مۇناجات

 

أَعُوذُ بِالله السَّمِيعِ العَلِيِمِ مِنَ الشّيطَانِ الرّجِيمِ

بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ.

ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَالَمِيْنَ. ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيْمِ. مَـٰلِكِ يَوْمِ ٱلدِّيْن. ِإِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِيْنُ. ٱهْدِنَا ٱلصِّرَاطَ ٱلْمُسْتَقِيْمَ. صِرَاطَ ٱلَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ ٱلْمَغْضُوبِ عَلَيْهِم وَلاَ ٱلضَّآلِّيْنَ.

اَللَّهُمَّ صَلِّ عَلىَ مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلىَ إِبْرَاهِيْمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيْمَ إنَّكَ حَمِيْدٌ مَجِيْدٌ. اَللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إِبْرَاهِيْمَ وَعَلَى آل إِبْراَهِيْمَ إنَّك َحَمِيْدٌ مجَيِدٌ.

ئى ھەمدۇساناغا تولىمۇ ھەقلىق، مەدھىيەگە تامامەن لايىق ھەم سازاۋەر بولغۇچى ئىگەم ئاللاھ! ساڭا ئاسمان _ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جىمى مەخلۇقاتنىڭ سانىچىلىك ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ھەمدۇسانا ئېيتىمىز، سېنى بارچە كەمچىلىكلەردىن ۋە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھىدايەتنىڭ مەشئىلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت، دۇئا ۋە سالاملىرىمىزنى  يوللايمىز.

ئى ئاللاھ! سەن بىزنىڭ ئىگىمىز، مەدەتكارىمىز ۋە پەرۋىشچىمىزسەن. سەندىن بۆلەك ئىگىمىز يوق، مەدەتكارىمىز يوق. سەن بىزنى يوقتىن بار قىلىپ، چىرايلىق سۈرەتتە ياراتتىڭ، بىزگە تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئاتا قىلدىڭ، بىزگە ئەقىل – ئىدراك ئاتا قىلىپ، بارچە مەۋجۇداتنىڭ كاتتىسى قىلدىڭ. ئى ئۇلۇغ رەببىمىز! بىز سېنى ئۇلۇغلۇقۇڭغا ۋە مۇتلەق پادىشاھلىقىڭغا لايىق شەكىلدە مەدھىيەلەيمىز. ئى ئۇلۇغ رەببىمىز! بىز سېنى قانچىلىك مۇكەممەل مەدھىيەلىسەكمۇ، سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيەلىگەن دەرىجىدە مەدھىيەلەشتىن ئاجىز قالىمىز، ئۇنىڭغا تىلىمىز ئاجىز، سۆزلىرىمىز يېتەرسىزدۇر. بىز ساڭا قانچىلىك كۆپ شۈكرى قىلساقمۇ، قانچىلىك كۆپ ئىبادەت قىلساقمۇ، سەن بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلەرنىڭ، ئىنئاملارنىڭ ۋە ياخشىلىقلارنىڭ مىليوندىن بىرىنىمۇ ئادا قىلالمايمىز. ئى رەببىمىز! ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ۋە چوڭدۇر. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سېنى رازى قىلىشقا ۋە ھەقلىرىڭنى ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز. سەن بىزگە بۇ يولدا مەدەتكار بولغىن، شۈكۈر ۋە ئىبادەتنىڭ يوللىرىنى بىزگە ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگىن. شۇ ئەرزىمەس ئىبادەتلىرىمىزنى ۋە تولىمۇ كەمچىل قۇلچىلىقىمىزنى ئۆز دەرگاھىڭدا قوبۇل قىلغىن، بىزنى دۇنيادا ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىدا قىلغىن، ياخشى بەندىلىرىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن، ئاخىرەتتە بىزنى پەيغەمبەرلەر، شېھىتلەر، راستچىللار ۋە سالىھلار بىلەن بىر يەردە قىلغىن.

ئى رەببىمىز! بىزنى سېنى دوست تۇتقان ۋە سېنىڭ دوستلىرىڭنى دوست تۇتقانلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلغىن، بىزنى كاپىرلارنىڭ، زالىملارنىڭ ۋە گۇناھكارلارنىڭ قاتارىدىن قىلمىغىن. بىزنى سېنىڭ ھەق يولۇڭدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان، ئىمان بىلەن ياشاپ، ئىمان بىلەن ئۆلىدىغان ۋە ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرغان سالىھ كىشىلەردىن قىلغىن.

 ئى ئاللاھ! ئى بىزگە ئاتا _ ئانىمىزدىنمۇ بەك كۆيۈمچان، جان تومۇرىمىزدىنمۇ بەك يېقىن، تولىمۇ شەپقەتلىك ئاللاھ! ئى چىن يۈرەكتىن قىلىنغان سەمىمىي دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى، بەندىلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى بىلگۈچى، مۇناجاتلىرىنى قوبۇل قىلغۇچى ئاللاھ! مۇشۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ۋە ئۇلۇغ سائەتلەردە ساڭا قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغىن، ساڭا ئىلتىجا قىلىپ كۆتۈرگەن قوللىرىمىزنى قۇرۇق قايتۇرمىغىن.

ئى شەپقەتلىك ئىگەم ئاللاھ! بىز ئاسىي – گۇناھكار ۋە تولىمۇ ھېقىر بىر قۇلۇڭمىز، شۇ تاپتا ئىككى قولىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، سېنىڭ چەكسىز مېھىر– شەپقىتىڭگە كەڭ مەغپىرىتىڭگە ۋە كاتتا پەزلىڭگە سىغىنىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىۋاتىمىز. ئى ئاللاھ! جىمى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغىن، يېتەرسىز تەرەپلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، بىزنى ياردىمىڭدىن ۋە رەھمىتىڭدىن مەھرۇم قىلمىغىن، بىزنى سالىھ مۇئمىنلەردىن قىلغىن!

ئى ئاللاھ! بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان دىنىمىزنى بىز ئۈچۈن مۇكەممەل قىلىپ بەرگىن. مەئىشىتىمىز بولغان دۇنيالىقىمىزنى بىز ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىمىز بولغان ئاخىرەتلىكىمىزنى بىز ئۈچۈن ياخشى قىلىپ بەرگىن، بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ خارلىقلىرىدىن ساقلىغىن.

ئى زەررىچىلىك ياخشىلىقنىمۇ مۇكاپاتسىز قالدۇرمايدىغان كەرەملىك ئاللاھ! ئىككى قوللاپ بېشىمىز ئۈستىدە كۆتۈرۈپ ساڭا تۇتقان بۇ ئىخلاسىمىزنى قوبۇل قىلغىن!

ئى دىللارنى باشقۇرغۇچى ئاللاھ! دىلىمىزنى دىنىڭغا مۇستەھكەم قىلغىن. ئى دىللارنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! دىللىرىمىزنى سېنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىڭگە ئۆزگەرتكىن.

ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز، بىزنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆز ھالىمىزغا قويۇۋەتمىگىن، بارلىق ئىشلىرىمىزنى ياخشىلاپ بەرگىن، سەن بىزنىڭ يېگانە ئىگىمىزسەن، سەندىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر.

ئى ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئاقىۋىتىمىزنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقىدىن ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن.

ئى ئاللاھ! بىز سەندىن پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىلىگەن نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تىلەيمىز ۋە ساڭا سىغىنىپ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاناھ تىلىگەن نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز. سەن ئەڭ ياخشى مەدەتكارسەن، تولىمۇ شەپقەتلىكسەن. سېنىڭ ياردىمىڭ بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ.

ئى ئاللاھ! بىزگە ئىماننى قىزغىن سۆيدۈرگىن، ئۇنى دىلىمىزدا كۆركەم قىلغىن. بىزگە كۇفرىنى، بۇزۇقچىلىقنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتكىن، بىزنى توغرا يولدا يۈرگۈچىلەردىن قىلغىن.

ئى ئاللاھ! سەندىن قورقمايدىغان دىلدىن، قوبۇل بولمايدىغان دۇئادىن، تويمايدىغان نەپستىن، پايدىسىز ئىلىمدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئى ئاللاھ! مۇشۇ تۆت نەرسىدىن پاناھ بەرگىن.

ئى ئاللاھ! بىزگە پايدىلىق نەرسىلەرنى بىلدۈرگىن، بىزگە بىلدۈرگەنلىرىڭدىن بىزنى پايدىلاندۇرغىن، ئىلمىمىزنى زىيادە قىلغىن.

ئى ئاللاھ! سەندىن بىزنى رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان، مەغپىرىتىڭگە مۇيەسسەر قىلىدىغان ئەمەللەرنى، بارلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىشنى، جىمى ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشنى، جەننەتكە مۇيەسسەر  بولۇشنى ۋە دوزاختىن يىراق بولۇشنى تىلەيمىز. ئى ئاللاھ! ھەرقانداق گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغايسەن، ھەرقانداق قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلغايسەن ۋە سەن رازى بولىدىغان ھەرقانداق ھاجىتىمىزنى راۋا قىلغايسەن، ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ!.

ئى ئاللاھ! سەندىن قايتماس ئىمان، تۈگىمەس نېمەت ۋە مەڭگۈلۈك جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قېتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇشنى تىلەيمىز.

ئى ئاللاھ! بىزگە ھەقنى ھەق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى نەسىب قىلغىن، بىزگە باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى نېسىپ قىلغىن.

ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن ۋە مەغپىرەت قىلىشنى ياقتۇرىسەن، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزگە ئاتا قىلغان نېمىتىڭنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن، بەرگەن ئامانلىقىڭنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن، تۇيۇقسىز جازالىشىڭدىن ۋە بارچە غەزەبلىرىڭدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز.

ئى ئاللاھ! غەم - قايغۇدىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن پاناھ تىلەيمىز ۋە ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، قەرزدارلىقتىن، دۈشمەننىڭ غالىب كېلىشىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز.

ئى ئاللاھ! قۇرئان كەرىمنى قەلبىمىزنىڭ باھارى، كۆڭلىمىزنىڭ نۇرى، غەم-قايغۇلىرىمىزنى كەتكۈزگۈچى قىلىپ بەرگەن. ئى ئاللاھ! بىزنى قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ سۈننەتنىڭ يولىدىن ھەرگىز ئايرىمىغىن.

ئى ئاللاھ! بىزگە بىزنى گۇناھتىن تامامەن يىراق قىلىدىغان، بۇيرۇغانلىرىڭنى تولۇق ئورۇندايدىغان تەقۋالىقنى، بىزنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان تائەت-ئىبادەتنى، دۇنيانىڭ مۇسىبەتلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ئالدىدا ھالسىراپ قالمايدىغان ئىشەنچنى ئاتا قىلغىن.

ئى ئاللاھ! سەن بىزنى ھايات قالدۇرغان مۇددەت ئىچىدە بىزنىڭ كۆزىمىزنى، قۇلىقىمىزنى ۋە بارلىق ئەزالىرىمىزنى ساق قىلغىن، بىزگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىنتىقامىمىزنى ئېلىپ بەرگىن، دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن، بىزنى دىنىمىزدىن ئايرىمىغىن، بىزنى دۇنيالىقنىڭلا غېمىنى قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن باشقىسى بىلمەيدىغانلاردىن قىلمىغىن، بىزگە رەھىم قىلمايدىغانلارنى ئۈستىمىزگە مۇسەللەت قىلمىغىن.

ئى ئاللاھ! بىز ئۆزىمىزگە كۆپ زۇلۇم قىلدۇق، گۇناھلىرىمىزنى سەندىن باشقا ھېچكىم مەغپىرەت قىلالمايدۇ، بىزگە رەھىم قىلغىن، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، شەپقەت قىلغۇچىسەن.

ئى ئاللاھ! سېنى ياد ئېتىشىمىز، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمىز، ۋە ساڭا لايىقىڭدا ئىبادەت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە مەدەت بەرگىن.

ئى ئاللاھ! سېنىڭ رازىلىقىڭغا تەلمۈرۈپ، غەزىبىڭدىن پاناھ تىلەيمىز، سېنىڭ قوغدىشىڭغا تەلمۈرۈپ، ئازابىڭدىن پاناھ تىلەيمىز، ساڭا سىغىنىپ دوزاختىن پاناھ تىلەيمىز، ئى رەببىم! سەن ئۆزۈڭگە سانا ئېيتقاندەك مۇكەممەل رەۋىشتە سانا ئېيتىشتىن ئاجىزمىز.

ئى ئاللاھ! غۇربەت كوچىلىرىدا يورۇق دۇنياغا ئىختىيارسىز كۆز ئېچىۋاتقان كىرسىز پاك قۇندۇزلىرىمىزغا ئاتىلىرىنىڭ كۈنلىرىنى كۆرسەتمىگىن، يۇرتسىزلىق بىلەن غۇبەتچىلىكنىڭ دەردلىرىنى ئۇلارغا ھەرگىز چەكتۈرمىگىن ۋە ئۇلارنىڭ كېلەچىكىنى ئاتىلىرىنىڭكىدىن پارلاق قىلغىن!

ئى مۇئمىنلەرنىڭ بىردىنبىر تايانچىسى، بىچارىلەرنىڭ يېگانە پاناھگاھى، ئاپئاق قۇندۇزدەك گۇناھسىز، پاك ئەۋلادلىرىمىزنىڭ غەمگۇزارى ئاللاھ! دۇنيانى تەھدىت ئاستىغا ئالغان، ئىنسانلارنى قورقۇنچ ۋە تەشۋىشلەگە مەھكۇم قىلغان ئاشۇ ۋابادىن بىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى ساقلىغىن، ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ساڭا ئىبادەت قىلىشىمىزغا ئىزىن بەرگىن، ساڭا لايىقىڭدا قۇلچىلىق قىلىش ۋە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن بىزگە پۇرسەت بەرگىن، ئى ئاللاھ! مەسجىدلىرىمىز يېپىلدى، بىزگە تەۋبىنىڭ ئىشكىنى يېپىۋەتمىگىن، بىزنى گۇناھلىرىمىز تۈپەيلى جازالىمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىپ، توغرا يولغا قايتىۋېلىشىمىزغا مۆھلەت بەرگىن، ئى ئاللاھ! بىزنى ۋە جىمى ئىسلام ئۈممىتىنى بۇ ۋابادىن ساقلاپ قالغىن، ئى ئاللاھ! بىز پەيغەمبىرىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە «ئى ئاللاھ! سەن ئەگەر ئىسلام ئۈممىتىنى يوق قىلىۋەتسەڭ، يەر يۈزىدە ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان ئادەم قالمايدۇ» دەپ قىلغان دۇئاسىنى قىلىمىز.

ئى ئاللاھ! زالىملارنىڭ ئىشكەنجىسىدە ئېزىلىۋاتقان، تەسەۋۋۇر قىلغۇيسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا سەن چارە بول، سەن مەدەتكار بول ۋە ئۇلارنى سەن قۇتقۇزغىن ئى ئاللاھ!

  ئى ئاللاھ! سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، غۇربەت كوچىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن، يۈرەكلىرى دەرد – ئەلەملەر بىلەن تولغان، چىرايلىرى ساماندەك سارغايغان، بىر قېتىممۇ پۇخادىن چىققۇدەك كۈلەلمىگەن، ئۆمرىنىڭ ئالتۇندەك چاغلىرى سەرسانلىقتا بىھۇدە نابۇت بولۇشقا يۈز تۇتۇۋاتقان ياشلىرىمىزغا پاناھ بەرگىن، ئۇلارنى نائۈمىد قىلمىغىن، ئۇلارغا ۋىسال باھارى نېسىب ئەتكىن ۋە ئۇلارنى خەلقىمىزنىڭ مەرىپەت بۇلىقى قىلىپ بەرگىن.

ئى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى مۇشتاقلىقتىن تولا يىغلاپ كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئاتىسىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن شەپقەتلىك ئاللاھ! ھىجران كوچىلىرىدا سۆيگەنلىرى ئۈچۈن  تەلپۈنۈپ ئالدىراپ سوقۇۋاتقان يۈرەكلەرنى سۆيگەنلىرىگە يەتكۈزگىن.

 

ئى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى نەمرۇدنىڭ ئوت دۆۋىسىدە كۆيدۈرمەستىن ساقلاپ قالغان ئاللاھ! سىنىڭ ئۇلۇغ دىنىڭنى خۇددى چوغنى تۇتقاندەك تەسلىكتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا مەدەت بەرگىن!

ئى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋننىڭ سارىيىدا ئىمان بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن قۇدرەتلىك ئاللاھ! زامانىمىز پىرئەۋنلىرىنىڭ خۇداسىزلىق تەربىيىسىگە زورلىنىۋاتقان ئاپئاق قۇندۇزدەك پاك سەبىيلىرىمىزنىڭ خۇددى ئاپئاق قەغەزدەك كىرسىز پاك قەلبلىرىگە ئىمان نۇرىنى بەخش ئەتكىن!

ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئەرشىڭنى تىترىتىۋاتقان ئاھۇ- زارلىرىمىزنى تىڭشىغىن! چېكى يوق ئەلەملەردە قېتىپ كەتكەن گۇناھكار بېشىمىزنى ئەپۇ  رەھمىتىڭ بىلەن سىلىغىن! قاچانلاردىن ساڭا قاقشاپ، تولا يىغلاپ، قۇرۇپ كەتكەن كۆزلىرىمىزنى ئەمدى بىر شاتلىق ياشلىرىدا نەملىگىن!

ئى شەپقەتلىك ئاللاھ! بىزگە رەھىم قىلغىن! ئەجدادلىرىمىزدىن ۋە بىزدىن ئۆتەلگەن ھەم ئۆتۈلۈۋاتقان ئىختىيارىي، ئىختىيارسىز، چوڭ – كىچىك بارلىق گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە بىزگە ھىدايەت، ئىلىم - ھېكمەت بەرگىن! چۈنكى سەن ئەڭ شەپقەتلىك مەغپىرەت قىلغۇچى، ئەڭ كۆپ ئەپۇ قىلغۇچى ۋە ئەڭ كەرەملىك ئىلاھىمىزسەن.

ئى روھقا بەدەن، بەدەنگە ھەرىكەت ئاتا قىلغۇچى شەپقەتلىك ئاللاھ! سەن بىزنىڭ بىردىنبىر مەدەتكارىمىز ۋە يېگانە تايانچىمىزسەن. كېچە-كۈندۈز قايغۇ ھەسرەت بىلەنلا مۇڭدىشىپ ياشاۋاتقان قەھرىمان ئانىلىرىمىزنىڭ ئەللەي ناخشىلىرىنى ئاچلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ئىپلاس مۇڭلىرىدىن ئازاد قىلغىن! قىممەتچىلىك چاقناپ تۇرغان ئەينەك جازىلاردىكى قورچاقلارغا تەلمۈرۈپ، تىرناق تاتىلاۋاتقان بېچارە بالىلىرىمىزنىڭ ئوماق چىرايىنى مەيۈسلىك توزانلىرىدا خىرەلىشىشتىن ساقلىغىن! ئاشۇ بىگۇناھ، يوقسۇل ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى باھار رەڭگىدە بېزەپ، دادىلارنىڭ قاتمال كۆكرەكلىرىگە چىڭ يېپىشقىنىچە شىم، كۆينەكنىڭ ۋەيرانە يانچۇقلىرىدىن كۈتۈشىۋاتقان ئۈمىد تەڭگىلىرىنى مەڭگۈ چاقناشتىن توختاتمىغىن!

ئى قەلبلەرگە قايناق ھېسلارنى، ھېسلارغا ئاجايىپ خۇشپۇراق ھىدلارنى ئاتا قىلغۇچى ھېكمەتلىك ئاللاھ! جىسمىمىزنى چىرماپ، ھەر نەپەستە شەكىل ئۈستىگە شەكىل ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان رىياكارلىق بىلەن جاھالەت ئىللەتلىرىدىن بىزنى ئازاد قىلغىن! ئاچكۆزلۈكتىن بۇلغانغان غۇرۇرىمىزنى ئىمان ۋە ئەخلاقنىڭ مۇقەددەس ھەۋزى كەۋسەرلىرىدە غۇسلى قىلدۇرغىن!

سەن بىزنىڭ تەنھا ئىگىمىزسەن، ئاھۇ -زارلىمىزنى ھەممىدىن ئىلگىرى تىڭشىغۇچى رەھىم -شەپقەتلىك ئىلاھىمىزسەن، ئاشۇ ھەرپلەرنىڭ خۇشپۇراق جەۋھەرلىرى بىلەن ھاياتلىق گۈلزارلىرىدىكى نەۋقىران غۇنچىلىرىمىزغا ھۆسن قوشۇۋاتقان ئۇستازلىرىمىزنى مەنىسىز ھايات كەچۈرۈش بەخىتسىزلىكىدىن يىراق قىلغىن! ئۇلارنى خار – زەبۇنلۇق خارابىلىرىدا ئىز - دېرەكسىز يوقۇلۇشتىن ساقلىغىن! جاھالەتكە پۈركەنگەن گۈمبەز مۇنارلىرىمىزدا ئىلىم – مەرىپەتنىڭ مۇقەددەس ئەزانلىرىنى ياڭراتقىن!

ئى مۇھەببەتنىڭ سەرچەشمىسى، مىسكىن كۆزلەرنى شىرىن چۈشلەر بىلەن چاقناتقۇچى سۆيۈملۈك ئاللاھ! بۇرۇقتۇم كۈلبىمىزگە ئەرشىڭنىڭ مۇھەببەتلىك مەيىن شاماللىرىنى باشلايدىغان ئۆڭگۈرلەرنى ئاچقىن! نەپرەتنىڭ قىڭغىر بارماقلىرىدا ئىلەنگۈچ ئۇچۇۋاتقان مۇئەللەق قەدەملىرىمىزنى ئىمان ۋە ئىخلاسنىڭ مۇقەددەس تۇپراقلىرىدا مەھكەم دەسسەپ تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلغىن! ئانا رەھمىدە پاك، مىننەتسىز قانلارنى شۈمۈرگەن قىز، ئوغۇللىمىزنىڭ قەلبلىرىنى چىن ئىمان ۋە مۇھەببەتنىڭ قايناق بۇلاقلىرىغا ئايلاندۇرۇپ بەرگىن!

ئى بارلىق نىدالارنى تىڭشىغۇچى ئاللاھ! بىزنىڭ ساداسىز نىدالىرىمىزنى ئاڭلىغىن! ئۈمىد چاڭقاقلىقىدا يېرىلغان لەۋلەرگە ۋىسال شارابى، تېرىك كۆمۈلگەن جاسارەت ھەم شىجائەتلەرگە ساما پەرۋازى ئاتا قىلغىن! ھېس تۇيغۇلىرىمىزدىكى پىنھان ئارمانلارنىڭ تىلسىملىرىنى يېشىپ، مەيۈسلىكنىڭ نامرات يوللىرىغا يېڭى بەخت فونتانلىرىنى ئورناتقىن!

ئى دەردمەنلەرنىڭ غەمگۈزارى، ئاجىزلارنىڭ باشپاناھى ئاللاھ! سەنلا بىزنىڭ ھەقىقىي پەرۋىشچىمىزسەن، قايغۇ  ھەسرەت زۇلمەتلىرىدە سەنلا بىزنىڭ نۇرلۇق قوياشىمىزسەن، زۇلۇم، تەھدىت، ۋەھىمىلەردە سەنلا بىزنىڭ قەلب تەسكىنىمىزسەن، بىزنىڭ سەندىن باشقا ھىچ قانداق يۆلەنچۈكىمىز يوق.

ئى بېچارىلەرنىڭ نالە – پەريادلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل  قىلغۇچى، بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ جان تومۇرلىرىدىنمۇ بەك يېقىن تۇرغۇچى، مېھىر - شەپقەتلىك، قەدىردان ئاللاھ! ئانا ۋەتىنىمىزدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خورلىنىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولغىن، ئۇلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرغىن، رەھمىتىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلىغىن، يۈزىنى كۈلدۈرگىن، زالىملارنى تارمار قىلغىن، ئۇلارنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنى ھالاك قىلغاندەك ھالاك قىلغىن، زامانىمىزنىڭ پىرئەۋنلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىكى پىرئەۋننى غەرق قىلغاندەك غەرق قىلىپ يوقاتقىن.

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نۇسرەت بەرگەن ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممەتلىرى بولغان خەلقىمىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت بەرگىن!

ئى مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى ئاللاھ! دىنىمىزغا نۇسرەت بەرگىن، مۇسۇلمانلارنى قايتا ئەزىزلىككە ئېرىشتۈرگىن، ئۇلارنىڭ يۈتۈرۈپ قويغان سەلتەنەتىنى بىلەن پارلاق ئالتۇن دەۋرىنى قايتۇرۇپ بەرگىن!

ئامىين! ئامىين! ئى سوزۇلغان قوللارنى قۇرۇق قايتۇرمايدىغان كەرەملىك ئىلاھىم ئامىين!


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار