تەۋبە _ ئىستىغپارنىڭ ئەھمىيىتى

 

تەۋبە _ ئىستىغپارنىڭ ئەھمىيىتى

ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى، خاتالىقلىرىنى ۋە گۇناھلىرىنى تونۇپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە - ئىستىغپار ئېيتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تىلەپ تۇرۇش سەمىيمىلىكنىڭ، كەمتەرلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

 تەۋبە— قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ دۇرۇسلۇققا قايتىش دېگەنلىكتۇر. ئىستىغپار— ئاللاھ تائالادىن گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر. زامانىمىزدا كۆپىنچە كىشىلەر تەۋبە _ ئىستىغپار ئېيتىڭلار دېيىلسە، خۇددى تەۋبە_ ئىستىغپارنى چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان ياكى جىنايەت ئىشلىگەن ئادەم ئېيتسا بولىدۇ دېگەندەك، ياكى  ئەلھەمدۇ لىللاھ بىز بەش ۋاخ نامىزىمىزنى مۇكەممەل ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمىز، بىراۋنىڭ ھەققىنى يېمىدۇق، بىراۋغا زۇلۇم قىلمىدۇق، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمىدۇق،  شۇڭا ئىستىغپارنى ئېيتساقمۇ ياكى ئېيتمىساقمۇ بەك مۇھىم ئەمەس دېگەندەك قىلىپ، تەۋبە_ ئىستىغپاردىن ئىبارەت بۇ  مۇھىم ئەمەلگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەت ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. چۈنكى تەۋبە_ ئىستىغپارنى گۇناھكار ئادەملەرلا ئېيتمايدۇ. چۈنكى ئىستىغپارنى گۇناھتىن پاك پەيغەمبەرلەر ھەممىسى  ئېيتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ھەر كۈنى ئاللاھقا 70 قېتىمدىن كۆپرەك تەۋبە_ئىستىغپار ئېيتىمەن»([1]) دېگەن. ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن گۇناھلىرى، كەمچىلىكلىرى ۋە خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىۋېتىلگەن بىر پاك پەيغەمبەرنىڭ كۈندە ئاللاھ تائالاغا 70قېتىمدىن ئارتۇق تەۋبە_ئىستىغپار ئېيتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ تەۋبە دېگەننى گۇناھ قىلغانلارلا قىلمامدۇ؟ ياق! تەۋبە_ ئىستىغپار قەدىمىمىزنىڭ تېيىپ كەتمەسلىكى، توغرا يولدا ئىزچىل يۈرۈشىمىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. مەسىلەن: كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىلىرىنى خاتا ئەتكەن ئادەم ئۇنى بايقىغان ھامان دەرھال خاتالىقىنى تۈزىتىپ تۈگىمىنى توغرا ئېتىپ ماڭغاندا كېيىنكى تۈگمىلەر دۇرۇس ئېتىلىپ ماڭىدۇ، ئەگەر بۇنداق قىلمىغاندا باشتىكى تۈگمىدىن باشلاپ ھەممىنى بىر-بىرلەپ ئوڭشاپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ھەربىر گۇناھ ۋە ھەربىر خاتالىق ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ ۋە خاتالىقنى تۈزىتىپ ماڭغاندا، دۇرۇسلۇق ۋە توغرىلىق ئۈستىدە ماڭغان بولىمىز، ئەگەر بۇنداق قىلمىغاندا، گۇناھلىرىمىز ۋە خاتالىقلىرىمىز بىزنى ھالاك قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېچقانداق بىر گۇناھنى كىچىك سانىماڭلار، گۇناھلار بىرىكىپ ئاخىرى ئادەمنى ھالاك قىلىۋېتەلەيدۇ» دېگەن.

تەۋبە _ ئىستىغپار ئادەمنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىدۇ

تەۋبە_ ئىستىغپار ئادەمنى گۇناھلاردىن پاكلاپ، خاتالىقلاردىن يىراق قىلىپ تۇرىدىغان نەرسە. خاتالىقنى ئوڭشاپ، گۇناھنى تەۋبە بىلەن ئۆچۈرۈپ ماڭمىغاندا، بىر گۇناھ يەنە بىر گۇناھنى، بىر خاتالىق يەنە بىر ياكى بىر قانچە خاتالىقلارنى تۇغدۇرۇپ مېڭىۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئوڭشئاپ قىيىن بولىدۇ.  بۇ خۇددى كۆڭلەكنىڭ بىرىنچى تۈگمىسىنى خاتا ئېتىش بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن تۈگمىلىرى خاتا ئېتىلىپ ماڭغىنىغا ئوخشاش. كۆڭلەكنىڭ دەسلەپ ئەتكەن تۈگمىسىنى قايتىدىن توغرا ئەتكەندىن كېيىنلا، باشقا تۈگمىلەرمۇ توغرا ۋە جايىدا ئېتىلىپ ماڭىدۇ.

ئۆز خاتالىقىنى بىلگەن ھامان ئۇنىڭدىن دەرھال قول ئۈزگەن، بىر گۇناھنى ئىشلىگەن ھامان ئۇنىڭغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلغان ئادەم قايتا خاتالىق سادىر قىلىشتىن ۋە گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن ئۆزىنى يىراق تۇتالايدۇ.  دېمەك، تەۋبە_ئىستىغپار ئادەمنىڭ ئىش_ ھەرىكەتلىرىنىڭ توغرا ۋە مۇستەھكەم بولۇپ داۋام قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان نەرسە. شۇڭا تەۋبىنىڭ ئەھمىيىتى زور، پايدىسى كۆپتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ھەر قانداق ئادەم بالىسى خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر»([2]) دېگەن. بۇنىڭدىكى سىر نېمە؟ چۈنكى تەۋبە_ئىستىغپار ئىنساننىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ قەدىمىنى مۇستەھكەم قىلىپ تۇرىدىغان، خاتالىقلارنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇلۇپ، گۇناھلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ تۇرۇشى ئارقىلىق ئۇنى مۇرەككەب خاتالىقلار ۋە ئېغىر گۇناھلاردىن ساقلاپ تۇرىدىغان قالقاندۇر.

ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى يوق. ئۇنى قايسى ۋاقىتتا ۋە قانداق جايدا ئېيتسا بولىدۇ.

ئىستىغپار ئېتىشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى

ئىستىغپار ئېتىشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى سەھەر ۋاقتىدۇر. ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرىدىغان تەقۋادارلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان ئايەتتە ئۇلارنى «ئۇلار سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇ»[3] دەپ ماختىغان. يەنە «ئۇلارسەھەرلەردە (رەببىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى»[4] دەپ تەرىپلىگەن.

ئىستىغپار بارچە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ۋەسىلە بولىدۇ

ئىستىغپارنىڭ بارچە قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل بولۇشىدىكى رولىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەمەلىيەت. بىر ئادەم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى ئەللامە ئابدۇللا ئىبنى بازنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئايالىنىڭ يەتتە يىلدىن بېرى ھامىلىدار بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن بىر چىقىش يولى سورىغاندا، ئەللامە ئىبنى ئىبنى ئۇ ئادەمگە ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتقىن دەپ بۇيرۇغان بولۇپ، ئادەم بىر يىلدىن كېيىن ئەللامە ئىبنى بازنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ ئايالىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمدى ئۆتمۈشلەردىن مىسال كەلتۈرمەكچى بولساق، دەيمىزكى، بىر ئادەم  ئەللامە ھەسەن بەسىرىنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، يامغۇر_ يېغىمنىڭ يوقلىقىدىن سىكايەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەللامە ھەسەن بەسرى ئۇنىڭغا «ئىستىغپار ئىيىتقىن» دەپ نەسىھەت قىلغان. ئارقىدىن يەنە بىر ئادەم كېلىپ ئايالىنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ بالا يۈزى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭغىمۇ «ئىستىغپار ئىيىتقىن»دەپ نەسىھەت قىلغان. ئارقىدىن يەنە بىر ئادەم كېلىپ ئۆزىنىڭ قاتتىق يوقسۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بېرەر چىقىش يولى بارمىدۇ، دەپ سورىغاندا، ئۇنىڭغىمۇ «ئىستىغپار ئىيىتقىن»دەپ نەسىھەت قىلغان. ئەللامە ھەسەن بەسرىنىڭ يېنىدە ئولتۇرغانلار ئۇنىڭدىن «ئۆزلىرى كەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىستىغپار ئېيتىسقا بۇيرىلىغۇ؟» دېگەندە، ئەللامە ھەسەن بەسرى ئۇلارغا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى تىلاۋەت قىلىپ بەرگەن ئىكەن: «(ئۇلارغا) ئېيتتىم: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.(شۇنداق قىلساڭلار) ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ پۇل- مېلىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ»[5].

ئىستىغپارنىڭ پايدىلىرى كۆپ

بىرىنچىسى: ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرىدىغان ئادەم دۇنيادا جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ھەرگىز ئازاب چەكمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: « ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ»[6].  دېمەك، ئىستىغپار ئىنساننى جىسمانىي، مەنىۋى، پىكرىي، ئىجتىمائىي ئازابلاردىن، شۇنداقلا بارلىق ئازابلاردىن ئازاد قىلىدۇ.

دېمەك، يەر يۈزىدە ئىككى ئامانلىق بولۇپ، بىرى كېتىپ قالغان، يەنە بىرى قالغان. كېتىپ قالغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدۇر. قېلىپ قالغىنى ئىستىغپاردۇر.

ئىككىنچىسى: ئىستىغپار  ئىنسانغا بارلىق ياخشىلىق تۈرلىرىنى ئاچىدۇ.  بۇ ماۋزۇدا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ «رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.(شۇنداق قىلساڭلار) ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، ىلەرنىڭ مال_ مۈلكۈڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ »[7].  دېگەن سۆزىنى ئەسكە ئېلىش يېتەرلىكتۇر.

ئۈچىنچىسى:  ئىستىغپار مۇسۇلمان ئادەمگە ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە كۈچ_ قۇۋۋەت ۋە قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئېيتقان سۆزىنى قىسە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى قەۋمىم! رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار (شۇنداق قىلساڭلار)، ئۇ سىلەرگە كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ ۋە كۈچۈڭلارغا كۈچ قاتىدۇ»[8].

تۆتىنچىسى: ئىستىغپار ئىنسانغا بەخت _ سائادەتلىك ھايات بېغىشلايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى قىسسە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«سىلەر رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجىلىڭلار توشقۇچە ئوبدان ياشىتىدۇ»[9].

گۇناھ قىلمايدىغان ئادەم يوق

ھەر قانداق ئادەم بىلىپ _ بىلمەي چوقۇم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ ۋە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالىدۇ. ھەتتا ھېچ گۇناھ قىلمىغان ئادەمنىڭ ئۆزىنى گۇناھسىز ھېس قىلىپ مەغرۇرلىنىشىنىڭ ئۆزىمۇ گۇناھ ئۆتكۈزگەندىن ئېغىرراق گۇناھتۇر. دېمەك، دۇنيادا گۇناھسىز ئادەم يوق! ئاللاھ تائالا گۇناھ قىلمايدىغان ئادەمدىن گۇناھ قىلىپ گۇناھىغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلغان ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى گۇناھ قىلمىغان ئادەم گۇناھ _ مەئسىيەتنىڭ ھارام لەززىتىنى تېتىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ مەغپىرەتنىڭ ھالاۋىتىنىمۇ تېتىيالمايدۇ. مەسىلەن: تاماكا چېكىشكە ئوخشاش بىرەر گۇناھ ئىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئادەم ئۇنى تاشلاش يولىدا كۆپ قىيىنچىلىق تارتىدۇ، قىينىلىدۇ، ئازابلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھەسسىلەپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ، گۇناھلىرىنى تەۋبە ئارقىلىق ياخشى ئەمەللەرگە ئۆرۈيەلەيدۇ. ئەمما گۇناھ قىلمىغان ئادەم بۇنداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ ۋە مەغپىرەتنىڭ لەززىتىنىمۇ تېتىمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئەگەر سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئاللاھ گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلىدىغان بىر خەلقنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ»[10] دېگەن. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھ _ مەئسىيەتلەرنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، ئەكسىچە بەندىلىرىنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئەلغەفۇر» يەنى (كەچۈرگۈچى) ۋە «ئەلغاففار» (ناھايىتى بەك كەچۈرگۈچى) دېگەن ئۇلۇغ سۈپەتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ۋە بەندىلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلەشنى خالايدۇ.

 

 



([1]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
([2]) ئىمام تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
[3] ئال ئىمران سۈرىسى17_ ئايەت.
[4] زارىيات سۈرىسى18_ ئايەت.
[5] نۇھ سۈرىسى10_12_ ئايەتلەر.
[6] ئەنفال سۈرىسى33_ ئايەت.
[7] نۇھ سۈرىسى10_12_ ئايەتلەر.
[8] ھۇد سۈرىسى52_ ئايەت.
[9] ھۇد سۈرىسى3_ ئايەت.
[10] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار