ئىسلامدا پاكلىق ۋە پاكىزلىق

ئىسلامدا پاكلىق ۋە پاكىزلىق

مۇھەممەد يۈسۈپ

پاكلىق ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قارىتىلغان سۆز بولۇپ، ئەقىدىنىڭ بۇزۇق، خاتا ئېتىقادلاردىن خالىي، قەلبنىڭ كىبىر، شەخسىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، ھەسەت، دۈشمەنلىك، ئىچى تارلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردىن پاك بولۇشى دېمەكتۇر.

پاكىزلىق ئىنساننىڭ تاشقى بەدىنىگە ۋە كۆرۈنۈشىگە قارىتىلغان سۆز بولۇپ، بەدەننىڭ ۋە كىيىم-كېچەكنىڭ پاكىز بولۇشى دېمەكتۇر.

ئىسلام دىنىمىز بىزنى پاكلىق ۋە پاكىزلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى ۋە جىسمانىي ھەر ئىككىسىگە بۇيرۇغان، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى مۇسۇلمانلارغا ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئۆگەتكەن..

 

پاكلىق پاكىزلىقتىن مۇھىمدۇر

ئىنساننىڭ تاشقى ئەزالىرىنىڭ پاكىز ۋە گۈزەل بولۇشىدىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ رەئىسى بولغان قەلبىنىڭ پاك ۋە ساغلام بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پاكلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر»( ) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىستىكى پاكلىق مەنىۋى ۋە جىسمانىي ھەر ئىككى پاكلىقنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان ئادەم قەلبى پاك، نەپسى پاك، بەدىنى ۋە كىيىم-كېچەكلىرى پاكىز بولغاندىلا ئۇنىڭ ئىمانى تولۇقلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئېتىقادىنى ۋە ئەخلاقىنى ساپ تۇتۇش ئارقىلىق ئىماننىڭ يېرىمىنى ھاسىل قىلسا، بەدىنىنى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكىز تۇتۇش، گۇناھلىرىنى تەۋبە ۋە پۇشايماننىڭ سۈيى بىلەن يۇيۇپ تۇرۇشى ئارقىلىق ئىماننىڭ يەنە بىر پارچىسىنى تولۇقلىيالايدۇ. نەتىجىدە ئىمانى كامىل، ئەمەل ــ ئىبادەتلىرى جايىدا بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تاشقى ئەزالارنىڭ پاكىزلىقى ئەمەل ـ ئىبادەتلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولسا، ئىچكى ئەزالارنىڭ رەئىسى بولغان قەلبنىڭ پاكلىقى ئىمان ئۈچۈن زۆرۈردۇر.

 

قەلبى ساغلام كىشىنىڭ ئەمەللىرىمۇ ساغلام بولىدۇ

 قەلبنىڭ ھەرقانداق ئىللەتلەردىن ساغلام بولۇشى ئىماننىڭ تولۇقلىنىشى، ئەمەل -ئىبادەتنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن شەرتتۇر. شۇڭا قەلبنى ئىسلاھ قىلىش بارلىق ئىسلاھاتلارنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ قەلبى تۈزۈلسە بارلىق ئىشلىرى تۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭ قەلبى بۇزۇلسا بارچە ئىشلىرى بۇزۇلىدۇ. قەلب قوماندان، بەدەن ئەسكەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۇنتۇماڭلاركى، تەندە بىر پارچە گۆش بار بولۇپ، ئۇ تۈزۈلسە جىمى بەدەن تۈزۈلىدۇ، ناۋادا ئۇ بۇزۇلسا جىمى بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر» دېگەن ھەدىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

 

قىيامەت كۈنىدە ئەسقاتىدىغان نەرسە ساغلام قەلبتۇر

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: يَوْمَ لَا يَنْفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ. إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ «ئۇ كۈندە مال _ دۇنيامۇ، بالىچاقىلارمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئادەملا (ئۇلار بىلەن مەنپەئەتلىنىدۇ)» .

 

قەلبنى پاكلاش بەدەننى پاكىزلاشتىن قىيىندۇر

يۈزنى سوۋۇنلاپ پاكىز يۇيۇپ، كىيىمنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى كىيىپ، ئۆزىگە خۇشپۇراقلارنى چېچىپ تاشقى قىياپەتنى كىشىلەرگە چىرايلىق ۋە پاكىز قىلىپ كۆرسىتىش ئوڭاي. بۇنىڭغا كۆپ چىقىم ياكى كۆپ تىرىشچانلىق كەتمەيدۇ. ئەمما قەلبتىكى كىبىر، شەخسىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، ھەسەت، دۈشمەنلىك، ئىچى تارلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنى تازىلاپ، ئۇنى پاك قىلىش ئوڭاي ئەمەس. شۇڭا قەلبنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنى ناچار ئىللەتلەردىن تازىلاش زور تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدۇ.

 

قەلب ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرى چۈشىدىغان جايدۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئاللاھ سىلەرنىڭ تەقى -تۇرقۇڭلارغا ياكى مال-دۇنيايىڭلارغا قارىمايدۇ. بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەلىڭلارغا قارايدۇ» دېگەن. شۇڭا قەلبنى پاك ۋە گۈزەل تۇتۇش تولىمۇ مۇھىمدۇر. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تۈزەپ، ئۇنى ئىسلام ئەخلاقى بىلەن پارلىتىشقا ھېچ ئەھمىيەت بەرمەستىن، پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كىيىنىش، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىدا بىرەر ئەيىب-نۇقسان كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ياكى بىرەر يولسىزلىقى سەۋەبلىك ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا رەسۋا بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاشقى ئەيىبلىرىنى يۆگەشكە شۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىدىغان ياكى قىسقا بىر تەبىر بىلەن ئېيتقاندا، ئاللاھ تائالا ئەڭ ئاۋۋال قارايدىغان جاينى چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئىنسانلار قارايدىغان جايلارنى چىرايلىق، پارقىراق قىلىپ كۆرسىتىشكىلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار رىياكارلادۇر.

زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا نەزەر سېلىپ تۇرىدىغان قەلبىنى ئۇنىڭغا چىرايلىق ۋە پاك قىلىپ كۆرسىتىشكە، ئىنسانلار قارايدىغان تاشقى ئەزالىرىنى چىرايلىق، ئېسىل ۋە كۆركەم كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسا ئىدى، ئەھۋال باشقىچە بولغان بولار ئىدى.

 

قەلب ئەڭ ئۆزگىرىشچان ئەزادۇر

  مىقداد ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئادەم بالىسىنىڭ قەلبى خۇددى قايناۋاتقان قازاندىنمۇ بەك ئۆزگىرىشچاندۇر» دېگەن. بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمىشە «ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! مېنىڭ قەلبىمنى دىنىڭدا مەھكەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىشىدىكى ھېكمەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قەلب سۆزى ئەرەب تىلىدا «ئۆزگىرىش» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن چىققان بولۇپ، لۇغەتتە بىلەن ئۆرۈپ چۆرۈگەننى ئىپادىلەيدۇ.

قەلبنى ئىسلاھ قىلىش دېگەن خۇددى ئۆينى سۈپۈرگەندەك كۆڭۈلدىكى يامانلىقلارنى، ئۆچلۈك-ئاداۋەتلەرنى ۋە بارچە يامان ئىللەتلەرنى بىر قېتىمدىلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ قۇتۇلىدىغان ئوڭاي ئىش ئەمەس. بەلكى ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىنى ۋە شەيتاننىڭ كۈشكۈرتىشىنى باستۇرۇپ، كۆڭلىنى ھەمىشە ئۆز كونترولىدا تۇتۇپ، سەگەك، ھوشيار بولۇش، سىرتتىن كىرىدىغان مەنىۋى مىكروب تۇمانلىرىدىن قەلبنى قوغداش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

 

قەلبتە بولىدىغان زىددىيەتلەر

ئىنسان قەلبى ھەر خىل زىددىيەتلىك سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇپ، بەزىلەرنىڭ قەلبى يۇمشاق كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاشتەك قاتتىق كېلىدۇ، بەزىلەرنىڭ سۈتتەك ئاپئاق كەلسە، بەزىلەرنىڭ قاپقارا كېلىدۇ. قەلبنىڭ يۇمشاقلىقى ئەسىرى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قاتتىقلىقى كۇفرىنىڭ ئەسىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قەلبنىڭ ئاقلىقى ياخشى ئەمەلنىڭ ئىزى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قارىلىقى گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئىزىدۇر. شۇڭا گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ئىككىلەنمەستىن قىلىدىغان ئادەملەرنى كىشىلەر «دىلى قارا ئادەم» دەيدۇ.گۇناھ-مەسىيەنىڭ قەلبنى قارايتىۋېتىدىغانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ قەلبنى يورۇتىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ.

بىراۋنىڭ قەلبىدىكى زىددىيەتلەر ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىنى ياكى دوزاخقا كىرىشىنى بەلگىلەيدۇ. بىر مۆمىن ئايالنىڭ بىر مۈشۈكنى نان، سۇ بەرمەي باغلاپ قويغانلىقى سەۋەبلىك دوزىخى بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە يەنە بىر بۇزۇق ئايالنىڭ ئۇسسۇزلىقتىن ھالسىراپ قالغان بىر ئىتقا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنى سۇغۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبلىك جەننىتىي بولۇپ كەتكەنلىكى بۇنىڭ مىسالى. چۈنكى قەلبنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن، قەلبنىڭ يۇمشاقلىقى ئۇنىڭ ساغلاملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

قەلبنىڭ ساغلاملىقى جەننەتنىڭ كاپالىتىدۇر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: «بىز بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئۇ"ھازىر سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئادەم كېلىدۇ"دېدى. راستىنلا ئەنسارلاردىن بىر ئادەم كەلدى. ئۇ تاھارەت ئېلىپلا كەلگەنلىكىدىن ئۇنىڭ ساقىلىدىن سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە شۇنداق دېدى، يەنە شۇ ئادەم شۇ ھالىتىدە ھازىر بولدى، ئۈچىنچى كۈنىمۇ شۇنداق بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆھبەتتىن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ھېلىقى ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى ۋە ئۇنىڭغا"دادام بىلەن قېيىدىشىپ قېلىپ، ئۈچ كۈنگىچە ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەسلىككە قەسەم قىلغان ئىدىم. شۇڭا سەن مېنى ئۈچ كۈن قوندۇرغان بولساڭ" دەپ ئۆتۈندى، ئادەممۇ قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كەتتى. كېيىن ئابدۇللانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۈچ كۈن بىللە تۇرۇش جەريانىدا، ئۇنىڭدا سەھەر ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ بامدات ۋاقتىغىچە ئاللاھ تائالاغا زىكىر ۋە تەكبىر ئېيتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق كۆرمىگەن، پەقەت ئۇنىڭ ھەمىشە ياخشى سۆز قلىدىغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن. ئابدۇللا مۇنداق ھېكايە قىلىپ بەرگەن «ئۈچ كۈن توشقاندىن كېيىن، مەن ئۇ ئادەمنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنى ئاددى ساناپ قالدىم ۋە ئۇ ئادەمگە" ئەي ئاللاھنىڭ بەندىسى! مەن راستىمنى ئېيتسام مەن دادام بىلەن قېيىدىشىپ قالغان ئەمەسمەن. پەقەت رەسۇلۇللاھتىن سېنىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىڭىزنى ئارقا-ئارقا ئۈچ كۈن ئاڭلاپ ساڭا قىزىقىپ قالغانتىم. شۇڭا سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ئۆگىنىپ ساڭا ئەگىشەي دېگەن مەقسەتتە سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەنتىم. ئەمما قارىسام چوڭ بىر ئىشلارنى قىلغىنىڭنىمۇ كۆرمىدىم. سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلى جەننىتى دېيىشىگە سازاۋەر قىلغان ئىشىڭ زادى قايسى؟"دەپ سورىدىم. ئادەم"مېنىڭ ئەمەللىرىم پەقەت سەن ئۈچ كۈندىن بېرى كۆرگىنىڭ شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ يېنىدىن قايتىۋاتقانتىم. ئۇ مېنى چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى" مېنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىم سەن كۆرگەنلىرىڭنىڭ ئۆزى. باشقىسى يوق. پەقەت مەن مۇسۇلمانلاردىن ھېچكىمگە يامانلىق سېغىنمايمەن، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشىلىقلىرىغا كۆز قىزارتمايمەن". شۇ ۋاقىت مەن ئۇنىڭغا" ھە، ئەمدى بىلدىم. سېنى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزگەن ۋە بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىش بۇ ئىكەندە"دېدىم» .

پاكىزلىق ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

ئىسلام دىنىنىڭ پاكلىققا ۋە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭغا بۇيرۇشىدا، ئىنساننىڭ تەن ساقلىقىغا ۋە روھىغا پايدىلىق بولغان نۇرغۇنلىغان ئالىي مەقسەتلەر غايە قىلىنغان. قىسقىسى، بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇپ ئۇنىڭدىكى كىرلارنى يوقىتىشتا ― تببىي مۇتىخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىغىنىدەك ― بەدەننىڭ يېپىلىپ قالغان تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ ئىنساننىڭ ئىچكى قىسمىدىن مىكروبلار ۋە زىيانلىق تەرلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىگە، نەپەس ئېلىشىنىڭ ئوڭايلىشىشىغا، بەدەننىڭ راھەتلىنىشگە ئالاھىدە پايدىلىق بولغان ئىجابىي نەتىجىلەر بار. سۇ بىلەن پاكلىنىش بەدەندىكى يېقىمسىز ھىدلارنى يوقىتىدۇ. پائالىيەتچانلىقنى ئاشۇرىدۇ. ئىبادەت ۋە دۇنيالىق ئىشلار ئۈچۈن ئىنساننىڭ ھىممىتىنى، جوشقۇنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

شۇڭا ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى پاكلىققا ۋە پاكىزلىققا بۇيرۇپ، ئۇلارغا بۇنى پەرز قىلدى ۋە كۆپلىگەن ئىبادەتلەر ئۈچۈن پاكىزلىقنى شەرت قىلدى. چۈنكى ئىبادەتلەر ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدا ئادا قىلىدىغان بەندىچىلىك بۇرچى ھەم كەمتەرلىكنىڭ ۋە ئىتائەتمەنلىكنىڭ ئۇنۋانىدۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە يېگانە ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا ئىبادەت بىلەن مۇراجىئەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىبادەتنى ئەڭ كامىل دەرىجىدە ئادا قىلىپ، بەندىچىلىك بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ پاكىز ھالەتكە كېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

مەلۇمكى، ناۋادا ئىنساننىڭ بەدىنى ياكى كىيىمى پاسكىنا، كىر بولسا، باشقىلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ، كۆزلىرى ئۇنىڭدىن تېزلا باشقا تەرەپكە بۇرۇلىدۇ. ئادەتتە، باشلىقلاردىن بىرەرسى بىلەن ياكى رەئىس جۇمھۇر بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى بولغان ئادەم، ئۇنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويماسلىق، ئۇنىڭ نەزىرىدە يېقىملىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ پاكىز ۋە ئەڭ يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ بارىدۇ. بەدىنىدىكى كىرلارنى ۋە يېقىمسىز ھىدلارنى پاك پاكىزە تازىلايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارىسىدا بولىدىغان مۇناسىۋەتلەرگە شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىلگەن يەردە، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، كاتتىلارنىڭ كاتتىسى ۋە كائىناتنىڭ يېگانە ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھوزۇرىغا تەلمۈرمەكچى بولغان كىشىنىڭ تەييارلىقى قانداق بولۇشى كېرەك؟

شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ناماز ئادا قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، كىرلاردىن ۋە يېقىمسىز ھىدلاردىن تازىلانغان ھالدا پاك _ پاكىز تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈشى ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە ھەمدە رازىلىقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن پاكىزلىقنى پەرز قىلدى: ﴿ياَاَيُّها الَّذِيْنَ آمَنُوا إذاَ قُمْتُمْ إلىَ الصَّلاَةِ فاَغْسِلُوا وُجُوْهَكُمْ وَاَيْدِيَكُمْ إلىَ الْمَراَفِقِ وَامْسَحَواْ بِرُؤُسِكُمْ وَاَرْجُلِكُمْ إلىَ الْكَعْبَيْنِ﴾ يەنى  «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار»( ).

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ئۇلار ناماز ئوقۇماقچى بولغانلىرىدا پاكلىنىشقا بۇيرۇشتا ئۇلارنى مۇشەققەتكە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا نېمىتىنى تاماملاپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، يۇقىرىقى ئايەتكە ئۇلاپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ماَيُرِيْدُ اللهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيْدُ لِيُطهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ﴾ يەنى  ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ. لېكىن ئۇ سىلەرنى پاك قىلىشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تولۇقلاپ بېرىشنى خالايدۇ( ).

 

ئۇيغۇلاردىكى پاكلىق ۋە پاكىزلىق

ئۇيغۇرلار پاكلىققا ۋە پاكىزلىققا ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىلغار مەدەنىيەتلىك ۋە ئاڭلىق بىر مىللەت. ئۇلاردا ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن پاكلىق، دۇرۇسلۇق ۋە تازىلىق مەدەنىيىتى بۇنىڭ مىسالى. ھەركىمگە كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولۇش، مېھماننى ئىززەتلەش، مەرتلىك ۋە سېخىيلىق، شەخسىي ۋە ئومۇمىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، غىزالىنىشتىن بۇرۇن ۋە غىزادىن كېيىن قولىنى يويۇش، پۈتۈن بەدىنىنى يويۇپ غۇسلى قىلىپ تۇرۇش، چىرايلىق، ئېسىل ۋە پاكىز كىيىنىش. مېھمانغا چاي بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئالدىغا چىلاپچا بىلەن ئاپتوۋىنى ئېلىپ كېلىپ ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىپ تۇرۇپ قولىغا سۇ بېرىش، ئاندىن قولىنى سۈرتىشى ئۈچۈن پاكىز لۈڭگىنى ئۇنىڭغا سۇنۇش، ھويلا ۋە قورا – جايلىرىنى ھەر ئەتىگىنى كۈن چىقىشتىن بۇرۇن تازىلاپ سۈپۈرۈش قاتارلىق ئېسىل ئادەتلەر ئۇيغۇرلارغا خاس دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلەردۇر. تارىخىي مەنبەلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى چاغلاردىمۇ ئەڭ پاكىز، ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئەڭ ئىلغار بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.

 

ئومۇمىي بەدەن تازىلىقى

مۇسۇلمانلاردا تازىلىق ۋە پاكىزلىق مەدەنىيىتى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشى بىلەن يەنى مىلادىيە 6 ـ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ بىز ئۇيغۇرلاردىكى تازىلىق ۋە پاكىزلىق ئەنئەنىسىنى بېيىتقان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن بولدى.

بىر ئۇيغۇرنىڭ ھەر ۋاقىت تازىلىققا، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، كىيىمى، بەدىنى ھەمىشە پاكىز، رەتلىك، خۇشپۇراق بولۇشى لازىم. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن كۆپ پايدىسى بار. چۈنكى قوللىرىنى، ئېغىز ۋە بۇرنىنى پاكىز تۇتقان، شەخسىي تازىلىققا، ئومۇمىي بەدەن تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن ئادەم كېسەل يۇقتۇرىدىغان مىكروبلاردىن يىراق بولغانلىقتىن ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ. يۇيۇنۇشنىڭمۇ ناھايىتى كۆپ پايدىسى بار. قىسقىسى، — تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىسپاتلىغىنىدەك — يۇيۇنۇشتا تەرلەشتىن كېلىپ چىققان مايلىق تۇز ماددىلىرى بىلەن بەدەننىڭ يېپىلىپ قالغان تۈشۈكچىلىرى ئېچىلىپ ئىنساننىڭ نەپەس ئېلىشىنىڭ ئوڭايلىشىشىغا، بەدەننىڭ راھەتلىنىشىگە، روھنىڭ كۆتىرىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئىجابىي نەتىجىلەر بار. مۇندىن باشقا بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى يېقىمسىز ھىدلار يوقىلىدۇ، ۋۇجۇدنىڭ پائالىيەتچانلىقى ئاشىدۇ. پائالىيەتچانلىقى ئاشقان ئادەم مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى روھلۇق، جوشقۇنلۇق بىلەن ئورۇنداش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئىنسان تەبىئىتىدە روھ بىلەن بەدەن ئوتتۇرىسىدا پاكىزلىق تەرەپتىن باغلىنىش بولۇپ، بەدەن كىرلەشكەن ۋاقىتتا روھ چۈشكۈنلىشىدۇ، بەدەن پاكىز بولغان ۋاقىتتا روھمۇ جانلىنىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار