پەرزەنتلەرگە دۇئانى ئۆز تىلىمىزدا قىلىشنى ئۆگىتەيلى!

پەرزەنتلەرگە دۇئانى ئۆز تىلىمىزدا قىلىشنى ئۆگىتەيلى!

مۇھەممەد يۈسۈپ

«دعاء» (دۇئا) دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: چاقىرىش دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەت ئاتالغۇسىدا: ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»([1]) دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «دۇئا — ئىبادەتتۇر»([2]) دەپ كۆرسەتكەن.

دۇئادا بىزگە قاتمۇقات پايدا بار. چۈنكى دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىمىز، تىلەكلىرىمىزگە ئېرىشىمىز، ناۋادا تىلەكلىرىمىز ۋاقتىودا بېرىلمىسە، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن ۋاقىتتا بېرىلىدۇ، ناداۋا ھېچ بېرىلمىسە، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ياخشىلىق ئاتا قىلىنىدۇ ياكى يامانلىقتىن ساقلىنىپ قالىمىز. ئىشقىلىپ، ئاللاھ تائالاغا قىلىنغا دۇئالار ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ. دۇئا ئەڭ ئوبرازلىق ۋە ئەڭ سەمىمىي ئىبادەتتۇر.

«نامازدا دۇئانى ئەرەبچە قىلمىسا بولمايدۇ، نامازدا دۇنيالىق تىلەپ دۇئا قىلسا بولمايدۇ» دەيدىغان پەتىۋالارنى كىچىك ۋاقتىمدا كۆپ ئاڭلايتتىم. راستتىنلا شۇنداق ئوخشايدۇ، دەپ كۆپلىگەن ئەرەبچە دۇئالارنى يادلىۋالغان ئىدىم. ئەمما ئۇ دۇئالارنى مەنىسىنى بىلمەيلا ئوقۇيتتىم، ئاللاھ تائالادىن نېمىنى تىلەپ، نېمىدىن پاناھ تىلەۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم، ئىشقىلىپ، ئاللاھقا دۇئا قىلدىم دەپ ئۆزۈمنى خۇش قىلاتتىم. ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمدىمۇ بۇ توغرىدا ئىزدەنمىگە ئىكەنمەن.

ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلمىي خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل  مەشغۇل بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولدۇم. ئىزدىنىش جەريانىدا ئەرەب ئەمەس مۇسۇلمانلارنىڭ مەيلى نامازدا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئۆز تىلىدا دۇئا قىلسا بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا سەجدىلەردىمۇ ئۆز تىلىدا خالىغان نەرسىلىرىنى تىلەپ دۇئا قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدىم.

بۇ مەسىلىنىڭ دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە:

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد پەتىۋا سورىغۇچىلارنىڭ: پەرز نامازلارنىڭ سەجدىلىرىدە ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا دۇئا قىلسا بولامدۇ؟ ھەدىستە كەلمىگەن دۇئالارنىمۇ قىلسا ۋە خالىغان تىلەكلەرنى تىلىسە بولامدۇ؟ دېگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، 262254- نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەرەب تىلىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش قىيىن بولىدىغان كىشىلەرنىڭ نامازدا ئۆز تىلىدا دۇئا قىلىشى جائىزدۇر. دۇئادا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاجەتلىرىنى تىلىسە بولىدۇ، ھەدىستە كەلگەن دۇئالارنىلا قىلىش شەرت ئەمەستۇر»[3]. يەنە 20953- نومۇرلۇق پەتىۋادا « ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلسە، ئۇنىڭ ناماز ئىچىدە ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا دۇئا قىلىشى جائىز ئەمەس، ئەگەر ئۇ ئەرەب تىلىدا دۇئا قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۆگەنگەنگە قەدەر ئۆز تىلىدا دۇئا قىلسا بولىدۇ. ئەمما نامازنىڭ سىرتىدا قايسى تىلدا دۇئا قىلسا بولۇۋېرىدۇ»[4]
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «دۇئانى ئەرەبچە ۋە باشقا تىللاردا قىلىش جائىزدۇر. دۇئا قىلغۇچى گەرچە تىلەكلىرىنى تىلى بىلەن ئىپادىلىيەلمەي قالسىمۇ، ئاللاھ دۇئا قىلغۇچىنىڭ مەقسىتىنى بىلىدۇ، دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ ھەر خىل تىللاردا تۈرلۈك تىلەكلەر بىلەن قىلغان مۇناجاتلىرىدىكى ئاۋازلارنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ»[5].

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن مەرھۇم ئىبن ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن:« بەزى ئۆلىمالار سەجدىدە دۇنيالىق تىلەپ دۇئا قىلسا ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، دېگەن سۆزنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ دىنىمىزدىن ئاساسى يوقتۇر. توغرىسى شۇكى، مۇسۇلمان ئادەم سەجدىدە مەيلى دۇنيالىق، مەيلى ئاخىرەتلىك پۈتۈن تىلەكلىرىنى تىلىسە بولىدۇ. دۇئا ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچكىمنى سەجدىدىكى ياكى باشقا ۋاقىتتىكى دۇئالاردا دۇنيالىقنى تىلەپ دۇئا قىلىشتىن توسمىغان. ئۇنىڭ «بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى ئۇنىڭ سەجدە قىلىۋاتقان ۋاقتىدۇر. سىلەر سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»[6] دېگەن سۆزى ئومۇمىي بولۇپ، ھەرقانداق دۇئانى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ».

ھەرقانداق ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆز تىلىدا دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى ئاتا- ئانىلىق بۇرچى ئۇلارنى ئوبدان بېقىپ، سۈپەتلىك ئوقۇتۇپ قويۇىشى بىلەن تۈگىمەيدۇ، بەلكى پەرزەنتلەرنىڭ مۇسۇلمانلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن كېرەك بولغان بىلىملەرنىڭ ۋە قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىتىشى لازىم.

ھەركىم ئۆز تىلىدا دۇئا قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالادىن نېمىنى تىلەپ، نېمىدىن پاناھ تىلىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان بولىدۇ ۋە دۇئادا دىل بىلەن تىل بىرلەشكەن بولىدۇ. شەكسىزكى، دىل بىلەن تىل بىرلەشكەن دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. بۇ ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەي دۇئاغا «ئامىن» دېگەندىن مىڭ مەرتىۋە ئەلادۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممە تىللارنى بىلىدۇ، ھەممە تىللاردا قىلغان دۇئالارنى ئاڭلايدۇ. شۇڭا دۇئالىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا قىلىشىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزگىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىشىمىز بىز ئۈچۈن ياخشىدۇر. چۈنكى ئۇ چاغدا نېمە دەپ دۇئا قىلغىنىمىزنى ئاڭقىرىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىمىز. ئەرەبچە بىلىدىغان قېرىنداشلار دۇئالىرىنى ئەرەبچە قىلسا، ئەرەبچە بىلمەيدىغانلار ئۆز تىلىدا قىلسا ئەۋزەلدۇر. مۇھىم بولغىنى نېمە دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئاللاھ تائالادىن نېمىلەرنى تىلىگەنلىكىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشتۇر. بۇنداق قىلىش دىلىمىز بىلەن تىلىمىزنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ سەمىمىي دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغاي، ئامىن.

([1])  غافىر سۈرىسى 60 ـ ئايەت.
([2])  ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[3]   «إسلام سؤال وجواب» رقم: 262254.

[4] «إسلام سؤال وجواب» رقم: 20953.
 [5]  «مجموع الفتاوى» (22/488-489).
[6]  ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار