قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرى

قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ
 ئاۋۋال شۇنى بىلىش كېرەككى، قۇرئان كەرىم بېرەر پەن ـ تېخنىكا كىتابى ئەمەس، ياكى ئۇ كائىناتنىڭ سىر-ئەسرارلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن كىتابمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە، قانۇن-تۈزۈم كىتابىدۇر. ئۇ ئىنسانلارغا پەن ـ تېخنىكىدىن مەلۇم ماۋزۇلاردا يىپ ئۇچى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ. دېمەك، قۇرئان كەرىم ئومۇمىي قانۇنىيەتلەرنىڭ خۇسۇسىي يىپ ئۇچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەتنىڭ يوللىرىغا ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ھىدايەت مەنبىئى قىلىپ چۈشۈرگەن. ﴿بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ﴾([1]). قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتى ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا چاقىرىش، ئۇنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تۇرغۇزۇش، ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە زىيانلىق بولغان ئىشلاردىن، گۇناھ-مەسىيەتلەردىن توسۇش قاتارلىق ئىشلاردا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلگە ئاشقان.

قۇرئان كەرىم ھىدايەت كىتابىدۇر
ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ھەر بىر ئەسىرنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى جەھەتتىكى ۋەزىيىتىگە ۋە ھەر دەۋر ئىنسانلىرىنىڭ ئەقىل سەۋىيىسىگە مۇناسىپ ھالدا ئىلمىي مۆجىزىلەر بىلەن ئىسپاتلاشمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايەتلىرىدىن بىرى سانىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى مۇندىن 14ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى چۈشكەن ۋە ئەسىرلەردىن بىرى كىشىلەرنى شۇ زامانلارنىڭ سەۋىيىسىگە لايىق ئىلمىي مۆجىزىلىرى بىلەن قايىل قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭدا پەقەت زامانىۋى ئىلىم -پەن بىلەنلا ئىسپاتلىنىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر بار. شۇڭا زامان تەرەققىي قىلغانسېرى، ئىنسانلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى يۈكسەلگەنسېرى ۋە ئىلىم-پەن ئىلگىرلىگەنسېرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆتمۈشلەردە بىلىنمىگەن ئىلمىي مۆجىزىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ تا قىيامەتكىچە بۇ ئىلمىي مۆجىزىلەر ئېچىلىنىشقا داۋام قىلىدۇ.

ئۇنداقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى نېمە ئۈچۈن شەرھلەپ بەرمىگەن؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مۇنداق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھازىر كەشىپ قىلىنغان ۋە كېيىنچە كەشىپ قىلىنىدىغان پۈتۈن ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى شەرھلەپ بەرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە، ئەخلاق مەسىلىلىرىدە، كۈندىلىك ئىبادەتلىرىدە، مۇئامىلە ئىشلىرىدا، ھالال-ھارام مەسىلىسىدە بىلىشى زۆرۈر بولغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولىقى بىلەن شەھلەپ بەرگەن. چۈنكى مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغىنى شۇ ئىدى. ئەمما قۇرئان كەرىمدىكى كائىنات ئەسرارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەردىن ئۆزى بىلگەنلىرىنى ۋە ئېھتىياج تۇيغانلىرىنىلا بايان قىلىپ بېرىشكە كۇپايىلەنگەن. چۈنكى بۇ ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ھازىرقى بويىچە شەرھلەپ بەرگەندە، ئۇلارنى شۇ چاغلاردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقلى قوبۇل قىلالمايتتى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئاساسلىق مەسىلە بولغان دىنىي مەسىلىلەرگە سەلبىي تەسىرى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى.

 چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن بىر كېچىدە مەككىدىن پەلەستىندىكى مەسجىدى ئەقساغا بېرىپ كەلگەنلىك قىسسىسىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقى قوبۇل قىلالمىغان يەردە، ھازىرقى ئىلمىي كەشپىياتلاردىن سۆز ئېچىشقا ھەرگىزمۇ ئورۇن يوق ئىدى. ھەتتا مۇندىن يۈز يىل بۇرۇنقى ئىنسانلارغا يانفون، كومپىيوتېر، ئېنتېرنېت، ئانتېنا قاتارلىق ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىلىرىدىن سۆز ئاچقان ئادەم ھەرقانچە ئىشەنچلىك، ئالىم كىشى بولۇپ كەتسىمۇ، ئىنسانلار ھامان ئۇنى يالغانغا چىقىرىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ ئىدى.

قۇرئان كەرىم ئەدەبىي، ئىلمىي، كېلىچەكتىن خەۋەر بېرىش، ھەر زامانغا مۇناسىپ شەرىئەت بەلگىلەش قاتارلىق كۆپلىگەن مۆجىزىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

قۇرئان كەرىمنىڭ  ئەدەبىي مۆجىزىلىرى
  قۇرئان كەرىمنىڭ ئەدەبىي مۆجىزىسى ئۇنىڭ تۈزۈلىشىدىكى بەدىئىيلىكى، ھەر بىر سۆزنىڭ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىشتەك يۇقىرى جازىبىيىتى، قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(1) قۇرئان كەرىمنىڭ بەدىئىيلىكى
  قۇرئان ئايەتلىرىدىكى ھەر بىر سۆز ۋە ھەربىر ئايەتتە، ئەرەب ئەدەبىياتىدىكى بارچە بەدىئىيلىك تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۈلگىلىرى تېپىلىدۇ. ئەرەبلەر قۇرئان كەرىم چۈشۈشتىن بۇرۇن ئەدەبىيات ۋە بايان جەھەتتە دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىغا نئۆتۈپ كەتكەن قەتئىي سۆزدە يېڭىلمايدىغان خەلق ئىدى. ھەتتا شۇ ۋاقىتتىكى يۇنان، ھندىستان ۋە ئىراننىڭ ئاتاغلىق ئەدىبلىرى ۋە شائىرلىرى ئەرەبلەرنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيتتى. ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرى شۇ ۋاقىتتا ئەرەبلەرنىڭ ئاتاغلىق شائىر ۋە ئەدىبلىرىنى تىزلا قايىل قىلغان.

 ئەرەبلەر ئەدەبىيات ۋە شېئىرىيەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، پاساھەت (ھەر قانداق بىر مۇددىئانى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئوچۇق ئىپادىلەش)، بالاغەت (ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ئىنتايىن ئىخچام ۋە ئاسان ئىبارىلەر بىلەن نەق يەتكۈزۈش) جەھەتلەردە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە خەلق بولۇپ تۇرۇپ قۇرئان كەرىمگە تەڭ كېلەلمىگەن. قۇرئان كەرىمنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتكەن.

قۇرئان كەرىم ئەرەبلەرگە دۇئېل ئېلان قىلغان
  قۇرئان كەرىم ئەرەبلەرگە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچلۇق دۇئېل ئېلان قىلغان:

  ئاللاھ تائالا دەسلەپتە ئۇلارنى بەدىئىيلىك ۋە ئىستىلىستىكىلىق ئۈستۈنلۈكتە قۇرئان كەرىمگە ئوخشايدىغان بىرەر كىتابنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىشقا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دۇئېل ئېلان قىلدى.﴿ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر ـ بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ﴾([2]) ئۇلار بۇ دۇئېلنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندى، ئەمما ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى، قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىرەر كىتاب ئىجاد قىلالمىدى.

 ئاندىن ئۇلارنى قۇرئان كەرىم سۈرىلىرىگە ئوخشايدىغان 10سۈرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىشقا چاقىردى. ﴿ئۇلار قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئىجاد قىلغان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «(بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (بەدىئىيلىك جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرە ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار﴾([3]). ئۇلار بۇنىمۇ ئىجاد قىلالمىدى.

  ئاخىرىدا ئۇلارنى بىرلا سۈرە ئىجاد قىلىپ بېقىشقا چاقىردى. ﴿بەندىمىزگە بىز چۈشۈرگەن قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، كېلىڭلار سىلەرمۇ قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار، ئەگەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىڭلار﴾([4]). ئۇلار بىر سۈرىنىمۇ ئىجاد قىلالمىدى.

  شۇنداق قىلىپ، ئەرەبلەر يۇقىرىقى دۇئېللارنىڭ ھېچبىرىگە جاۋاب بېرەلمىگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ قۇرئان كەرىم ئالدىدا ئاجىز قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكى ۋە راستىنلا ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە قايىل بولدى.

  چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەدەبىي مۆجىزىسىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئەشەددى كۇففارلارمۇ ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئىسلام دىنىغا جېنى بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەن ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدىن بىر قانچە ئايەت ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلى بىردىنلا يۇمشاپ ئۆزىگە نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئىسلامنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى ئەبۇ جەھل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىدۇ. ۋەلىد ئەبۇ جەھلگە مۇنداق دەيدۇ: «سەنمۇ بىلىسەن، مەن ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ تالانتلىق شائىرىمەن، ئەرەبلەردە مېنى بېسىپ چۈشىدىغان شائىر يوق. قەسەم بىلەن ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن مۇھەممەد(ئەلەيھىسسالام) تىن ئاڭلىغانلىرىم شېئىر ئەمەس ياكى قەسىدە ئەمەس، ئۇ شۇنداق بىر سۆزلەركى، ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ھۇزۇر-ھالاۋەت بېغىشلايدۇ، قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئېسىل، بۇ سۆزلەرنى بېسىپ چۈشەلەيدىغان سۆزلەر يوق، ئۇ ھەمىشە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ھەر قانداق بەدىئىي بايانلارنى يوققا چىقىرالايدۇ».

  مانا بۇ، ئىسلام دىنىنى يوقىتىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بىر كاپىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقىدۇر.

  قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى بىرىنچى سۈرە فاتىھە سۈرىسىدىن ئەڭ ئاخىرقى سۈرە ناس سۈرىسىگە قەدەر ھەممىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولساق، قۇرئان كەرىمنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە پۈتۈن ئايەتلىرىدە ئىستىلىستىكا ۋە باياننىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۈلگىلىرىنى بايقايمىز. بۇ ئايەتلەر سۆزلىرىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن بىزنى قايىل قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ ھۇزۇر- ھالاۋىتى قەلبىمىزگە بېرىپ بولىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ بەدىئىيلىكىگە بىر مىسال

تۆۋەندە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىستىلىستىكا جەھەتتە ئەڭ ئۈستۈن بەدىئىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىگە بىرلا مىسال كەلتۈرىمەن. ئەرەبلەر قاتىلدىن قىساس ئېلىشنىڭ قاتىللىق جىنايەتلىرىنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئەڭ ئىخچام ۋە ئەڭ بەدىئىي سۆز بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولۇپ، «ئۆلتۈرۈش ئۆلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دېگەن جۈملىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى ئەڭ بەدىئىي جۈملە دەپ قارىغانلىقتىن، كەبىگە ئېسىپ قويۇپ پەخىرلەنگەن ئىدى. چۈنكى ئۇلار ھەمىشە ئەڭ بەدىئىي شېئىرلارنى ۋە ھېكمەتلىك، بەدىئىي جۈملىلەرنى كەبىگە ئېسىش بىلەن پەخىرلىنەتتى.

 قۇرئان كەرىمدىن ﴿قىساستا ھايات بار﴾([5]) دېگەن ئايەت چۈشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ كەبىگە ئېسىپ پەخىرلەنگەن بۇ بەدىئىي جۈملىسى ئادەتتىكى سۆزلەرگە ئايلىنىپ قالدى ۋە پۈتۈن ئۈستۈنلىكىنى يوقىتىپ قۇرئان كەرىمگە ئورۇن بوشىتىپ بەردى.

  ئىستىلىستىكا مۇتەخەسسىسلىرى قۇرئان كەرىمدىكى﴿ قىساستا ھايات بار﴾ دېگەن ئايەت بىلەن «ئۆلتۈرۈش ئۆلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دېگەن جۈملە ئوتتۇرىسىدا بەدىئىيلىك جەھەتتە ئالاھىدە چوڭ پەرق بارلىقىنى ۋە مەزكۇر ئايەتنىڭ بۇ جۈملىدىن 20 دىن كۆپرەك تەرەپتىن ئۈستۈن بەدىئىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن:

  (1) يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ھەرپ سانى «ئۆلتۈرۈش ئۆلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دېگەن جۈملىنىڭ ھەرپ سانىدىن ئاز. ئايەت12 ھەرپتىن، بۇ جۈملە 14 ھەرپتىن تەركىب تاپقان. مەلۇمكى، قانچىلىك ئاز سۆز ۋە ئاز ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن مەنە ئەڭ بەدىئىي مەنىدۇر.

  (2) ئايەتنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئوچۇق. چۈنكى ئۇ قاتىلدىن قىساس ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما «ئۆلتۈرۈش ئۆلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى، ھەر قانداق ئۆلتۈرۈش قىساس ئۈچۈن بولمايدۇ. ئادەملەر بىر-بىرىنى ناھەقمۇ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ جۈملىدە قىساسنى ئىپادىلەيدىغان بىرمۇ سۆز يوق.

  (3) ئايەتتە بىرەر سۆزمۇ تەكرارلانغان ئەمەس. چۈنكى سۆزنىڭ تەكرارلىنىشى جۈملىنىڭ بەدىئىيلىكىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەمما «ئۆلتۈرۈش ئۆلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دېگەن جۈملىدە، «ئۆلتۈرۈش» دېگەن سۆز تەكرارلانغان.

  (4) ئايەتتىكى «قىساس» سۆزى ئادالەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ. چۈنكى باشقىسىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغان ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ نابۇت بولۇشقا مەھكۇمدۇر. ئەمما «ئۆلتۈرۈش ئۆلتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دېگەن جۈملە بۇ مەنىنى بېرىشتىن يىراق.

(2) قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ئۆزى ئىخچام، مەنىسى چوڭقۇرلىقى
  قۇرئان ئايەتلىرىدىكى ھەر بىر سۆز ئۆزى ئىخچام، مەنىسى چوڭقۇر سۆزلەردىن بۇلۇپ، سۆزلەر ئارىسىدىكى رەت-تەرتىب ۋە ئۆزئارا باغلىنىشچانلىق پەۋقۇلئاددە يۇقىرىدۇر. مەن بۇ ئورۇندا بىرلا مىسال كەلتۈرۈشنى خالايمەن:

  قۇرئان كەرىمدە، مەيلى قايسى ئايەتتە بولمىسۇن « ئاڭلاش» سۆزى «كۆرۈش» سۆزىنىڭ ئالدىدا كەلگەن. «ئاڭلاش» سۆزى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان ياسالما سۆزلەر قۇرئان كەرىمدە 227 قېتىم ئۇچرىسا، « كۆرۈش» سۆزى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان ياسالما سۆزلەر 148 قېتىم ئۇچرايدۇ؛ « كۆز»، « قۇلاق» بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە « قۇلاق» سۆزى ھەمىشە « كۆز» سۆزىنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. مەسىلەن: ﴿(ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرى)نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە چوقۇم سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾([6])، ﴿سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر بەك ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر﴾([7])، ﴿ئۇلار (ھەقنى) ئاڭلاشقا ۋە (ھەقنى) كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ﴾([8]).

  يۇقىرىقى ئايەتلەردىن باشقا «قۇلاق» بىلەن «كۆز» تىلغا ئېلىنغان بارلىق ئايەتلەردە «قۇلاق» سۆزى بىلەن ئىنساننىڭ ئاڭلاش سېزىمى رەت جەھەتتە « كۆز» سۆزى بىلەن كۆرۈش سېزىمىنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟

  قېنى بىز نەزىرىمىزنى ئىلىم – پەن ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ۋە ئىلمىي پاكىتلارغا سېلىپ باقايلى:

  تۆرەلمەشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ئىنساننىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئەزالىرى بىرلا ۋاقىتتا يارىتىلىدۇ. تۆرەلمە تۆرىلىپ ئۈچ ھەپتە بولغاندا، ئۇنىڭ قۇلاق ئاساسىي تاختىسى يېتىلىدۇ، بۇ ئاڭلاش ئورگىنىنىڭ يېتىلىشىنىڭ باشلىنىشى، تۆرەلمىگە تۆت ھەپتە بولغاندا كۆزىنىڭ ئاساسىي تاختىسى يېتىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىچكى قۇلاق تەرەققىي قىلغان ھالغا كېلىدۇ، تۆت ھەپتە بولغاندا قۇلاق قۇلۇلىسى يېتىلىشكە باشلاپ، سەككىز ھەپتە بولغاندا مۇكەممەل ئاڭلاش ئويمىنى شەكىللىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىچكى قۇلاق بەش ئايدا تولۇق يېتىلىدۇ ھەم ئاڭلاش سەزگۈ نېرۋىلىرى غىدىقلىنىشنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئەمما كۆز، كۆز ئالمىسى بىلەن كۆرۈش پەردىسى (نۇرلۇق پەردە) يەتتە ئايدا يېتىلىدۇ ھەم ئېچىلىدۇ. بىراق كۆز بالىياتقۇ ئىچىدە ھېچنەرسىنى كۆرەلمەيدۇ. ئەمما قۇلاق ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ، بوۋاق ئانىسىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ۋە ئۈچەي ھەرىكەتلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ.

  خۇلاسە قىلغاندا:

  (1) تۆرەلمىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈ سىستېمىسى كۆرۈش سەزگۈ سىستېمىسىدىن بۇرۇن يېتىلىدۇ، ئاڭلاش سەزگۈسى تۆرەلمە بەش ئايلىق بولغاندا چوڭ ئادەمنىڭ ئاڭلاش سەزگۈ سىستېمىسى شەكلىگە كىرىدۇ. كۆرۈش سەزگۈ سىستېمىسى بالىلار 10 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن مۇكەممەللىشىپ پىشىپ يېتىلىدۇ.

  (2) تۆرەلمە بالىياتقۇدىكى چېغىدا ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ، ئەمما نۇر، سىزىقلارنى تۇغۇلغاندىن كېيىن پەرقلەندۇرەلەيدۇ.

  قۇرئان كەرىمدە « ئاڭلاش» سۆزىنىڭ« كۆرۈش» سۆزىنىڭ ئالدىدا بايان قىلىنغانلىقىنىڭ يەنە باشقا سەۋەبلىرى مۇنداق:

  (1) بىئولوگىيە ئىلمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەم ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاۋۋال ئۇنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى تورمۇزلىنىپ (ئاستا – ئاستا ئۆچۈپ)، ئاندىن كېيىن ئاڭلاش سەزگۈسى تورمۇزلىنىپ ئىشتىن توختايدۇ. ئىنسان ھوشسىزلانغاندا، ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، سەكەراتقا چۈشكەندە، مېڭىگە قان يېتىشمىگەن ئەھۋاللاردىمۇ ئاۋۋال كۆرۈش سېزىمى يوقىلىپ، ئاندىن ئاڭلاش سېزىمى يوقىلىدۇ.

  (2) ئايروپىلاندا ئۇچقاندا تىز سۈرئەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلىگەندە كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىپ مۈجمەل كۆرۈش قۇۋۋىتى شەكىللىنىدۇ. ئەمما ئاڭلاش ئىقتىدارى ھەرگىز يوقالمايدۇ، ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ.

  (3) ئادەم ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىش ۋە ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن كەلگەن ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ. ئەمما ئادەمنىڭ بېشى مۇقىم بىر ئورۇندا تۇرغاندا، ئۇنىڭ تەكشىلىكتىكى كۆرۈش بولۇڭى °180، تىكلىكتىكى كۆرۈش بولۇڭى °145بولىدۇ. نۇر تۈز سىزىق بويىچە تارقالغاچقا، توسالغۇلاردىن، ئەگرى جايلاردىن ھەم سۈزۈك بولمىغان جىسىملاردىن ئۆتەلمەيدۇ. ئەمما ئاۋاز ھەر قايسى تەرەپلەرگە تارقىيالايدۇ. ئېگىز – پەس جايلاردىمۇ، قېلىن، ئېگىز تاملاردىمۇ تارقىيالايدۇ.

  (4) ئىنساننىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىدىن كەلگەن ئۇچۇرلار ئۇنىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەمما باشقا سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ھەم تەسىرى بۇنىڭغا يەتمەيدۇ. شۇنداقلا كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى ئاڭلاش سەزگۈسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇچۇرلاردىن كۆپ بولسىمۇ، مېڭىدە قېلىشتا ئاڭلاش سەزگۈسىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا يەتمەيدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنساننىڭ قەلبىنى ئېرىتىۋېتىدىغان، جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق، تەسىرلىك قىرائىتى راستىنلا مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قەلبىنى ئېرىتىدۇ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

  دېمەك، قۇرئان كەرىمدە « قۇلاق» ۋە « ئاڭلاش» سۆزلىرىنىڭ « كۆز» ۋە «كۆرۈش» سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا قويۇلىشى چوڭقۇر ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىلىم – پەن تەرەققىي قىلمىغان مۇندىن 14 ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا، بىرەر ئىنساننىڭ بۇ ھەقىقەتلەرنى بىلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ.

(3) قۇرئان كەرىمنىڭ تېكىستلىرىدىكى سىلىقلىق
  قۇرئاننىڭ تېكىستلىرى، لەۋزى ئىنتايىن سىلىق، چاققان، مەنىگە دالالەت قىلىش ئۈستۈنلىكى ئالاھىدە يۇقىرى، ئوقۇش ۋە يادلاش ئۈچۈن بەكمۇ ئەپلىك ھەم ئۇڭايدۇر. قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغان ئادەممۇ بىر ئاڭلاش بىلەنلا بۇنى ئەلۋەتتە ھېس قىلالايدۇ. ھەتتا ئۇلار ئايەت بىلەن ھەدىسنىڭ پەرقىنى ئاڭلاپلا بىلەلەيدۇ. مۇندىن باشقا ئاڭلىنىۋاتقان ئەرەبچە سۆزلەر ئىچىدىن قۇرئان ئايەتلىرىنى تېزلا بايقىۋالالايدۇ. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاھاڭ ۋە رېتىم جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىمۇ ئۇنىڭ مەنىسىگە قاراپ بولغان. مەسىلەن: ئەھلى جەننىتى بولىدىغان ياخشى كىشىلەر ھەققىدىكى بايانلاردا ئايەتلەر ئىنتايىن يۇمشاق، سىلىق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ھەرپ ۋە سۆزلەردىن تەركىب تاپقان. ﴿إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤًا وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ﴾([9])، ﴿ إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ. ادْخُلُوهَا بِسَلاَمٍ آمِنِينَ. وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنْ غِلٍّ إِخْوَانًا عَلَى سُرُرٍ مُّتَقَابِلِينَ﴾([10]) دېگەن ئايەتلەرگە ئوخشاش. ئەمما ئەھلى دوزىخى بولىدىغان يامان ئادەملەر ھەققىدە كەلگەن بايانلاردا، ئايەتلەر ئادەمنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سالىدىغان، تەلەپپۇزى ئىنتايىن قاتتىق چىقىدىغان ھەرپلەر ۋە سۆزلەردىن تەركىب تاپقان.﴿وَتَرَى الْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ مُّقَرَّنِينَ فِي الأَصْفَادِ. سَرَابِيلُهُم مِّن قَطِرَانٍ وَتَغْشَى وُجُوهَهُمْ النَّارُ﴾([11])، ﴿جَهَنَّمَ يَصْلاهَا مَذْمُومًا مَّدْحُورًا﴾([12]) دېگەن ئايەتلەرگە ئوخشاش.

(4) قۇرئان كەرىمنىڭ جازىبىيىتى
  قۇرئان كەرىمنىڭ جازىبىيىتىمۇ ئالاھىدە چوڭ بىر مۆجىزە. سىز بىرەر بەدىئىي ئەسەرنى دەسلەپ ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى سىزنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ، ئۇنى تويماي ئوقۇيسىز. ئەمما ئۇنى قايتىلاپ ئوقۇغىنىڭىزدا سىزدىكى ھاياجان يوقىلىدۇ -دە، سىزگە بىرەر يېڭىلىق ھېس قىلىنمىغانلىقتىن، ئۇنى قايتىلاپ ئوقۇشتىن زېرىكىش ھېس قىلىسىز. ھالبۇكى قۇرئاندا بۇنداق خۇسۇسىيەتلەر يوق. ئەكسىچە، سىز قۇرئاننى قانچىلىك كۆپ قايتىلاپ ئوقۇغانسېرى ئۇنىڭ جازىبىيىتى شۇنچىلىك ئاشىدۇ، ئۇنى تويماي ئوقۇيسىز. ئۇنىڭ ھۇزۇر ـ ھالاۋىتى سىزنى زوقلاندۇرىدۇ. بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەم نامازدا كۈنىگە فاتىھە سۈرىسىنى ئاز دېگەندە 32 قېتىم ئوقۇيدۇ. ئەمما ئۇلار ئەينى سۈرىنى بۇنچىلىك كۆپ ئوقۇشتىن قىلچە زېرىكىش ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ سۈرىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىدا يېڭى – يېڭى مەنىلەرگە ۋە مەنىۋى يۈكسىلىشلەرگە ئىگە بولىدۇ.

  قۇرئان كەرىمنىڭ جازىبىيىتى ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلىدىغان كۆپلىگەن ئەرەبلەرنىڭ بىرەر ئايەتنىڭ تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ قېلىش سەۋەبى بىلەن دىللىرى بىردىنلا ئېرىپ مۇسۇلمان بولىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن ئىسلامنى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان، مۇشرىك ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ بىر كۈنى ئۇنىڭدىن قورقۇپ مەخپى ھالدا مۇسۇلمان بولغان سىڭلىسى ئوقۇۋاتقان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ قاتتىق دىلى بىردىنلا ئېرىپ، ئۆچمەنلىك تولغان كۆڭلى بىردىنلا تۇمشاپ شۇ ئاندا مۇسۇلمان بولغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئەرەب كاتتىباشلىرىنىڭ خەلقنى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىنى ئاڭلاپ قېلشتىن قاتتىق توسقانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ جازىبىيىتى ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرىۋېتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار قۇرئاننىڭ تارتىش كۈچى ئالدىدا) غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ﴾([13]).

  ئەمما ھازىرقى زاماندا، خۇددى زىرائەتچىلىككە يارىمايدىغان قاتتىق يەر سۇنى قوبۇل قىلمىغاندەك، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ، ھەتتا ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئەرەبلەرنىڭمۇ دىلى قارىيىپ، كۆڭلى قاتتىقلىشىپ كەتكەنلىكتىن قۇرئان كەرىم ئۇلارغا تەسىر قىلمايدۇ. چۈنكى مۇنداقلار قۇرئان كەرىمنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئاڭلاشتىن خېلىبەك يىراقتا.

 


 

قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىلىرى
قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي ھەقىقەتلەردىن خەۋەر بەرگەن مۆجىزىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ دەلىللىرىدىن بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى: تەبىئىي پەن دەلىللىرى
        (1) شامال ۋە بۇلۇتلارنىڭ قوزغىلىشى

  بۇلۇتلارنىڭ يۆنىلىشى بۇلۇتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان شاماللارنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. تەتقىقاتچى ئالىملار شاماللارنىڭ دېڭىز يۈزىگە كۆتۈرۈلگەن سۇ پارلىرىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ بۇلۇت ھاسىل قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا شامالنىڭ چاڭ ـ توزانلارنى ۋە بىر قىسىم تۇپراق دانچىلىرىنىمۇ يۇقىرىغا كۆتىرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلار يەنە شاماللار كۆتىرىپ يۇقىرىغا ئېلىپ چىققان چاڭ ـ توزان، تۇپراق دانچىلىرى، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقچىلىرى ۋە تۇمان قاتارلىقلارنى دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن سۇ پارلىرىغا ئارىلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دانچىلارنىڭ ئەتراپىنى سۇ پارلىرى ئوراپ ئاستا ـ ئاستا چوڭىيىشى نەتىجىسىدە ئېغىر بۇلۇت پارچىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

  قۇرئان كەرىم بۇلۇتنىڭ شاماللار ئارقىلىق قوزغىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ شاماللانى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنىچە تارقىتىدۇ﴾([14]).

  قۇرئان يەنە، شاماللارنىڭ سۇپارلىرىنى ھەيدەيدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئېغىر بۇلۇت ھاسىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن يامغۇر تامچىلىرى چۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: ﴿بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق. بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر﴾([15]).

  (2) ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكى

  كىشىلەر ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. تەتقىقاتچىلار زامانىمىزدىكى ئىلىم ـ پەننىڭ سايىسىدا ئاسمان جىسىملىرىدىكى قالدۇق تۈتۈن ماددىلىرىنى ۋە ئۇلاردىن يېڭى پلانېتلارنىڭ تەركىب بولىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەسلىدە تۇمان ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئەمما قۇرئان كەرىم بۇھەقىقەتنى مۇندىن بۇرۇن قەيت قىلغان.﴿ئاللاھ ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى﴾([16]).

    (3) ئاي نۇرىنىڭ ئۈچۈرۈلگەنلىكى

  تەتقىقاتچىلار ئاينىڭ ئەسلىدە قۇياشقا ئوخشاش يانىدىغان نۇرلۇق ماددا بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە كېچىدىكى ئاي نۇرىنىڭ پەقەت قارشى تەرەپتىكى قۇياشنىڭ نۇرىدىن ئەكس ئەتكەن (قايتۇرغان) يورۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ھالبۇكى قۇرئان كەرىم بۇھەقىقەتنى ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلغان: ﴿كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى (يەنى نۇرىنى) كۆتىرىۋەتتۇق﴾([17]).

  قۇرئان كەرىم يەنە قۇياشنى يانغۇچى چىراق، ئاينى يورۇقلۇق بەرگۈچى دەپ تەرىپلىگەن: ﴿ئاسماندا بۇرۇجلەرنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراق(قۇياش)نى ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر﴾([18]).

  بۇ ئايەتلەرد، ئاينىڭ يورۇقلۇقنى قۇياشتىن قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاللاھ تائالانىڭ قۇياش بىلەن ئاينى "ئىككى چىراغ" دەپ تونۇشتۇرماستىن، قۇياشنى " چىراغ"، ئاينى "نۇرلۇق" دەپ سۈپەتلىگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنى ئونۇتماسلىق كېرەككى، قۇرئان كەرىمدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ ئۆز ئورنىغا شۇنداق كەم – زىيادە قىلىنماستىن، ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەرگىزمۇ مەقسەتسىز ئەمەس. ئەرەب تىلىنىڭ زەۋقىنى تېتىغانلار بۇنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ.

    (4) ھاۋا بوشلۇقىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكى

  كىشىلەر ھازىرقى ئىلىم ـ پەن بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ئوكسېگىننى ھاۋانىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدىمۇ بار، دەپ گۇمان قىلىشاتتى. ئايروپىلان ئىجاد قىلىنىپ كىشىلەر ئاسمانغا ئۆرلىگەندىن كېيىن، ھاۋانىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇ جايلاردا نەپەسنىڭ سىقىلىدىغانلىقىنى بىلدى. ئەمما قۇرئان بۇ ھەقىقەتنى مۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان: ﴿ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ﴾([19]).

  بۇ ئايەتتە، ئىمان ئېيتىش قىيىن كەلگەنلىكتىن كۆكسى تارايغان كىشى ھاۋا بوشلۇقىغا چىققاندا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىدىن نەپىسى سىقىلغان كىشىگە ئوخشىتىلغان. بۇ ئايەتتە، ھاۋا بوشلۇقىدا ئوكسېگىننىڭ كەملىكىدىن نەپەس ئېلىشنىڭ قىيىنلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.

    (5) ھەر شەيئىنىڭ جۈپ ئىكەنلىكى

  تەتقىقاتچىلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭمۇ خۇددى جانلىقلارغا ئوخشاش جۈپ ئىكەنلىكىنى، ھەتتا جاماداتلار(قاتتىق جىسىملار)نىڭمۇ جۈپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قۇرئان كەرىم مۇنداق دېگەن: ﴿پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتقان، زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى جۈپ ياراتقان ئاللاھ بارچە نوقسانلاردىن پاكتۇر﴾([20]).

    (6) سېزىمنىڭ تېرىدە ئىكەنلىكى

  تىببىي مۇتىخەسسىسلەر ئاغرىقنى ھېس قىلىش پەقەت تېرىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بەدەنگە ئوكۇل سېلىنغاندىمۇ ئوكۇل تېرىدىن گۆشكە ئۆتۈپ بولغىچە ئاغرىق ھېس قىلىنىدۇ. ئەمما ئوكۇل گۆشكە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاغرىق ھېس قىلىنمايدۇ. كۆيۈكمۇ شۇنداق. قۇرئان كەرىم بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى ئۆز ۋاقتىدىلا ئېلان قىلغان: ﴿شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازاپنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز﴾([21]). چۈنكى تېرە كۈيۈپ بولسا، ئازاب ھېس قىلىنمايدۇ، شۇڭا تېرە يېڭىلىنىپ تۇرغاندىلا ئازاب داۋام قىلالايدۇ.

    (7) دېڭىزنىڭ ئىچكى دولقۇنلىرى

  كىشىلەر دېڭىزلارنىڭ سۇ ئۈستى دولقۇنلىرىدىن باشقا ئىچكى دولقۇنلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەيتتى، شۇنداقلا سۇ ئۈستى دولقونلىرىنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن يورۇقلۇقنى توسۇۋېلىپ، سۇ تېگىدە قاراڭغۇلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ھازىرقى پەن ـ تېخنىكا بۇنى ئىسپاتلىدى. ئەمما قۇرئان ئەڭ ئاۋۋال بۇنى ئىسپاتلىغان ئىدى: ﴿دېڭىزنى قاتمۇ قات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ﴾([22]).

    (8) تاغلارنىڭ قوزۇق ئىكەنلىكى

  ئارخېئولوگلار تاغلارنىڭ يەر ئاستىدىكى قىسمى يەر ئۈستىدىكى قىسمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، خۇددى قېقىلغان قوزۇققا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى يەر تەررەشنى ئاجىزلاشتۇرۇشتا مۇئەييەن رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ﴿(زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟﴾([23])، ﴿يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق﴾([24]).

    (9) يەرشارىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتى

  قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ. بۇ غالىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق. ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرىدۇ﴾([25]).

  بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ ئورنى قۇياشتىن 93 مىليون مىل يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇ ئۆز ئوقىدا 24 سائەتتە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ ۋە قۇياشنىڭ ئەتراپىنى 365 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ بولىدۇ. زېمىن شار شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭ بىر سائەتلىك ئايلىنىشى مىڭ مىل (1500 كىلومېتر) دۇر. ئۇنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى بىر سائەتلىك ئايلىنىشى 65 مىڭ مىلدۇر. ئەگەر يەر شارى ئۆزىنىڭ ھازىرقى شەكلى ۋە ھەجمىدىن چوڭ ياكى كىچىك بولغان بولسا، زېمىندىكى ھاياتلىق باشقىچە بولغان بولاتتى. چۈنكى يەر شارىنىڭ شەكلى بىلەن ھەجمى ئۇنىڭ تېزلىكى ۋە ئايلىنىشىغا مۇناسىپتۇر. ئەگەر ئۇنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى بىر سائەتتە مىڭ مىل بولماستىن، ئۇنىڭدىن كەم ياكى زىيادە بولغان بولسا يەنە ھاياتلىق باشقىچە بولغان بولاتتى. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ھازىرقىدىن زىيادە بولۇپ يۈز مىڭ مىل بولغان بولسا، كۈندۈزنىڭ ئۇزۇنلىقى 120 سائەتكە سوزۇلۇپ كېتىپ، زىرائەتلەر كۆيۈپ كەتكەن ۋە جانلىقلارمۇ ھالاك بولغان بولاتتى. ئەگەر كەم بولۇپ يۈز مىل بولغان بولسا، كۈندۈزنىڭ ۋاقتى ئاران 1سائەت 20 مىنۇتقا قىسقىراپ كېتىپ، زىرائەتلەر پىشمىغان بولاتتى. شۇنىڭدەك، ئەگەر يەرشارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى يىللىق ئايلىنىشى ھازىرقىدىن كەم ياكى زىيادە بولغان بولسا، دۇنيادىكى 4 پەسىلدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، يامغۇرنىڭ يېغىش نىزامى بۇزۇلغان بولاتتى. شۇنداقلا، ئەگەر يەرشارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان مۇساپىسى ھازىرقى مىقدارىدىن يېقىن بولغان بولسا، يەرشارىدىكى ئىنسان، ھايۋان، دەل – دەرەخ، ئۆسۈملۈك ۋ زىرائەت ھەممىسى كۆيۈپ كۈل بولغان بولاتتى، ئەگەر بۇ ئىككىسىنىڭ مۇساپىسى ھازىرقى مىقدارىدىن يىراق بولغان بولسا، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى توڭلاپ نابۇت بولغان بولاتتى. دېمەك، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ئىلمى ۋە پۇختا پىلانى بىلەن ئەزەلدە شۇنداق بېكىتىلگەن قانۇنىيەتلەردۇر.

    (10) زەررىدىن كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقى

  قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاسمان- زېمىندىكى زەررە (ئاتوم) چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچ قايسىسى ئاللاھ تائالانىڭ بىلىشىدىن چەتنەپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدا خاتىرلەنگەن﴾([26]). بۇ ئايەت ئەڭ كىچىك نەرسە - ئاتوملا ئەمەس، بەلكى ئاتومدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ماتېرىيالىزمچىلار 19- ئەسىرگە كەلگۈچىلىك ئەڭ كىچىك نەرسە ئاتوم دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرى ئاتومدىن كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئاتومنىڭ كىچىك پارچىلىرى پروتون، نېىترون ۋە ئېلېكتروندىن ئىبارەت.

    (11) ھەر نەرسىنىڭ ئۆلچەملىك يارىتىلغانلىقى

  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق. ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق. يەر يۈزىدە ھەر خىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ياراتتۇق﴾([27]). دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ھەر نەرسە مەلۇم مىقداردا ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: ئوكسىگېننىڭ مىقدارى %21 بولماي % 50 بولغان بولسا، دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار ئەڭ كىچىك بىر شامال بىلەن ھالاك بولغان بولاتتى. دۇنيادىكى جانلىقلار ئوكسىگېندىن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇلار ئوكسىگېندىن نەپەس ئېلىپ، كاربۇن4 ئوكسىدىنى سىرتقا چىقىرىدۇ. زىرائەتلەر، ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەل- دەرەخلەر كاربون 4ئوكسىدىنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىدىكى ساپ ئوكسىگېننى سىرتقا چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ قانۇنىيەت ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولسا ئېدى، جانلىقلار ۋە جانسىز ئۆسۈملۈكلەر ياشىمىغان بولاتتى. بۇ ئايەتتىكى ﴿ئۆلچەملىك﴾دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «نىسبەتنىڭ باراۋەرلىكى» دېگەنلىكتۇر. ھازىرقى زامان خېمىيە ئالىملىرى زىرائەتلەردىكى بارلىق ماددىلارنىڭ ئەڭ نازۇك ئۆلچەمدە تەڭپۇڭلاشقان نەرسىلەردىن مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

    (12) بارماق ئىزلىرىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى

  ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿بىز ئۇلارنىڭ بارماقلىرىنىمۇ ئوخشاش قىلىشقا قادىرمىز﴾([28]) دېگەن. بىر ئىنساندىكى ئورگان يەنە بىر ئىنساندىكىسىگە ئوخشايدۇ. مەسىلەن: كۆز كۆزگە، قۇلاق قۇلاققا، قول قولغا، بۇرۇن بۇرۇنغا ئوخشايدۇ. بىراق، بارماقلارنىڭ سىزىقلىرى ھەرگىزمۇ بىر- بىرىگە ئوخشاش چىقمايدۇ. بەلكى ھېچبىر ئادەمنىڭ بارماق ئىزى يەنە بىرسىنىڭ بارماق ئىزىغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتىكى ﴿بارماقلىرىنىمۇ ئوخشاش قىلىشقا قادىرمىز﴾ دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بارماق ئىزلىرىنىڭ بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. بۇ ھەقىقەت 1884- يىلى كەشپ قىلىنىپ، شۇندىن بېرى بارماق ئىزلىرى ئىنسانلارنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلماقتا.

  مۇندىن باشقا قۇرئان كەرىم ئالدىن خەۋەر بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر زامانىمىزدا، ئىلىم ـ پەن سايىسىدا ئىسپاتلاندى ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ يېقىن كېلەچەكتە ئىسپاتلىنىشىغا ئىشىنىمىز.

ئىككىنچى: ئارخېئولوگىيىلىك دەلىللەر
        (1) تۇپان ۋەقەسى

  قۇرئان كەرىمدە ۋە باشقا ساماۋىي كىتابلاردا نۇھ (Noah) ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئۈچۈن ياسالغان كېمە ھەققىدىكى قىسسە بايان قىلىنغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام 950 يىل ئۆمۈر سۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆمۈر بويى قەۋمىنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئېدى. ئاللاھ ئۇنى كېمە ياساشقا بۇيرۇيدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمىنى ئاللاھ بۇيرىغان شەكىلدە ياساپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ۋە ھەر جانلىقتىن بىر جۈپتىن كېمىسىگە ئالىدۇ. بىر مۇددەتتىن كېيىن شىددەتلىك بىر يامغۇر يېغىپ «ئاللاھنىڭ ئازابى نەدە؟ ئۇنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەپ نۇھ ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى سۇدا غەرق بولۇپ تۈگىشىدۇ.

  بۇ ۋەقە ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 68 پارچىدىن كۆپرەك داستان يېزىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋەقەلىكنى سۆزلىگەن. زامانىمىزدا ئارخېئولوگىيە ئىلمى سايىسىدا بۇ ۋەقە شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلانغان. يېقىنقى يىللاردىكى ئارخېئولوگىيە دەلىللىرىغا ئاساسلانغاندا بۇ ھادىسىنىڭ پۈتۈن يەرشارىغا ئومۇم بولغانلىق ئېھتىمالى كۈچلۈكتۇر.

  1960 ـ يىللىرىدا ئامېرىكىلىق ئىككى ئارخېئولوگ تەرىپىدىن مېكسىكا قولتۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە كۆرە، بۇ جايدىكى جانلىق مىكروئورگانىزم ماددىلىرىنىڭ قەدىمكى زامانلارغا ئائىت قالدۇقلىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. مىيامى ئۇنىۋېرسىتېتىدىنCesare ۋە Rodhe ئىسىملىك ئىككى ئارخېئولوگ، ئىسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدىن James Kannet ۋەكامبرج ئۇنىۋېرسىتېتىدىن Nicolas لاردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان مېكسىكا قولتۇقىدىكى بىر تۇزلۇقتا درامماتىك بىر چوڭ ئۆزگىرىش بايقالغان. بۇ بولسىمۇ، مۇندىن 11600 ـ 12000 يىللار بۇرۇن مېكسىكا قولتۇقىنىڭ تاتلىق سۇ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئېدى. ساماۋىي كىتابلاردا بۇ ۋەقەلىك «تۇپان سۈيى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.([29])

    (2) ئاد، سەمۇد قەۋملىرىنىڭ شەھەرلىرى

  ئاد، سەمۇد قەۋملىرىنىڭ شەھەرلىرىنىڭ بارلىقى قۇرئان كەرىمدە سۆزلەنگەن بولسىمۇ، يېقىنغىچە بۇلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ياۋروپالىقلار رەت قىلىپ كەلگەن ئېدى. پەن - تېخنىكىنىڭ سايىسىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلارنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ شەھەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان. سەمۇد قەۋمى چوڭ ئاد قەۋمىنىڭ بىر بۆلۈكى بولۇپ، بۇلار مەككىدىن سىناغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. سەمۇد قەۋمى قۇرئاننىڭ «ئەئراف»، «ھۇد»، «ھىجر» ۋە «قەمەر» سۈرىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان. «پاتلايمۇس تارىخى» ناملىق قەدىمكى زامانلارغا ئائىت تارىخىي ئەسەر تېپىلغاندىن كېيىن، قېزىشلار بۇنىڭغا ئاساسەن باشلانغان ۋە ئەمەلىيەتتە بۇ قەۋملەرنىڭ شەھەرلىرى تېپىلغان.

  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاسارە ئەتىقە ئالىمى دوكتۇر ئابدۇراھمان ئەنسارىي تەرىپىدىن ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى «مەدائىنى سالىھ» دېگەن يېرىدە ئېلىپ بېرىلغان قېزىشتا، سەمۇد قەۋمىنىڭ شەھەرلىرى بايقالغان. بۇ شەھەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000 ـ يىللارغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇم دۆۋىسى ئاستىدا قالغان، تاشتىن ياسالغان كاتتا سارايلار ۋە شۇ ۋاقىتتىكى سەمۇدىيە يېزىقلىرى بىلەن يېزىلغان تارىخىي ۋەسىقىلەرمۇ تېپىلغان([30]).

    (3) ئىرەم شەھىرى

  ئىرەم شەھىرىدە ھۇد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋملىرى ياشىغان بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ھۇد قەۋمىنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشتىن باش تارتىپ، كۇپرى ـ زالالەت ۋە ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىش بىلەن ئۆتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىرەم شەھىرىدە ئۆتكەنلىكى ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ «سەرسەر» دەپ ئاتالغان كۈچلۈك بىر بوران بىلەن بىر كېچىدىلا ھالاك قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن. ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد قەۋمىنى، يۈكسەك بىنالىرى بىلەن ئوخشىشى يارىتىلىپ باقمىغان ئىرەم شەھىرىنى، ۋادىقۇرادا([31]) تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇد قەۋمىنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟﴾([32]).

  1982 ـ يىلى كالىفورنىيىلىك بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نامىنى بىر ئىنگىلىز جاسۇسىدىن ئاڭلىغان قەدىمىي شەھەر يوللىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، بۇلار نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. كېيىنچە ئۇلار مەخسۇس رادارلارنى ئىشقا سېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئوممان چۆللىرىگە تارقىلىدۇ. ئەڭ ئاۋۋال ئۇلار قەدىمىي شەھەر يوللىرىنى تېپىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار، ئىككىنچى ئەسىردە ئۆتكەن «پاتلايمۇس» دېگەن تارىخچى بايان قىلغان ئىرەم (تارىخچى ئىرېم دەپ ئاتىغان) شەھىرىنى 12 مېتىر قېلىنلىقتىكى قۇملۇقنىڭ ئاستىدىن تېپىپ چىقىدۇ. 4800 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان بۇ شەھەرنىڭ تېپىلغانلىقى «چۆللەرنىڭ ئاتلىسى» (Atlantic of the Sandُ) سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئامېرىكىنىڭ «Times» ۋە «Newsweek» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان([33]).

  يۇقىرىقى شەھەرلەرنى ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ قەۋملىرىنى  كەرىم چۈشكەن ۋاقىتلاردىمۇ  ھېچكىم بىلمەيتتى. بىرىنچى بولۇپ قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىدىن، ئەھۋالىدىن ۋە ئاقىۋەتلىرىدىن خەۋەر بەرگەن.

    (4) پىرئەۋننىڭ جەسىدى

  ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىز ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق بىلەن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقتىدا « ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتتىم. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى.(ئۇنىڭغا ئېيتىلدىكى،) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغانىدىڭ. سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىدىڭنى قۇتقۇزىمىز»﴾([34]).

  ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئىنگلىزلەر تەرىپىدىن قىزىل دېڭىز بويىدىكى «جەبەلەين» دېگەن جايدىن پىرئەۋننىڭ جەسىدى تېپىلىپ، ئەنگىلىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ جەسەتنىڭ ئۆمرىنى بىلىش ئۈچۈن، جەسەتلەرنىڭ ئۆمۈرلىرىنى بىلىشتە قوللىنىلىدىغان ھەرتۈرلۈك مېتودلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىلغاننىڭ سىرتىدا، كاربون 14 مېتودىمۇ ئىشقا سېلىنغان. ئەجەپلىنەرلىككى، بۇ جەسەت 3000 يىللىق بولۇپ چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تىرىسىلا چۈرۈگەن، ئەمما ئورگانلىرى بۇزۇلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ جەسەد مۇمىيا قىلىنمىغان ئىكەن. چۈنكى مۇميا قىلىنغان جەسەتلەرنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ھالبۇكى، پىرئەۋننىڭ جەسىدىنىڭ ئورگانلىرى جايىدا ئېدى. ھازىر بۇ جەسەت ئەنگلىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا.

ئۈچىنچى: تېخنىكىلىق دەلىللەر
        (1) ئېمبىرىئولوگىيە (تۆرەلمەشۇناشلىق ئىلمى) بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان فرانسىيە تىببىي ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور (Maurese) زامانىۋى تىببىي ئاپپاراتلار ئارقىلىق ئانا قورسىقىدىكى بالا ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ، قۇرئان كەرىمدە ئەسىرلەر بۇرۇن بىلدۈرۈلگەن ھەقىقەتلەرنىڭ ئەينىسى بولۇپ چىققانلىقىغا ھەيران قالغان ۋە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۆپ تىراژلىق گېزىت، ژۇرناللىرىدا (the Quran and Modern science) «قۇرئان ۋە زامانىۋىي مېدىتسىنا» ماۋزۇ ئاستىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان.

    قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كەلگەن: ﴿ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى ئۈچ قات پەردە) ئىچىدە يارىتىدۇ﴾([35]). بۇ ئايەتتىكى ئۈچ قات پەردە - بالا ھەمراھىنىڭ پەردىسى. بالاياتقۇ ۋە ئانىنىڭ قورسىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قات پەردىدۇر. يېقىنقى زامان مېدىتسىنا ۋە تەبىئەت مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئۈچ قات پەردىنى تەتقىق قىلىپ كۆرۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ئىسىملارنى قويغان. ئۇلار «مىنبارى»، «خوربۇن»، «لەفائىفى» دەپ ئاتىلىدۇ.

        (2) فرانسۇز سۇ تەتقىقاتى ئالىمى Jac Cousteau ئاق دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى بىرـ بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان«جەبەلىتارىق» بوغۇزىدا (كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان)بىر سۇ توسمىسىنىڭ بارلىقىنى، ئىككى پەرقلىق ئىسسىقلىققا ۋە تۇزلۇق ئورانىغا ئىگە بولغان بۇ دېڭىز سۈيىنىڭ بىر ـ بىرىگە ئارىلىشىپ كەتمەستىن، بىرى تاتلىق، يەنە بىرى ئاچچىق ھالىتى بويىچە، بىر ـ بىرىگە يېقىن ئېقىۋاتقانلىقىنى بايقالغان. ئەدەن قولتۇقىنى قىزىل دېڭىزدىن ئايرىپ تۇرىدىغان مەندەب بوغۇزىدىمۇ سۇ توسمىسىنىڭ بارلىقى بايقالغان. بۇ قېتىمقىسىنى گېرمانىيىلىكلەر تېپىپ چىققان. دۇنيانىڭ كۆپ مەملىكەتلىرىدە سۇ توسمىسىنىڭ بارلىقى بايقالغان. مەسىلەن: بېنگال، بېرما ۋە ھىندىستاندىمۇ بۇ تۈردىكى سۇ توسمىلىرى بولغان دېڭىز، دەريالارنىڭ بارلىقى كېيىنكى يىللاردا بايقالغان.

  يۇقىرىقىلارنى Cousteau دوستى پروفېسسور M.Bukail غا ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەمدىلا مەيدانغا كەلگەن ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا قۇرئان كەرىمدىن بۇلارنى ئوقۇغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىدۇ: ﴿ئۇ، ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق قىلىپ) ئاققۇزىدۇ. ئۇلار ئۇچرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر ـ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ﴾([36]).

تۆتىنچى: ئاسترونومىيىلىك دەلىللەر
        (1) يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى

  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قۇياش بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرىدۇ﴾([37]).

  بۇ ئىبارىلەر ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئانچە ھەيران قالارلىق ئىبارىلەر ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى، بەزى ۋاقىتلاردا ئورۇنلىرىنىڭ يىراقلاشقانلىقىنى كۆرۇپ تۇراتتى. لېكىن ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ ئايلىنىدىغان پەلەكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەندەك، قۇياشنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدىمۇ ھېچنەرسىنى بىلمەيتتى.

  قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئايىتىنىڭ شۇ ئەسىرلەردە تونۇلمىغان يېڭى مەرىپەتلەر بىلەن كەلگەنلىكى ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ سۆزى بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكىگە ئوچۇق دالالەت قىلىدۇ.

  دوكتۇر موررىس بوكاي بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئان كەرىم زېمىننىڭ مەركىزىي نوقتا ئىكەنلىكى، قۇياشنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پەلەك ھەققىدىكى كونا چۈشەنچىنى بايان قىلماستىن بەلكى قوياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بەلگىلەنگەن مۇئەييەن پەلەكلىرى ئىچىدە سەير قىلىدىغانلىقىنى يېڭى دەۋرى ئىلمىگە ئۇيغۇن ھالدا بايان قىلماقتا»([38]).

  ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئان كەرىم ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ بەلگىلەنگەن پەلەك ئىچىدە ئايلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى ئەسىرلەردە تونۇلمىغان يېڭى بىر چۈشەنچىنى تەقدىم قىلدى. قۇرئان كەرىم سۆزلىگەن قۇياشنىڭ ئايلىنىشى-يېڭى ئىلىم ئىسپاتلىغاندەك- قۇياشنىڭ سېكونتىغا 250 كىلو مېتىر تىزلىك بىلەن ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىدۇر».

  دوكتۇر موررىس بوكاي يەنە سۆزىگە داۋام قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« يۇنان پەلسەپىلىرى، رىم قانۇنلىرى، ھىندىستان ھېكمەتلىرى، ئەرىستۇتىل ۋە ئەپلاتۇننىڭ نەزىرىيىلىرىدىن يىراق، ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم قالغان جاھالەت ئىچىدىكى بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا، قاقاسلىق سەھرا ھاياتىدا ئۈسۈپ يېتىلگەن بىر زاتنىڭ كائىنات نىزاملىرى ھەققىدە 20- ئەسىرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن ھالدا بەدىئىي ئىبارىلەر بىلەن سۆزلىگەنلىكى ئىنساننى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا نەزەر سالغان ئىنسان، ئۇ زاتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات ئەسىرىدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرىكى مەرىپەتلەرنى قوشۇمچە قىلىش بىلەن بىرگە، ئىلگىركى پەلسەپىلەردىن كېلىپ چىققان خاتا قاراشلارغا تۈزۈتۈش بەرگەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ.

  يۇقىرىقىلاردىن كېيىن: «قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجادىيىتى ياكى ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ تەلىماتى» دېيىش ئەقىلغا سىغامدۇ؟.

  ئەگەر قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجادىيىتى بولسا ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شۇ ئەسىرنىڭ ئىلىم -مەرىپەتلىرى بويىچە سۆزلىگەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ ئەسىرنىڭ ئىلىم -مەرىپەتلىرىدىن خەۋەرسىز ئىدى، سۆزلىگەن ۋاقىتتا ئۇ ئەسىرنىڭ ئىلىم- مەرىپەتلىرىنىڭ ئەكسىچە سۆزلەتتى، ئۇ ئەسىردىكى خاتالىقلارنى پاش قىلاتتى.

مانا بۇ ھەقىقەتلەر بىزنى "قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنىڭ تەلىماتى ۋە ئىجادىيەتلىرى بولماستىن، بەلكى ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر" دېيىشىمىزگە مەجبۇر قىلىدۇ»([39])

    (2) زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكى

  قۇرئان كەرىم كىچە، كۈندۈز ھەققىدە ھېچكىم ئىنكار قىلالمىغىدەك ناھايىتى ئوچۇق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋاقىتتىكى خەلقنىڭ ئىلىم – مەرىپەت ۋە ئەقىل-سەۋىيىسىگە تامامەن ئۇيغۇن كەلگەندەك، زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى ئەسىرلەردىكى ئىنسانلار بايقىيالمىغان كۆپلىگەن ئىلىمىي ھەقىقەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا چۈشكەن.

  ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى، كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمەمسەن؟ (قۇياش بىلەن ئاينىڭ) ھەر بىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ئۆز پەلىكىدە) سەير قىلىدۇ﴾([40]).

  ﴿شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشتە قارار ئالغان، كېچىنى تۇرماستىن ئۆزىنى قوغلايدىغان كۈندۈزگە كىرگۈزۈپ، (ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپقان، قۇياشنى، ئاينى ۋە يۇلتۇزلارنى ئەمرىگە بويسۇندۇرغان ئاللاھتۇر﴾([41]).

  ﴿ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە سەير قىلىدۇ﴾([42]).

  بۇ ئايەتلەر ئىنسانلارغا كۈندۈزدىن كىيىن كېچىنىڭ، كېچىدىن كىيىن كۈندۈزنىڭ كېلىشىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بىرىدۇ.

  ئۆتمۈشتىكىلەر كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاددى ھەقىقەتنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ ئايەتلەردىن ئانچە ھەيرانلىق ھېس قىلمىغان. ئەمما ھازىرقى ئىنسانلار بۇ ئايەتلەردە زېمىننىڭ ئايلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى ئىنسانلار بايقىيالمىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتلەرنى پەقەت يېڭى ئەسىردىلا بايقىدى.

  يۇقىرىقى ﴿ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ﴾ دېگەن مەنىدىكى ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىپ، چۈشىنىپ ئوقۇغىنىمىزدا، بۇ ئايەتلەرنىڭ زېمىننىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى ئوچۇق ئىشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

  دېمەك، كۈندۈزنى يوشۇرۇپ، كېچىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە كۈندۈز كېچىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىلىدۇ. كېچىنى ئۆچۈرۈپ، كۈندۈزنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن كېچە كۈندۈزنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋېتىلىدۇ.

  بۇ ئىككى كىرگۈزۈشنىڭ ئوتتۇرىسىدا شار شەكىللىك بىر جىسىمنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز، ئەنە شۇ جىسىم كېچە بىلەن كۈندۈزنى بىر - بىرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدۇ، بىرىنى يەنە بىرىدىن يوشۇرىدۇ. بىرىنىڭ يەنە بىرىنى يېپىشى ئادەتتىكى تۈز شەكىللىك جىسىم بىلەن ھاسىل بولمايدۇ، بۇ پەقەت شار شەكىللىك بىر جىسىمنىڭ ھەرىكىتىدىن ھاسىل بولىدۇ.

  دېمەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى يېڭى دەۋر ئىلىم ئەھلىلىرى ئىشىنىپ، باش ئەگكەن ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئېچىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ھەقىقەتلەر بىلەن ھەرگىزمۇ زىتلىشىپ قالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن بولدى.

  مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيىتى بولىشى مۇمكىنمۇ؟

  يۇقىرىقى ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى 14 ئەسىر بۇرۇن قۇرئان كەرىم سۆزلىگەن ئىكەن، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بۇلارنى شۇ ۋاقىتتىلا ئېلان قىلىپ، ھازىرقى ئەسىردىكىگە ئوخشاش ھەممە كىشى قوبۇل قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرمىگەن؟ بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق: قۇرئان كەرىم تا قىيامەتكىچە ھەرقانداق زامانلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى ۋە ئەقىل قابىلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېگانە كىتاب. قۇرئان كەرىم سۆزلىگەن ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئۆتمۈشلەردىكىلەرنىڭ ئەقلى ۋە ئىلىم سەۋىيىسىگە مۇۋاپىقلاشقان ۋە ئۇلار بىلەن قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يۈز بەرمىگەندەك، ھازىر ئىسپاتلانغان ئىلمىي كەشپىياتلار بىلەنمۇ تامامەن ماسلىشىدۇ، تا قىيامەتكىچە شۇنداق ماسلىشىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى ۋە ئەقىل – قابىلىيىتى ئىدراك قىلالمىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر كېيىنكى زامانلاردا چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

بەشىنچى: تىببىي دەلىللەر
        (1) ھەسەلنىڭ شىپالىق ئىكەنلىكى

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ھەسەل ھەرىسىنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپالىق بولىدىغان خىلمۇ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار﴾([43]) دەيدۇ.

    تارىختىن بىرى ئىنسانلار ھەسەلنىڭ شىپالىق ئىكەنلىكىنى ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىلىرى بىلەن ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، كۈنىمىزدىكى زامانىۋىيلاشقان مېدىتسىنا ئىلمى سايىسىدا ئۇنى قەتئىي شەك قوبۇل قىلمايدىغان ئىلمىي ھەقىقەتكە ئايلاندۇرغان. ھەسەلنىڭ شىپالىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. قىسىقىسى، دوختۇرلار ئۇنى كۆپلىگەن ھەرخىل كېسەللەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا. ھەسەلدە مېكروبلارغا قارشى ماددىمۇ بولغاچقا ئۇنى كۆيۈكلەرگە، يارىلارغا سۇۋاشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىمەكتە. مۇندىن باشقا بوۋاقلارنىڭ ئەت ئېلىشى ۋە تەن ساقلىقىنى ساقلىشى ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا ھەسەل يېگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلماقتا. تىببىي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن بىر جۈپ ئىككى كېزەكنىڭ بىرىگە كۈندە مەلۇم مىقداردا ھەسەل ئىستېمال قىلدۇرۇش بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە نەتىجىسىدە، ئىككى ئايلىق مۇددەت ئىچىدە كۈنلۈكى مەلۇم مىقداردا ھەسەل ئىستېمال قىلغان بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى، ھەسەل ئىستېمال قىلمىغان بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقىدىن 2 كىلو ئارتۇق كەلگەن.

        (2) بوۋاققا ئانا سۈتىنى ئەڭ ئاز ئىككى يىل ئېمىتىش لازىم ئىكەنلىكىنى دەسلەپ قۇرئان كەرىم سۆزلىگەن. تېخى 5 ـ 10 يىل بۇرۇنلا ئۆزلىرى ياساپ چىققان سۈنئىي سۈتنى ماختاپ، «ئەمدى ئانا سۈتىنىڭ كېرىكى يوق» دەپ داۋراڭ سالغان ياۋروپالىقلار، ئەمدىلىكتە، پەن – تېخنىكىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، بوۋاقلارغا ئانا سۈتىنى ئەڭ ئاز دېگەندە 1ـ 2 يىل بېرىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

        (3) تازىلىق، پاكىزلىق مۇسۇلمانلاردا مىلادىيە 6 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەڭ مۇقەددەس سانىلىپ كەلگەن بىر ئەنئەنە بولسا، ياۋروپادا تېخى 1800 ـ يىللىرىغا كەلگىچە تەرەتخانا، مۇنچا دەيدىغان نەرسىلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكى تارىخلاردىن مەلۇم. 1500 ـ يىلى شەرقنى كەزگەن بەزى ياۋروپالىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر بىر ئۆينىڭ مەخسۇس تەرەتخانىسى، مەخسۇس مۇنچىسى بارلىقىنى كۆرۈپ، شەرق توغرۇلۇق ئىجابىي ئەسەرلەرنى يازغان ئىكەن.

    ئەمما مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ تەربىيىسى بىلەن، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىغىدا، ئاز دېگەندە ھەپتىدە ئىككى ـ ئۈچ قېتىم مۇنچىغا كىرىشنىڭ، ساقال ـ بۇرۇتلارنى ۋە قول ـ پۇتلارنىڭ تىرناقلىرىنى ھەپتىدە بېرەر قېتىم قىسقارتىپ، تازىلاپ تۇرۇشنىڭ، كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئۈچۈن 5 قېتىم تاھارەت ئېلىپ، ئېغىز، بۇرۇن، قول، پۇت ۋە يۈزلىرىنى 5 قېتىم يۇيۇشنىڭ، گاھىدا پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇپ غۇسلى قىلىشنىڭ،كىيىم كونا بولسىمۇ، يۇيۇپ چىرايلىق، پاكىز كىيىشنىڭ، ئاممىۋىي پائالىيەتلەرگە، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلارغا بېرىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، ئۆزىگە خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ بېرىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەنئەنە ۋە ئېسىل مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەل قىلىپ كەلگەن.

        (4) ھاراقنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەڭ ئاۋۋال قۇرئان سۆزلىگەن. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراقنىڭ ئېزى ۋە كۆپى بەرىبىر ئوخشاشلا ھارام ۋە تەن ساقلىققا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ھازىرقى پەن تېخنىكىنىڭ سايىسىدا، ھاراقنىڭ زىيىنى ناھايىتى ئېنىق ۋە شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلانماقتا. ھاراقنىڭ ھۈجەيرىلەردە، خۇسۇسەن مېڭە ھۈجەيرىلىرىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى زامانىمىزدا ئىلمىي ھەقىقەتكە ئايلانغان. ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىنغان ھاراقنىڭمۇ، تەسىرى ھامان بىلىنمىگەن بىلەن ئاستا ـ ئاستا ئادەم جىسمىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ھەرتۈرلۈك كېسەللىكلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىمۇ بىر ئىلمىي ھەقىقەتتۇر. ھاراقنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايمەن. چۈنكى ھەركىم ئۇنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ. قىسقىسى، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە قانداقلا بىر ناچار ئىللەت ۋە ئەخلاقسىزلىق بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم ھاراقنىڭ بارلىقى بايقالماقتا.

    يۇقىرىقى ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنقى زامانلارنىڭ شارائىتىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان، ئىلمىي كەشپىياتلارنى ئاچىدىغان ئىلىم ـ پەنگە ياكى ھازىرقىدەك زامانىۋىي ئاپپاراتلارغا ئىگە بولمىغان، ساۋاتسىز بىرسىنىڭ بىلەلىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق.

 



([1])   ئىسرا سۈرىسى9- ئايەت.
([2])   ئىسرا سۈرىسى 88ـ ئايەت.
([3])   ھۇد سۈرىسى13- ئايەت.
([4])   بەقەرە سۈرىسى23- ئايەت.
([5])   بەقەرە سۈرىسى179- ئايەت.
([6])   ئىسرا سۈرىسى 36- ئايەت.
([7])   سەجدە سۈرىسى 9- ئايەت.
([8])   ھۇد سۈرىسى 20- ئايەت.
([9])   ھەج سۈرىسىنىڭ 100- ئايىتى. تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزىكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بۇيۇمى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ».
([10]) ھىجر سۈرىسىنىڭ 45- ۋە 46- ئايەتلىرى- ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى: «تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (جەننەتلەردە) باغ – بوستانلاردىن (سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ) تۇرىدىغان بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا "جەننەتكە ئامان – ئېسەن كىرىڭلار" دېيىلىدۇ».
([11]) ئىبراھىم سۈرىسىنىڭ 49- ۋە 50- ئايەتلىرى. تەرجىمىسى: «ئۇ كۈندە (قىيامەت كۈنىدە) گۇناھكارلارنى زەنجىرلەر بىلەن بىر- بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ كۆڭلىكى قارا مايدىن بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ».
([12]) ئىسرا سۈرىسىنىڭ 18- ئايىتى. تەرجىمىسى: «ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، ئۇ دوزاخقا خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ».
([13]) فۇسسىلەت سۈرىسى 26- ئايەت.
([14]) رۇم سۈرىسى 47 ـ ئايەت.
([15]) ھىجر سۈرىسى 22 ـ ئايەت.
([16]) فۇسسىلەت سۈرىسى 11 ـ ئايەت.
([17]) ئىسرا سۈرىسى 12 ـ ئايەت.
([18]) فۇرقان سۈرىسى 61ـ ئايەت.
([19]) ئەنئام سۈرىسى 125ـ ئايەت.
([20]) ياسىن سۈرىسى 36 ـ ئايەت.
([21]) نىسا سۈرىسى 56ـ ئايەت.
([22]) نۇر سۈرىسى 40 ـ ئايەت.
([23]) نەبە سۈرىسى 7- ئايەت.
([24]) ئەنبىيا سۇرىسى 31- ئايەت.
([25]) سۈرە ياسىن 39- 40- ئايەتلەر.
([26]) سۈرە يۇنۇس 16- ئايەت.
([27]) ھىجىر سۈرىسى 19- ئايەت.
([28]) قىيامەت سۈرىسى 4 - ئايەت.
([29]) تۈركچە «دىنلار تارىخى» ناملىق كىتابتىن..
([30]) لوندوندا نەشىر قىلىنىدىغان ئەرەبچە «الشرق الۆوسط» (ئوتتۇرا شەرق) گېزىتى 2001 ـ يىل 2 ـ ئاي 25 ـ سانىدىن.
([31]) ۋادى قۇرا – ئەلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى خەيبەر رايونى بىلەن ئەلتىما رايونى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تاغىلق رايون. قەدىمدە سەمۇد قەۋمى ياشىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بۇ جاي مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن پەتھى قىلىنىپ، مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەركىبىگە ئۆتكەن.
([32]) فەجر سۈرىسى 6- 9- ئايەتلەر.
([33]) «سىزىنتى ژۇرنىلى» 98ـ يىللىق 5ـ سانىدىن ئېلىندى ــ تۈركچە.
([34]) يۇنۇس سۈرىسى 89 ـ 91 ـ ئايەتلەر.
([35]) زۇمەر سۈرىسى 6- ئايەت.
([36]) رەھمان سۈرىسى 19 ـ 20 ـ ئايەتلەر.
([37]) سۈرە ياسىن 38-، 39-، 40- ئايەتلەر.
([38]) مۇررىس بۇكاي فرانسىيىلىك مەشھۇر دوختۇر بولۇپ، كىچىكىدىن خرىستىئان دىنىنىڭ كاتۇلىك مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىپ ئۆسكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق پادىشاھى فەيسەل ئىبنى ئابدۇل ئەزىز(1906- 1975)نىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ مەخسۇس دوختورى بولغان. مۇررىس بۇكاي بۇ جەرياندا يەھۇدىي ۋە ئىسلام دىنلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى، پىرئەۋن قىسسىلىرىنى ئوقۇپ چىققان. ئاخىرىدا پىرئەۋننىڭ جەسىدىنى تەتقىق قىلىش ئىشىغا ئىشتىراك قىلىپ، مۇميالانمىغان 3000يىللىق بىر جەسەدنىڭ ساق-سالامەت تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالغان ۋە قۇرئان كەرىمدىكى« بۈگۈن سېنىڭ جەسىدىڭنى قۇتقۇزۇپ قويىمىز»دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ  چىقىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە «ئىنجىل، قۇرئان ۋە ھازىرقى ئىلىم – پەن» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەر ھازىرغىچە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تىللاردىن 17 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.
([39]) دوكتور مۇرىس بۇكاينىڭ «ئىنجىل، قۇرئان ۋە ھازىرقى ئىلىم – پەن» ناملىق ئەسىرىدىن.
([40]) سۈرە لۇقمان 29- ئايەت.
([41]) سۈرە ئەئراف 54- ئايەت.
([42]) سۈرە زۇمەر 5- ئايەت.
([43]) نەھل سۈرىسى 69 ـ ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار