ئىجابىي كىشىلەرگە گۈلدەستە

ئىجابىي كىشىلەرگە گۈلدەستە

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىجابىي كىشىلەر ئاللاھ تائالاغا قارىتا ياخشى قاراشتا بولغانلىقى، ھاياتلىققا ئىجابىي مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى ئازادە، روھى سۆزۈك بولىدۇ. سەلبىي كىشىلەر ئاللاھ تائالاقا قارىتا توغرا قاراشتا بولمىغانلىقتىن، ھەمىشە ئۆزىنى تەلەيسىز دەپ ئويلايدۇ ۋە شۇنداق بولىدۇ.

ئىجابىي كىشىلەر ئۆزىدىكى نېمەتلەرنى ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى ھەر زامان كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆزىنى خۇشال ۋە سائادەتمەن قىلىدۇ، سەلبىي كىشىلەر بولسا ئۆزىدىكى نېمەتلەرنى كۆرمەي، باشقىسىدىكى ئازراق ئارتۇقچىلىققا كۆز قىزارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ھەسەتنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرۈپ ئازابلايدۇ.

ئىجابىي كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشنىڭ يورۇق تەرىپىگە ۋە ياخشى تەرىپىگە قارايدۇ. سەلبىي كىشىلەر بولسا ھەرقانداق ئىشنىڭ بولۇمسىز تەرىپىگە ۋە قاراڭغۇ تەرىپىگە قارايدۇ.

 ئىجابىي كىشىلەر قىيىنچىلىقتىن دەرتلەنمەيدۇ، ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. سەلبى كىشىلەر بولسا قىيىنچىلىق ئەمەس ئىشلارنىمۇ قىيىنچىلىققا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ.

ئىجابىي كىشىلەردە ياخشىلىق ۋە ياخشىلىق قىلىش روھى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچە بولۇپ، يۇقىرىسى، "ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر" دېگەن شاھادەت كەلىمىسى، تۆۋىنى يولدىكى ئەزىيەتنى ئېلىۋېتىشتۇر»  دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە يولدا كىشىلەرگە تاقىشىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتەك ئاددىي بىر ئىجابىيلىقنى ئىماننىڭ قاتارىدىن سانىغان. بۇ ھەدىستە ئىماندىن سانالغان نەرسە يولدىكى ئەزىيەتنى ئېلىۋېتىشتىن ئىبارەت پېئىل ئەمەس، بەلكى شۇ پېئىلنى قىلدرۇغان روھتۇر.

بىزنىڭ دۇنياغا ۋە ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرگە قارىتا كۆزقارىشىمىز بىزنىڭ سائادىتىمىزنى ياكى بەختسىزلىكىمىزنى بەلگىلەيدىكەن. بىزنىڭ ئىجابىي كۆزقارىشىمىز ھاياتتىكى ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن يۈرىكمىزدە قىزغىنلىق گۈلخانلىرىنى ياندۇرىدىكەن. ھەر ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇشتىن ئاۋۋال بىر مىنۇت تۇرۇۋېتىپ، بىزنى خۇشال قىلىدىغان بىرەر خۇشاللىنارلىق ئىشىمىزنى ئېسىمىزگە ئېلىپ تۇرۇپ، «ئەلھەمدۇ لىللاھ!» دەپ يۈرىكىمىزنىڭ چىن قېتىدىن ئاللاھقا مىننەتدارلىق بىلدۈرگىنىمىزدە ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، تىرىكچىلىك يولىغا قەدەم باسقىنىمىزدا، ئۆزىمىزنى بەختلىك، تەلەيلىك ھېس قىلىمىز ۋە شۇ كۈنلۈك مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېرىمىنى ھاسىل قىلىپ بولغان بولىمىز. ھايات ھەمىشە كۆڭۈللۈك بولمايدۇ، بەزىدە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ۋە كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىمىز. ئالىملارنىڭ يەكۈنلىشىچە، بەختسىزلىكىمىزنىڭ 10% گە ھادىسىلەر سەۋەب بولسا، 90% گە بىزنىڭ ھادىسىلەرگە قارىتا كۆزقارىشىمىز سەۋەب بولىدىكەن.

ئۆتكەن زاماندا، بىر پادىشاھ خەلقىنى سىناش ئۈچۈن، يوغان بىر تاشنى ئادەملەر كۆپ ئۆتىدىغان بىر يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويدۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن بىر دەرەخنىڭ كەينىدە نازارەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇمىش. شۇ شەھەرنىڭ مەشھۇر بايلىرىدىن بىرى ھېلىقى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بۇ تاشنى كۆرۈپتۇ ۋە «بۇنى يول ئوتتۇرىسىغا قانداق نائەھلى قويغاندۇھە» دەپ تىللاپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاندىن بىناكارلىقتا ئىشلەيدىغان بىر ئادەم يولدىن ئۆتۈۋېتىپ، «قانداق قاملاشمىغان ئىش بۇ؟» دەپ غۇدۇراپ قويۇپتۇ. ئاندىن يەنە بىر قانچە ياش يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، «بۇ قانداق قىلغىنىدۇ؟» دەپ ئاچچىقلىنىپ كېتىپ قاپتۇ. ئاندىن بىر دېھقان كېلىپ، تاشنى كۆرۈپ لام، جىم دېمەيلا تاشنى يۆتكىۋەتمەكچى بولۇپ تۇتۇش قىلىپتۇ، ئەمما كۈچى يەتمىگەچكە يولدىن ئۆتكەنلەردىن ياردەم سوراپ، تاشنى يۆتكىۋېتىپتۇ. تاشنىڭ ئاستىغا قارىسا بىر ساندۇق تۇرغۇدەكمىش، دېھقان ساندۇقنى ئېچىپ كۆرسە، ئىچىدە بىر قانچە تىللا ئالتۇن بىلەن بىر پارچە خەت چىقىپتۇ. خەتتە: «پادىشاھتىن بۇ تاشنى يولدىن ئېلىۋەتكەن ئەزىمەتكە سالام، بۇ، ھەرقانداق بىر مۈشكىلىدىن دەردلىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان ھەربىر ئىجابىي ئىنسانغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر» دەپ يېزىلغان ئىكەن.

ئەينىشتېين مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئىجابىي كىشىلەرگە ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈچۈن چىقىش يولى كۆرۈنىدۇ، ئەمما سەلبىي كىشىلەرگە ھەرقانداق چىقىش يولىدىمۇ قىيىنچىلىق كۆرۈنىدۇ».

 ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىرزىسلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز. ئەگەر بىز دەردلىنىشنىڭ ئورنىغا ئىجابىي ئىش قىلىش يولىنى تۇتساق، بۇ مۇشكىلىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ناھايىتى ئوڭايلا ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز. نۇرغۇن ئىشلارنى كۆزىمىزدە چوڭايتىۋېتىمىز، ئاندىن ئۆزىمىزنى راستتىنلا چوڭ مۈشكىلىگە يولۇققاندەك ئويلاپ دەردلىنىپ كېتىمىز. ئەگەر ئىجابىي بولۇپ، ھەر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ ئىش كۆرسەك، بىز نۇرغۇنلىغان يۈكلىرىمىزنى يەڭگىللىتەلەيمىز.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار