ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا چۈشۈپ كەتمەڭ!

1.      ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا چۈشۈپ كەتمەڭ!

مۇھەممەد يۈسۈپ

 ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان كاتتا نېمەت، ئىشلىتىشنى بىلگەنلەر ئۈچۈن ياخشى قورال. ھەربىر ئىنسان ئۇنى توغرا ئىشلىتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشى كېرەك. ئەپسۇسكى، زامانىمىزدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يالغانمۇ بار، تۆھمەتمۇ بار، غەيۋەتمۇ بار، پىتنە-پاساتمۇ بار، ئەدەپسىزلىكمۇ بار، بۇزغۇنچىلىقمۇ بار. دېمەك، پاسىق ئادەملەردە تېپىلىدىغان ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېپىلىدۇ. شۇڭا بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا مۇئامىلە قىلىشتا دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپىنى ئۆلچەم قىلىشىمىز لازىم.

 

1.      پايدىلىق ۋە ياخشى نەرسىلەرنى تارقىتىڭ

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە تەلىمات بېرىپ: ﴿وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا﴾ «ئىنسانلارغا ياخشى سۆزلەرنى قىلىڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسان ئۆزى ھېس قىلماستىن شۇنداق بىر سۆزنى دەپ سالىدۇكى، ئۇنىڭ يەتمىش يىل دوزاختا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن.  شۇڭا سۆزگە دىققەت قىلىش ۋە ئۇنى سۆزلەشتىن بۇرۇن تاللاش كېرەك. ئەجدادلىرىمىزمۇ «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان.

 

2.     ھەممىگە ئىشىنىۋەرمەسلىك

ئاللاھ تائالا بىزگە مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَإٍ فَتَبَيَّنُوا أَن تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ﴾ «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار». خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرمەستىن ئىشىنىپ كېتىش، تارقىتىش، شۇنىڭغا قاراپ ئىش كۆرۈش تۈرلۈك پۇشايمانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئېنىقلاپ كۆرۈش زۆرۈر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋنىڭ ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلىشى ئۇنىڭ گۇناھكار بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر»[1]. دېمەك، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى-يامانلىرىنى، پايدىلىق-زىيانلىقلىرىنى ئايرىماستىن تارقىتىش، يۈرەك بېرىش، قوللاش شۇ ئىشقا ئورتاقلاشقان بولىدۇ. ناۋادا ئۇ ياخشى، پايدىلىق ئىش بولسا ساۋاب تاپىدۇ، يامان، زىيانلىق ئىش بولسا گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە يالغانچىلار قاتارىدىن سانىلىدۇ.

 

3.     بارماقلىرىڭىزغا ئىگە بولۇڭ

   سىزنىڭ ئېكراننى سۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان بارماقلىرىڭىز سىزنى جەننەتكە ياكى دوزاخقا مەھكۇم قىلىشقا يېتەرلىكتۇر. چۈنكى قىيامەت كۈنى ئاشۇ بارماقلىرىڭىز قىلمىشلىرىڭىز ئۈستىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ﴿ الْيَوْمَ نِخْتِمُ عَلَىٰ أَفْوَاهِهِمْ وَتُكَلِّمُنَا أَيْدِيهِمْ وَتَشْهَدُ أَرْجُلُهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ﴾ «شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ»[2]. بارماقلار بىلەن ئېكراننى سۈرمەك ناھايىتى ئوڭاي، ئەمما ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ھېسابىنى بېرىش ھەرگىز ئوڭاي ئەمەس. شۇڭا بارماقلقرىڭىزغا ئىگە بولۇڭ.

 

4.   ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەڭ

 قولىڭىزدىكى يانفون ناھايىتى كىچىك ۋە يېنىك بىر نەرسە. ئەمما ئاخىرەتتە ئۇنىڭ بىلەن سادىر قىلىنغان گۇناھلار بۇنچىلىك كىچىك ۋە يېنىك بولمايدىغانلىقى ئېنىق. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار چوڭقۇر دېڭىزغا ئوخشايدۇكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىنى، تەقۋالىقىنى ۋە پەزىلىتىنى يۇتۇپ كەتمەكتە. ئېنتېرنېت چوڭ بىر بازار بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچكىم بىكارلىق نەرسە تارقاتمايدۇ. ھەممىسىنىڭ بىر مەقسىتى بار. بىرلىرى ئەخلاقنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلسا، بىرىلىرى شۈبھىلىك پىكىرلەرنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، يەنە بىرلىرى شۆھرەت قازىنىشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىرلىرى جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شۇڭا ئاڭلايدىغان ۋە كۆرىدىغانلىرىمىزنى تاللاش كېرەك. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىرەر مەزمۇنغا يۈرەك بېرىش ياكى ئۇنى تارقىتىش ئۈچۈن ئوبدان ئويلاش ۋە تەكشۈرۈش كېرەك. بۇ پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟ ئەخلاقنى بۇزامدۇ ياكى تۈزەمدۇ؟ بۇنى تارقاتسام ساۋاب بولامدۇ ياكى گۇناھمۇ؟ بۇلانى ئوبدان ئويلاش كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىمىزنى ۋە گەپ-سۆزلىرىمىزنى پەرىشتىلەر يېزىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بىرلىرىنىڭ ئەيىبىنى ئاچقان، بىرلىرىگە تۆھمەت قىلغان ۋە بىرلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان يازما ياكى ئۈن-سىنلارنى تارقىتىش، يۈرەك بېرىش، قوللاش ئاشۇ گۇناھلارغا ئورتاق بولغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ھەمكارلاشماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»[3].

 

5.     سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يازغان ۋە سۆزلىگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، بىزدىن سادىر بولغان ھەربىر سۆز ۋە ھەربىر ھەرىكەت، ھەتتا نىيەتلەر تولۇق ۋە تەپسىلى يېزىلىپ تۇرىدۇ. ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغان گەپ. چۈنكى سۆز مەسئۇلىيەتتۇر. ﴿مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ﴾ «(ئىنسان) قانداقلا بىر سۆزنى قىلسۇن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېنىدا كۆزىتىپ يازىدىغان پەرىشتە بولىدۇ»[4]. ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ ئارىسىمۇ سۆز بىلەن ئايرىلىدۇ.

 

6.     كۆز زىناسىدىن ساقلىنىڭ

كۆزمۇ زىنا قىلامدۇ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ھەئە، كۆزمۇ، ھەتتا قۇلاقمۇ زىنا قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاشتۇر...»[5]. يەنى يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلەرگە ۋە ئەخلاقسىز سىنلارغا قاراش ھارامدۇر. ھارام ئىشنى قىلغان ئادەم قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. دەرھال تەۋبە قىلمىسا دىلى قارىيىپ ھىدايەتتىن يىراقلىشىپ قالىدۇ. شۇڭا كۆز زىناسىدىن ساقلىنىش زۆرۈر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ) قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ. وَقُلْ لِلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ ...﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكلىقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن ...»[6]

مەيلى سىرتتا بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بولسۇن، ئۆزىگە ھالال بولمىغان بىرىگە تىكىلىپ قاراش ھارامدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش يۇقىرىدىكى ئايەتتى بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— مەن قىيامەت كۈنى تىھامە[7] تېغىدەك كاتتا ئەمەللەر بىلەن كەلسىمۇ، ئاللاھ ئەمەللىرىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋېتىپ، ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەرنى بىلىمەن؟ — دېۋىدى، سەۋبان :

— ئى رەسۇلۇللا! بىزگە ئۇلارنى سۈپەتلەپ بەرسىلە، ئۇلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسىلە، ئۆزىمىزمۇ تۇيماستىن ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالمايلى، — دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئۇلار سىلەرنىڭ دىنداش، ئىرقداش قېرىنداشلىرىڭلار. ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش كېچىلىرى ئىبادەت قىلىدۇ، لېكىن يالغۇز قالغاندا بولسا، ھارام ئىشلارنى قىلىدۇ، — دېدى[8].

ھارام — يېمەك-ئىچمەكتە بولسۇن، ياكى گەپ – سۆزدە ياكى مۇئامىلىدە ۋەياكى ئىش-ھەرىكەتتە بولسۇن، ئاللاھ تائالا قەتئىي چەكلىگەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.

 

7.تاقما ئىسىملارغا ئېتىبار بەرمەڭ

 تاقما ئىسىملار بىلەن تورغا چىقىدىغانلارغا ئىشەنمەسلىك، ئېتىبار بەرمەسلىك ۋە تەنقىد ياكى تۆھمەتلىرىگە جاۋاب بەرمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۇلارغا ۋاقىت سەرپ قىلىش ئىسراپچىلىقتۇر. ئۇسۇلى بىلەن قىلىنغان سەمىمىي تەنقىد ياخشى نەرسە. ئەمما ھەسەت، ئۇسۇلسىزلىق، ئىلمىيسىزلىك بىلەن تور دۇنياسىدا جار سالغانلار پىتنە-پاساتچىلارنىڭ ئۆزىدۇر. چاقىراي دېسىڭىز ئىسمى يوق، تۇتاي دېسىڭىز جىسمى يوق، ئېكران ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان تور قەھرىمانلىرى ئەگەر سەمىمىي بولسا سىز ئۇچرىشالايدىغان ۋە ئىزدەپ تاپالايدىغان بىرى بولغان بولاتتى. چۈنكى، ئۇلار سىز بىلەن ئۇچرىشىشقا پېتىنالمايدىغان توخۇ يۈرەكلەردۇر. شۇڭا ئۆزىنى ئاشكارا قىلالمايدۇ. بۇنداق تىپلەر ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىش بىھۇدىلىك ئەمەسمۇ؟!

  دادىسى ئەزان چاقىرىپ قويغان ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرىلىشتىن قاچىدىغان، ئۆز ئىسمى بىلەن تورغا چىقالمايدىغانلار ئۆزىگە ۋە ئۆز ئىسمىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان توخۇ يۈرەك تور قەھرىمانلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يازمىلىرى ۋە سۆزلىرى قانچىلىك جەلبكار بولۇپ كەتسۇن، قەتئىي ئېتىبار بەرمەسلىك لازىم. چۈنكى ئەگەر ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنسە ياكى ئۆز ئىسمى بىلەن چىقىشقا ئىشەنچ قىلالىسا، ئەلۋەتتە تاقما ئىسىملارغا ھاجەت بولمايتتى ۋە ئۆزىنى ئاشكارىلىغان بولاتتى. دېمەك، ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇنداق ئۆزىگە ئىشەنمىگەن بىرىلىرىگە سىز قانداق ئىشىنىسىز؟ ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى مۇناپىقلارنىڭ قىلىقىدۇر. چۈنكى مۇناپىقلار ھېچقاچان ئۆز كىملىكى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقمىغان ۋە چىقالمايدۇ.

     مەلۇمكى، تاقما ئىسىملار بىلەن تورغا چىقىدىغان بۇ تىپلەر سىياسىي جەھەتتىن ئېھتىيات قىلىدىغان مۇھىم شەخسلەرمۇ ئەمەس ياكى رىيادىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغاندۇ دېگىلى بولىدىغانلارمۇ ئەمەس، پەقەت ئۆزىگە ۋە ئىسمىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان پەردە ئارقىسى قەھرىمانلىرىدۇر، بەس.

  ھازىر سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا راست بىلەن يالغاننى ئايرىش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى. شۇڭا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دىنىي مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ پەتىۋالارنى ئۆزىمىز بىلىدىغان ۋە ئىلمىگە ئىشەنچ قىلىدىغان ئۆلىمالاردىن سوراش ۋە ئىسمى-جىسمى مەلۇم ئەمەس كىشىلەرگە قەتئىي ئېتىبار بەرمەسلىك لازىم.



[1] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[2] ياسىين سۈرىسى: 65- ئايەت.
[3] مائىدە سۈرىسى:2-ئايەت.
[4] قاف سۈرىسى: 18-ئايەت.
[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[6] نۇر سۈرىسى، 30-31-ئايەتلەر.
 [7]تىھامە — سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر تاغنىڭ نامى.
[8] سۇنەن ئىبنى ماجە، 4245 - نومۇرلۇق ھەدىس.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار