ھاياتىنى كىتابقا ئاتىغان ئادەم

ھاياتىنى كىتابقا ئاتىغان ئادەم

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەلى ئەمىر ئەپەندى تۈركىيەنىڭ دىياربېكىر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئالىم، يازغۇچى، شائىر ۋە كىتاب ئاشىقى بىر كىشى بولۇپ، ھاياتىنى كىتابقا ئاتىغان، تاپقان پۇلىغا كىتاب سېتىۋېلىپ 11 مىڭدىن كۆپرەك نادىر ئەسەر يىغقان ۋە ئاخىرى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا «مىللەت كۇتۇبخانىسى»نى قۇرغان. ئۇ 1914–1915-يىللىرىدا، مەۋجۇتلۇقى ئەسىرلەردىن بېرى بىلىنگەن بولسىمۇ، ھېچبىر نۇسخىسىغا ئېرىشكىلى بولمىغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى)دىن ئىبارەت بۇ تەڭداشسىز شاھانە ئەسەرنى 30 ئالتۇنغا سېتىۋېلىپ، «مىللەت كۇتۇبخانىسى»دا ساقلىغان.

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» قاراخانىلار دەۋرىدە دانىشمەن بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان شاھانە ئەسەر بولۇپ، تارىخشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىباھا گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ.

قاراخانىلار دۆلىتى دەۋرىدە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»  قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىققانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ساقلىنىش ھېكايىسى

 ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ مالىيە نازىرى نەزىف پاشانىڭ ئائىلىسىدىكى بىر ئايال بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەنگەنلىكتىن ئۇنى سېتىش ئۈچۈن ساھافلار (نەشرىياتچىلار) بازىرىدىكى بۇرھان ئەپەندىگە تاپشۇرىدۇ. ئەلى ئەمىرى ئەپەندى كىتابخۇمار بىر كىشى بولغانلىقتىن، ھەمىشە كىتابخانىلارنى ئارىلايتتى، يېڭى كىتابلارنى ئىزدەيتتى. بىر كۈنى ئۇ كىتابخانىدا مەزكۇر ئەسەرنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ تۈرك تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خەزىنە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ۋە دەرھال سېتىۋالماقچى بولىدۇ. بۇرھان ئەپەندى ئەسەرنى 30 ئالتۇنغا ساتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئەلى ئەمىر ئەپەندىدە 30 ئالتۇن تۈگۈل بىر ئالتۇنمۇ يوق ئىدى.

ئەلى ئەمىر ئەپەندى بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ باشقا بىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئەمما سېتىۋېلىشقا پۇلى يوق. ئاخىرى كىتابخانىنىڭ ئىشىكىنى سىرتتىن قۇلۇپلاتقۇزىدۇ-دە، پۇلنى يىغىپ كېلىشكە كېىتىدۇ، ئەمما تاپالمايدۇ. بەيازىت مەيدانىدىكى بىر چىنار دەرىخىنىڭ تۆۋىگە كېلىپ تۇرۇپ، ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ، ئۆزىگە 30 ئالتۇن قەرز بېرىپ تۇرىدىغان بىرەر ئادەمنى يولۇقتۇرۇشىنى تىلەيدۇ. شۇ ئەسنادا مالىيە مەسلىھەتچىسى ھەسەن ئەپەندى ئالدىدىن ئۆتىدۇ. ئەلى ئەمىر ئەپەندى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىپ دەردىنى ئاڭلىتىدۇ ۋە قىممەتلىك شۇ ئەسەرنى قولدىن چىقارماسلىق ئۈچۈن 30 ئالتۇن قەرز سورايدۇ. ھەسەن ئەپەندى ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئىككىلەنمەي قەرز بېرىدۇ. ئاندىن ئەلى ئەمىر ئەپەندى ئالدىراپ- تېنەپ بېرىپ، كىتابخانىنىڭ ئىگىسى بۇرھان ئەپەندىنىڭ ئالدىغا 30 ئالتۇننى قويىدۇ ۋە ئۇنى كىتابخانىغا سولاپ قويۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزرىخاھلىق ئېيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەسەرنى سېتىۋالىدۇ.

ئەلى ئەمىرى ئەپەندى ئەسەرنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇزۇنغىچە ئەڭ يېقىن دوستلىرىغا، ھەتتا داڭلىق تۈرك يازغۇچىسى زىيا كۆكئالپقىمۇ كۆرسىتىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.

بىر كۈنى ۋېنگرىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن مەخسۇس ھەيئەت ئەلى ئەمىر ئەپەندىنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئەسەرنى سېتىپ بەرسە، ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئالتۇن بېرىش تەكلىپىنى قىلغاندا، ئەلى ئەمىر ئەپەندى ئۆزى زور ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا تۇرۇقلۇق، «بۇ كىتاب تۈرك مىللىتىنىڭ مۈلكىدۇر، سېتىلمايدۇ» دەپ تەكلىپلەرنى رەت قىلىدۇ.

كېيىنچە، ئەلى ئەمىر ئەپەندى ئاشۇ دەۋرنىڭ دۆلەت ئەربابى تەلەت پاشانىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن ئەسەرنىڭ بېسىلىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. ئەلى ئەمىرى ئەپەندى ھاياتى بويىچە يىغقان باشقا 11 مىڭدىن ئارتۇق ئاز ئۇچرايدىغان نادىر ئەسەرلەر بىلەن بىرگە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىمۇ ئۆزى قۇرغان «مىللەت كۇتۇپخانىسى»غا ھەدىيە قىلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى بۇ بىرلا ئەسلى قوليازما نۇسخا ھازىرمۇ ئىستانبۇلدىنىڭ فاتىھ رايونىدىكى «مىللەت كۇتۇپخانىسى»دا ئاسراپ ساقلانماقتا. بۇ كۇتۇبخانىدا 35 مىڭدىن ئارتۇق نادىر ئەسەر ساقلانماقتا بولۇپ، يېرىمى قوليازما، يېرىمى بېسىلغان ئەسەرلەر ئىكەن.

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار