
ئەڭ چوڭ ھارام ئومۇمنىڭ مېلىنى يېۋېلىشتۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
كۆپىنچە كىشىلەردە، ئومۇمنىڭ ھەققىنى يېۋېلىش شەخسنىڭ ھەققىنى يېۋالغاندىن يېنىك دەيدىغان چۈشەنچە بار. شۇڭا ئۇلار ئومۇمنىڭ ھەققىنى قوغداشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، ھەتتا يولسۇزلۇق بىلەن يېۋېلىشنىمۇ چوڭ گۇناھ دەپ قارىمايدۇ. ھەقىقەت تامامەن ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئومۇمنىڭ ھەققىنى يېۋېلىشنىڭ گۇناھى بىرەر شەخسنىڭ ھەققىىنى يېۋالغاندىن ئېغىرۋە قۇتۇلۇش جەھەتتىمۇ قىيىندۇر. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ھەققىنى تۆلىمەك ياكى ئۇ ئادەمنى رازى قىلماق ئوڭاي، ئەمما ئومۇمنىڭ ھەققىنى تۆلەش ياكى ھەممىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئومۇمنىڭ ھەققىدە يېتىم-يېسىرلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ، تېخى تۇغۇلمىغان يېتىملەرنىڭ ۋە دۇنيا كەلمىگەن يوقسۇللارنىڭ ھەققى بار. ھەق- ھوقۇقلار ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇلمىغۇچە جەننەتنىڭ ھىدىنى پۇراش مۇمكىن ئەمەس.
جېنىنى ۋە مېلىنى پىدا قىلىپ ئاللاھ يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلغان شېھىتنىڭ قۇل ھەققى سەۋەبلىك جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن تۇرسا، ئۇنىڭ تۆۋىنىدىكى كىشىلەر قايسى ئەمەلى بىلەن ئۆزىنى جەننەتكە لايىق قىلالايدۇ؟
قۇرئان كەرىم ئومۇمنىڭ مېلىنى ئوغرىلىغان ئادەمنى «خىيانەتچى» دەپ ئاتىغان. (وَمَنْ يَغْلُلْ يَأْتِ بِمَا غَلَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ) «كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن كېلىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەنىيمەت تەقسىم قىلىنشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ئوغرىلىغان ئادەمنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان[1].
ئىمام مۇسلىم ئۆمەر ئىبنى ختاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىست كېلىشىچە، خەيبەر ئۇرۇشى ئاخىرلانشقاندىن كېيىن ساھابىلەردىن بىر قانچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا، «پالانى، پالانىلار شېھىت بولدى» دەپ ساناپ كېلىپ بىر لىشىنىڭ ئىسمىنىمۇ شېھىتلەرنىڭ قاتارىدا سانىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، مەن ئۇنى غەنىيمەتتىن ئوغرىلىغان بىر چاپان سەۋەبلىك دوزاختا كۆردۈم» دېگەن.
[1] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

