چارىسىز قالغانلارنىڭ دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ

چارىسىز قالغانلارنىڭ دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

 )قُلْ مَا يَعْبَأُ بِكُمْ رَبِّي لَوْلَا دُعَاؤُكُمْ( يەنى «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ»[1] دېگەن ئايەت دۇئانىڭ ئەھمىيىتىنى ئىخچام ھالدا بايان قىلغان بولۇپ، دۇئانىڭ چوقۇم ئىشقا يارايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان. ئاللاھ تائالا يەنە ئوچۇق قىلىپ:) ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ( يەنى «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»[2] دېگەن.   ئاللاھ تائالا يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن قۇتقۇزغان. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان سەۋەب ۋە چارىلەر تۈگىگەن، پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى باشقا ياردەم كەلمەيدىغان بىر ھالقىلىق پەيتتە چىن قەلبى بىلەن ئىلتىجا قىلىپ: )لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ( يەنى «(ئى رەببىم!) سەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن (بارلىق كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن راستتىنلا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم»[3] دەپ سەمىمىي دۇئا قىلغان ئىدى. بۇ ئايەتتە دۇئانىڭ ئەدەپلىرىگە ئىشارەت بار. چۈنكى بۇ ئايەتتە، يۇنۇنس ئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تەۋھىد ئەقىدىسىنى جاكارلىغان، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ زالىم ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ بېلىقنىڭ قارنىدا قالغانلىقىنىڭ ئۆز گۇناھىدىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ئاندىن گۇناھىغا تەۋبە قىلغان. مۇشۇ تەرىقىدە دۇئا قىلغان ئادەم ئەگەر دۇئاسىدا سەمىمىي بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ.

 زالىمنىڭ زۇلمىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ئاللاھ تائالا راۋا كۆرمەيدىغان، مۇسۇلمانلىققا ياتمايدىغان، ئىنسانىيەتچىلىك قوبۇل قىلالمايدىغان سەلبىي مەۋقەدۇر. مەيلى بۇ زۇلۇم مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان بولسۇن ياكى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرگە قىلىنغان بولسۇن، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، زۇلۇمنى يوق قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر. چۈنكى زۇلۇم كىمگە قىلىنغان بولسۇن، ئۇ بەرىبىر زۇلۇمدۇر. دىندارلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك زۇلۇمنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋە زالىمغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ھەركىم قىلالايدىغان بىر تۈرى دۇئا بولۇپ، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن ساقىت بولۇپ كەلمەكتە. كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا تەھەججۇد نامىزىغا تۇرۇپ، زالىملارنىڭ ھالاكىتى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ۋە ھەر نامازدىن كېيىن قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇپ دۈشمىنىمىزگە ئاللاھ تائالادىن ھالاكەت تىلەش بىزنىڭ زالۇمغا ۋە زالىملارغا قارسى ئەڭ ئۆتكۈر قۇرالىمىزدۇر. بۇنى مەن مۇسۇلمان دەپ يۈرگەن ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق قىلالايدۇ، بۇنى قىلماسلىقتا ئۆزرە قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ ئەمەل بىزدىن ھېچقانداق كۈچ ياكى ئىقتىساد ۋە ياكى قابىلىيەت تەلەپ قىلمايدۇ. پەقەتلا راھەت ئۇيقۇمىزدىن كېچىمىز، سەھەرلەردە ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ، ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز، ئۇلار ئۈچۈن مۇشۇ دۇئادىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىمىزگە ئۆرتىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىمىز، كۆڭلىمىزگە كەلگەن بارلىق تەلىپىمىزنى ۋە تىلىكىمىزنى ئاللاھ تائالاغا دەيمىز. بىز بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى ئالغاننىڭ سىرىتدا، ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇساپىمىزنى يېقىنلاشتۇرالايمىز، ۋىجدانىمىزنى ئازراق بولسىمۇ راھەتلىتەلەيمىز، ۋەتەندىكىلەر ئالدىدا يۈزىمىز يورۇق قىلالايمىز. ئەمدى بۇنىمۇ قىلالمايمەن دېسەك بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆزرىمىز ھەرگىز قوبۇل ئەمەس. چۈنكى دۇئا دېگەننى كېسەل بولساق ياتقان پېتى، ئالدىراش بولساق ماڭغان پېتى قىلالايمىز.

مەن بۇ يازمام ئارقىلىق سەۋەبنى قولدىن بېرىپ، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەي، دۇئاغىلا بېرىلىپ، ئەڭ ئەرزان، پۇل كەتمەيدىغان دۇئانى قىلىپ سۈكۈتتە ئولتۇرايلى دېمەكچى ئەمەس. ئەكسىچە، قولىمىزدىن كەلگەن ۋە شارائىتىمىز يول قويغان بارلىق كۈرەش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىشىمىز لازىم. شۇ كۈرەش تۈرىنىڭ بىرى سەھەرلەردە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ۋە ھەر نامازدىن كېيىن قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇپ خەلقىمىزگە زۇلۇم قىلغان زالىملارنىڭ ھالاكىتىنى تىلەشتۇر، دېمەكچىمەن.

«الدعاء» (دۇئا)  دېگەن سۆز لۇغەتتە چاقىرىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ئىسلام ئاتالغۇسىدا: ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى تىلەش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»([4]) دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. دۇئا — مۇسۇلماننىڭ ئۆتكۈر قورالى ۋە قالقىنىدۇر.

  ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئ؛ەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتقان پەيتتە، ئەبۇ جەھل قاتارلىق مۇشرىكلار شۇ جايدا قارىشىپ ئولتۇراتتى، ئۇلار بىر-بىرىگە"قايسىڭلار پالانى بوغۇزلىغان تۆگىنىڭ ئۈچەي، قېرىنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇھەممەد سەجدە قىلغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا ئۈستىدە ئارتىپ قويىدۇ؟" دېيىشتى، ئاندىن ئۇ قەۋمنىڭ ئەڭ بەتبەختلىرىدىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدە قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇ سەجدە قىلغاندا، ئۇنىڭ ئىككى تارغىقىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ قويدى. مەن قاراپ تۇرۇۋاتىمەن، ئەمما ھېچ ئىش قىلالمىدىم، ئۇلارغا كۈچۈم يەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى ئېلىۋېتەتتىم. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىىسىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرمىدى. شۇ ئەسنادا فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستىدىكىنى ئېلىۋەتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى كۆتۈرۈپ، "ئى ئاللاھ! قۇرەيشنى ھالاك قىلغىن" دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ھېقلىقى مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەتدۇئاسىدىن بىئارام بولدى. چۈنكى ئۇلار بۇ شەھەردە قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاندىن مۇشرىكلارنىڭ ئىسىملىرىنى ساناپ بەتدۇئا قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: "ئى ئاللاھ!  ئەبۇ جەھلنى ھالاك قىلغىن، ئۇتبە ئىبنى رەبىئەنى ھالاك قىلغىن، شەيبە ئىبنى رەبىئەنى ھالاك قىلغىن، ۋەلىد ئىبنى ئۇتبەنى ھالاك قىلغىن، ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنى ھالاك قىلغىن ۋە ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيتنى ھالاك قىلغىن" (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەتدۇئا قىلغان يەتتىنچى كىشىنىڭ ئىسمىنى راۋى ئۇنتۇپ قالغان). ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسىملىرىنى ئاتاپ بەتدۇئا قىلغان مۇشرىكلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىدىنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈنى قۇدۇققا تاشلانغان ھالدا كۆردۈم»[5]. بۇ ھەدىستىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، زۇلۇمغا ئۇچراپ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان كىشىنىڭ سەمىمىي دۇئاسى ئەلۋەتتە ئىجابەت بولىدۇ.  بىز ھازىر مۇشۇنداق بەتدۇئا قىلىپ، زالىملارنىڭ ھالاكىتىنى تىلەشكە ئىنتايىن موھتاجمىز.[1] فۇرقان سۈرىسى: 77- ئايەت.
[2]  غافىر سۈرىسى: 60- ئايەت.
[3] ئەنبىيا سۈرىسى: 87- ئايەت.
([4])      غافىر سۈرىسى 60 ـ ئايەت.
[5]  بۇخارى 240، مۇسلىم 1794.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار