ئىچىڭىز تېشىڭىزدىن گۈزەل بولسۇن!

ئىچىڭىز تېشىڭىزدىن گۈزەل بولسۇن!

  مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىسلاھ قىلىشنى ئىنساننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا قاراتقاندا، بۇ مەقسەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا «تېشى پال _ پال، ئىچى غال _ غال» نەرسە بولۇپ قالغان بولىدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش تۈۋرۈكسىز ئۆي سالغانغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئاساسى مەھكەم بولمىغان ھەرقانداق بىنا يېقىلىشقا مەھكۇمدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنساننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. 

شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن كۆرە، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى تۈزەلگەندىلا تاشقى تەرىپى تۈزىلىدۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى خاراب تۇرۇپ،  ياسالمىلىق بىلەن تاشقى كۆرۈنۈشىنى ناھايىتى ياخشى ۋە چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئورۇنىدىغانلار مۇناپىقلارنىڭ ئىللىتىنى يۇقتۇرۇۋالغان بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا قەلبلەرگە قارايدۇ

ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرى ۋە ئەمەللەرنى كۆزۈتىشى ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قارىتىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرنىڭ تەققى _  تۇرۇقۇڭلارغا ياكى شەكلىڭلارغا قارىمايدۇ، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەلىڭلارغا قارايدۇ»( ). شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەمەللەرنىڭ ساۋاب جەھەتتىن بولىدىغان قىممىتى بۇ ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارنىڭ نىيەتلىرىنىڭ قىممىتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەركىم ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ»( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنىڭ ئورنى قەلب ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ: «تەقۋالىق مانا بۇ يەردە» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە ئىشارەت قىلغان ( ).

شۇڭا سىز تاشقى كۆرۈنۈشىڭىزنى چىرايلىق، گۈزەل قىلىشتىن ئاۋۋال ئىچىڭىزنى پارلاق، چىرايلىق قىلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ ئىچىڭىزدۇر. ناۋادا سىزنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىڭىز ئىچكى دۇنيايىڭىزدىن گۈزەل كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغاندا، سىزنىڭ ئەمەلىڭىزگە رىيا ياكى نىفاق ئارىلىشىپ قالغان بولىدۇ.

 بەزى كىشىلەر ئىسلامدىن پەقەت شەكىلنىلا چۈشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىسلام جەۋھىرىنى چۈشىنىشتىن بەكمۇ يىراقتا. ئۇلار ئىسلامنىڭ شەكلىنىلا چۈشىنىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشتىن بەكمۇ يىراقتا. ئۇلارنىڭ دىن ئىشلىرىدا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىرى پەقەتلا شەكىلدۇر. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە شۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىدۇكى، ئىچكى دۇنياسى بىلەن قەتئىي كارى بولمايدۇ، ئۇنى ئىسلاھ قىلىشقا، ئۆزىنىڭ يامان قىلىقلىرىنى تۈزىتىشكە ۋە ئۆزىنى ئىسلام ئەخلاقىغا توغرىلاپ تۈزەشكە قىلچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.

   ئېنىقكى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە ئەمەس، پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ، بۇلارمۇ ئەلۋەتتە مۇھىمدۇر. ئەمما جەۋھىرى ھەممىدىن مۇھىمدۇر. خۇددى مېۋىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ پوستى مۇھىم بولغاندەك، جەۋھەرنىڭ شۇ سۈزۈكلىكىدە، شۇ ساپلىقىدا داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى ئوراپ تۇرغان تاشقى قاپچۇقىمۇ شۇنداق مۇھىم. ئەمما جەۋھەر بىلەن ئۇنىڭ قاپچۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىممەت پەرقى ھەممىگە ئاياندۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ بىرى ئەسلى مەقسەت، يەنە بىرى ئەسلى مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. ئەپسۇسكى بەزى كىشىلەر قاپچۇقنى جەۋھەر ئورنىغا قويۇۋالىدۇ. بۇ خۇددى مېۋىنىڭ پوستىنىلا مېۋە مۇشۇ دەۋالغانغا ئوخشاش. شۇڭا ئۇلار ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە كۆڭۈل بۆلمەستىن، شەكلىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۆزىنى تاشقى جەھەتتىن ياخشى مۇسۇلمان قىلىپ كۆرسىتىشنىلا ئويلايدۇ. بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. مۇنداقلار ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە ۋە ھەقىقىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلاردا  دىنىي سىيما، دىنىي ئوبراز كىشىلەرنىڭ كىيىنىشتىكى شەكلىگە قاراپ ئۆلچۈنىدىغان بولۇپ قالغا. بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى بىر ئوبدان دىنىي قىياپەتكە كىرگۈزۈۋېلىپ، كىشىلەرنى ئالداشقا ئۇرۇنىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ۋە دىنىمىزنىڭ زىيىنىغا ئىش قىلىدىغا، خەلقىمىزگە قارشى بېسىمدارلارغا خىزمەت قىلىدىغان سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، دىلى پاك، نىيىتى دۇرۇس، تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئادەتتىكىدەك يۈرىدىغان ئاددىي _ ساددا مۇسۇلمانلار ۋە ھەقىقىي مېۋىلىك مۇئمىنلەر كۆزگە ئىلىنماي كەلدى.. بۇ خۇددى بېشىغا زامانىۋى شەپكە كىيىۋالغان ئوت يۈرەك مۇسۇلمان شائىر ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر بىلەن بېشىغا سەللە كىيىۋېلىپ خەلقنى قايمۇقتۇرغان سېپى ئۆزىدىن مىللىي مۇناپىق روزى موللىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. روزى موللا  خەلقنىڭ نەزىرىدە موللا، ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر خەلقنىڭ نەزىرىدە ئەپەندى. ئەمدى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن روزا موللا ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئوخشاشمىدۇ؟

   ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋى مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام ئەقىدە بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەۋھىدتۇر. ئىسلام ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئىخلاستۇر. ئىسلام مۇئامىلە بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى راستچىللىق ۋە سەمىمىيەتتۇر. ئىسلام ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى رەھىم _ شەپقەتتۇر. ئىسلام شەرىئەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئادالەتتۇر. ئىسلام ئەمەل ۋە ئىشلەش بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى قېتىرقىنىشتۇر. ئىسلام مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى قېرىنداشلىقتۇر، ئىسلام مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتۇر. ئەقىدىدە تەۋھىدنى، ئىبادەتتە ئىخلاسنى، مۇئامىلىدە راستچىللىقنى، ئەخلاقتا رەھىم _ شەپقەتنى، ئەمەلدە قېتىرقىنىشنى، مۇناسىۋەتتە قېرىنداشلىقنى، مەدەنىيەتتە تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان ئادەم ئىسلامنىڭ جەۋھىرىنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ. گەرچە ئۇ ئىسلامنىڭ سۈرىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولىسىمۇ، ئۇنىڭ جەۋھىرىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار