ئاللاھ تائالانىڭ «شەكۇر» دېگەن ئىسمى ھەققىدە ئويلىنىش

 

شەكۇر

ئاللاھ تائالانىڭ «شەكۇر» دېگەن ئىسمى ھەققىدە ئويلىنىش

شەكۇر — بەندىلىرىنىڭ ئازراق ئەمەلىگىمۇ كۆپلەپ مۇكاپات بەرگۈچى دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بەرگۈچى، بىرەر خەير-ئېھسانغا 700 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ بەرگۈچى كەرەملىك زاتتۇر.

 ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا ھەر خىل خاراكتېردىكى ئىنسانلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ۋاپادار ئىنسانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلار ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلىدۇ، ئۆزىگە ئاددىي بىرەر ياخشىلىقى يەتكەن كىشىلەرنىمۇ رازى قىلماي قالمايدۇ. ئەمما بۇ ھاياتتا ئاش بەرگەن قازاننى چاقىدىغان خاراكتېردىكى توزكور ئىنسانلار ئىنتايىن كۆپتۇر.

سىز بىراۋغا ياخشىلىق قىلغان بولسىڭىزمۇ، ئۇنىڭدىن بىرەر ياخشىلىق ياكى ھېچ بولمىغاندا قۇرۇق رەھمەت سۆزىگە چاغلىق بىر نەرسىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بولىشىڭىز، ھەتتا ئالدىڭىزدا خۇشامەت قىلىپ، ئارقىڭىزدا سىزنى سۆكىدىغان ئىنسانلارنىمۇ ئۇچراتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. سىز بۇنداقلارنى قويۇپ تۇرۇڭ، ئۇلاردىن ئاغرىنىپ ئۆزىڭىزنى بىئارام قىلماڭ. چۈنكى سىزنىڭ ئۆمرىڭىز بۇنداقلارنى ئەيىبلەش ياكى تۇزكورلار دۇنياسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئىسراپ قىلغۇدەك ئۇزۇن ئەمەس. شۇڭا سىز ئۇلارنى رەببىگە قويۇپ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ۋە ئۇلار جاراھەت قىلغان قەلبىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ «شەكۇر» دېگەن ئۇلۇغ ئىسمى بىلەن داۋالاڭ.

ئىنسانلار سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزغا تۇزكورلۇق قىلغان ۋە سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىزنى جاۋابسىز قالدۇرغان بولسا، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالا ئاز ئەمەلگە كۆپ مۇكاپات بېرىدىغان، ياخشى نىيەتلەرگە ساۋاب بېرىدىغان، ھېچقانداق بىر ياخشى ئەمەلنى مۇكاپاتسىز قويمايدىغان كەرەملىك زاتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ «شەكۇر» دېگەن ئۇلۇغ ئىسمى بەندىلىرىنىڭ ئاز ئەمەلىگە كۆپ مۇكاپات بەرگۈچى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا خالىس نىيەت بىلەن قىلىنغان ئىنتايىن ئاز ياخشى ئەمەلگىمۇ كۆپلەپ مۇكاپات بېرىدۇ. ياخشى ئەمەل قۇرئان كەرىمدە ئىمان بىلەن يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈلگەن. ياخشى ئەمەلنىڭ چەك-چېگراسى يوقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئەمەل دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئاللاھ تائالا بىزگە «شەكۇر» دېگەن بۇ ئۇلۇغ ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئەيىبلىرىمىز يۆگەيدۇ، ياخشى ئەمەللىرىمىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، مۇكاپاتىنى كۆپەيتىدۇ، خالىس قىلىنغان ئاددىي بىر ئەمەلىمىزگە كۆپلەپ مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ، دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، بىزگە تەن ساقلىقى، خاتىرجەملىك، ھۇزۇر –ھالاۋەت ئاتا قىلىدۇ، پۇل-مېلىمىزغا، پەرزەنتلىرىمىزگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ، بىزنى نۇرغۇن ئادەملەر ساق قالمىغان بالالاردىن ساقلايدۇ، نۇرغۇن ئادەملەرگە نېسىپ بولمىغان ھىدايەت يولىدا مۇستەھكەم قىلىدۇ، بىزنى ئۆز ھىمايىسىدە قوغدايدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ «شەكۇر» دېگەن بۇ ئۇلۇغ ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا لايىق بولۇشنىڭ شەرتى ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قايتۇرىدىغان كەرەملىك زات ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىپ، ئەمەللەرنى ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

)مَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنْبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنْبُلَةٍ مِئَةُ حَبَّةٍ وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ( يەنى «ئاللاھ يولىدا پۇل _ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىسى يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز تالدىن دان تۇتقان بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە (ئۇنىڭ ئەجىرىنى) ھەسسىلەپ بېرىدۇ. ئاللاھ (مەرھەمىتى) كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر»[1]. بىر تال ئۇرۇقنىڭ 700 ھەسسىگە كۆپىيىشى ئاللاھ تائالانىڭ پەزل-كەرەمى ۋە ئۇنىڭ «شەكۇر» دېگەن ئۇلۇغ ئىسمىنىڭ بەرىكىتى بىلەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتى ھەققىدە كەلتۈرۈلگەن بىر مىسال بولۇپ، پۇل-مال سەرپ قىلىشلا ئەمەس، بەلكى بەلكى ھەرقانداق بىر ياخشى ئەمەلنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ تائالا ئەنە شۇنداق كۆپەيتىپ بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-كەرەمى بىلەن ھېسابلار ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا بەزى ئەمەللەرگە ئون ھەسسە ماكاپات بېرىدۇ. )مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا ... ( يەنى «كىمكى (دەرگاھىمىزغا) بىرەر ياخشىلىق بىلەن كەلسە، ئۇ ئون ھەسسە ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ...»[2]. بەزى ئەمەللەرگە ئالدىنقى ئايەتتە كەلگەندەك 700 ھەسسە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مۇكاپات بېرىدۇ. بەزى ئەمەللەرگە ھېچقانداق مۇكاپات بېرىلمەيدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئەمەس، كىشىلەر ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللەردۇر.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى كىشىلەرنى ھەق دىنغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغانلىقىنىڭ بەدىلىگە ئىككى ئالەملىك ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىك قىلغان. نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەر ئەسىرلەر بويىچە، تاكى قىيامەت كۈنىگە قەدەر مىليادلارچە ئىنسانلارنىڭ دۇرۇد، سالاملىرىغا ۋە چىن مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتلىرى ۋە مەرتىۋىلىرى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ دۇنيادىكى چەكلىك ئۆمرىنى كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشقا ئاتىغان مەزكۇر پەيغەمبەرلەر بۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆمۈرلىرىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۆپ ئەسىرلەر ۋە زامانلاردا مەدھىيەلىنىش، دىللاردا يادلىنىش بىلەن كۆرىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا «شەكۇر» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

زەررىچىلىك ئەمەلىڭىزمۇ بىكارغا كەتمەيدۇ

بىرەر قېتىملىق ئىستىغپار، بىراۋنىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق بېغىشلاش، ھەتتا يولدىكى بىرەر تاشنى ئېلىۋېتىش دېگەندەك ئاددىي ۋە تولىمۇ كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئالاھىدە مۇكاپات بېرىدۇ. زەررە چاغلىق ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى زايە بولۇپ كەتمەيدۇ. )فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ. وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ( يەنى «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»[3]. زەررە — ماددىلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنەر – كۆرۈنمەس ئەڭ كىچىك بىرلىكى[4] دېگەنلىك بولۇپ، زەررىنى كۆرمەك قىيىن، ئەمما زەررە چاغلىق ئەمەلنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرمەك مۇقەررەردۇر. شۇنداق زەررىچىلىك ئاددىي ئەمەل مال- دۇنيا، يۈز-ئابرۇي ئەسقاتمايدىغان قىيامەت كۈنىدە ئەسقاتىدۇ. ئەسقاتقاندىمۇ بىرگە نەچچە يۈز ھەسسە بولۇپ ئەسقاتىدۇ. شۇڭا، ياخشى ئىشنى ئاددىي سانىغىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بىر خورمىنىڭ يېرىمى بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار»[5] دەپ كۆرسەتكەن. بىر خورمىغا يەتمەيدىغان كىچىك نەرسىنى سەدىقە قىلىش بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار دېگەنلىكتۇر.

قىزىل چىراقتا توختىغاندەك قارشى تەرەپتىكىلەرنى راھەتسىز قىلماسلىق ئۈچۈن ماشىنىڭىزنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرىشىڭىز، قوشنىلارنى راھەتسىز قىلماسلىق ئۈچۈن ئىشىكىڭىزنى سىلىق يېپىشىڭىز، كېچىدە ئۆيگە كىرگەندە ئۇخلىغانلارنى بىئارام قىلماسلىق ئۈچۈن سىلىق كىرىشىڭىز، مەسجىدكە كىرگەندە قېرىسال كىشىلەر كىرىۋالسۇن دەپ ئىشىكنى ئېچىپ تۇرىشىڭىز، يامغۇر ياغقاندا ياكى سۇ چىقىپ كەتكەن يولدا ماڭغاندا يول بويىدىكى كىشىلەرگە سۇ چاچراپ كەتمىسۇن دەپ ماشىنىڭىزنى ئاستا ھەيدىشىڭىز قاتارلىق ئاددىي ۋە كىچىك ئىشلار —گەرچە كىشىلەر بۇ قىلغىنىڭىزنى ھېس قىلمىغان بولسىمۇ— ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە كاتتا ئەمەلدۇر، مۇكاپاتىمۇ كاتتا بولىدۇ. «ئىمان يەتمىش نەچچە (ياكى ئاتمىش نەچچە) شاخچە بولۇپ، ئەڭ ئەۋزىلى ‹لائىلاھە ئىللەللاھۇ›، ئەڭ ئاددىيسى يولدىن كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر»[6]. يەنى ئىماننىڭ يۇقىرىسى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە چىن ئىشىنىش بولسا، ئۇنىڭ تۆۋىنى كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتۇر. بۇ مەنپەئەت مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، مۇھىم بولغىنى بىزدە كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى يامانلىقلاردىن قوغداش روھىنىڭ يېتىلىشىدۇر. مۇشۇ روھ يېتىلگەندە، ئادەم ھەقىقىي مەنىدىكى ئادىمىيلىك مەرتىۋىسىگە يېتىدۇ.

ياخشى ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ

ئاللاھ تائالا بىراۋغا ئۆزىنىڭ «شەكۇر» دېگەن ئۇلۇغ ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇنىڭ كىچىككىنە ئەمەلىنى ھەسسىلەپ چوڭايتىپ قوبۇل قىلىدۇ ۋە مۇكاتىنىمۇ كاتتا قىلىپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بەندىنىڭ سەدىقىسىنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى خۇددى تۆگە بالىسىنى پەرۋىش قىلغاندەك پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ»[7]. ئۆلىمالاردىن بىرى تىجارەتتە كاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىرىنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىيە رايونىدا ئاددىي تۇرمۇشتا ياشايدىغان بىر كىشى ئۆي ئېلىش ئۈچۈن يىللاردىن بىرى ئايالى بىلەن بىللە ئىشلەپ پۇل توپلىغان ئىكەن. بىر كۈنى جۈمە نامىزىدىكى خۇتبىدە «كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر مەسجىد بىنا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قەسىر بىنا قىلىدۇ»[8] دېگەن ھەدىس ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلىنىدۇ. ئاندىن ئائىلىسىگە قايتىپ ئايالىغا «بىز ئۆي ئېلىش ئۈچۈن يىغقان ئاشۇ پۇلغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئۆيىنى سېتىۋالساق قانداق دەيسىز؟» دەيدۇ. ئايالى ئىككىلەنمەستىن «بولىدۇ» دەيدۇ ۋە پۇلنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئۇ كىشى بارلىق پۇلىنى مەسجىد بىنا قىلىشقا ئىئانە قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كىشى تىجارەت قىلىشقا باشلاپ، دەسلەپ ئاددىغىنە بىر دۇكان ئاچىدۇ، ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ پۇل تاپىدۇ ۋە دۇكاننى چوڭايتىدۇ، ئاخىرى شىركەت قۇرىدۇ. يەنە كۆپ ئۆتمەي بىر قانچە يەردە شىركەتنىڭ شۆبىلىرىنى ئاچىدۇ، ھازىر ئۇنىڭ شەرقىيەدە ئون ئۈچ شۆبىسى بار ئىكەن.

سەدىقە قىلىش بىلەن پۇل-مال كېمىيىپ كەتمەيدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سەدىقە قىلىش بىلەن پۇل-مال كېمىيىپ كەتمەيدۇ»[9] دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىيدا «ئى بەندەم! بەرگىن، مەن ساڭا بېرىمەن»[10] دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. سىز ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ۋەدىسىگە چىن ئىشەنچ قىلىپ، بىر تىيىنغا چاغلىق پۇلنى بىرەر يوقسۇلنىڭ ئالىقىنىغا قويغىنىڭىزدا، ئاللاھ تائالا سىزگە شۇ بىر تىيىننىڭ مۇكاپاتىنى ئاخىرەتتىن بۇرۇن مۇشۇ دۇنيادا بېرىشكە باشلايدۇ، شۇ سەدىقىنىڭ يۈزىسىدىن سىزگە بەرىكەت، تەن ساقلىقى، خاتىرجەملىك ۋە كۈتۈلمىگەن يەردىن ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ. مەلۇم بىر ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىدە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئالدىراپ جۈمەگە كېتىپ باراتتى. مەسجىدنىڭ ئالدىدا ياخشى ئىشلار ئۈچۈن ياردەم توپلىۋاتقان بىر كىشىنىڭ «رەببىمىز ‹بەرگىن، مەن ساڭا بېرىمەن› دەپ ۋەدە قىلدى، ياردەم قىلىڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يانچۇقىنى كولايدۇ، يانچۇقىدا ئارانلا بەش رىيال پۇلى قالغان بولۇپ، ئۇنى ساندۇققا تاشلايدۇ، گويا «ئى رەببىم! بەرگىن دېدىڭ، بار پۇلۇمنى بەردىم، ئەمدى سەن ماڭا بەرگەيسەن» دېگەندەك، خىيالچان ھالدا مەسجىدكە كىرىپ كېتىدۇ. شۇ ئاخشىمى بىر دوستى ئۇنى يوقلاپ كىرىپ، «ئاداش! ماڭا بىر خەيرىيەت جەمئىيىتىدىن پۇل كەپتۇ، بۇ ماڭا ئارتۇق. شۇڭا ساڭا يېرىمىنى بېرەي» دەيدۇ. ئۇنىڭ ياق دېگىنىگە قارىماي، ئىككى مىڭ رىيال پۇلنى بېرىپ چىقىپ كېتىدۇ.

بىر كۈنى توساتتىن بىر ئائىلىنىڭ ئىشىكى قېقىلدى، ئايال ئالدىراپ چىقىپ قارىسا، بىر ھاجەتمەن تۇرغۇدەك. ئايال پارچە پۇل ئىزدەپ يانچۇقىنى كولىۋىدى، يۈز رىياللىقتىن پۇلدىن بىرلا قەغەز پۇل چىقتى. ئايال ئازاراق ئىككىلەندى-دە، قولىدىكى يۈز رىيالنى ھاجەتمەنگە بېرىۋەتتى. ئايال «ئى ئاللاھ! بىرگە ئوننى، بىرگە ئوننى» دېگەنچە ئۆيىگە قايتىپ كىرىپ ناشتىلىق تەييارلىدى. ئېرى بىلەن ناشتا قىلايلى دەپ ئولتۇرۇشىغا ئۈستەل ئۈستىدە بىر كانۋېرتنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ئارىدا ئېرى ئۇنىڭغا بۇ كانۋېرتنى تۈنۈگۈن پۇچتىدىن تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتىپ ئايالىغا سۇندى. ئېچىپ قارىسا، ئايالنىڭ گېزىتكە ئەۋەتكەن بىر ماقالىسى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن مىڭ رىيال مۇكاپات پۇلى ئىكەن. ئايالنىڭ ھاجەتمەنگە بەرگەن يۈز رىيال سەدىقىسى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون ھەسسە ئاتا قىلىپ مىڭ رىيالنى ئۇدۇللىغان ئىدى.

)وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا( يەنى «ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئەلۋەتتە ئۇنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا مۇكاپات بولغان ھالدا تاپىسىلەر»[11]. ئەمەلىڭىز مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، مەيلى ئىنتايىن كىچىك بولسۇن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا تولۇقى بىلەن تاپىسىز. ئاللاھ تائالا سىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەمەللىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتىنى ئاخىرەتكە ساقلاپ قويىدۇ. ئاخىرەتتىكىسى ئەڭ زور ئېھتىياجلىق بولغان پەيتىڭىزدە سىزگە ئەسقاتىدۇ. شۇڭا، دۇنيالىققىلا باغلىنىپ قالماستىن، ئاخىرەتلىكنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش لازىم.

[1] بەقەرە سۈرىسى: 261-ئايەت.
[2] ئەنئام سۈرىسى: 160- ئايەت.
[3] زەلزەلە سۈرىسى: 7-8- ئايەتلەر.
[4] «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 563- بەت.
[5] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[6] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[8] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[9] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[10] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[11] مۇززەممىل سۈرىسى: 20 – ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار