ۋاقىت كەتتى ئۆمۈر كەتتى

ۋاقىت كەتتى ئۆمۈر كەتتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

پىلانسىز ئىنسان ئۆلۈك بېلىقتۇر

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىللەتلەردىن بىرى ھورۇنلۇق ۋە غايىسىز ياشاش بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى ۋەزىپىسىنى بىلمەي ياشايدۇ، ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىدۇ. ھالبۇكى، ئىنساننىڭ ھاياتتىكى ۋەزىپىسى ئەڭ شەرەپلىك ۋە تولىمۇ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يەر يۈزىنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. ئىنساننىڭ ھاياتى ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۆتكەن بىر مىنۇت ۋە ھەربىر دەقىقە ئۆمرىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىپ كېتىدۇ. ھورۇنلۇق تەرەققىي قىلالمىغان دۆلەتلەردىكى خەلقلەردە ئومۇملاشقان بىر ئىللەت بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالغان. خۇددى ئۆلۈك بېلىقلارغا ئوخشاش ھاياتتا ھېچقانداق غايىسى ۋ نىشانى يوق، پەقەت باشقىلارغا ئەگىشىپ ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوق. ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ نەدىن كەلدىم، نېمە ئۈچۈن كەلدىم ۋە نەگە بارىمەن دېگەن سوئاللارنى ئويلىشى ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھايات كەچۈرۈشى لازىم. ھالبۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر يېيىش، ئىچىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشتىن باشقىنى ئويلىماي، خۇددى باشقا جانلىقلاردەكلا ھايات كەچۈرىدۇ. بۇنداق ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلار ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. پىلانسىز، غايىسىز ھايات ئۆمۈرنى زايە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبىدۇر. بەزى كىشىلەردىن ھاياتلىقتىكى غايىڭىز نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ياشايمەن دېيىشى مۇمكىن. ئەمما شۇ غايىگە يېتىدىغان پىلانىڭىز نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۆلىمالار دەيدۇكى، پىلانسىز غايە ۋە ئارزۇ – ئارمانلار خىيال ۋە چۈشتىنلا ئىبارەتتۇر.

 

ئاللاھ ئارزۇ-ئارمانغا ئەمەس، ئەمەلگە قارايدۇ

ئاللاھ تائالا بىزگە ئارزۇ-ئارمانىمىزغا قاراپ ئەمەس، ئەمەلىمىزگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ. )لَيْسَ بِأَمَانِيِّكُمْ وَلَا أَمَانِيِّ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ يَعْمَلْ سُوءًا يُجْزَ بِهِ وَلَا يَجِدْ لَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا( «جەننەت سىلەرنىڭ ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. كىمكى بىرەر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇ بۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ». قۇرۇق ئارزۇ-ئارمانلار ئەخمەقلەرنىڭ دەسمايىسى بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىدۇ، ئەمما قىلچە پايدا تاپالمايدۇ. دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم ئەڭ ياخشىسىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، تىجارەتچىلەر كاتتا سودىگەرلەرگە ئايلىنىشنى، كادىرلار مەنسەپدار بولۇشنى، بايلار ئەڭ كاتتا باي بولۇشنى، ئىلىم ئەھلىلىرى ئىلىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىشنى، مۇئمىنلەر فىردەۋس جەننىتىگە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما تىرىشماستىن، ئىشلىمەستىن بۇ ئارزۇ-ئارمانلار خام خىياللارغا ئايلىنىدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۇڭا ئارزۇ-ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم پىلان تۈزۈش، ئاندىن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش شەرت. )وَمَنْ أَرَادَ الْآَخِرَةَ وَسَعَى لَهَا سَعْيَهَا وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَئِكَ كَانَ سَعْيُهُمْ مَشْكُورًا( «كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ئاخىرەت ئۈچۈن لايىقىدا ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئەنە شۇلارنىڭ ئەمەلى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل قىلىنىدۇ». ھاياتتا ئىپادىسى كۆرسىتىلمىگەن ئىمان ۋە ئىخلاسنىڭ قىلچە پايدىسى يوقتۇر. چۈنكى، ياخشى ئەمەلگە ئېلىپ بارالمىغان ئىمان مېۋىسىز ئىمان بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوق. ۋاقىتنى رەتكە سېلىش ۋە ئۇنىڭدىن جايىدا پايدىلىنىش ئەقىللىق مۇئمىننىڭ ئىشىدۇر. ھەربىر مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان ۋاقتى، پەرزەنتلىرى بىلەن بولىدىغان ۋاقتى، جورىسىغا ياردەملىشىدىغان ۋاقتى، كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقتى، ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولىدىغان ۋاقتى بولۇشى لازىم. بۇ ۋاقتىنى بىز ئۆزىمىز تەرتىپكە سالالايمىز. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنى تەرتىپلەپ پايدىلانمىساق، ۋاقتىمىز سۇدەك ئېقىپ كېتىدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمىغاندەك، شۇ ۋاقىت بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمىرىمىزنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ.

 

ۋاقىتنىڭمۇ زاكىتى بار

ئەگەر سىز ۋاقتىڭىزنى رەتكە سېلىپ، پىلانلىق ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسىمىنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ، ئاز ۋاقىتتا كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلالايسىز. نامازلارنى ۋاقتىدا قىلغان، بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئورۇندىغان چېغىڭىزدا، سىز ۋاقتىڭىزنىڭ زاكىتىنى ئايرىغان بولىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا سىزنىڭ قالغان ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ-دە، سىز ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەتىجە قازىنىسىز. بۇ خۇددى پۇل-مالنىڭ زاكىتىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، سىز پۇل-مېلىڭىزنىڭ زاكىتىنى بەرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئاللاھ تائالا قولىڭىزدىكى پۇل-مالنى ئۆز پەزلىدىن كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىز ۋاقتىڭىزنى ساۋابلىق ۋە پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: ۋاقتىڭىزنى ئوقۇش - ئۆگىنىشكە، قۇرئان يادلاش ياكى تىلاۋەت قىلىشقا، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ دەرسلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنى ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ناۋادا سىز ۋاقتىڭىزنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بېخىللىق قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشقا ۋاقىت چىقىرىشنى خالىمىسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى بەرىكەتسىز ۋە نەتىجىسىز قىلىپ قويىدۇ. ئۇ چاغدا سىز شۇنچە كۆپ ئىشلىسىڭىزمۇ، شۇنچىلىك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىزمۇ كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بىرەر ئىشنى روياپقا چىقىرالمايسىز.

 

ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ چارىسى

ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ۋاقتتىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بولىدۇ. ۋاقتىنى پىلانلىق ئىشلىتىپ، نىشانلىق ئىش قىلغان كىشىلەر ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇنتۇلماس كاتتا ئىشلارنى روياپقا چىقىرالايدۇ. ئىمام شافىئىي، ئىمام غەززالىي، ئىمام  نەۋەۋىي قاتارلىق ئۆلىمالار 50 يىلدىن ئاز ياشىغان. ئەمما قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان كاتتا ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغان. بەزى ئۆلىمالارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەربىرى كۈنىگە 90 بەتتىن توغرا كەلگەنلىرى بار. مەلۇمكى، كۈنىمىزدە 90 بەتنى بىر كۈندە ئوقۇپ بولالمايدىغانلار كۆپ. ئۇلار ۋاقىتىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى پىلانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆمرىگە ئۆمۈر قوشقان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئەكسىچە، بەزى كىشىلەر 100 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياشايدۇ. ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە، ئۇلارنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ھېچ نەرسىسى چىقمايدۇ، تىلغا ئالغۇدەك بىرەر نەرسە قالدۇرالمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈنمۇ بىرەر ياخشى ئەمەل قىلالماي كېتىپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى، )إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي الْمَوْتَى وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا وَآَثَارَهُمْ( «شۈبھىسىزكى، بىز ئەلۋەتتە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز،ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن (ياخشى – يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ھەممە نەرسىنى روشەن كىتاب (لەۋھۇلمەھپۇز)دا تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز». مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىدا ۋاقىت داۋام قىلىۋاتقان ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر مىنۇتى، ھەربىر دەقىقىسى ئىبادەتتۇر.

 

ۋاقىت ھەربىر ئىنسانىڭ دەسمايىسىدۇر

ۋاقىت ھاياتنىڭ ئاساسى ۋە خام ماددىسى بولۇپ، بارچە مەدەنىيەتلەر، تەرەققىياتلار ۋە پەن-تېخنىكىلار ۋاقىت بىلەن ۋە ۋاقىت چىقىرىپ ئىشلەش بىلەن قولغا كېلىدۇ، جەننەتكىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل - ئىبادەت قىلىش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنى جايىدا ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. يەنە كېلىپ، ۋاقىت ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆمۈر دەسمايىسى. ئىنسان مۇشۇ دەسمايىسى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىنى بەلگىلەيدۇ. سودىگەر پۇلنى دەسمايە قىلىپ پۇل تاپقاندەك، مۇئمىن ئادەم ۋاقتىنى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىنى تاپىدۇ. ۋاقىت ئەمەلىيەتتە ئالتۇندىنمۇ قىممەتتۇر. ئۇنى پۇلغا سۇندۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدۇر. بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋاقىتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھاياتىمىزدىن ئۆتكەن ھەربىر كۈن، ھەربىر سائەت ۋە ھەربىر مىنۇت ئۆمرىمىزنى قىسقارتىپ ماڭىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ. بىز مۇشۇ ئەسنادا دىن ۋە دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىۋالغان بولساق، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى زىيادىسى بىلەن كۆرىمىز. ناۋادا ئۇنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولساق، ئۇنىڭغا چوقۇم پۇشايمان قىلىمىز.

 

ۋاقىتىنى زايە قىلىۋەتكەن ئادەم پۇشايمان قىلىدۇ

ۋاقىتىنى باشقۇرغان ئادەم چوقۇم ئۇنىڭدىن پىلانلىق پايدىلىنالايدۇ، پىلانسىز ياشىغان ئادەم ۋاقتىنى يەنى ئۆمرىنى زايە قىلىۋەتكەن بولىدۇ. چۈنكى، پىلانسىز ھاياتتىن نەتىجە كۆرگىلى بولمايدۇ. ۋاقتىنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ئىككى قېتىم چوڭ پۇشايمان قىلىدۇ: بىرى ئۆلۈش ئالدىدا، يەنە بىرى ئاخىرەتتە. ۋاقىتتىن پايدىلانمىغانلار ئۆلۈم كەلگەندە، ) رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ( «ئى رەببىم! مېنىڭ ئەجىلىمنى بىرئاز كېچىكتۈرگەن بولساڭ، مەن سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەيدۇ. ئاخىرەتتە دوزاخنى كۆرگەندە، )فَهَلْ لَنَا مِنْ شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ( «بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى بىز قىلغان ئەمەللەرنىڭ باشقىسىنى (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى) قىلىشىمىز ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ.


 

 

 

ۋاقىت ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ ئاساسىدۇر

ئىشلەپچىقرىشتا ۋاقىت تۆت چوڭ ئاساسلىق ئامىلنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار: خام ماتېرىيال، مەلۇمات، ئادەم ۋە ۋاقىتتىن ئىبارەتتۇر. ۋاقىت بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئامىلدۇر. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا ۋە ئۆز يولىدا قىلىنغان ئىشنىڭ نەتىجىسى بولغاندەك، ۋاقتىدا قىلىنمىغان ۋە ياكى يولىدا ئورۇندالمىغان ئىشنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى سودا ئىشلىرى بىرەر مىنۇت كېچىكىپ قېلىش بىلەن زىيان تارتىشقا ۋە بىرەر مىنۇت بولسىمۇ ۋاقتىدا قىلىش بىلەن نۇرغۇن پايدىغا ئېلىپ بارىدۇ. دېمەككى، ۋاقىت _ ھايات، ۋاقىت _ پۇل، ۋاقىت _ ئىلىم، ۋاقىت _ سالامەتلىك، ۋاقىت _ پەن  _ تېخنىكا، ۋاقىت _ قىممەتلىك ھەر نەرسە. بەزى شىركەتلەر ئاخىرقى بىر مىنۇتلۇق ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشسە، بەزىسىنىڭ بىر مىنۇت كېچىكىشى سەۋەبلىك ۋەيران بولىدىغانلىقى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بەزى كېسەللەرنىڭ داۋالاشقا بىر مىنۇت كېچىكىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمۇ بىر رېئاللىق. ۋاقىت ئەنە شۇنداق مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ نەرسە.  ۋاقتىنى پىلانلىق باشقۇرالىغان ئىنسان ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى، ئىبادەتلىرىنى ۋە دىن ھەم دۇنيالىق بارلىق ئىشلىرىنى رەتكە سالغان بولىدۇ.

ۋاقىت ئەنە شۇنداق قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، ئۇنى پۇل-مالنى تۇتۇپ قالغاندەك تۇتۇپ قالغىلى ياكى زاپاس ساقلاپ قويغىلى ياكى ئۆتنە ئالغىلى ۋەياكى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن پىلانلىق پايدىلانغىلى بولىدۇ. ۋاقىت سۇدەك ئاقىدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلانساقمۇ، پايدىلانمىساقمۇ ئېقىپ كېتىدۇ ۋە ھەرگىز قايتمايدۇ.

 

ۋاقىت ھەممە كىشىگە تەڭ بېرىلگەن نېمەتتۇر

گەرچە ئىنسانلار كۈچ-قۇۋۋەتتە، ئەقىل-پاراسەتتە ۋە تەن ساقلىقىدا پەرقلىق بولسىمۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ۋاقىتقا ئىگە بولۇشتا باراۋەردۇر. چۈنكى ۋاقىت ھەممە كىشىگە تەڭ بېرىلگەن بولۇپ، بىر يىلدىكى 52 ھەپتە، بىر كېچە-كۈندۈزدىكى 24 سائەت ھەممە كىشىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. ئەمما پادىشاھقىمۇ، پۇقراغىمۇ، ئالىمغىمۇ، ئاۋامغىمۇ ئوخشاش بېرىلگەن بۇ ۋاقىت ھەممىلا ئادەمدە مېۋە بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، بەزىسى ئازراق پايدىلىنىدۇ ۋە بەزىسى قىلچە پايدىلانماي بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. پىلانلىق ياشىغان ئادەم ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىدىغان ئادەمدۇر. چۈنكى، بۇنداق ئادەم داغدام يولدا كېتىپ بارغان يولۇچى بولۇپ، چوقۇم مەنزىلىگە يېتىدۇ. ئەمما پىلانسىز ئادەم ھېچبىر يەرگە بارالمايدۇ. )أَفَمَنْ يَمْشِي مُكِبًّا عَلَى وَجْهِهِ أَهْدَى أَمَّنْ يَمْشِي سَوِيًّا عَلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ( «يۈزىچە يىقىلىپ يۈرۈپ ماڭغان ئادەمنىڭ يولى توغرىمۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەمنىڭ يولىمۇ؟».

 

ۋاقىت ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىنىپ قالىدىغان ئىككى نېمەت بار. ئۇلار بولسا: بىرى تەن ساقلىقى، يەنە بىرى ۋاقىتتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ئالدىنىپ قېلىش دېگەن سودا-سېتىق ئىشلىرىدا كۆپ پۇلغا ئاز نەرسە سېتىۋالغان ياكى كۆپ نەرسىنى ئاز پۇلغا ساتقاننى كۆرسىتىدۇ. ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتكەن ئادەممۇ كۆپ ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ ئاز نەرسىگە ئېرىشكەنگە ياكى ھېچ ئېرىشەلمىگەنگە ئوخشاشتۇر. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ساقلىق بولغاندا ۋاقىت بولمايدۇ، ۋاقىت بولغاندا ساقلىق بولمايدۇ. ھەر ئىككىلىسى بولغاندىمۇ ھورۇنلۇق نۇرغۇن كىشىلەرنى بىرەر ئىش قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ساقلىق ۋە ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى كاتتا نېمەتتىن لايىقىدا پايدىلىنالمايدۇ.

 

ۋاقىت چوڭ مەسئۇلىيەتتۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ قەدىمى قىيامەت مەيدانىغا قويۇلۇشى بىلەنلا ئۇ تۆت نەرسىدىن سورىلىدۇ: ئۆمرىنى قانداق تۈگەتتى، ياشلىقىنى قانداق ئۆتكۈزدى، پۇل-مالنى نەدىن تاپتى ۋە نەگە ئىشلەتتى، ئىلمى بىلەن نېمە ئىش قىلدى». ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان ھەرقانداق نېمەت توغرۇلۇق بىزنى سوراق-سوئالغا تارتقاندەك، بىزگە بېرىلگەن ۋاقىت ھەققىدىمۇ سوراق – سوئال قىلىدۇ. ۋاقىت نېمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ سورىقىمۇ چوڭ بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىزگە بىر ئۆمۈر ۋاقىت ئاتا قىلدى ۋە ياخشى-يامان يولنى ئېنىق كۆرسەتتى. شۇڭا ۋاقتىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن چىقىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنىڭ يورۇق، مەرتىۋىمىزنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، ۋاقتىمىزنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشىمىز ئاقىلانىلىقتۇر. ئەكسىچە ئىش قىلىش ئەخمەقلىقتۇر


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار