90/10 قانۇنىيىتى

90/10 قانۇنىيىتى

«مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىقتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئىشىدا ئۇنىڭغا ياخشىلىق بار. بۇ پەقەت مۇئمىنلەرگىلا خاستۇر. ئۇ بىرەر پايدىغا ئېرىشسە شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر، زىيانغا ئۇچرىسا سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر».

—ھەدىس شەرىپ.

 لاۋزى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئوي-پىكىرلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار كېيىنچە سۆزلەرگە ئايلىنىدۇ. سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار ئىش-ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار ئادەتكە ئايلىنىدۇ. ئادەتلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار خاراكتېرگە ئايلىنىدۇ. خاراكتېرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى خاراكتېر تەقدىرىڭىزگە ئايلىنىدۇ».

ستېۋىن كوۋى مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتىمىزنىڭ يۈزدە ئونىنى ئىختىيارىمىز سىرتىدا بولغان ئىشلار تەشكىل قىلسا، يۈزدە توقسىنىنى بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز تەشكىل قىلىدۇ». يەنى بىزنىڭ كونترولىمىز سىرتىدا بېشىمىزغا كېلىدىغان مىڭلارچە كۆڭۈلسىزلىكلەر ھاياتىمىزنىڭ پەقەتلا ئون پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما ھاياتىمىزنىڭ يۈزدە توقسان پىرسەنتى بىزنىڭ كونترولىمىزدا بولۇپ، بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق بىر تەرەپ قىلىش بىزگە باغلىق ئىكەن. چۈنكى تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن ئاددىي بىر كۆڭۈلسىزلىكنى چوڭايتمايلا ئاددىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىۋېتىش ياكى ئۇنى چوڭايتىپ كىرىزىس ھالىغا كەلتۈرش بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئىش بولۇپ، بۇ بىزنىڭ تاللىشىمىزغا باغلىقتۇر. شۇڭا بەزى كىشىلەر بېشىغا كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ قەتئىي چوڭايتىۋەتمەيدۇ، دەرھال ھەل قىلىۋېتىدۇ، كۈن بويى مېڭىسىنى ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل قىلمايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاددىي بىر كېلىشمەسلىك ياكى بىرەر كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ۋە يېنىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى زەھەرگە ئايلاندۇرىدۇ، ئاددىي بىر مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى چوڭ مۈشكىلىگە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ، كۈنلەرچە، ھەتتا ئايلارچە شۇ مەسىلە بىلەن مېڭىسىنى مەشغۇل قىلىدۇ.

بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلارنىڭ ۋە بىز ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەجىمى ۋە دائىرىسى بىزنىڭ شۇ ئىشلارغا ۋە شۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەمىزگە قاراپ ئەقلىمىزنى مەشغۇل قىلىدۇ. بىز چوڭايتساق مېڭىمىزدە چوڭ يەرنى مەشغۇل قىلىدۇ، بىز ئاددىيلاشتۇرساق مېڭىمىزنى كۆپ مەشغۇل قىلمايدۇ. شۇڭا بېشىمىزغا كەلگەن ھەرقانداق كېلىشمەسلىككە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەستىن، «بۇنىڭدىنمۇ چوڭ خاپىلىق كەلگەن بولسا قانداق قىلار ئىدىم» دېگەننى ئويلاش بىزنىڭ نېرۋىمىزنى تىنچلاندۇرىدۇ، بالاغا سەۋر قىلىش، نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرىدۇ.

گەپ-سۆزلەر پىچاقتىن كەسكىن، كۆزلەر كىن ۋە ئاچچىقتىن قىزىرىپ كەتكەن، قەلبلەر رەھىم-شەپقەتتىن خالى قالغان بۇ زاماندا ئەڭ ئاقىلانە ئىش تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان سەلبىي ھادىسىلەرگە ئىجابىي مۇئامىلە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بولسا كېرەك. چۈنكى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئوبدان ئويلاش، ئەقىللىقلارچە تەپەككۇر قىلىش ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىشتۇر.

ئاكتىپ بولۇڭ، ھەرگىز پاسسىپ بولماڭ

ۋەقەلىكلەرگە قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ھەربىر ئادەمنىڭ ئاكتىپ ياكى پاسسىپلىقىغا باغلىق ئىش بولۇپ، ئاكتىپ كىشىلەر چارە ئىزدەيدۇ، پاسسىپ كىشىلەر بولسا مۈشكىلە ئىچىدىن مۈشكىلە ئىزدەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەدىس قۇدسىيدا «بەندەم ماڭا قانداق قاراشتا بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلىدە بولىمەن»[1]  دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى: ئەگەر سىز ئاللاھ تائالا ماڭا ياردەم قىلىدۇ، تىلەكلىرىمنى بېرىدۇ، بۇ قىيىنچىلىق ھەل بولىدۇ، تىرىشچانلىقىمنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئەمەلىمنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ، دەپ ئويلىسىڭىز، سىز شۇنىڭغا ئېرىشىسىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئۈمىدىڭىزنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ. ئەگەر ئەكسىچە ئويلىسىڭىز، ئىشلار كۆپىنچە سىز ئويلىغاندەك بولىدۇ.

ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر سەھرالىق ئەرەبنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ھېچ ۋەقەسى يوق، ئاللاھ خالىسا ساقىيىپ قالىسىز» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغا ھېلىقى سەھرالىق ئەرەب: «سەن مېنى ساقىيىسەن دەۋاتامسەن؟ ياق، بۇ چېكىگە يەتكەن قىزىتما، مەندەك قېرى ئادەمنى قەبرىگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەلدۇر» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «شۇنداق بولغاي ئەمىسە»([2]) دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۆلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ قانداق قاراشتا بولغانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلغان. ئەگەر بۇ ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ شىپالىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئىجابىي بولغان بولسا، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ شىپا تېپىشىغا دۇئا قىلغان بولار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن شىپالىق تېپىشى مۇمكىن ئىدى.

 

پسخىكىمىزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قارىتا پسخىكىمىزنى كونترول قىلىش ۋە مەسىلىنى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشىمىز لازىم:

1.      بىز كونترول قىلالمىغان سەلبىي ئەھۋاللارنى ئاچچىق، غەزەپ ۋە يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى سوغۇققانلىق بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش.

2.      ھەل قىلىش ئۈچۈن تاپقان چارە-تەدبىرلەرنى رەت بىلەن تىزىش، ئاندىن ئۆزىمىز ئىشەنچ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مەسلىھىتىنى ئېلىش.

3.      ھەل قىلىش جەريانىدا ھاياجانلىنىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن ۋە تىت-تىت بولۇشتىن ساقلىنىش.

4.      بۇرۇنمۇ بۇنداق خاپىلىقلاردىن بىر قانچىسىنى ئاقىلانىلىق بىلەن ھەل قىلىپ كېتەلىگەنلىكىمىزنى ئەسكە ئېلىش ۋە بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ نەتىجىدە بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ چىققانلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق.

5.      ھاياتىمىزدا ئانچە ئەھمىيىتى يوق كىشىلەرنىڭ بىزگە قارىتا كۆزقاراشلىرىغا ۋە گەپ-سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق. كىشىلەرنىڭ قانداق گەپ قىلغانلىقىدىن بەكرەك ئۇ گەپنى كىمنىڭ قىلغانلىقىغا قاراش.

6.      بولغان ۋەقەلىكنى شۇ ۋەقەدە بولغان كىشىدىن بىۋاسىتە ئاڭلىماي تۇرۇپ پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىك ۋە ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىك.

7.      روھىي بېسىمنى يېڭىش ئۇسۇللىرى توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولۇش ۋە بۇ بىلىملەرنى ئىشلىتىشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈش.

8.      گەرچە بېشىمىزغا كېلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈزدە ئونى بىزنىڭ كونترولىمىز سىرتىدا بولسىمۇ، ئۇ ئىشلارغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش بىزنىڭ كونترولىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق.

9.      ئۆزىمىزنى يالغۇز ۋە چارىسىز ھېس قىلماسلىق. چۈنكى، بىز ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ۋاقتىمىزدا كۈچلۈك، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ قالغاندا ئاجىز بەندىمىز.

 

ئىبرەت:

-        مۈشكۈلاتلارنى ئۆز ھەجىمىدىن زىيادە چوڭايتىۋېتىش تەن ساقلىقىنى نابۇت قىلىش بەدىلىگە سادىر قىلىنغان قىلمىشتۇر.

-        «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىقتۇر»[3] دېگەن ھەدىستىكى «كۈچلۈك مۇئمىن» بەدىنى كۈچلۈك، ئىمانى كۈچلۈك، ئىرادىسى كۈچلۈك بولغاننىڭ سىرتىدا، بالا-مۇسىبەت پەيتىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان شەخسىيىتى كۈچلۈك مۇئمىننى كۆرسىتىدۇ.

-        ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئىنسانلار خۇش پۇراق گۈللەرگە ئوخشاش ئەتراپىدىكىلەرگە خۇشاللىق، ھۇزۇر ۋە سائادەت بېغىشلايدۇ.



[1]ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([2])ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[3] ئىمنام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار