دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلار ۋە ھالەتلەر

 

دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلار ۋە ھالەتلەر

   يازغان: مۇھەممەد لەئىقۇللاھ خان

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۈسۈپ

خۇددى دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقىتلار بولغىنىدەك، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ھالەتلەرمۇ بولىدۇ. مۇسۇلمان ئادەم بۇنداق ھالەتلەرنى ھەرگىز قولدىن بەرمەسلىكى ۋە دۇئانى، ئىستىغفارنى كۆپ قىلىشى لازىم. بۇ ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:

ئېھرام ئىچىدىكى ھالەت

   ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئادەم ئىھراملىق ھالىتىدە تۇرۇپ كۆپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇلغان. چۈنكى بۇنداق ھالەتلەردىكى دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. ئىبىن ماجە ۋە باشقا ھەدىسشۇناسلار ئابدۇللا  ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىد بىلەن ھەج ۋە ئۆمرە سەپىرىگە چىققان ئادەم ئاللاھنىڭ مېھمىنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار دۇئا قىلسا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ، سورىسا بېرىلىدۇ» دېگەن.

نامازدا دۇئا قىلىش

    نامازدا قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. بولۇپمۇ سەجدىدە قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇش نىسبىتى كۆپتۇر. چۈنكى بەندىنىڭ سەجدە قىلىۋاتقان ھالىتى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بولغان ھالىتى بولۇپ، بۇنداق ھالەتتە قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشقا يېقىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئايەت ۋە ھەدىس كەلگەن. ئايەت شۇكى، ئاللاھ تائالا :« سەجدە قىلغىن ۋە (رەببىڭگە) يېقىنلاشقىن» دېگەن. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھەدىسكە كەلسەك،  ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:« بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى ئۇنىڭ سەجدە قىلىۋاتقان ھالىتىدۇر، ئۇنداقتا سەجدىنى كۆپ قىلىڭلار.» ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« رۇكۇدا ئاللاھنى ئۇلۇغلاڭلار، ئەمما سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار. چۈنكى بۇ ھالەتتىكى دۇئا ئىجابەت بولۇشقا بەكمۇ لايىقتۇر.»

نامازدا سالامدىن ئىلگىرى دۇئا قىلىش

دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ھالەتلەردىن بىرى نامازنىڭ ئاخىرىدىكى تەشەھھۇدتىن كېيىنكى ھالەت بولۇپ، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇش نىسبىتى كۆپ بولىدۇ.  ئىمام ئەھمەد، ئىمام تىرمىزى، ئىمام نەسائى ۋە باشقىلار ئابدۇللا ئىبىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:« مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇۋاتاتتىم، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرمۇ يېنىدا بار ئىدى. نامازدا ئولتۇرغاندا دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. ئاۋۋال ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتتىم، ئاخىرى ئۆزۈم ئۈچۈن دۇئا قىلدىم. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: تىلىگىن، تىلىگىنىڭنى تاپىسەن، دېدى.»

روزىدار ھالەتتە دۇئا قىلىش

دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ھالەتلەرنىڭ بىرى، مۇسۇلمان ئادەمنىڭ روزا تۇتۇۋاتقان ھالىتىدۇر. ئىمام بەيھەقىي ئەنەس ئىبىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۈچ خىل ئادەمنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: بىرى ئاتا-ئانىنىڭ دۇئاسى، يەنە بىرى، روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى، ئۈچىنچىسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسىدۇر.»

 مەلۇم ھالەتلەردە دۇئا قىلىش

شۇ ئېنىقكى، ھەربىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاجايىپ بىر ھالەتلىرىمىز بولىدۇ. ھەربىرىمىز  شۇ ھالەتلىرىمىزنى ۋە شۇنداق قىيىن ئەھۋاللاردا دۇئانىڭ بىزگە قانداق ئەسقاتقانلىقىنى ھېكايە قىلىشقا باشلىساق، ئۇنى تۈگىتىپ بولالمايمىز. چۈنكى ئىنساننىڭ بېشىدىن شۇنداق بىر ئەھۋاللار ئۆتىدۇكى، شۇنداق ھالەتلەردە تىلەكلىرىمىزنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى ۋە قىيىنچىلىقىمىزنىڭ ھەل بولغانلىقى بىزنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. تۆۋەندە مەن ئاڭلىغان بەزى قىسسىلەرنى بايان قىلىمەن.

 1. بىر مۇسۇلمان ئايال سەمىمىي قەلبى بىلەن مۇنداق بىر قىسسىنى بايان قىلىدۇ: يولدىشىم بىر كىشىدىن 24 مىڭ رىيا قەرز ئالغان ئىدى، يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما بۇ قەرزنى بىز تۆلىيەلمىدۇق. بۇ سەۋەبتىن يولدىشىم ۋە مەن قاتتىق غەمكىنلىك ۋە چارىسىزلىك ئىچىدە قالدۇق،  قەرز بەرگەن شەخسنىڭ يۈزىگە قارىيالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدۇق. دۇنيا بىزگە تار كەلدى. يولدىشىمنىڭ قاتتىق بىئارام بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بۇزۇلاتتى. بىر رامىزان كېچىسى نامازغا تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا چىن قەلبىم بىلەن يۈزلەندىم، ئاندىن قاتتىق دۇئا قىلدىم، ئاللاھ تائالادىن بىزنى بۇ قەرزنىڭ غېمىدىن خالاس قىلىشىنى تىلەپ قايتا-قايتا دۇئا قىلدىم ۋە قاتتىق يىغلىدىم، شۇنداق قىلىپ دەردىمنى ئاللاھ تائالاغا تۆكتۈم. ئەتىسى ئىپتار ۋاقتىدىن ئازراق ئىلگىرى يولدىشىمنىڭ تېلېفوندا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ، دەرھال يېنىغا كەلدىم، بۇ ئارىدا سۆزلىشىپ بولدى ۋە سورىدىم سەۋەبىنى. ئەمما يولدىشىم گەپ قىلماستىن قاتتىق يىغلاپ كەتتى، مۇندىن ئىلگىرى ئۇنىڭ مۇنداق يىغلىغانلىقىنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. قارىسام بۇ غەمكىنلىك يىغىسى ئەمەس، بەلكى خۇشاللىق يىغىسى ئىكەن. يولدىشىم ھاياجاندىن شۇنداق يىغلاپ كەتكەن ئىكەن. ئاندىن ماڭا دەپ بەردىكى قەرز ئىگىسى قەرزىنى ئۇنىڭدىن كەچۈرىۋەتكەن ئىكەن. يولدىشىم دېدىكى، ئۈستۈمدىن ئېغىر تاغ يۆتكىلىپ كەتكەن بولدۇم.

2. بىر ئايال يەنە مۇنداق دەپ ھېكايە قىلىدۇ: يولدىشىم ھاراقكەش ئىدى. ئۇنىڭ مەست بولغان ۋاقتىدىكى ھالىتىنى ۋە ماڭا، ھەم بالىلىرىمغا قىلىدىغان يامانلىقىنى ھېچ سورىماڭلار. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش ھاراقكەش دوستلىرى بىلەن ئۆيىمىزدە كېچە-كېچىلەپ ھاراق ئىچىپ، قاقاقلاپ كۈلۈپ ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئاۋازلىق كۈلكىسىدىن مەن بالىلىرىم ئۇخلىيالمايتتۇق. ئەڭ چوڭ قورقۇنچىم بىزنى قوشنىلارنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلىشى ئىدى. شۇنىڭدىن قورقۇپ ئىشىكنىمۇ ئاچمايتتى. بىر كۈنى ناماز بامدات ۋاقتى ئۆيگە مەست كېلىپ ئالجىغىلى تۇردى، ئۈن ئالغۇنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى ئېچىۋېتىپ ناخشا ئاڭلىغىلى تۇردى. مەن ئۆيگە كىرىپ ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، پۈتۈن قەلبىم بىلەن دۇئا قىلدىم ۋە ئائىلىمىزنى ھاراق دېگەن نىجىستىن پاك قىلىشىنى ۋە ئېرىمگە ھىدايەت بېرىشىنى سورىدىم، دۇئانى زېرىكمەستىن، قايتا-قايتا قىلدىم. بىر ئازدىن كېيىن يولدىشىمنىڭ يېنىغا كىرسەم ياتىقىدا ئۇخلاپ قاپتۇ. شۇ سائەتتىن كېيىن يولدىشىم ئۆزلۈكىدىن ھاراقنى تاشلىدى ۋە قەتئىي ئىچمەيدىغان بولدى.

3. بىر دەۋەتچى ئايال مۇنداق دەپ ھېكايە قىلىدۇ. بىر كۈنى مەن مەلۇم بىر جايدا دىنىي تەبلىغ قىلىپ قايتاي دەپ تۇرسام بىر ئايال كېلىپ ماڭا يولدىشىنىڭ ئاق چېكىدىغانلىقى، ئائىلىسىگە چىقىم قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۇنى ھەم بالىلىرىنى ھەمىشە خارلاپ ئۇرىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭغا، تەۋبە-ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىشنى، ئاللاھ تائالاغا كوپ دۇئا قىلىشنى، خۇسۇسەن سەجدىدە كۆپ دۇئا قىلىپ ئاللاھ تائالادىن ئېرىگە ئىنسان تىلەشنى تەۋسىيە قىلدىم. كېيىن بىر قانچە ئايدىن كېيىن يەنە شۇ جايدا تەبلىغ سۆزلەپ قايتىشىمغا ھېلىقى ئايال كېلىپ ماڭا كۆپ رەھمەت ئېيتتى ۋە  مەن تەۋسىيە قىلغان ئىشلارنى قىلىش يۈزىسىدىن يولدىشىنىڭ تۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئالتە ئايدىن بىرى يولدىشىنىڭ بۇرۇنقى يامان ئادەتلىرىنى تاشلاپ ناماز ئوقۇيدىغان بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

4. بىر ئايال مۇنداق بىر ھېكايىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كۈنى يولدىشىم ماڭا ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ئوغۇل تۇغۇپ بەرمىسەم، مېنى چوقۇم  تالاق قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى. ۇ ناھايىتى جىددىي ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قانداقمۇ سۆز ئاڭلىتاي؟ بالىنىڭ ئوغۇل بولۇشى ياكى قىز بولۇشى مېنىڭ قولۇمدا بولمىسا، مەن ئەمدى قانداق قىلىپ ئائىلەمنى ساقلاپ قالاي؟ بۇ ھەقتە قاتتىق باش قاتۇردۇم، كوپ غەم قىلدىم. ئاخىرى مەسجىدى ھەرەمگە كىرىپ، ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ سەمىمىي قەلبىمدىن ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم ۋە دېدىم: ئۇلۇغ رەببىم! سەن مېنىڭ بۇ زور ھالىمنى ھەممىدىن بەك ئوبدان سەن بىلىسەن، رەببىم ماڭا بىر ئوغۇل پەرزەنت بەرگىن، شۇنىڭ بىلەن ئائىلەمنى بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ قالاي، رەببىم مېنى نائۈمىد قىلمىغىن، دەپ قايتا-قايتا دۇئا قىلدىم. شۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي كېيىن ئېغىر ئاياق بولدۇق، بۇ ۋاقىتتا بەك خوش بولدۇم بالامنىڭ ئوغۇل بولۇشىنى قاتتىق تىلىدىم. ئاخىرى تۇغىدىغان ۋاقىت كەلگەندە ئاللاھ تائالاغا تېخىمۇ كۆپ دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. شۇنداق قىلىپ بالام ئوغۇل تۇغۇلدى، خۇشاللىقتىن ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ كەتتىم، دۇنيانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بولغاندەك خۇشاللىققا تولدۇم. ئاندىن ئاللاھ تائالاغا شۈكرى قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتتىم.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار