بىر ئايەت ھەققىدە تەپەككۇر

بىر ئايەت ھەققىدە تەپەككۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

 )ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىن بىرى، سىلەرنىڭ ئاياللاردىن ئۇنىسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن  يارىتىپ، ئاراڭلاردا مېھىر  ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقىدۇر.[

ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆز تىپىدىن جۈپلەرنى يارىتىپ بەردى. ئۇلار ئەر_ئايال ھەممىسى ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىدە ۋە ئادەملىك ھۆرمەتتە، شۇنداقلا ئىنسانلارغا خاس تەلەپ ۋە ئىستەكلەردە ئوخشاشتۇر. چۈنكى ئىنسان مىجەز_خاراكتېردا ئۆزىگە ماسلىشىدىغاننى ياقتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ. ئۆزىنىڭ ھالال جورىسى بىلەن بىللە بولغان ئادەم خاتىرجەملىك ۋە ھۇزۇر ئىچىدە بولىدۇ، ئايەتتىكى «مېھىر_مۇھەببەت»نىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ.

 ئەمما ئارىسىدا نىكاھ بولمىغان ئەر بىلەن ئايال ھارام ئىشتا بۇنداق ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەمدۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئايەتتە نىكاھلىق ئەر_ئاياللار بىر_بىرى ئۈچۈن خۇددى ئارام ئالىدىغان جايغا ئوخشاش قىلىپ كۆرسىتىلگەن. چۈنكى خۇددى مەخسۇس ئارامگاھقا كىرگەن ئادەم تولۇق خاتىرجەملىك ۋە ھۇزۇرنى ھېس قىلغىنىدەك، نىكاھلىق ئەر_ئاياللارمۇ بىر_بىرىدىن شۇنداق ھۇزۇرنى تاپىدۇ.

نىكاھلىق ئەر_ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقنى ۋە مېھىر_مۇھەببەتنى باشقا ھېچكىمدە تاپقىلى بولمايدۇ. چۈنكى نىكاھ دېگەن شۇنداق سېھىرلىك نەرسىكى، ئۇ ياتلارنى تۇغقانلاردىن، ھەتتا قېرىنداشلاردىنمۇ يېقىن قىلىۋېتىدۇ، بىر_بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان قىز_يىگىتمۇ نىكاھنىڭ شاراپىتى ۋە بەرىكىتى بىلەن ئەڭ يېقىن قەدىناسلاردىن بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئاتا_ئانىسىغا، قېرىنداشلىرىغا ۋە يېقىن دوستلىرىغا دېمىگەن گەپلىرىنى بىر_بىرىگە دېيىشىدۇ، ئۇلارغا ئېيتمايدىغان سىرلارنى ئۆز ئارا بىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يېقىنلىقىنىڭ مەنبىيى جىنسىي ھەۋەس ئەمەس ئەلۋەتتە. بەلكى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان مەنىۋى نەرسىدۇر. شۇڭا نىكاھتا تەنلەر بىرلىشىشتىن ئاۋۋال روھلار، كۆڭۈللەر ۋە ھېسسىياتلار بىرلىشىدۇ. بۇ كارامەت نىكاھتىن باشقا ھېچبىر نەرسىدە تېپىلمايدۇ.

قىسقىسى، ئەر_ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر_مۇھەببەتنى باشقا ھېچكىمدىن تاپقىلى بولمايدۇ ۋە ھېچ نەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى بولغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ساغلام بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش يولىدا ئائىلىنى مېھىر_مۇھەببەت ۋە كۆيۈمچانلىق ئۈستىگە بەرپا قىلىشنى ئىرادە قىلغان. شۇڭا نىكاھلىق ئەر_ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بۇنداق چەكسىز مۇھەببەتنى ۋە يېقىنلىقنى سېلىۋەتكەن. بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان كاتتا ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار