قانداق قىلغاندا ھاياتىڭىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايسىز؟

قانداق قىلغاندا ھاياتىڭىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايسىز؟

 مۇھەممەد يۈسۈپ

 نىيىتىڭىز ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش بولۇپ، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشىڭىز ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە بولىدىكەن، سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىز ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:

ئىبادەت __ ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان بويىچە ياشاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. بۇ  ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بولۇپ، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇرۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەنگە ئوخشىغان بەلگىلىك ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالا  بۇيرۇغان ئومۇمىي ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. چۈنكى «ئىبادەت دىننىڭ، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، ئىنساننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتۈن ئىشلىرىنى، تىلى ۋە دىلىنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»([1]).

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ »العبودية« ناملىق ئەسىرىدە ئىبادەتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئىبادەت ― ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەر قانداق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىش _ ھەرىكەت، گەپ _ سۆز ۋە ئوي _ پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىسىمدۇر. ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇلار: ناماز ئوقۇش، زاكات بېرش، روزا تۇتۇش، ھەج – ئۆمرە قىلىش، توغرا ۋە راست سۆزلەش، ئامانەتنى ئادا قىلىش، ئىلىم ئۆگىنىش، ئاتا _ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا سىلە _ رەھىم قىلىش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، باشقىلارنى ياخشىلىقلارغا بۇيرۇش، يامانلىقلاردىن توسۇش، ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، خوشنىلارغا، پېقىرلارغا، يېتىملارغا، مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھايۋانلارغا رەھىم قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دوئا قىلىش، زىكىر ئېيتىش، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇھەببەت، ئىخلاس قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش، رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈش، ئۇنىڭغا تەۋەككەل قىلىپ يۆلىنىش، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش، بالا _ قازالارغا سەۋر قىلىش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ۋە باشقىلاردۇر»([2]).

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بارلىق ئىنسانلارنى ئىبادەتكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ﱡ يَا أَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ ﱠ يەنى« ئى ئىنسانلار! (ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار». يەنە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش غايىىسىنىڭ پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: ﱡ وَماَ خَلَقْتُ الجِنَّ وَالإنْسَ إلاَّ لِيَعْبُدُوْنَ ﱠ يەنى: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم »([3]) دېگەن.

ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق چاقىرىقى ﱡ وَاعْبُدُو اللهَ ماَ لَكُمْ مِنْ إلَهٍ غَيْرُهُ ﱠ يەنى: «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ  يوقتۇر»([4]) دېيىشتىن ئىبارەت ئىلاھىي پىرىنسىپ ئىدى.

يۇقىرىقى ئىككى ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان ئىبادەت ھەرگىز بىز بىلىدىغان ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق بەلگىلىك ئىبادەتلەر ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ غايىسى قىلىنغان ئومۇمىي ئىبادەتتۇر. مۇپەسسىرلەر يۇقىرىقى:« ئى ئىنسانلار!(ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتقان: 

«تەپسىرى سەئدى»دە «بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش ۋە توسقانلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئومۇمىي ئىبادەتتۇر » دەپ كەلگەن.

«تەپسىر قۇرتۇبى»دە «بۇ يەردىكى ئىبادەتتىن مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىش، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئەمەل قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئىبادەتنىڭ ئەسلى بويسۇنۇش ۋە ئىتائەت قىلىش دېگەنلىكتۇر» دەپ تەپسىر قىلىنغان.

«ئەيسەرۇتتەفاسىر»دە، «بۇ ئايەتتىكى ئىبادەتتىن مەقسەت ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش ۋە توسقانلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانى چىن سۆيۈش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتۇر» دەپ تەپسىر قىلغان.

ئەمدى، «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» دېگەن ئايەتنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇپەسسىرلەر:«ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆزى تەلەپ قىلغان بويىچە ھايات كەچۈرسۇن دەپ ياراتقان، شۇڭا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھايات تەرىزىنى ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىغا ئۇدۇللاپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۇ تەلەپ قىلغاندەك ياشاشقا يارىتىلغان»دەپ تەپسىر قىلغان.

يۇقىرىقلاردىن ئوچۇقلاندىكى، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆزى چۈشۈرگەن قانۇن_ پىرىنسىپ بويىچە ياشىسۇن، دەپ ياراتقان. شۇنداق ياشىغانلار ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ئەكسىچە قىلغانلار ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ.

كىمكى ھاياتىنىڭ غايىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر_ پەرمانلىرىنى ئورۇنلاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مەقسەتكە بېغىشلايدىكەن، ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ھەرقانداق سۆز_ ھەرىكەت، ئىش _ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئىبادەت بولۇپ يېزىلىدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» دېگەن مۇقەددەس سۆزىنىڭ تەقەززاسىدۇر. چۈنكى بىز ئىبادەتنىڭ مەنىسنى ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق شۇ مۇئەييەن ئىبادەتلەرگىلا قىسقارتىپ قويىدىغان بولساق، بۇ ئايەتتىكى يارىتىلىشنىڭ غايىسى قىلىنغان چوڭقۇر مەنىنى چۈشەنمىگەن بولىمىز. بۇ مۇئەييەن ئىبادەتلەر بىزنىڭ ئومۇمىي ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش يولىمىزدىكى مەنىۋى غىزالاردۇر. بىزنىڭ يەر يۈزىدىكى بۇ چەكلىك ھاياتىمىز ئەمەلىيەتتە ئاللاھ تائالانىڭ يولىدىكى، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش يولىدىكى ئۇزۇن سەپەرگە بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن يولغا چىققان يولۇچى ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى يولىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن، يول بويىدىكى ماي قاچىلاش ئورۇنلىرىدا ماي قاچىلاپ مېڭىشقا موھتاج بولغاندەك، ئاللاھ يولىدىكى ئۇزۇن سەپەرنىڭ كارۋانلىرىمۇ ناماز، روزا، زاكات، قۇرئان ئوقۇش، ھەج قىلىش قاتارلىق مۇئەييەن پەرزلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى غىزاسىنى تەمىن ئېتىدۇ. خۇددى يولۇچى ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرىنىڭ غايىسى يولدا ماي قاچىلاش ئەمەس، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرقى نىشانغا يېتىش بولغاندەك، ئاللاھ يولىدا كېتىپ بارغان بىر مۇئمىننىڭ غايىسىمۇ شۇ مۇئەييەن ئىبادەتلەر ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا يېتىپ بارغۇچىلىك داۋام قىلىدىغان ئومۇمىي ئىبادەتتۇر.

ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دېمەك كەم _ زىيادە قىلىشقا بولمايدىغان، ھەتتا بارماقلار بىلەن سانىغىلى بولىدىغان ئازغىنە ئىبادەتلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ، ئىنساننىڭ ھاياتتىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە سالاھىيەتلىك بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. بىرەر زاۋۇتنى ياسىماقچى بولغان ئىنژېنېر ئۇ زاۋۇتتىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆزلىمەستىن، بەلكى بۇ زاۋۇتنىڭ ھەمىشە ئىشلەپچىقىرىشقا سالاھىيەتلىك بولۇشىنى كۆزلەيدۇ.

ئايروپىلاننىڭ سالاھىيىتى ئۇنىڭ ئۇچۇش ئۈچۈن ھازىر بولۇشى، قەلەمنىڭ سالاھىيىتى يېزىش ئۈچۈن ھازىر بولۇشى، ئىنساننىڭمۇ ئەمەل_ ئىبادىتىنىڭ ھەمىشە ئاللاھ تائالاغا ياراملىق بولۇپ، قوبۇل بولۇشى پەقەت ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇس بولۇشى بىلەن بولىدۇ. ئىنساننىڭ نىيىتى ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداشتىن ئىبارەت بولىدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتتىكى پۈتۈن ئىشلىرى ئۆزلۈكىدىن ئىبادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. پۇل باسىدىغان زاۋۇتمۇ ئۇنىڭغا كىرگەن قىممەتسىز خام ئەشيالارنى قىممەتلىك پۇل قىلىپ چىقارغىنىدەك، ئىنساننىڭ نىيىتى سالاھىيەتلىك بولسا، ئۇنىڭ ھاياتتىكى پۈتۈن ئىشلىرى ئىبادەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ»([5]).

ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتلىرى

ئەمەل _ ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشىنىڭ ئىككى شەرتى بار بولۇپ، بۇ ئىككى شەرت تولۇق تېپىلمىغان ھەرقانداق ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ ئىككى شەرت:

1.        قىلىنغان ئەمەل_ ئىبادەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ غايە قىلىنغان بولۇشىدۇر. بۇنىڭغا بىنائەن دەيمىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى كۆزلەنمىگەن ھەرقانداق ئىبادەت بىكاردۇر.

2.         قىلىنغان ئەمەل_ ئىبادەتنىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە بولۇشىدۇر. بۇنىڭغا بىنائەن دەيمىزكى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن ھەرقانداق ئەمەل_ ئىبادەت بىكاردۇر.  

يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسەن شۇ نەتىجىنى چىقىرىمىزكى، ئۆزىنى ئاللاھ تائالاغا ئاتىغان، نىيىتى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بولغان ئادەم مەيلى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك قانداقلا بىر ئىشىنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە قىلىدىكەن، ئۇ نەدە بولسا ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ، نېمە ئىش قىلىسا ئىبادەت قىلغان بولىدۇ.

ھاياتىمىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئامىللىرى

ھاياتىمىزنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئامىللىرى تۆۋەندىكىچە:

1.           نىيەت

نىيەت _ ئادەمنىڭ كۆڭۈل قېتىدا پەيدا بولىدىغان ۋە ئادەمنى بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلاتقان ئوي - پىكىردىن ئىبارەتتۇر. نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. ھەر قانداق ئەمەل – ئىبادەت ئۇنى قىلغۇچىنىڭ نىيىتىگە قاراپ قوبۇل بولىدۇ ياكى رەت قىلىنىدۇ. ئەمەل –ئىبادەتلەر ئۇنى قىلغۇچىسىغا ئۇنىڭ نىيىتىگە قاراپ قەدىر- قىممەت ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەھۋال ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمەلسىز قۇرۇق نىيەت ئېتىبارغا ئېلىنمىغاندەك، نىيەتسىز ئەمەلمۇ پايدىسىزدۇر. ئىنساننىڭ يېيىش-ئىچىشى، ئۇخلاپ دەم ئېلىشى، شۇنداقلا ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى بىلەن ئىبادەت قاتارىغا كىرىدۇ.  بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: « سىلەرنىڭ ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋىتىڭلاردا سەدىقىنىڭ ساۋابى بار» دېگەندە، ساھابىلەر بۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ: «يا رەسۇلۇللاھ! بىز ئۆزىمىزنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرساقمۇ ساۋاپ بولامدۇ؟» دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەر شەھۋىتىڭلارنى ھارام ئىش بىلەن قاندۇرساڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمامدۇ؟» دەيدۇ. ساھابىلەر: «ئەلۋەتتە گۇناھ بولىدۇ» دېيىشىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنىڭدەك، سىلەر شەھۋىتىڭلارنى نىكاھلىق ئايالىڭلار ئارقىلىق قاندۇرساڭلار، سىلەرگە ساۋاب بولىدۇ»[6] دېگەن.

 نىيەت ئادەتتىكى ئىشلارنى ئىبادەتكە ئۆرۈيدىغان بىردىنبىر سېھىرلىك ماددىدۇر. فەقىھلەر (ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى)نىڭ قارىشىچە، نىيەت ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشتىن ئىبارەت دۇرۇسلا بولىدىكەن، ئىنساننىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىمۇ ئىبادەت قاتارىدىن سانىلىدۇ. مەسىلەن: ھالالدىن رىزىقلىنىش ۋە بالىلىرىنى ھالال لوقما بىلەن يېتىشتۈرۈش يولىدا تىرىكچىلىك قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش ۋە ئىبادەتلەردە پائالىيەتچان بولۇش نىيىتى بىلەن يېيىش ۋە ئىچىش، مېڭىنى ياخشى دەم ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر_ پەرمانلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنداش نىيىتى بىلەن ئۇخلاش ۋە تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئارقىلىق شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى ياخشى ئورۇنداش نىيىتى بىلەن تەنھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتكە ياتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ياكى رەت قىلىنىشى پەقەت نىيەتكە باغلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «إِنَّما الأعْمَالُ بالنِّيات، وإِنَّمَا لِكُلِّ امْرِىءٍ ما نَوَى» يەنى «ئەمەللەر پەقەت نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ»([7]).

2.           تەقۋالىق

تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ساقلىنىش» دېگەنلىكتۇر. نېمىدىن ساقلىنىش؟ تەبىيئىكى،  گۇناھتىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر. تەقۋا دېگەن سۆز يەنە لۇغەتتە بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىغا توساق قويۇش ئارقىلىق زىيانغا ئۇچرىغاننى قوغداش دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. ئەرەبلەرنىڭ« ئىتتەقا بىتەرەسىھى» يەنى (قالقىنى بىلەن ئۆزىنى قوغدىدى) دېگەن سۆزى ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۇھۇد ئۇرۇش ئەسناسىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىغا كېلىۋېلىپ دۈشمەنلەرنىڭ ئوقيالىرىدىن قوغدانغانلىقىنى« ئىتتەقەينا بىرەسۇلىللاھ» دەپ ئىپادىلىگەنلىكى بۇنىڭ مىسالى.

تەقۋا سۆزىنىڭ دىنىي ئاتالغۇدىكى مەنىسى ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ تەرىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

—ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش سايىسىدا ئۆزىنى ئۇنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىش.

—ھارامدىن قېچىش ۋە ھالالنى ئىلغاشتا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇش.

—گۇناھ _ مەسىيەتلەرگە  چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇش.

  ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇبەييە ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەقۋالىق ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ: «سىز تىكەنلىك يولدىن مېڭىپ باققانمۇ؟» دەپ سورىغان. ھەزرىتى ئۆمەر: «ھەئە» دېگەندە، ھەزرىتى ئۇبەييە يەنە ئۇنىڭدىن: «قانداق ماڭدىڭىز؟» دەپ سورىغان. ئۆمەر: « پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ماڭدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇبەييە ئۇنىڭغا: «تەقۋالىق دېگەن ئەنە شۇنداق بولىدۇ»([8]) دېگەن. يەنى تىكەنلىك جايدىن ماڭغان ئادەم « پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مېڭىش ئارقىلىق ئۆزىنى زىيان-زەخمەتتىن قوغدىغاندەك، تەقۋادار ئادەممۇ ھاياتلىق مۇساپىسىدە گۇناھ، يامان ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇپ ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەمىشە ئېھتىياتچان بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ».

   تەقۋالىقنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ئىخچام مەنىسى «مەسئۇلىيەتچانلىق»تۇر. ئىنسان ھەر ئىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغان بولسا، ئۇ چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسى ئاستىغىمۇ كىرىدۇ، ھارام ئىشلاردىنمۇ ئۆزىنى ساقلايدۇ ۋە جازاغىمۇ ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى «مەسئۇلىيەتچانلىق» دېگەن قىلىشقا تېگىشلىكنى ۋاقتىدا قىلىش، قىلماسلىققا تېگىشلىكنى قىلماسلىق، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. مۇنداق ئادەمنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم، ۋىجدانى راھەت، كېلەچىكى كاپالەتلىك بولىدۇ.

خەلقىمىزدە «ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ» دېگەن ھېكمەت بار. چۈنكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىغان ئادەم خەلقنىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېچقاچان ئەيىبكار بولمايدۇ. ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئادەم تەقۋا ئادەمدۇر.  ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ تەقۋالىقىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنى مۇنداق بايان قىلغان: « بىر_ بىرىڭلارغا ھەسەت قىلىشماڭلار، ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان مالنى باشقىلارغا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ بۇ مالنى ماختاپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرماڭلار، بىر- بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىر_ بىرىڭلارغا تۇزاق قۇرۇشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ياردەمگە مۇھتاج بولغان چېغىدا ئۇنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇنى خار ۋە ھېقىر كۆرمەيدۇ. تەقۋالىق بۇ يەردىدۇر« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «تەقۋالىق بۇ يەردە!» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقۋالىق دەپ سانىغان. ئۇ يەنە: «ئىنساننىڭ گۇناھكار بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنى خار كۆرۈشى يېتەرلىكتۇر، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى بوزەك قىلىشى قەتئىي ھارامدۇر، ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈش، مال _ مۈلكى ۋە نومۇسىغا تېگىش ھارامدۇر»[9] دېگەن.

 

3.          گۈزەل ئەخلاق

گۈزەل ئەخلاق __ ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن ۋە دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئىشلاردۇر. بۇ ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىگە كىرىدىغان ياخشى ئىشلار ۋە ئادەتلەر ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن: ھەر ئىشتا توغرا، ئادالەتلىك، راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، سۆيگۈ – ۋاپالىق، ئىمان _ ئېتىقادلىق بولۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان، ئاتا – ئانىغا ۋاپادار، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا كۆيۈمچان، قوشنىلارغا ئەپۇچان، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەدەپلىك، جاسارەتلىك، سېخىي، مەرد، پاكىز، مەدەنىيەتلىك، كۆكسى–قارنى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش ۋە باشقىلار.

ئەخلاقى گۈەل بولغان ئادەم ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. مۇنداق ئادەمنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئەمەللىرى ئىبادەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «مۇسۇلمان ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغان ۋە كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ»([10]) دەپ كۆرسەتكەن.

گۈزەل ئەخلاق ئەڭ ساۋابلىق ئىبادەت قاتارىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ: «قىيامەت كۈنىدە مۇسۇلمان كىشىنىڭ ياخشىلىق مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىن سالماقراق كېلىدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر»([11]) دەپ كۆرسەتكەن.

دېمەك، دۇرۇسلۇقنى، توغرىلىقنى، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى ھايات مىزانى قىلىپ ياشىغان مۇسۇلمان ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. مۇنداق ئادەم ئالدى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدۇ، ھايات تەرىزىنى ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇدۇللاپ ئىش كۆرىدۇ، كىشىلەرگە ئۇۋال قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋالمايدۇ، سودا_ سېتىق ئىشلىرىدا ساختىپەزلىك قىلمايدۇ، كىشىلەرنى ئالدىمايدۇ، ئاجىز_ ئۇرۇقلارغا ئىچ ئاغرىتىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلايدۇ، ئىنسانلارغىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق جان ئىگىسىگە رەھىم_ شەپقەتلىك بولىدۇ، دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنى قېتىرقىنىپ، ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان قۋەزىپىنى قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىپ قويمايدۇ، ساختىپەزلىك قىلمايدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان توغرا نىيەت، تەقۋالىق ۋە گۈزەل ئەخلاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دۇرۇسلۇق ۋە توغرىلىق دېگەن ئىككى سۆزگە ئىخچاملاشقا بولىدۇ. دۇرۇسلۇق بىلەن توغرىلىق ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشنىڭ كاپالىتىدۇر. ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ توغرىلىق ۋە دۇرۇسلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ھايات بىر پويىز بولسا توغرىلىق بىلەن دۇرۇسلۇق رېلىسقا ئوخشايدۇ، پويىز رېلىستا بولسا مەنزىلگە ئوڭۇشلۇق يېتەلەيدۇ، ئەگەر رېلىستىن چىقىپ كەتسە ھالاك بولىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، سىز دۇرۇسلۇقتىن ۋە توغرىلىقتىن قەتئىي ئايرىلماڭ، ھاياتىڭىز ئىبادەت ئىچىدە بولسۇن!.

([1])     دوكتۇر يۈسۈف ئەل قەرداۋىينىڭ  «العبادة في الإسلام «ناملىق ئەسىرىدىن.
([2])     شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ» العبودية« ناملىق ئەسىرى 2 - بەت.
([3])     سۈرە زارىيات: 56 - 57 - ئايەتلەر.
[4]))     سۈرە ئەئراف: 59 – ئايەت.
([5])   ئەللامە مۇھەممەد غەززالىينىڭ «بۇ بىزنىڭ دىنىمىز» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
[6] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([7]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
 ([8]) «تەپسىر ئىبنى كەسىر»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1- توم، 28- بەتتىن.
[9] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([10]) ئىبنى ھىببان، ھاكىم رىۋايىتى.
([11]) ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى .


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار