دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كەسىپ

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كەسىپ

«ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ».

—ھەدىس شەرىپ

دۇنيادا بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ كەسىپ ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداشتىن شەرەپلىك ۋە ياخشى ئىش يوقتۇر. بىر مۇئمىن ئۈچۈن تىرىكچىلىك يولىدا ئىشلەش ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆز مېھنىتى بىلەن ئىشلەپ يېگەندىن ياخشى تائام يوقتۇر»[1] دەپ كۆرسەتكەن.

ئەڭ ياخشى كەسىپ قايسى؟

سىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆز قىزغىنلىقىڭىز بىلەن قىلىدىغان كەسىپ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كەسىپتۇر. بىر مۇئمىن ئۈچۈن جازانىخورلۇق، ھاراق، تاماكا سېتىش ياكى يۆتكەش دېگەندەك ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان كەسپلەردىن باشقا، دىنىمىزدا يول قويۇلغان تىرىكچىلىك كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھىم، ھەممىسى شەرەپلىك ۋە ھەممىسى ياخشىدۇر. شۇنداقتىمۇ، ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزى قىزىقىدىغان ۋە بېجىرەلەيدىغان كەسىپ ئەڭ مۇناسىپ كەسىپتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كۆرسەتكەن: ﴿تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ.الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ﴾«(پۈتۈن كائىناتنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى قولىدا بولغان ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر.»[2] دېمەك، ئەمەلنىڭ ئەڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئەمەلنى سۆيۈپ ۋە قىزغىنلىق بىلەن قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلمىغاندا ئەمەلنى ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ»[3] دەپ كۆرسەتكەن. مەلۇمكى، ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئىشنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىش كېرەك.

ئەڭ ياخشى كەسىپنى قانداق تاللايسىز؟

ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ ۋە ئەڭ ياخشى كەسىپنى تاللاشتا، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شۇ كەسىپكە بولغان مايىللىقىڭزغا ۋە تالانتىڭىزغا قارايسىز. ئەگەر سىزدە ئاشۇ كەسىپنى قىلىشقا تەبىئىي مايىللىق ۋە يېتەرلىك قابىلىيەت بولسا ئۇنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا سىزئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە بېجىرەلەيدىغان بىرەر كەسىپنى توغرا تاللىيالىسىڭىز، ئۆمۈر بويى يوقسۇللۇقتىن غەم قىلمايسىز. چۈنكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ۋە قىلالايدىغان كەسىپنى قىلغىنىڭىزدا، ئۇنىڭدىن زېرىكمەيسىز، ئۇنى كۆڭۈل خۇشاللىقى بىلەن قىلىسىز. نەتىجىدە، بۇ كەسىپتە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى قانداق بىلىسىز؟

ئۆزىڭىزنىڭ قايسى كەسىپنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرسىڭىز بولىدۇ:

—            بالىلىق چاغلىرىڭىزدا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلارنى خاتىرىلەپ چىقىڭ.

—            سىز ئوڭايلا قىلالايدىغان، ئۆگىنىشكە ھاجىتىڭىز چۈشمەيدىغان ئىشلارنى خاتىرىلەپ چىقىڭ.

—            تەڭتۈشلىرىڭىزدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشلىرىڭىزنى ۋە ھازىرمۇ ئۇلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىشلىرىڭىزنى خاتىرىلەپ چىقىڭ.

—            ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن ئىشلىرىڭىزنى خاتىرىلەپ چىقىڭ.

يۇقىرىقىلار سىزنىڭ كەسىپ تاللىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ سىزنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپلەرگە قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق سىزنى خاتالىققا چۈشۈرۈپ قويۇشىغا يول قويماڭ. چۈنكى، بىرەر كەسىپ پالانى ئۈچۈن ياخشى بولغان بىلەن، سىز ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولماسلىقى مۇمكىن. ھەربىر ئىنسان بىر ئالەم، ھەربىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ۋە تالانتى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ۋە ھۆددىسىدىن چىقىشقا ئۆزىڭىز ئىشىنىدىغان كەسىپنى تاللىشىڭىز ئاقىلانىلىقتۇر.

 ئەپسۇسكى، بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ۋە ئىقتىدارىغا ئېتىبار بەرمەستىن، ئۇلارغا ئۆزلىرى كەسىپ تاللايدۇ، ھەتتا ئۆزلىرى يېتەلمىگەن ئارزۇلىرىنى پەرزەنتلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىنى خالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۇلار خالىمايدىغان كەسىپلەرنى قىلىشقا، ياخشى كۆرمەيدىغان پەنلەردە ئوقۇشقا مەجبۇرلايدۇ. ئاخىرىدا، پەرزەنتلەر نەتىجە قازىنالمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلمىسا، ئۇ ئىشتا نەتىجە قازىنالمايدۇ.

 

ئىبرەت:

—            ھېچكىم سىزگە دۇنيادىكى ئەڭ ئەۋزەل كەسىپنى دەپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ مايىللىقىڭىز ۋە ھاجىتىڭىزگە قاراپ تاللىنىدۇ.

—            سىزگە مۇناسىپ كەسىپ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھاجىتىڭىزدىن چىقىدىغان كەسىپتۇر.

—            ئىقتىدارىڭىز يېتىدىغان ۋە سىز ياقتۇرغان كەسىپ ئەڭ ياخشى كەسىپتۇر.

 



[1]ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
[2]مۇلۈك سۈرىسى: 1-2- ئايەت.
[3]  ئىمام تەبەرانى رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار