ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەسلىك كرىزىسى

ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەسلىك كرىزىسى

دوكتور: يۈسۈپ ئەل قەرداۋى

ئىشلارنىڭ ئەھمىيەت جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەستىن، مۇھىم ئەمەسنى مۇھىمنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىش ياكى زۆرۈر ئەمەس ئىشلارغا زۆرۈرلۈك مۇئامىلىسى قىلىش ۋە مۇھىم بولغانغا ھېچ ئەھمىيەت بەرمەسلىك كرىزىسى بەزى ئاۋاملار ئىچىدىلا توختاپ قالماستىن، بەلكى ئۆزلىرىنى ئىلىم ئەھلى دەپ سانىۋالغان ۋە دىندارلىق دەۋاسى قىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ ئومۇملىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن. بۇنداق بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىننى چۈشەنمەسلىك ۋە توغرا بىلىم ھاسىل قىلمىغانلىقتىندۇر.

ئىلىم ئىشىلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى مۇھىملىرىدىن، ئەڭ ئەۋزەللىرىنى ئەۋزەللىرىدىن، توغرىلىرىنى خاتالىرىدىن، ياخشىلىرىنى يامانلىرىدىن ئايرىپ بېرىشكە كېپىلدۇر. ئىلىم ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ياكى نەرسىنىڭ قىممىتىنى، باھاسىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان ئۆلچەمدۇر.

ئىلىم-مەرىپەتنىڭ نۇرىدىن،  دىننى توغرا چۈشىنىشتىن مەھرۇم قالغان نۇرغۇن كىشىلەر دىنىي مەسىلىلەردىكى چەك-چېگرانى ئايرىيالماي، ئاشۇرۇۋېتىش ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىشتەك پاسسىپلىقى بىلەن دىنغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.

 نىيىتى دۇرۇس، ئىخلاسى ساغلام بىراق بىلىمى يېتەرسىز، دىنىي چۈشەنچىسى ئاز نۇرغۇن كىشىلەر ئەھمىيەت جەھەتتە ئىككىنچى دەرىجىدە كېلىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىدە كېلىدىغان زۆرۈرلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئەۋزەل ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ ئاددىي ئىشلارغا بېرىلىپ كېتىش خاھىشى بىلەن دىن نامىدىن كەچۈرۈلمەس خاتالىقلارنى سادىر قىلماقتا. بىرەر ئەمەل ياكى بىرەر ئىش مەلۇم بىر ۋاقىتقا نىسبەتەن تولىمۇ زۆرۈر، ئورۇندىلىش تەرەپتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى باشقا بىر ۋاقىتقا نىسبەتەن بۇ ئەمەل ياكى ئىش ئەھمىيەت جەھەتتە ئىككىنچى دەرىجىدە تۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار دىن ۋە ئىلىمدىن ئالغان دەسمايىسى ئاز بولغانلىقتىن، بۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ پەرقىنى ۋە بۇ ئىككى ھالەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىيالمىغان.

مەسجىدلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن شەھەرلەرگە مەسجىد بىنا قىلىش ئۈچۈن مىليونلاپ پۇل سەرپ قىلىدىغان، ئەمما ئىسلام دەۋىتىنى دۇنيادا قانات يايدۇرۇش، ھىدونۇزىيە، بېنگال، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنى خىرىستىيان دەۋەتچىلىرىنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەلەستىندىكى قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىشقا ئوخشىغان ئادەم كۈچى تېپىلىپ ئىقتىساد يېتەرسىزلىكىدىن دەردلىنىۋاتقان جايلارغا ئازراق مىقداردا ياردەم قىلىشنى سورىسىڭىز بىر تىيىن بەرمەيدىغان نۇرغۇنلىغان ياخشى نىيەتلىك مۇسۇلمانلارنى كۆردۈم. يەنە نۇرغۇنلىرىنى كۆردۈمكى، ئۇلار ھەر يىلى ئۈزمەستىن ھەج قىلىش ئۈچۈن سېخىيلەرچە پۇل سەرپ قىلىدۇ. ھەتتا ھەج پەرز بولمىغان يوقسۇللاردىن نۇرغۇنلىرىنى ھەج قىلدۇرىمىز دەپ پۇل سەرپ قىلىدۇ. ئەمما جاھالەتتە تېڭىرقاپ قالغان مۇسۇلمان خەلققە ھەق دىننى  ئۆگىتىش يولىدا كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن ماددىي ياردەم سورىغىنىڭىزدا ئۇلار سىزدىن يۈزىنى ئۆرۈيدۇ. بۇ تەلەپنى ئۇلار گويا ساۋاب بولمايدىغان بىھۇدە ئىشقا پۇل سەرپ قىلىش دەپ چۈشىنىدۇ. (ئەگەر بىلسە، مۇنداق قىلىش ھازىرقى پەيتتە پەرز، تەكرار ھەج قىلىش بولسا بۇ پەيتتە ئىسراپچىلىقتۇر.)

مەلۇمكى، قۇرئان كەرىمنىڭ روشەن ئايىتى ۋە كەسكىن ھۆكۈمىگە ئاساسەن، جىھاد ئەمەللىرى ھەج ئەمەللىرىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ) سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. رەببى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېمەتكە ئېرىشىدۇ(.  

ئاتېئىزمچىلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش ھازىرقى ئەسىرنىڭ پەرز ئەينى ۋە زاماننىڭ زۆرۈرىيىتىدۇر. بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئىسلام مۇتەپەككۇر فەھمى ھۇۋەيدى بىر ماقالىسىدا: «بوسنىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش پەرز ھەجدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ» دەپ يازغان ئىدى. كۆپلىگەن كىشىلەر مېنىڭدىن بۇ ماقالىدىكى سۆزنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە سوراشقاندا، مەن ئۇلارغا: يازغۇچىنىڭ بۇ ماقالىدىكى سۆزى ئىسلام فىقھىغا كۆرە، توغرا ۋە ئېتىبارلىق سۆزدۇر. چۈنكى ئىسلام فىقھىدا «دەرھال ئورۇنداش تەلەپ قىلىنغان ئىشنى ئورۇنداش كېچىكسىمۇ ئورۇندىسا بولىدىغان ئىشلاردىن ئالدىنقى قاتاردا كېلىدۇ» دەيدىغان ئومۇمىي قائىدە بار. ئىسلام ئۆلىمالىرىغا كۆرە،  پەرز ھەجنى كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما بوسنىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاچلىق، ئاغرىق-سىلاق ۋە يوقسۇللۇقنىڭ ھالاكەتلىرىدىن، يەنە بىر تەرەپتىن جامائىي شەكىلدە ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگىشىش خەتىرىدىن ئازات قىلىش تىز ئادا قىلىنىدىغان، كېچىكتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغان پەرزدۇر. چۈنكى بۇ ھازىرقى زامان تەقەززا قىلغان پەرز. ئۇستاز ھۇۋەيدىنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى شۇكى، ھەر يىلى ھەج قىلىمىز دەپ قىستىلاڭغۇ پەيدا قىلىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئىلگىرى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغانلارنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىلگىرى ھەج قىلمىغان بولۇپ، ھەر يىلى تۇنجى قېتىم ھەجگە كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئىلگىرى ھەج قىلغانلارنىڭ سانىدىن ئاران 15%نى ئىگىلەيدۇ. ھەر يىلى ھەج مەۋسىمىدە ھەرەمگە كېلىدىغان ئومۇمىي ھاجى سانى 2 مىليون بولسا، ئۇلاردىن تۇنجى بولۇپ ھەجگە كەلگەنلەر سانى ئاران 300مىڭ كىشى چىقىدۇ. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى تەكرار ھەج قىلىدىغانلاردۇر. كاشكى، ھەر يىلى ھەج چىقىمى ئۈچۈن ھەر بىرى مىڭلارچە سەرپ قىلىدىغان شۇ پۇلنىڭ يېرىمىنى ياكى چارىكىنى بولسىمۇ، ماددىي ياردەمگە زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ھالىنى ياخشىلاش ياكى ئىسلام دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇش، خۇراپاتلارغا، دىنسىزلىققا قارشى كۈرەش قىلىش ياكى خىرىستىيانلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى  مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئېزىلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ھەققانىي كۈرەشلىرىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلسا، نېمىدېگەن ياخشى بولار ئىدى! چۈنكى ھازىرقى زاماندا غەلىبە ھەقىقەتنىڭ كۈچىگە ئەمەس، بەلكى كۈچنىڭ ھەقىقىتىگە مەنسۇپ بولىدۇ.

تېبابەت، ئەدەبىيات، ئىنژېنېرلىق، يېزا ئىگىلىك پەنلىرىدە ئوقۇپ نەتىجە قازانغان نۇرغۇنلىغان ئىخلاسلىق ۋە دىيانەتلىك ياشلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىگە ئۆزىمىزنى ئاتايمىز دېگەن دەۋا بىلەن تەخەسسۇسلىرىنى تاشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ مەزكۇز تەخەسسۇسلاردا يېتىشىپ چىقىشى پەرز كۇپايە ئەمەللىرىدىن سانىلىدۇ. پەرز كۇپايە تەرك قىلىنسا پۈتۈن مۇسۇلمانلار گۇناھكار بولىدىغان گەپ. بۇ ياشلار بىلسە ئىدى، ئۆزلىرىنىڭ تەخەسسۇسلىرى دائىرىسىدىكى ئىشلىرىنى ھەم ئىبادەت ھەم جىھاد قاتارىغا ئۆتكۈزەلەيتتى ئەمەسمۇ!؟ چۈنكى ئادەتتىكى تىرىكچىلىك ئىشلىرى نىيەتنىڭ دۇرۇس بولىشى ۋە قېتىرقىنىپ راۋاجلىق قىلىنىشى، شەرىئەتنىڭ چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلغان بولىشى شەرتى بىلەن ئىبادەت قاتارىغا ئۆتىدۇ. مۇسۇلمانلار ھەممىسى ئۆز كەسپىنى تاشلاپ دەۋەت يولىغا كىرىۋالسا، مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك نۇرغۇن ئىشلارنى كىم بېجىرىدۇ؟ دەۋەتنى ھەركىم ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك كەسپى دائىرىسىدىمۇ ئېلىپ بارالايدۇ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى دەۋەت تىل بىلەنلا بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتە نامايان قىلىش ۋە باشقىلارغا ئىسلامنى ياشاپ كۆرسىتىش بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلاتتى.

ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى كەسىپ ئىگىلىرى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن كەسپىنى تاشلاپ، تىرىكچىلىك ئىشلىرىنى تەرك ئېتىپ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن چىقىشقا بۇيرىغان ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپى، ھۈنىرى ۋە تىرىكچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ھېكمەتلىك ئۇسۇلى بىلەن كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلاتتى، جىھاد قىلىش ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىناتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئىشلىرىنى تاشلاپ جىھادقا ھازىر بولاتتى.

ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالىي ئۆز زامانىسىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا پەنلەرنى قويۇپ پەقەت ئىسلام فىقھىنى ئۆگىنىشكىلا يېتىۋالغانلىقىغا قارشى چىققان. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىدا مۇسۇلمان دوختۇرلار بولمىغانلىقتىن، خىرىستىيان ياكى يەھۇدىي دوختۇرلار ئىش بېشىدا ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ كېسەللىرىنى داۋالاش ئىشلىرى شۇلارغا تاپشۇرۇلاتتى.

يەنە نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى كۆردۈم ئۇلار مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئىشلاردا ئەمەس، پەقەت ھېچكىمگە پايدىسى يوق، بەلكى زىيىنى كۆپ ئىشلاردا ۋە مۇھىم بولمىغان دىنىي مەسىلىلەردە تالاش-تارتىش قىلىش بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدۇ. مەسىلەن: ئامىننى ئۈنلۈك دېگەن ئەۋزەلمۇ ياكى ئىچىدىمۇ؟ ئاياللار مەسجىدلەرگە كىرسە بولامدۇ ياكى ھاراممۇ؟ ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش بىدئەتمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ قوشۇق ۋە ئارىلارنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ ياكى بىدئەتمۇ؟ بۇلارنى تارتىشىشنىڭ كىمگە پايدىسى بار؟ مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىگىلا پايدىسى بار. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇنداق بىخۇتلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا خىرىس قىلىشنى تېپىلماس پۇرسەت دەپ بىلىدۇ.

يەنە بەزى دىندار سۈپەتلىك، مۇخلىس ناملىق، پەرىشتە قىياپەتلىك ياشلارنى كۆردۈمكى، ئۇلار ئاتا-ئانىسىغا، قەۋم-قېرىنداشلىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئۆزلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىپىدىكىلەردىن باشقا ھەممە كىشىنىڭ ئېتىقادى بۇزۇق، دىنى ناقىس، يولى خاتا. شۇڭا ئۇلارغا كاپىرغا، مۇشرىككە قىلىدىغان مۇئامىلىنى قىلىش كېرەك دەپ چۈشىنىدۇ، ئۇلارغا قاتتىقلىق قىلىدۇ. ھالبۇكى قۇرئان كەرىم كاپىرلارغا، مۇشرىكلەرگە، ھەتتا دۈشمەلەرگىمۇ  قائىدىلىك ۋە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىدۇ. ھەتتا بالىسىنى كۇپرىلىققا زورلىغان ئاتا-ئانىغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كەلگەن: ) ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن(.

يەنە شۇنداق دىندار سۈپەتلىك، مۇخلىس ناملىق، پەرىشتە قىياپەتلىك ئۇزۇن ساقاللىق كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى كىشىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان، ئىشلەتكەن ئادەملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەي قاقشىتىدىغان، ئىدارە جەمئىيەتلەردە ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ئالدىغا بارغانلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، سەۋەبسىز ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىدىغان، نامازغا بارىمىز دېگەن باھانە بىلەن سائەتلەپ يوقاپ كېتىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قىيىنچىلىقلارغا سالىدىغان، سالام قىلسا قايتۇرمايدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان، ئەخلاقى ناچار ئىنسانلاردۇر.

يەنە شۇنداق دىندارلار باركى، ئۇلار ئوغرىلاردۇر! ئۇلار قانداق ئوغرىلار دېگەندە، ئۇلار باشقىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئۇغرىلايدىغان ئوغرىلاردۇر. مۇنداق دىندارلار كىشىلەرنىڭ ماددىي ئىگىدارچىلىقىدىكى نەرسىلىرىگە چېقىلىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىدۇ ۋە مۇنداق قىلىشنى شۇنچىلىك بەك يامان كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ماددىي مەنپەئەتتىن قىممەتلىك بولغان ۋاقىتلىرىنى ئوغرىلايدۇ. سائەت بەشكە ۋەدە قىلغان بولسا سائەت ئالتىدە ئاران كېلىپ بولىدۇ، ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ يولدا ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ، ھازىر كېلىمەن دەيدۇ. بىراق بۇ ھازىر بىر سائەتتىمۇ تەييار بولمايدىغان ھازىر بولۇپ، ۋەدە قىلغان كىشىنى جاق تويغۇزىدۇ. بىراۋنىڭ ھېچ نەرسە كەلمەيدىغان بىر قۇرۇش پۇلىنى كۆرسەتمەي ئېلىۋېلىش ئوغرىلىق ھېسابلانغان يەردە، قەدرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن ئالتۇندىن قىممەتلىك بولغان ۋاقتىنى ئوغرىلىغانلار ئوغرى ئەمەسمۇ؟!

مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كىرىزىسلەر

1. مۇھىم بولغان پەرز ئەين ئەمەللىرىنى قايرىپ قويۇش. مەسىلەن: كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) ناماز، زاكات ۋە روزىنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان مۇھىم پەرزدۇر. ) مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.( بۇ ئايەتتە ئەمرۇ-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت ناماز ۋە زاكاتنىڭ ئالدىدا كەلتۈرۈلگەن.

شۇنداق تۇرسىمۇ، ناماز ئوقۇيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە روزا تۇتىدىغان مۇسۇلمانلاردىن نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. كۆز ئالدىدا بىراۋ شەرىئەتكە خىلاپ كېلىدىغان يامان ئىش قىلسا ياكى يالغان سۆزلىسە، ئۇنى ئاگاھلاندۇرمايدۇ، بىرەر قېتىم بەش مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ قوشنىلىرىدىن، تۇغقانلىرىدىن ۋە يېقىنلىرىدىن ناماز ئوقۇمايدىغانلارنى چىرايلىق ئۇسۇلدا مەسجىدكە ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، غايىسىز، نىشانسىز يۈرۈۋاتقان ياشلارغا چىرايلىق نەسىھەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى  پەرز بولغان ۋەز-نەسىھەتتۇر.  ھەربىر مۇسۇلمان ئادەم بۇ دىنغا مەسئۇل، ئۇنىڭغا كۆيۈنىدۇ، ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭغا خىلاپ ئىش قىلغانلارنى چىرايلىق ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى ھېكمەتلىك ئۇسۇلدا ياخشىلارنىڭ سېپىگە قوشۇۋالىدۇ.

2.  بەزى پەرزلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش دەرىجىدىكى باشقا پەرزلەرنى تەرك ئېتىش. مەسىلەن: رامىزان ئېيىدا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمان ئىنتايىن ئاز تېپىلىدۇ. ئەمما ناماز ئوقۇمايدىغانلىرى ناھايىتى كۆپ. شۇنىڭدەك بەزى مۇسۇلمانلار نامازغا ئەھمىيەت بەرسىمۇ زاكاتقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە زاكات ھەمىشە ناماز بىلەن بىرگە يانداش قىلىپ 28 ئورۇندا بايان قىلىنغان تۇرسىمۇ ناماز ئوقۇيدۇيۇ، زاكات مەرمەيدۇ. چۈنكى ناماز چىقىم كەتمەيدىغان ئىبادەت، ئەمما زاكات چىقىم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ!؟

3. نەپلە ئىبادەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، بەزى پەرزلەرنى تەرك ئېتىش. مەسىلەن: بەزى دىندار سۈپەتلىك، تەقۋا قىياپەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن زىكىر چۈشمەيدۇ، ئۇلار ئولتۇرغاندىمۇ، يول يۈرگەندىمۇ، زىكىر، تەسبىھ ۋە تەھلىللەرنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىگەندەك، بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەقۋالىقىنى كۆرسىتىپ ئېغىزىدىن مىسۋاكنىمۇ چۈشۈرمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھېچبىرى پەرز ياكى ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى مۇستەھەب دەرىجىسىدىكى ئىشلار. ئەمما  ئۇلار  ئەڭ مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي پەرزلەردىن ئاتا-ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا تۇغقاندارچىلىقىنى يەتكۈزۈش، قۇلۇم-قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش قاتارلىق ساۋابى كۆپ ئىشلارنى تەرك ئېتىدۇ.

4. پايدىسى شەخس بىلەنلا چەكلىنىدىغا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پايدىسى ھەممىگە ئومۇم بولىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش. مەسىلەن: كۆپ ساندىكى دىندارلار ناماز، زىكىرگە ئوخشىغان شەخسىي ئىبادەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، پايدىسى ھەممىگە يېتىدىغان،  ئومۇمغا مەنپەئەتلىك بولغان تەلىم-تەربىيە، ئارىسى بۇزۇلغانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش، ھەقسىزلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق پەرزلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.

5. شاخچە مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك. مەسىلەن: نامازدا ئامىننى ئۈنلۈك دېگەنلىكى سەۋەبلىك ئەقىدىسى دۇرۇس بىر جامائەتنى بەتمەزھەبكە ياكى ئامىننى ئىچىدە دېگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇلارنى ئىمام ئەزەمگە چوقۇنىدىغان ئادەملەر دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئېتىقادى ساغلام مۇسۇلمانلارنى خۇراپاتچىغا چىقىرىۋېتىش ۋە كىشىلەرنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئورۇنۇشقا ئوخشاش.

6. ئاشكارا ھارام ئىشلارنى توسۇشنىڭ ئورنىغا ھارام ياكى ھالاللىقىدا ئىختىلاپ بار مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىش. مەسىلەن: نۇرغۇن مۇسۇلمانلار رەسىم تارتىش، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، ئاياللارنىڭ يۈزىگە نىقاب تاقىشى قاتارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرگىلا ئېسىلىۋېلىپ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ  تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە كۆز يۇمىدۇ.

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار