پەرزەنتلەرگە دۇئانى ئۆز تىلىمىزدا قىلىشنى ئۆگىتەيلى!

پەرزەنتلەرگە دۇئانى ئۆز تىلىمىزدا قىلىشنى ئۆگىتەيلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ

«الدعاء» (دۇئا) دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەسىنى: چاقىرىش دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەت ئاتالغۇسىدا: ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»([1]) دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «دۇئا — ئىبادەتتۇر»([2]) دەپ كۆرسەتكەن.

دۇئادا بىزگە قاتمۇقات پايدا بار. چۈنكى دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىمىز، تىلەكلىرىمىزگە ئېرىشىمىز، ناۋادا تىلەكلىرىمىز ۋاقتىودا بېرىلمىسە، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن ۋاقىتتا بېرىلىدۇ، ناداۋا ھېچ بېرىلمىسە، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ياخشىلىق ئاتا قىلىنىدۇ ياكى يامانلىقتىن ساقلىنىپ قالىمىز. ئىشقىلىپ، ئاللاھ تائالاغا قىلىنغا دۇئالار ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ. دۇئا ئەڭ ئوبرازلىق ۋە ئەڭ سەمىمىي ئىبادەتتۇر.

«نامازدا دۇئانى ئەرەبچە قىلمىسا بولمايدۇ، نامازدا دۇنيالىق تىلەپ دۇئا قىلسا بولمايدۇ» دەيدىغان پەتىۋالارنى كىچىك ۋاقتىمدا كۆپ ئاڭلايتتىم. راستتىنلا شۇنداق ئوخشايدۇ، دەپ كۆپلىگەن ئەرەبچە دۇئالارنى يادلىۋالغان ئىدىم. ئەمما ئۇ دۇئالارنى مەنىسىنى بىلمەيلا ئوقۇيتتىم، ئاللاھ تائالادىن نېمىنى تىلەپ، نېمىدىن پاناھ تىلەۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلمەييتىم، ئىشقىلىپ، ئاللاھقا دۇئا قىلدىم دەپ ئۆزۈمنى خۇش قىلاتتىم. ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمدىمۇ بۇ توغرىدا ئىزدەنمىگە ئىكەنمەن.

ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلمىي خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل كۆپرەك مەشغۇل بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولدۇم. مەن ئىزدىنىش جەريانىدا ئەرەب ئەمەس مۇسۇلمانلارنىڭ مەيلى نامازدا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئۆز تىلىدا دۇئا قىلسا بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا سەجدىلەردىمۇ ئۆز تىلىدا خالىغان نەرسىلىرىنى تىلەپ دۇئا قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدىم.

بۇ مەسىلىنىڭ دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە:

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد پەتىۋا سورىغۇچىلارنىڭ: پەرز نامازلارنىڭ سەجدىلىرىدە ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا دۇئا قىلسا بولامدۇ؟ ھەدىستە كەلمىگەن دۇئالارنىمۇ قىلسا ۋە خالىغان تىلەكلەرنى تىلىسە بولامدۇ؟ دېگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، 262254- نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەرەب ئەمەس كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش قىيىن بولىدىغان كىشىلەرنىڭ نامازدا ئۆز تىلىدا دۇئا قىلىشى جائىزدۇر. دۇئادا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاجەتلىرىنى تىلىسە بولىدۇ، ھەدىستە كەلگەن دۇئالارنىلا قىلىش شەرت ئەمەستۇر»[3].

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «دۇئانى ئەرەبچە ۋە باشقا تىللاردا قىلىش جائىزدۇر. دۇئا قىلغۇچى گەرچە تىلەكلىرىنى تىلى بىلەن ئىپادىلىيەلمەي قالسىمۇ، ئاللاھ دۇئا قىلغۇچىنىڭ مەقسىتىنى بىلىدۇ، دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ ھەر خىل تىللاردا تۈرلۈك تىلەكلەر بىلەن قىلغان مۇناجاتلىرىدىكى ئاۋازلارنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ»[4].

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن مەرھۇم ئىبن ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن:« بەزى ئۆلىمالار سەجدىدە دۇنيالىق تىلەپ دۇئا قىلسا ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، دېگەن سۆزنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ دىنىمىزدىن ئاساسى يوقتۇر. توغرىسى شۇكى، مۇسۇلمان ئادەم سەجدىدە مەيلى دۇنيالىق، مەيلى ئاخىرەتلىك پۈتۈن تىلەكلىرىنى تىلىسە بولىدۇ. دۇئا ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچكىمنى سەجدىدىكى ياكى باشقا ۋاقىتتىكى دۇئالاردا دۇنيالىقنى تىلەپ دۇئا قىلىشتىن توسمىغان. ئۇنىڭ «بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى ئۇنىڭ سەجدە قىلىۋاتقان ۋاقتىدۇر. سىلەر سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»[5] دېگەن سۆزى ئومۇمىي بولۇپ، ھەرقانداق دۇئانى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ».

ھەر ھەرقانداق ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆز تىلىدا دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى ئاتا- ئانىلىق بۇرچى ئۇلارنى ئوبدان بېقىپ، سۈپەتلىك ئوقۇتۇپ قويۇىشى بىلەن تۈگىمەيدۇ، بەلكى پەرزەنتلەرنىڭ مۇسۇلمانلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن كېرەك بولغان بىلىملەرنىڭ ۋە قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىتىشى لازىم.

ھەركىم ئۆز تىلىدا دۇئا قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالادىن نېمىنى تىلەپ، نېمىدىن پاناھ تىلىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان بولىدۇ ۋە دۇئادا دىل بىلەن تىل بىرلەشكەن بولىدۇ. شەكسىزكى، دىل بىلەن تىل بىرلەشكەن دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. بۇ ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەي دۇئاغا «ئامىن» دېگەندىن مىڭ مەرتىۋە ئەلادۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممە تىللارنى بىلىدۇ، ھەممە تىللاردا قىلغان دۇئالارنى ئاڭلايدۇ. شۇڭا دۇئالىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا قىلىشىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزگىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىشىمىز بىز ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەرەبچە بىلىدىغان قېرىنداشلار دۇئالىرىنى ئەرەبچە قىلسا، ئەرەبچە بىلمەيدىغانلار ئۆز تىلىدا قىلسا ئەۋزەلدۇر. مۇھىم بولغىنى نېمە دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئاللاھ تائالادىن نېمىلەرنى تىلىگەنلىكىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشتۇر. بۇنداق قىلىش دىلىمىز بىلەن تىلىمىزنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ سەمىمىي دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغاي، ئامىن.


 

قۇرئان كەرىمدىن تاللانغان دۇئالار
1. رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، بىزنى كەچۈرمىسەڭ بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز([6]

2رەببىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن([7])

3. رەببىمىز! بىزنىڭ (ئەمەللىرىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن([8])

4. رەببىمىز! تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن([9])

5رەببىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، رەببىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن! ھېساب ئالىدىغان كۈندە(يەنى قىيامەت كۈنىدە)ماڭا، ئاتا – ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن([10])

6. رەببىمىز! ساڭا تەۋەككۇل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر. رەببىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن، رەببىمىز، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن([11])

7رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن([12])

8. رەببىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن([13])

9رەببىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا – ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن([14])

10. (رەببىم!) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىـلاردىن بولدۇم([15])

11.رەببىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن. كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن. مېنى نازۇ نېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن([16])

12. پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن. كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن، جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزەڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن([17])

13رەببىم! مېنى قەبرەمگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، قەبرەمدىن ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەقىقەتكە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن([18])

14رەببىم! ئاتا ـ ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن.

15رەببىم!ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن([19])

16. بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، رەببىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر([20])

17. رەببىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. رەببىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، رەببىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن([21])

18. رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن، شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن. رەببىمىز! شۈبھىسىزكى، كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە) كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ([22])

19. رەببىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن([23])

20.رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ. جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر([24])

21. ئى رەببىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى قىلغىن([25])

22. رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى (جەڭ مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن([26])

23. رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن([27])ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن([28])

24. رەببىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. رەببىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن. رەببىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر([29])

25. ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن([30])

26. رەببىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. رەببىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ. پەرۋەردىگاىرىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ ( يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ)، رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار، دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن. رەببىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن([31])

27. رەببىمىز! زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن. بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن كاپىر قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن([32])

28. رەببىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، رەببىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن([33])

29رەببىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن([34])

30 - ئى رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن([35])

31. رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەن([36])

32. ئى رەببىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن (دوستلىرىڭنى) ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن([37])

33. رەببىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ماڭا، ئاتا – ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن([38])

34. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر([39])

35. رەببىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن([40]).

 

ھەدىسلەردىن تاللانغان دۇئالار
36. ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈمگە كۆپ زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن، مەرھەمەت قىلىپ، ماڭا كەڭ مەغپىرەت ۋە رەھىم قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە شەپقەت قىلغۇچىسەن([41])

37. ئى ئاللاھ! سەندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئامانلىق تىلەيمەن([42])

38. ئى ئاللاھ! مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە توغرا ئادەم قىلغىن. ئى ئاللاھ! سەندىن ھىدايەت ۋە توغرىلىقنى سورايمە([43])

39. ئى ئاللاھ! سېنى ياد قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ساڭا ئۇبدان بەندىچىلىك قىلىشىمغا يار ـ يۆلەك بولغىن([44])

40.ئى ئاللاھ! سېنىڭ رازىلىقىڭغا سېغىنىپ غەزىبىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ قوغدىشىڭغا سېغىنىپ ئازابىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ سېنىڭ دۇزىخىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئى رەببىم!سەن ئۆزۈڭگە سانا ئېيتقاندەك مۇكەممەل رەۋىشتە ۋە سېنىڭ لايىقىڭدا سانا ئېيتىشتىن ئاجىزمەن([45])

41. ئى دىللارنى باشقۇرغۇچى ئاللاھ! دىلىمنى دىنىڭغا مۇستەھكەم قىلغىن([46])

42. ئى دىللارنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! دىللىرىمىزنى سېنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىڭگە ئۆزگەرتكىن([47])

43. ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆز ھالىمغا قويۇۋەتمىگىن، بارلىق ئىشلىرىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، سەندىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر([48])

44. ئى ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئاقىۋىتىمىزنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقىدىن ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن([49])

45. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سورىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى سورايمىز ۋە ساڭا سېغىنىپ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاناھ تىلىگەن نەرسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمىز. سەن ئەڭ ياخشى مەدەتكارسەن، تولىمۇ شەپقەتلىكسەن. ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ([50])

46. ئى ئاللاھ! بىزگە ئىماننى قىزغىن سۆيدۈرگىن، ئۇنى دىلىمىزدا كۆركەم قىلغىن. بىزگە كۇپرىنى، بۇزۇقچىلىقنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتكىن، بىزنى توغرا يولدا يۈرگۈچىلەردىن قىلغىن.

47. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن سېنى سۆيۈشنى، سېنى سۆيىدىغانلارنى سۆيۈشنى ۋە سېنى سۆيۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئەمەللەرنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭ سۆيگۈڭنى مېنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمدىن، ئەھلىمدىن ۋە تەشنالىقتىكى سوغۇق سۇدىنمۇ سۆيۈملۈك قىلغىن([51])

48. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، سەندىن قورقماس دىلدىن، قوبۇل بولماس دۇئادىن، تويماس نەپستىن، پايدىسىز ئىلىمدىن پاناھ تىلەيمەن. مۇشۇ تۆتتىن پاناھ تىلەيمە([52])

49. ئى ئاللاھ! سېنىڭ غەيبىي ئىلمىڭ، چەكسىز قۇدرىتىڭگە سېغىنىپ ھاياتلىقىم مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولىدىغان بولسا ماڭا ھايات بېغىشلىشىڭنى، ۋاپاتىم مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولسا مېنى ۋاپات قىلدۇرۇشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن ئادەم بار ـ يوق ھەرقانداق جايدا سەندىن قورقىدىغان تەقۋالىقنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! رازىمەنلىك ۋە غەزەبلىك ھەرقانداق ھالىتىمدە ھەق سۆزنى ئېيتىشىمنى سەندىن سورايمەن. ئى ئاللاھ! سەندىن ئوتتۇراھال تۇرمۇشنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن تۈگىمەس نېمەت سورايمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن ئۈزۈلمەس خۇرسەنلىك سورايمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن قازا ۋە قەدەرگە رازى بولۇشۇمنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن ئۆلۈمدىن كېيىنمۇ باياشات تۇرمۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىماستىن سېنىڭ جامالىڭغا قاراش لەززىتىنى ۋە ساڭا ئۇچرىشىش ئىشتىياقىنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! بىزنى ئىماننىڭ زىننىتى بىلەن بېزىگىن. ئى ئاللاھ! بىزنى توغرا يولدا يۈرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا باشلىغۇچىلاردىن قىلغىن([53])

50. ئى ئاللاھ! ماڭا پايدىلىق نەرسىلەرنى بىلدۈرگىن، سەن ماڭا بىلدۈرگەنلىرىڭدىن مېنى پايدىلاندۇرغىن، ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن([54])

51. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان، مەغپىرىتىڭگە مۇيەسسەر قىلىدىغان ئەمەللەرنى، بارلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىشنى، جىمى ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشنى، جەننەتكە مۇيەسسەر بولۇشنى ۋە دۇزاختىن قۇتۇلۇشنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! ھەر قانداق گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن، ھەر قانداق قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلغايسەن ۋە سەن رازى بولىدىغان ھەر قانداق ھاجىتىمنى راۋا قىلغايسەن، ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ([55])

52. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن قايتماس ئىمان، تۈگىمەس نېمەت ۋە مەڭگۈلۈك جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قېتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇشنى تىلەيمەن([56])

53. ئى ئاللاھ! قىلغانلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە قىلمىغانلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمە([57])

54. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، بىلىپ تۇرۇپ ساڭا شېرىك كەلتۈرۈشتىن پاناھ تىلەيمە ۋە بىلمەستىن قىلىپ سالغانلىرىمغا سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن([58])

55. ئى ئاللاھ! ماڭا ھەقنى ھەق كۆرسەتكىن، ماڭا ھەقىقەتكە ئەگىشىشنى نەسىب ئەتكىن، ماڭا باتىلنى باتىل كۆرسەتكىن ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى ماڭا نەسىب ئەتكىن.

56. ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن ۋە مەغپىرەت قىلىشنى ياقتۇرىسەن، ماڭا مەغپىرەت قىلغايسەن([59])

57. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، ئېغىر ئەھۋالدا قېلىشتىن، بەخىتسىزلىككە يولۇقۇشتىن، بالا ـ قازاغا دۇچار بولۇشتىن ۋە دۈشمەنلەرنى خوش قىلىدىغان ئىشقا مۇپتىلا بولۇشتىن پاناھ تىلەيمەن([60])

58. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن، بەرگەن ئامانلىقىڭنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن، تۇيۇقسىز جازالىشىڭدىن ۋە بارچە غەزەبلىرىڭدىن پاناھ تىلەيمەن([61])

59.ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، دۇزاخنىڭ پىتنىسىدىن، دۇزاخنىڭ ئازابىدىن، قەبىر ئازابىدىن، بايلىقنىڭ پىتنىسىدىن، كەمبەغەللىكنىڭ يامانلىقىدىن ۋە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن([62])

60.ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، ناچار ئەخلاقلاردىن، يامان ئەمەللەردىن ۋە ھاۋايى ـ ھەۋەسلەردىن پاناھ تىلەيمە([63])

61. ئى ئاللاھ! ئىشىمنىڭ كاپالىتى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن تولۇقلاپ بەرگىن، مەئىشىتىم بولغان دۇنيالىقىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقلاردا مەن ئۈچۈن ھاياتلىقنى زىيادە قىلغىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن ئۆلۈمنى مەن ئۈچۈن راھەتلىك قىلغىن([64])

62. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ غەم ـ ئەندىشىدىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن پاناھ تىلەيمەن ۋە ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، قەرزدارلىقتىن، دۈشمەننىڭ مېنى مەغلۇب قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن([65])

63. بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرەلەيدۇ، ئۇ ھەمىشە تىرىك بولۇپ، ھېچ ئۆلمەيدۇ، پۈتۈن ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدىدۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر([66])

64. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ غەم ـ قايغۇدىن، كۆڭۈلسىزلىكتىن، ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتىن ۋە كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن([67])

65. ئى ئاللاھ! مېنى ھالال رىزقىڭ بىلەن ھارامدىن بېھاجەت قىلغىن، ئۇلۇغ پەزلىڭ بىلەن مېنى باشقىلارغا موھتاج بولۇشتىن بېھاجەت قىلغىن([68])

66. ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن، قۇلۇڭنىڭ ۋە دىدىكىڭنىڭ ئوغلىمەن، تەقدىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. مېنىڭ ئۈچۈن تەقدىر قىلغانلىرىڭ ھەر زامان يۈرگۈچى ۋە ئادالەتنىڭ ئۆزىدۇر. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ شۇنداق ئاتىغان ياكى كىتابىڭ ئارقىلىق چۈشۈرگەن ياكى بەندىلىرىڭدىن بېرەرسىگە بىلدۈرگەن ياكى ئۆز دەرگاھىڭدىكى غەيىبلەر قاتارىدا بىزلەرگە بىلدۈرمىگەن بارچە ئىسىملىرىڭنى ۋاسىتە قىلىپ سەندىن قۇرئان كەرىمنى كۆڭلۈمنىڭ باھارى، قەلبىمنىڭ نۇرى، قايغۇلىرىمنى يوق قىلغۇچى ۋە ئەندىشىلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىشىڭنى سورايمەن([69])

67. ئى ئاللاھ! مېنى سەن ھىدايەت قىلغانلار قاتارىدا ھىدايەتكە باشلىغىن، ماڭا سەن ساقلىق ئاتا قىلغانلار قاتارىدا ساقلىق ئاتا قىلغىن، مېنى سەن ھېمايە قىلغانلار قاتارىدا ھېمايە قىلغىن، بەرگەن نېمەتلىرىڭدە ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ شەررىدىن مېنى ساقلىغىن. ھەقىقەتەن سەن مۇتلەق خاھىش ئېگىسىسەن. ساڭا شېرىك بولغۇچى يوقتۇر. سەن ئەزىز قىلغان خورلانمايدۇ، سەن خورلىغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. ئى رەببىمىز! سەن ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغىسەن([70])

68. ئى ھەمىشە تىرىك بولغۇچى ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى رەببىم! مېنىڭ ھالىمنى پۈتۈنلەي ياخشىلىغىن ۋە مېنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆز ھالىمغا قويۇپ بەرمىگىن(ئىمام ھاكىم رىۋايىتى ).

69. ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك مۇھەممدە ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىبىلىك زاتسەن([71])

70.ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام ـ نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغاندەك، مۇھەممدە ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام ـ نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىبىلىك زاتسەن([72])

71. ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلاردىن خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىپنىڭ ئارىسىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن. ئى ئاللاھ! خۇددى ئاق كىيىم پاسكىنىلىقتىن تازىلىنىپ پارلىغاندەك مېنى خاتالىقلىرىمدىن پاكلىغىن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۇز بىلەن تازىلاپ يوق قىلغىن([73])

72. قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ كۇففارلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر. پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن! جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر([74]).

([1])      غافىر سۈرىسى 60 ـ ئايەت.
([2])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[3]  «إسلام سؤال وجواب» رقم: 262254.
 [4] «مجموع الفتاوى» (22/488-489).
[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([6])   بەقەرە سۈرىسى23- ئايەت
([7])   ھۇد سۈرىسى47-ئايەت
([8])   بەقەرە سۈرىسى 127-ئايەت
([9])   بەقەرە سۈرىسى 128-ئايەت
([10]) ئىبراھىم سۈرىسى 40-41- ئايەتلەر
([11]) مۇمتەھىنە سۈرىسى4-5-ئايەتلەر
([12]) قەسەس سۈرىسى16-ئايەت
([13]) كەھف سۈرىسى10- ئايەت
([14]) نەمل سۈرىسى19-ئايەت
([15]) ئەنبىيا سۈرىسى87-ئايەت
([16]) شۇئەرا سۈرىسى84-ئايەت
([17]) ئال ئىمران سۈرىسى26-27-ئايەتلەر
([18]) ىسرا سۈرىسى80-ئايەت
([19]) ئىسرا سۈرىسى24- ئايەت
([20]) بەقەرە سۈرىسى285- ئايەت
([21]) بەقەرە سۈرىسى 286-ئايەتلەر
([22]) ئال ئىمران سۈرىسى8-9-ئايەتلەر
([23]) ئال ئىمران سۈرىسى16-ئايەت
([24]) فۇرقان سۈرىسى65-66-ئايەتلەر
([25]) فۇرقان سۈرىسى74- ئايەت
([26]) ئال ئىمران سۈرىسى147-ئايەت
([27]) ئال ئىمران سۈرىسى53-ئايەت
([28]) يۈسۈپ سۈرىسى101- ئايەت
([29]) غافىر سۈرىسى9-ئايەت
([30]) بەقەرە سۈرىسى201- ئايەت
([31]) ئال ئىمران سۈرىسى194-ئايەت
([32]) يۇنۇس سۈرىسى85-86-ئايەتلەر
([33]) ھەشر سۈرىسى 10-ئايەت
([34]) ئەھقاف سۈرىسى 15-ئايەت
([35]) تەھرىم سۈرىسى8-ئايەت
([36]) ھەج سۈرىسى109-ئايەت
([37]) مۇمىنۇن سۈرىسى29-ئايەت
([38]) ئىبراھىم سۈرىسى41-ئايەت
([39]) يۈسۈف سۈرىسى64- ئايەت
([40]) ئەئراف سۈرىسى126-ئايەت
([41]) بۇخارى رىۋايىتى
([42]) تىرمىزى رىۋايىتى
([43]) مۇسلىم رىۋايىتى
([44]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([45]) مۇسلىم رىۋايىتى
([46]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([47]) مۇسلىم رىۋايىتى
([48]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى
([49]) ئىبنى ھەببان رىۋايىتى
([50]) تىرمىزى رىۋايىتى
([51]) تىرمىزى رىۋايىتى
([52]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([53]) نەسائىي رىۋايىتى
([54])           تىرمىزى رىۋايىتى
([55]) ھاكىم رىۋايىتى
([56]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([57]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([58]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([59]) تىرمىزى رىۋايىتى
([60]) بۇخارى رىۋايىتى
([61]) مۇسلىم رىۋايىتى
([62]) مۇسلىم رىۋايىتى
([63]) تىرمىزى رىۋايىتى
([64]) مۇسلىم رىۋايىتى
([65]) بۇخارى رىۋايىتى
([66]) تىرمىزى رىۋايىتى
([67]) بۇخارى رىۋايىتى
([68]) تىرمىزى رىۋايىتى
([69]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
([70]) تىرمىزى رىۋايىتى
([71]) بۇخارى رىۋايىتى
([72]) بۇخارى رىۋايىتى
([73]) بۇخارى رىۋايىتى
([74]) تىرمىزى رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار