ئايال ئايالسۇن!

ئايال ئايالسۇن!
بۈيۈك ئىسلام ئالىمى ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىدىن: «ئوغلىڭىزنىڭ توي كۈنىدە ئۇنىڭغا قانداق نەسىھەت قىلدىڭىز؟» دەپ سورالغىنىدا، ئۇ كىشى ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇنداق بىر ھېكمەتلىك جاۋابنى بەرگەن ئىكەن:
«ئوغلۇم! بۈگۈن سېنىڭ نىكاھىڭغا كىرىۋاتقان بۇ قىز مېھرىبان ئاتىسىنى، جېنىدىن ئەزىز ئانىسىنى، ئۆزىگە يۆلەك بولغان ئاكا-ئۇكىلىرىنى ۋە سىرداش ئاچا-سىڭىللىرىنى تاشلاپ ساڭا كېتىپ بارىدۇ. شۇڭا سەن ئايالىڭ ئۈچۈن مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بول! يەنى ئۇلارنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئايالىڭغا ھەم ئاتا، ھەم ئانا، ھەم قېرىنداش بولۇشۇڭ كېرەك!».

 شۇنى قەتئىي ئۇنتۇماڭكى، بۈگۈن سىزنىڭ كۆزىڭىزگە ئاددىي ۋە ئەتىۋارسىز كۆرۈنۈۋاتقان، ئۆيىڭىزدە خىزمەتچىدەك مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان بۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆز قارىچۇقى، ئائىلىسىنىڭ ئەتىۋارلىق ئەركىسى ۋە ھويلىسىنىڭ نازۇك مەلىكىسى ئىدى. ئۇ پەقەت سىزگە ئىشىنىپ، سىز بىلەن بىر ئۆمۈر ھايات كېمىسىدە تەڭ سەپەر قىلىشنى تاللاپ سىزگە كەلگەن. شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ، ئىززىتىنى قىلىڭ، سۇنۇق كۆڭلىنى ئىزدەپ تېپىڭ، ئۇنىڭ لەرزان ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىڭ. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماڭ. چۈنكى، ئايالىڭىزمۇ خۇددى ئانىڭىز ۋە ئاچا-سىڭىللىرىڭىزدەك سۆيۈلۈشكە، كۆيۈنۈشكە، ئايىلىشقا ۋە قەدىرلىنىشكە پۈتۈنلەي ھەقلىقتۇر.

سىز ئۇنى «ئۆمۈرلۈك جۈپتۈم قىلىپ ئالدىم» دەپ ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كالامىنى شىپى كەلتۈرۈپ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئەل-جامائەتنىڭ شاھىتلىقى ئاستىدا مەيدىڭىزگە مۇشتلاپ تۇرۇپ ئەمرىڭىزگە ئالغان ئىكەنسىز، ئۇنىڭغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تولۇق غەمخورلۇق قىلىڭ. ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭ، باشقىلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغىمۇ قەتئىي يول قويماڭ. بىلىپ قويۇڭكى، ئاياللار غەم-قايغۇسىنى خىلۋەتتە، ياستۇقلىرىنى ھۆل قىلىپ يىغلاپ چىقىرىدىغان، ئائىلىسىنىڭ پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن ئۆزىنى شامدەك كۆيدۈرۈپ قۇربان قىلىدىغان پىداكار زاتلاردۇر. ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز يارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىرادىسى، سۆيگۈسى، سەۋر-تاقىتى ۋە ۋاپادارلىقى كۆپىنچە ئەرلەرنىڭكىدىن قاتمۇ-قات كۈچلۈك بولغان ئۇلۇغ تائىپىدۇر.

ئاياللار نېمە ئۈچۈن «جىق گەپ» قىلىدۇ؟
بىز دائىم «ئاياللار بەك كۆپ سۆزلەيدۇ، جىق گەپ قىلىدۇ» دەپ ئاغرىنىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ كۆپ سۆزلەپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ تىڭشالمىغانلىقى، يۈرەك سۆزلىرىنىڭ ئېتىبارسىز قالغانلىقى، ئېرى تەرىپىدىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سورالمىغانلىقى ۋە ھېسسىياتىغا سەل قارالغانلىقى ئۈچۈندۇر. تىڭشالمىغان دەردلەر، ھەل قىلىنمىغان چىگىشلەر، ئېتىبار بېرىلمىگەن ھېس-تۇيغۇلار كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قەلبكە يىغىلىپ، يېڭى توي قىلغاندىكى ئاشۇ نازىنىن، مۇلايىم ۋە قىزغىن ئايالنى كېيىنچە سوغۇق مۇئامىلىلىك، چېچىلغاق، روھىي چۈشكۈن، ھەتتا نېرۋا كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بىر بىچارىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

خەلقىمىزدە: «قىز بالىنىڭ ھەممىسى ياخشى، ئەمما ئەسكى خوتۇن نەدىن كەلدى؟!» دېگەن بىر سوئال بار. جاۋابى شۇكى، ئۇلارنى ئاشۇنداق «ئەسكى» قىلىپ قويغان نەرسە دەل ئەرلەرنىڭ ئەسكىلىكى، قوپاللىقى ۋە مېھىرسىزلىكىدۇر. ئايالىغا زۇلۇم قىلىدىغان، ئۇنىڭ نازۇك كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان، دائىم ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋالىدىغان، ئايالىنىڭ ئورۇنلۇق پىكرىنىمۇ قىلچە ئېتىبارغا ئالمايدىغان، ئۆينىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئايالىغىلا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى جاپادىن قاچىدىغان ۋە ئايالىنىڭ ئەجىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ «خۇپسەن ۋە گاس» بولۇۋالىدىغان قاتمال، قوپال ئەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەر ئەمەس. بۇنداق بىر ئېرى بولغان ئايالنىڭ ھاياتى ناھايىتى تەس ۋە پاجىئەلىك بولىدۇ.

بۇنداق شارائىتتا قالغان ئايال پەقەت بالىلىرى ئۈچۈنلا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ، بارلىق پىداكارلىقنى ۋە بەدەلنى پەقەت پەرزەنتلىرى ئۈچۈنلا تۆلەيدۇ. سىزنىڭ ئەرلىك ئوبرازىڭىز بولسا ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاستا-ئاستا پارچىلىنىپ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قەلبى سىزدىن پۈتۈنلەي سوۋۇيدۇ، بارا-بارا ئۇ سىزگە ئاچچىقلانمايدىغان، پىكىر بېرىشتىنمۇ ۋاز كېچىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىچىگە باستۇرۇپ، قەلب ئىشىكىنى سىزگە مەڭگۈلۈك تاقايدۇ. ئاخىرىدا ئۇ كەلسىڭىز-كەتسىڭىز سۈرۈشتە قىلمايدىغان، سىزنى كۆرۈشنى ئارزۇلاپ كەتمەيدىغان، كەمسۆز، روھى چۈشكۈن ۋە ھاياتتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەن بىر ئايالغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بىر ئايال ئۆزىنىڭ راھىتىنى، ئارامىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ۋە چېچەكتەك ياشلىق باھارىنى ئائىلىسى ئۈچۈن شەرتسىز قۇربان قىلىپ تۇرۇقلۇقمۇ، ئۇنىڭ بۇ پىداكارلىقى سۇيىئىستېمال قىلىنسا، زەررىچىلىكمۇ مىننەتدارلىققا ۋە ئېتىراپقا ئېرىشەلمىسە، بۇ ئايال دەردىنى باشقىلارغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۈنسىز يىغلايدۇ. دۇنيادا شۇنداق قەيسەر ئانىلار باركى، ئېرىدىن كۆرگەن دەرد-ئەلەملىرىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ غېمىنى ھېچكىمگە سەزدۈرمەي قاراڭغۇ كېچىلەردە خۇپىيانە يىغلايدۇ، ھەتتا يۈرەك-باغرى ئېزىلىپ قان يىغلايدۇ.

بۇ دۇنيادا ئەڭ ئوڭاي، قانۇننىڭ كۆزى كۆرمەي قالىدىغان، سوت مەھكىمىلىرىدە دەلىل قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدىغان ئەڭ يوشۇرۇن زۇلۇم  ئاياللارغا قىلىنغان زۇلۇمدۇر. ئەمما شۇنى ئۇنتۇماڭكى، ئاللاھ تائالا مەزلۇمنىڭ كۆز يېشىغا سەۋەبچى بولغان بۇنداق زۇلۇمنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە قالدۇرمايدۇ، مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرسىتىدۇ.

ياخشى ئايال — بىر بۈيۈك مەكتەپتۇر
ياخشى ۋە پەزىلەتلىك ئايال پەقەت ئائىلىنىڭ چىرىغىلا ئەمەس، بەلكى ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى كامالەت پەللىسىگە يەتكۈزىدىغان بۈيۈك بىر مەكتەپتۇر. ياخشى ئەر دەل شۇ مۇنەۋۋەر ئايالنىڭ قولتۇقلىشى بىلەن دۇنياغا ۋە غەلىبىگە قاراپ قەدەم تاشلايدۇ؛ پەرزەنتلەر شۇ قۇتلۇق مەكتەپنىڭ تەربىيەسى ئارقىلىق يۈكسەك چوققىلارغا ئۆرلەيدۇ. شۇڭا، ئەگەر سىز ھاياتتا ھەقىقىي سۆيۈلۈشنى خالىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئايالىڭىزنى چىن قەلبىڭىزدىن سۆيۈڭ. ئايال شۇنداق بىر سېھىرلىك مەۋجۇداتكى، ئۇنىڭغا سۆيگۈ بەرسىڭىز، ئۇ سىزگە ھەممىنى بېرىدۇ، سىزنى يېڭىۋاشتىن دۇنياغا كەلتۈرىدۇ.

ئۆز ئايالىنى سۆيۈشنى بىلمىگەن ۋە بۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان كىشى، ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل سىرلىرىدىن ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقىي لەززىتىدىن بىخەۋەر ئۆتكەن بولىدۇ. ئايالنىڭ كىچىككىنە، ئۇششاق نۇقسانلىرىنى كەچۈرۈم قىلالمىغان ئەر ئۇنىڭ قەلبىدىكى بۈيۈك پەزىلەتلىرىدىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولالمايدۇ.

بىر ئەرنىڭ ئىنسانىي ساپاسى، تەقۋادارلىقى ۋە ئەخلاقىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىدا، ئايالىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە تولۇق ئىپادىلىنىدۇ. بىز ئالدىدا تەكىتلىگەندەك، ئەرنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان يەر مەسچىت ئەمەس، بەلكى ئۆيدۇر. تالادا پەرىشتىدەك كۆرۈنۈپ، ئۆيىگە كىرگەندە زالىمغا ئايلىنىدىغان ئەرلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەرلەر قاتارىدىن سانالمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدۇر»[1] دەپ جاكارلىغان.

ياخشى ئايال ئېرىنىڭ تىرناقچىلىك كىچىك بىر ياخشىلىقىنىمۇ تاغدەك يوغان كۆرۈپ مىننەتدار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى، ئائىلە سىرلىرىنى ياتلاردىن يوشۇرىدۇ ۋە ئائىلىنىڭ پەردىشېپىنى ھەرقانداق مۇشەققەتلىك ھالەتتىمۇ چىڭ ساقلايدۇ. ئەگەر ئايال ئېرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ قەدىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئەتىۋارلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىسا، ئۇ ئېرىنى تېخىمۇ بەكرەك ئەتىۋارلايدۇ ۋە بېشىغا تاج قىلىدۇ. ئەر-ئايال ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ ھۆسنىنى تۈزىگەندىن سىرت، ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپ قەلبىدىكى «ئوبرازى»غا قاراشنى ئادەتلەندۈرسە، قارشى تەرەپكە ھەر كۈنى ھەيرانلىق ۋە يېڭى-يېڭى گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلەلىسە، مۇھەببەتنى قېرىپ ئۆلگەنگە قەدەر خۇددى باھاردىكىدەك تازا پېتى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

ئايالنى قانداق سۆيۈش كېرەك؟
بىز ئايالىمىزنى شۇنداق سۆيۈشىمىز كېرەككى: ئۇ خۇشال بولسا تەڭ خۇشال بولىمىز، غەمكىن بولسا سەمىمىيلىك بىلەن تەسەللىي بېرىمىز ۋە كۆڭلىنى كۆتۈرىمىز. ئۇنى تېخىمۇ بەختلىك ۋە خۇشال قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ قىلىمىز. ھەر يەردە، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالدىدا، ھەتتا ئۆز ئائىلە-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدىدىمۇ ئۇنى تولۇق ھىمايە قىلىمىز ۋە قوغدايمىز. ھەممە يەردە، بولۇپمۇ ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئالدىدا ھۆرمىتىنى زىيادىسى بىلەن قىلىمىز. ئائىلىمىزنى بارلىق خىزمەت ۋە دۇنياۋى ئىشلاردىن مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز، ئائىلە ئەزالىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن كۆڭۈل بۆلىمىز، ئۇلارغا چەكسىز ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىك ھېس قىلدۇرىمىز. ھەممىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز، ئايالىمىزنىڭ مۇرەككەپ كەيپىياتلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز، ھەر دائىم ئىلھاملاندۇرىمىز. سۆيۈنگىنىمىزنى، ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئۇنىڭدىن يوشۇرماي ئوچۇق ئىپادىلەيمىز، ھەر ئىشتا ئۇنىڭ پىكرىنى ئالىمىز، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىشىدە ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ مەدەتكار ۋە ھەمدەم بولىمىز، ئۇنىڭ شەخسىي قىزىقىشلىرىغا ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىمىز.

ئائىلىنىڭ بەخت-سائادىتى مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت ھەر زامان ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلىنىشى ۋە قارشى تەرەپكە ھېس قىلدۇرۇلۇشى لازىم. ئىپادىلەنمىگەن، تىلغا ئېلىنمىغان ۋە ھېس قىلدۇرۇلمىغان مۇھەببەت خۇددى قاپقىقى ئېچىلمىغان ئەتىر شېشىسىگە ئوخشايدۇ. ئېچىلمىغان، ئىشلىتىلمىگەن ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقىدىن كىمگىمۇ پايدا بولسۇن؟! بىزنىڭ ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر سىلەر بىراۋنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ قويۇڭلار»[2] دەپ كۆرسەتكەن. بىراۋنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۇنى سۆز بىلەن بىۋاسىتە ئېيتىشتۇر. ئىنسان مال-دۇنيادا قانچىلىك بېخىل بولۇپ كەتسىمۇ، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆيگۈسىنى ئىپادىلەشتە، قەلبىنى ئېچىشتا ھەرگىزمۇ بېخىللىق قىلماسلىقى لازىم.

ئۇنى يىغلاتماڭ!
شۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇماڭكى، بىر ئىنسانىڭ كۆز يېشىغا سەۋەبچى بولغانلىق ئۇنىڭغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكتۇر. زۇلۇمنىڭمۇ جازاسى بار، شۇنىڭدەك ئىنساننىڭ سەۋر-تاقىتىنىڭمۇ مەلۇم بىر چېكى بار. ئايالىڭىزنىڭ سەۋر قاچىسى توشۇپ چېكىگە يەتكەندە، ئۇنى ھېچقانداق كۈچ بىلەن تۇتۇپ قالالمايسىز. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ پۇلغا سېتىۋالغان قۇلىڭىز ئەمەس، سىزمۇ دۇنيادا تېپىلماس، ئورنىنى باسقۇسىز بىر مەۋجۇدات ئەمەس.

«مەن قانچىلىك زۇلۇم قىلساممۇ ئايالىم بەرىبىر كۆتۈرىدىغۇ، مېنى تاشلاپ كېتەلمەيدىغۇ» دەپ نادانلىق بىلەن ئويلاپ قالماڭ. سىزنىڭ خاتالىقلىرىڭىزنى تەكرار-تەكرار كەچۈرگەن، سىزگە بولغان تەلىپىنى ۋە ئارزۇسىنى تەكرار-تەكرار تۆۋەنلىتىپ، چىشىنى چىشىغا چىشلەپ سەۋر قىلغان، سىزگە ۋە ئائىلىسىگە يەنە قايتا-قايتا پۇرسەت بەرگەن ئايال  ۋاقتى كېلىپ سەۋر رىشتىسى ئۈزۈلگەندە پۈتۈنلەي كۆتۈرمەس بولۇپ قالىدۇ.

فىزىكىلىق قانۇنىيەتتە «قاچىنى تاشۇرىدىغىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ» بولغىنىدەك، روھىيەتتە ئۇ ئايالنىڭ سەۋر «قاچىسى» يىللار داۋامىدىكى ئازابلار بىلەن ئاللىبۇرۇن توشۇپ قالغان، كۆڭلى بولسا سىزدىن ئاللىقاچان مۇزدەك سوۋۇپ بولغان بولىدۇ. ئايال ئادەتتە بىر قارارغا كېلىشكە ئالدىراپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇ ئارقىسىغا قەتئىي قارىمايدىغان، كۆڭلى تاشقا ئايلانغان ھالغا كەلمىگۈچە سىزدىن ئايرىلىش قارارىغا كەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇ بىر كەتسە، ئۇ چاغدا سىز كۆز يېشىڭىزنى ۋە پۇشايمىنىڭىزنى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىسىز.

شۇڭا، پۇرسەت قولدىن پۈتۈنلەي كېتىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى دەرھال تۈزىتىۋېلىڭ. ئارىڭىزدىكى مېھىر-مۇھەببەت دەرىخىنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ كەتمەستىن بۇرۇن ئۇنى يېڭىدىن سۇغىرىپ پەرۋىش قىلىڭ. ئايالىڭىزنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى بىباھا قىممىتىنى بىلىڭ. قولىڭىزدىكى تېلېفوندىن بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە مېھىر بىلەن تىكىلىپ قاراشقا، يۈرەك سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاشقا، ئۇلار بىلەن بىللە كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىشقا بىر باھانە تېپىڭ. ئۇلار ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىڭ. مېھىر بىلەن ئەجىر قىلىڭكى، سىز ئەجىر قىلىپ سۇغارغان ئاشۇ گۈللەر دەل سىز ئۈچۈن ئېچىلىپ، سىزگە ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل خۇش پۇراقلىرىنى چېچىپ بەرسۇن. ئەگەر خىزمەت سەۋەبىدىن ھەقىقەتەنمۇ ۋاقتىڭىز ئاز بولسا، شۇ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدىكى ھەمراھلىقنىڭ سۈپىتىنى ۋە مۇھەببەتنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن دەرھال ئويغىنىڭ، ئالقىنىڭىزدىكى بۇ ئۇلۇغ نېمەتنىڭ قەدىرىنى ۋاقتىدا بىلىڭ!

بېغىشلاش — مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنىڭ كاپالىتىدۇر
تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى شۇكى، سىز يەرگە ئۇرۇق تېرىماي تۇرۇپ ھوسۇل ئېلىشنى، دەرەخنى ئەجىر بىلەن پەرۋىش قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭ تاتلىق مېۋىسىنى يېيىشنى ھەرگىز ئويلىماڭ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئائىلىدىمۇ سۆيگۈ ۋە قۇربان بېرىش بىلەن بېغىشلاشنى ئالدى بىلەن سىز باشلاڭ. چۈنكى، ئەر سۆيگۈ يولىدا بىر قەدەم ئالسا، ئايال ئۇنىڭ ئۈچۈن ئون قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ.

«ئايالىم ئۇنداق، ئايالىم مۇنداق، مېنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ باشقىلارغا قاقشاشتىن بۇرۇن، يۈرىكىڭىزگە قولىڭىزنى قويۇپ: «ئۇنى بۇنداق سوغۇق ۋە قاتمال ھالغا كەلتۈرگەن كىم؟ ئۆزۈم ئايالىمغا ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن قانچىلىك مېھىر-شەپقەت بېرەلىدىم؟ ئۇنىڭغا بېرىدىغان بۇغداي نېنىم بولمىغان تەقدىردىمۇ، كۆڭلىنى ئالىدىغان تاتلىق ‹بۇغداي سۆزۈم› بولدىمۇ؟» دەپ مەسىلىنىڭ نېگىزىنى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىن ئىزدەپ بېقىڭ.

پەلسەپىدە ئېيتىلغىنىدەك: ئايال تاغنىڭ ئەكس ساداسىغا ئوخشايدۇ. سىز تاغقا نېمە دەپ ۋارقىرىسىڭىز، تاغدىن سىزگە شۇ سادا قايتىدۇ. ئەگەر سىز قازانغا تاش تاشلاپ قايناتقان بولسىڭىز، چۆمۈچىڭىزگە ئاش ئەمەس، تاش چىقىدۇ.

بىر ئويلاپ بېقىڭ، مۇشۇ قىسقىغىنا ھاياتىڭىزدا، بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە سىزگە چىن ۋەپادارلىق بىلەن ھەمراھ بولالايدىغان، دەردىڭىزگە دەرمان بولىدىغان قانچە كىشى بار؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ قوپاللىقى بىلەن ئازابلىيالايدىغان، كۆڭلىنى ئاغرىتالايدىغان كىشىلەر يەنە شۇ سىز ئۈچۈن پۈتۈن بارلىقىنى ئاتاپ پىداكارلىق قىلىۋاتقان، سىزنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ بىچارە كىشىلەر ئەمەسمۇ؟

شۇ ھەقىقەتنى مەڭگۈ ئۇنتۇماڭكى، ھەربىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەرنىڭ ھايات ھېكايىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ پارلاق سەھىپىلىرى پەردە ئارقىسىدا ئۈنسىز پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان، كۆز يېشىنى قەلبىگە يۇتۇپ، ئېرىنى تۇرماي يۆلەۋاتقان بىر ئۇلۇغ ئايالنىڭ سەۋر-تاقىتى، مېھىر-مۇھەببىتى ۋە چەكسىز قۇربانلىقى بىلەن يېزىلىدۇ.

ئايال — ئۆي ئىچىنىڭ ۋە ئەۋلادلارنىڭ مەسئۇلىدۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدە يەكۈنلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ھەممىڭلار پادىچىغا ئوخشاشسىلەر ۋە ھەممىڭلار ئۆز قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن مەسئۇلسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر). دۆلەت رەھبىرى خەلقىگە مەسئۇلدۇر، ئەر ئۆز ئائىلىسى ۋە ئۆي ئىچىدىكىلەرگە مەسئۇلدۇر، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ئۆيدىكىلەرنى پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇلدۇر، خىزمەتچى ئۆز خوجايىنىنىڭ مېلىغا مەسئۇلدۇر. بىلىڭلاركى، ھەممىڭلار پادىچىغا ئوخشاشسىلەر ۋە ھەممىڭلار قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن جاۋابكارسىلەر!» [3].

بۇ ھېكمەتلىك كۆرسەتمىدىن مەلۇم بولىدۇكى، ئەرنىڭ سىرتتا تەر تۆكۈپ ئىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋە ئۇلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى قانچىلىك ئېغىر بولسا، ئايالنىڭمۇ ئۆيىنى رەتلىك، ئازادە تۇتۇش، ئائىلە ئىچىدىكى مەنىۋى مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئۆي ئىچىدىكىلەرنى مۇھەببەت بىلەن پەرۋىش قىلىش مەسئۇلىيىتى شۇنچىلىك شەرەپلىك ۋە مۇھىمدۇر.

گەرچە پەرزەنت تەربىيەسىدە ئەر-ئايال ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق ۋە ئايرىلماس مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنتلەرنىڭ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ مۇھىم باسقۇچلىرى كۆپرەك ئانىسىنىڭ ئىللىق قۇچىقىدا ۋە يېتەكچىلىكىدە ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ روھىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئىسلامىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئاڭ بىلەن سۇغىرىلىپ تاكامۇللىشىپ چىقىشىدا ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىر ۋە تۆھپىسى چەكسىز چوڭدۇر. چۈنكى، پەيلاسوپلار ئېيتقاندەك: «ئانا ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى مەكتىپى، تۇنجى ئۇستازى ۋە كەلگۈسى دۇنيانىڭ قۇرۇلۇش ئىنژېنېرىدۇر». بىر ياخشى ئانا بىر ساغلام مىللەتنى، بىر ساغلام مىللەت پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

 

 


[1] ئىمام تىرمىزى ۋە ئبنى ماجە رىۋايىتى.
[2] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[3] ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار