
ياخشىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ۋە ياخشى نامىنىڭ قېلىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلسۇن» دەپ كۆرسەتكەن.
ياشىنىپ قالغان بىر ئادەم باغچىدا غەمكىن ئولتۇراتتى. چۈنكى ئۆزى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دوختۇرلار كۆپ بولسا بىر ئايلىق ئۆمرى قالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. قارشى تەرەپتىكى بىر ئورۇندۇقتا بىر ئايال تېلېفوندا بىر كىشىگە يالۋۇراتتى؛ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى ۋاقتىدا ئۆتىيەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۆھلەت بېرىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئايال تېلېفوننى قويۇپ، قاتتىق ئويغا چۆكتى، كۆزلىرىدىن ياش ئاقماقتا ئىدى. ئادەمنىڭ ئايالغا ئىچى ئاغرىپ، ئاستا يېنىغا كەلدى ۋە ئەھۋال سورىدى. ئايال ئېرىنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ كىچىكلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئىش تاپالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئادەم ئايالنىڭ ئادرېسىنى ۋە تېلېفون نومۇرىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتتى. ئەتىسى ئىشخانىسىغا بېرىپ، مەزكۇر ئايال ھەققىدە ۋەسىيەت يازدى. ۋەسىيەتتە ئايالغا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئايلىق خىراجىتىنى يەتكۈزۈپ بېرىش يېزىلغان بولۇپ، ئايالنىڭ ئادرېسى ۋە تېلېفونىنىمۇ قوشۇپ قويدى. ئاندىن ئايالنىڭ ئۆيىگە يېمەك-ئىچمەك، مېۋە-چىۋە، بىر ئايلىق خىراجەت ۋە بىر يىللىق ئىجارە pulىنى ئەۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر ئاينىڭ بېشىدا ئايالنىڭ ئايلىقى كېلىپ تۇردى. ئادەم ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئايالنىڭ ئايلىقىنى ئەۋەتىشنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمىدى.
ئارىدىن 22 يىل ئۆتتى. ئايالنىڭ مائاشى كېلىپ تۇردى. بىر كۈنى ئادەم ۋاپات بولدى. شۇ ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئايالنىڭ خىراجىتى يەتكۈزۈپ بېرىلمىدى. يەتتە كۈندىن كېيىن، ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى دادىسىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئىش ئۈستىلىدىكى تارتمىنى ئاچتى ۋە مەخسۇس كونۋېرت ئىچىدىكى ۋەسىيەتنى ئوقۇدى. ئايالنىڭ خىراجىتى كېچىكىپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ، دەرھال ئايالنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە خىراجەتنى تەڭلىدى.
ئايال ئەدەپ بىلەن: «داداڭلارغا رەھمىتىمنى ئېيتىپ قويۇڭلار. بۈگۈن چوڭ بالامنىڭ ئىشقا كىرگىنىگە يەتتە كۈن بولدى. بالامغا ئالدىن بېرىلگەن مائاش بىلەن ئۆينىڭ ئىجارىسىنى ئۆتىدۇق ۋە ئايلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى سېتىۋالدۇق. ئەمدى، بىزنىڭ ياردەمگە ھاجىتىمىز قالمىدى. بۇ پۇلنى بىزدىنمۇ يوقسۇل بىر ئائىلىگە بېرىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن» دېدى. پەرزەنتلەر: «دادىمىز ۋاپات بولدى، بۈگۈن يەتتە كۈن بولدى» دېدى. ئايال قاتتىق يىغلاپ كەتتى ۋە ئۇ ئادەمگە دۇئا قىلدى.
دېمەك، ئاللاھ تائالا ئاشۇ نامرات ئايال پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ، قاتارغا قوشۇپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغۇچىلىك ئۇ ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەرگەن.

