەن ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتۈپ.

 

_ مۇھەممەد يۈسۈپ م. تۇرسۇن

1995-يىلى 15-ماي

ئالمۇتا- قازاقىستان.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار