ئەششافىي

 

 

ئەششافىي

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىرەر ئاغرىقتىن دەرتلىنىۋاتامسىز؟

جىسمانىي ياكى مەنىۋى كېسەللىكلىرىڭىزدىن خالاس بولۇشنى خالامسىز؟

ھەقىقىي شىپالىق ئىزدەۋاتامسىز؟

ئۇنداقتا، ئاللاھ تائالانىڭ «الشافي» (ئەششافىي —شىپالىق بەرگۈچى) دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ، ئۇنىڭغا بولغان ئىمانىڭىزنى كۈچەيتىڭ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ مۇبارەك ئىسمىنى ۋەسىلە قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ياكى بالىچاقىلىرىڭىزنىڭ ۋەياكى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ رەنجىگە شىپا، بارلىق دەرتلىرىگە داۋا تىلەڭ. ناۋادا ئاللاھ تائالا سىزگە ۋە سىز ئۇنىڭدىن شىپالىق تىلىگەن كىشىلىرىڭىزگە ئۆزىنىڭ «ئەششافىي» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلسا كېسەلدىن ئەسەر قالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا كېسەللىكنى سالغۇچى، ئۇنىڭ شپاسىنى، شىپا تېپىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ياراتقۇچى ۋە خالىغان چاغدا سەۋەبلەردىن بىھاجەت قىلغۇچى زاتتۇر.

ئاللاھ تائالا خالىسا بىرەر سەۋەب بىلەنلا شىپالىق بېرىدۇ.

خالىسا ئەڭ ئاددىي سەۋەب بىلەنمۇ شىپالىق بېرىدۇ.

خالىسا سەۋەبىسىزمۇ شىپالىق بېرىدۇ.

خالىسا قىلىنغان سەدىقىنىڭ يۈزىىسىدىن شىپالىق بېرىدۇ.

خالىسا تەۋبە- ئىستىغپارنىڭ سەۋەبى بىلەن شىپالىق بېرىدۇ.

خالىسا ئىبادەت ۋە دۇئالارنىڭ سايىسىدا شىپالىق بېرىدۇ.

خالىسا بەندە ھېچ ئىش قىلمىسىمۇ ئۆز پەزلىدىن شىپالىق بېرىدۇ.

چۈنكى ئاللاھ تائالا شىپالىق بەرگۈچىدۇر.

توغرا، سەۋەب بىزدىن، شىپالىق ئاللاھ تائالادىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىشنى خالىمىسا دۇنيانىڭ بارلىق سەۋەبلىرى ھېچبىر ئىشقا يارىمايدۇ، كېسەللەرنى ئاللاھ تائالا ساقايتىشنى خالىمىسا دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇستا دوختۇرلىرىمۇ ساقايتالمايدۇ، ئاللاھ تائالا ساقايتىشنى خالىسا، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ياكى ھېچبىر سەۋەب قىلماستىن ساقايتىدۇ. بىز ھەرقانداق بىر كېسەلدىن ساقىيىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغان. سەۋەب قىلىش دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى. كېسەللەر نورمالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ۋە داۋالىنىش بىلەن ساقىيىدۇ. ئەمما بەزى كېسەللەر دۇئا بىلەن، بەزىسى سەدىقە بىلەن، بەزىسى تەۋبە-ئىستىغپار بىلەن ساقىيىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋەب دائىرىسىگە كىرىدۇ.

 كېسەللىك مەيلى ئېغىر بولسۇن، ياكى يېنىك بولسۇن، ئىنسان ھاياتىدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان، ھېچقانداق ئادەم بۇنىڭدىن خالىي بولالمايدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى، تۈرى ھەر خىل بولىدۇ.

ئىنساندىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش ئۆلۈم بولسا، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان كىچىك يوقىتىش كېسەللىكتۇر. چۈنكى ئۆلۈم جاندىن ئايرىلىش بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىشتۇر. ئەمما كېسەللىك ماغدۇردىن ئايرىلىش بولۇپ، ئەسلىگە كېلىش ئېھتىمالى كۆپ بولىدۇ. كېسەللىك بىر تەرەپتىن ئۆلۈمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى كېسەللىك ئىنساندىكى پائالىيەتچانلىقنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنى ئۆز ھالى بىلەن ئولتۇرۇشقا ياكى يېتىشقا مەجبۇر قىلغاندەك، ئۆلۈم ئىنساننى ھەرىكەتتىن پۈتۈنلەي تۇختىتىپ ئۇنى قەبرىدە تا قىيامەتكە قەدەر يېتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

ئىنساننىڭ بېشىدىن ئۆتىدىغان نۇرغۇن ئىشلار ئۆلۈمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيقۇ، كېسەللىك دېگەندەك. ئىنساننىڭ بېشىدىن ئۆتىدىغان ھەربىر ھايات باسقۇچى بىزگە ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ. مەسىلەن: ياشلىق بالىلىقنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، قېرىلىق ياشلىقنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. لېكىن ئىنسان ھېچ ئويلاپ كۆرمەيدۇ، ئىبرەت ئالمايدۇ، ئۆزىنى ئۆلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

كېسەلنى سالغۇچى ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭدىن شىپالىق بەرگۈچىمۇ ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالانىڭ كېسەللىكنى ئىرادە قىلىشىدا كۆپلىگەن ھېكمەتلەر ۋە سەۋەبلەر بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى ئىنساننىڭ ئۆز ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىشى ۋە ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىگە قايىل بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى كېسەلگە مۇپتىلا قىلىشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: بىزنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇش، تەكەببۇرلۇقتىن ۋاز كەچكۈزۈش، كېسەللەرنىڭ ھالىغا يەتكۈزۈش، سەۋرىمىزنى ۋە رازىمەنلىكىمىزنى سىناش قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن.

ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆزىنىڭ «ئەششافىي» (شىپالىق بەرگۈچى) دېگەن ئۇلۇغ ئىسمى شەرىپى بىلەن مۇئامىلە قىلغان چاغدا، بىزدە كېسەلدىن ئەسەر قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ھەر خىل يوللار بىلەن شىپالىق ئاتا قىلىدۇ.  بەزىدە سەۋەب قىلدۇرۇپ شىپالىق بېرىدۇ، بەزىدە ئەڭ ئاددىي سەۋەب بىلەنمۇ شىپالىق بېرىدۇ، بەزىدە شەۋەبسىزمۇ شىپالىق بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بەزىدە دۇئا بىلەن، بەزىدە تەۋبە-ئىستىغپار بىلەن، بەزىدە سەدىقە بىلەن نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپالىق ئاتا قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كېسەللىرىڭلارنى سەدىقە بىلەن داۋالاڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. بىزدىكى «سەدىقە بالانى يەر، تەۋبە گۇنانى يەر» دېگەن سۆزنىڭ ئەلۋەتتە ھەقىقەتتىن دەلىلى بار.

«يەتتىنچى ئاسمانغا سەپەر» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئەللامە جابىر ئەفىفىي مەزكۇر ئەسىرىدە مۇنداق بىر قىسسىنى بايان قىلغان: «سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر باي بۆرەك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بولۇپ، مىسىرغا بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بارىدۇ.  مىسىرنىڭ مەلۇم بىر دوختۇرخانىسىدا ياتىدۇ ۋە بىر قىزنىڭ بۆرىكىنى سېلىشقا كېلىشىدۇ. بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ھېلىقى باي بۆرىكىنى ساتماقچى بولغان قىزنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، قىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىلىدۇ. قىز ئەمدىلا ئون سەككىز ياشقا كىرگەن بولۇپ، باي ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۆرىكىنى ساتىدىغانلىقىنى سورىغاندا، قىز: «مېنىڭ يېتىم ئۇكا-سىڭىللىرىم بار، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشى ۋە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن پۇلغا ئېھتىياجىمىز بار ئىدى» دەيدۇ. باي بۇ قىزنىڭ سۆزلىرى ئاڭلاپ، قاتتىق سىلكىنىدۇ، ئەمدىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولىدۇ، بۆرەك ئالماشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىدۇ ۋە قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئوپېراتسىيەنى توختىتىشنى ۋە بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشكەن يۈزمىڭ رىيال پۇلنى بۇ قىزغا بېرىۋېتىپ، دەرھال سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىشنى ئېيتىدۇ. باينىڭ بالىلىرى قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، باي ئۆزىنىڭ سۆزىدىن يانماي قايتىپ كېتىدۇ. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن، باي دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە بارىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، باينىڭ بۆرىكى قايتىدىن ئىشلەشكە باشلىغان بولۇپ چىقىدۇ. دوختۇرلار بۇنىڭغا ئىشىنەلمەي قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار باينى بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا تەۋسىيە قىلغان ۋە بۆرەكنىڭ كاردىن چىققانلىقىنى ئانالىزلار بىلەن بىلدۈرگەن دوختۇرلارنىڭ ئۆزى ئىكەن».

يەنە بىر كىتابتا ئوقۇغان بىر قىسسە ئېسىمگە كېلىپ قالدى.  بۇ ياۋروپادا ياشايدىغان بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ قىسسىسى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:  «مەن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، كېسەلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان ئىدىم. دوختۇرلار مېنىڭ بىر قانچە ئايلىق ئۆمرۈم قالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەرەمگە بېرىپ ئۆمرە قىلىپ، گۇناھلىرىمنىڭ مەغپىرەتلىكىنى تىلەي ۋە ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلاي دەپ، مەككىگە باردىم. ئۆمرە قىلىش ئەسناسىدا ئۆمىدىمنى ئاللاھ تائالاغىلا باغلاپ كۆپ دۇئا قىلدىم، كېسىلىمگە شىپالىق تىلىدىم . مەن ھەرەمدىن قايتىپ ئۆيۈمگە كېلىپ، بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن، دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە باردىم.  دوختۇر بىر قانچە ئانالىزلارنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزى ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا كېسىلىم يوقلۇقىنى ئېيتتى. مەنمۇ دەسلەپ ئىشەنمىدىم . دوختۇر قايتا- قايتا شۇنداقلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا چىن يۈرىكىمدىن ھەمدۇسانا ئېيتتىم، سەجدە قىلىپ پۇخادىن چىققۇدەك يىغلىۋېلىش ئۈچۈن نامازگاھ ئىزدەشكە كىرىشتىم».

ئاللاھ تائالا «ئەششافىي» دېگەن مۇبارەك ئىسمى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، سەۋەبكە ئورۇن قالمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇ چاغدا سەۋەبنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولىدۇ.

شۇڭا، سىز چىن قەلبىڭىزدىن «يا ئاللاھ!»، «يا شافىي» دەڭ! ھاياتىڭىزدا قىلغان ئۇنتۇلماس ياخشى ئەمەللىرىڭىزنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇڭ، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قىلغان مۇنۇ دۇئانى قىلىڭ: )لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ الظَّالِمِيْنَ( «(ئى رەببىم!) سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، سېنى (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تەرىپلەيمەن، ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلغۇچىـلاردىن بولدۇم»([1]). ئەييۇب ئەلەيھىسسالام قىلغان مۇنۇ دۇئانى قىلىڭ: )أَنِّي مَسَّنِيَ ٱلضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ ٱلرَّاحِمِينَ( «ھەقىقەتەن مېنى بالا (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن»([2]).

([1])      ئەنبىيا سۈرىسى87-ئايەت.
([2])      ئەنبىيا سۈرىسى83 ـ ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار