توي مۇراسىملىرىدا قانداق تەبلىغ قىلىش كېرەك؟

توي مۇراسىملىرىدا قانداق تەبلىغ قىلىش كېرەك؟
مۇھەممەد يۈسۈپ


دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ جارى قىلدۇرۇشقا ۋە قوغداشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشتۇر. بىزنىڭ مىللىي توي مەرىكىلىرىمىزمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ، ئاللاھ تائالادىن مۇشۇنداق توي مەرىكىلىرىمىزنىڭ كۆپ بولۇپ تۇرۇشىنى، ياشلىرىمىزنىڭ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ خاتىرجەم بولۇشىنى تىلەيمىز.

تويدا قىلىنىدىغان ۋەز-نەسىھەت
ھەرقانداق بىر مۇراسىمنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە - يوسۇنى ۋە ئۆزگىچىلىكى بولغىنىدەك، ئۇنىڭدا سۆزلىنىدىغان گەپلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنى بار. مەسىلەن: ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا كىشىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدىغان ئاساستا گەپ قىلىش مۇناسىپ بولسا، توي مەرىكىلىرىدە توي قىلغان ئىككى ياشقا بەخت تىلەش بىلەن بىللە ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئائىلىدە تەقۋالىقنى، مۇھەببەتنى پىرىنسىپ قىلىش ھەققىدە گەپ قىلغان تۈزۈك.
يەنە توي مەرىكىلىرىدە ئۇيغۇر ياشلارغا ئۆز مىللىتىدىن ئۆيلىنىشنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىش، بۇنداق قىلىشنىڭ مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتا ناھايىتى زور رولى بارلىقىنى تەكىتلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەت بىلەن ئۆيلەنمەسلىكى، ئۆز مىللىتىدىن ئۆيلىنىشى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ بىر تۈرى بولۇپ قالدى. چۈنكى، بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلەر بۇنى ئىسپاتلىماقتا.
ئۆز مىللىتىدىن ئۆيلەنمەي تۇرۇپ، پەرزەنتلەرنى ساپ ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيەلەش ناھايىتى قىيىن، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس.
ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ بىر ئائىلىنى قۇرغانلىقى پەرزەنتلەرنى ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ · ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ۋە نازۇك باسقۇچلار پىلانلىق ھالدا پەرزەنتلەرنىڭ ئاپپاق قەلبىگە ئاللاھ ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئورنىتىش ، ئۇلارنى دىنىي ۋە مىللىي ئاڭدا مۇكەممەل قىلىپ چىقىش كېلىدۇ · پەرزەنتلەر ئالتە ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئۇلار ئائىلىسىگە تەۋە بولىدۇ، ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەرنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ · ئۇنىڭدىن كېيىن پەرزەنتلەر مەكتەپكە تەۋە بولغانلىقتىن ئۆيدە ئۆگىتىلگەنلەر قوشۇمچە بولۇپ قالىدۇ · شۇڭا ئەڭ مۇھىمى بالىنىڭ تىلى ساپ ئۇيغۇرچە چىقىشى لازىم ۋە ئۆيدە ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش كېرەك · بۇ ئىشنى كۈچلۈك ئىرادىسى بار كىشىلەر چوقۇم قىلالايدۇ · پەرزەبتلەرنى ۋەتەنگە ئىگە چىقالايدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ· خۇددى ئەڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەندەك ئاللاھنى ۋە ۋەتەننى ھەممىدىن بەك سۆيىدىغان ياراملىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭدىن كۆپرەك بەدەل تۆلەشكە تېگىشلىك · چۈنكى بىزنىڭ پەرزەنتتىن قىممەتلىك بارلىقىمىز يوق ·
ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلەر
سەئۇدى ئەرەبىستانغا بۇنىڭدىن 60-70 يىللار ئىلگىرى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بويتاقلار ئومۇمەن باشقا مىللەتتىن ئۆيلەنگەن ئىكەن. چۈنكى، ئۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار بۇ جايلاردا ئانچە كۆپ بولمىغانلىقتىن، ئۆيلىنىدىغان قىزلارمۇ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. شۇڭا پۇل بارلار مىسىرلىق، يەمەنلىك ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەرەب ئاياللارغا ئۆيلەنگەن ئىكەن، پۇلى يوقلار بېنگاللىق، ھىندىستانلىق ئاياللارغا ئۆيلەنگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھازىر پۈتۈنلەي باشقا مىللەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلاردا ئۇيغۇرلۇقتىن ھېچقانداق ئەسەر تاپقىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئۆز مىللىتىدىن بولغان ئاياللارغا ئۆيلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئاساسەن باشقا مىللەت بولۇپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ جايلاردا ئانا تىل مەكتەپلىرى بولمىغانلىقى ۋە ئائىلىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەشمىگەنلىكتىن بولسا كېرەك.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىز كۆرگەن تراگېدىيەلەرنىڭ بىرى باشقا مىللەتلەرگە ئويىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشانغان ۋاقتىدا خارلىنىپ قالغانلىقى، ئائىلىسى تەرىپىدىن يەكلەنگەنلىكىدۇر. چۈنكى باشقا مىللەتتىن ئۆيلەنگەنلەر ياش ۋاقتىدا مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن بىر-بىرىنىڭ ياقمايدىغان تەرەپلىرىنى ھېس قىلمايدىكەن. مىللىي ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن. ئۇلار ياشانغاندا بولسا بىر-بىرىدىن نەپرەتلىنىدىكەن، ھەربىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئادەتلىرىگە ئېسىلىۋالىدىغان بولىدىكەن. يات مىللەتتىن بولغان ئانا پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئەنئەنىسى ۋە ئادىتى بويىچە چوڭ قىلىدىكەن. پەرزەنتلەر بالىلىق چاغلىرىدىلا ئانىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئاتىسدىن يىراقلىشىپ بولىدىكەن. شۇڭا ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىققاندا پەرزەنتلەر ئانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئاتىسىنى يەكلەيدىكەن، ھەتتا ئاتىسىنى ئۆيدىن چىقرىۋەتكلەنلەرمۇ بار ئىكەن. بۇ مەملىكەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش تراگېدىيەلەرئاز ئەمەس. بەزى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئىلمىي مىراسلىرىنى — كىتابلىرىنى ۋە ئەسلىمىلىرىنى ئۇلارنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئەخلەت قۇتىلىرىغا تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.
تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئەھۋال قانداق ئۇنى بىلمەيمەن. ئەمما تۈرك ۋە ئەرەبكە ئۆيلەنگەن دوستلىرىمنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانىسىنىڭ تىلىدا سۆزلىگەنلىرىنى كۆپ قېتىم ئۇچراتتىم، يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشتى. چۈنكى، بىر دادا ئۆز بالىسىغا باشقا تىلدا يەنى بالىنىڭ ئانىسىنىڭ تىلىدا گەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن چوڭ يوقىتىش بارمىدۇ؟
تۈركىيەگە بۇرۇن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تىلى تۈركلىشىپ كەتكەن، ھەتتا 30 يىلنىڭ مابەينىدە كەلگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرچە گەپ قىلالايدىغانلىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرچە بىلگەنلىرى تۈركچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ، خالاس. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۆز مىللىتىدىن ئۆيلىنىشى كېرەك. بۇ مىللەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر چارىسى.
ئەمدى مىللەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ دىن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ بۇنىڭ ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار. چۈنكى، خىتاي ئىستىلاسىدىن ھازىرغىچە بىزنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قالغان ئەڭ چوڭ قالقان بىزنىڭ دىنىمىز. ھازىر ئانا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز دىنىدىن ۋە ئانا تىلىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئانا تىلىمىزدىن ۋاز كېچىۋاتىمىز. بىز مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولساق، چەتئەللەردە كېيىنكى ئەۋلاد ئاستا-ئاستا باشقا مىللەتلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى قىلىدىغان ئادەم قالمايدۇ. بىز دىنىمىزنى ۋە ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغاندىلا، ۋەتەن دەۋاسىدا غەلىبە قىلالايمىز ۋە ئانا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولالايمىز. ئەگەر بىز ئۆز تىلىمىزنى يوقاتساق، پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆگەتمىسەك، ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى تۈگەشتۈرگەن بولىمىز.

تويدا قىلىنىدىغان دۇئا
ئى ئاللاھ! بىزنىڭ دىلىمىزنى ئۇلۇغ دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن، ئىمانىمىزنى، ئەقىدىمىزنى ساغلام قىلغىن، بىزنى ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىغىن، ئامىين.
ئى ئاللاھ! بۈگۈن توي قىلغان مۇشۇ ئىككى ياشنىڭ تۇرمۇشىغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئۇلاردىن شەيتاننى ۋە بارلىق يامانلىقلارنى يىراق قىلغىن، ئۇلارنى بەختلىك قىلغىن، ئۇلارغا دىن ۋە مىللەتنىڭ ئىشلىرىغا ياراملىق، ئىنساپلىق، ۋىجدانلىق پەرزەنتلەرنى بەرگىن.
ئى ئاللاھ! بۇ ئىككى ياشقا ھالالدىن رىزىق ئاتا قىلغىن، ھارامدىن يىراق قىلغىن، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش روھىنى ئاتا قىلغىن، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار قىلغىن، تۇغقانلىرىغا مېھرىبان قىلغىن، قوشنىلىرىغا مېھماندوست قىلغىن، خەلقىمىزگە ياراملىق قىلغىن.
ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلغىن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىمان، ھىدايەت ۋە تەۋپىق بەرگىن، ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار قىلمىغىن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار