شۈكۈر قىلىش زۆرۈر بولغان ئون چوڭ نېمەت

شۈكۈر قىلىش زۆرۈر بولغان ئون چوڭ نېمەت

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھاياتىمىزنىڭ ھەر دەقىقىسى ۋە لەھزىسىدە بىزنى قورشاپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان كاتتا نېمەتلەر بار، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆنۈپ قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالمايۋاتىمىز ۋە نېمەت ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىۋاتىمىز.

بۈگۈن سىزدە بار بولغان بەزى نەرسىلەر باشقا بىر ئادەمنىڭ ئارزۇسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا نېمەتنىڭ قىممىتىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يوقۇلۇشىنى كۈتمەڭ. نېمەت بار ۋاقتىدا قىممىتىنى بىلىڭ!

 نېمەتنىڭ قىممىتىنى شۇ نېمەت بار ۋاقتىدا بىلگەندە، ئۇ نېمەت ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا: «ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، (سىلەرگە بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) زىيادە قىلىمەن»[1] دەپ ۋەدە قىلغان.

بىز ئادەتتە نېمەت ئىكەنلىكىنى ئانچە ھېس قىلىپ كەتمەيدىغان بەزى كاتتا نېمەتلەر تۆۋەندىكىلەردۇر:

 

1.ھىدايەت

 ھىدايەت — توغرا ئىشقا يېتەكلىنىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر.  ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگەنلىكى، سىزگە ھەق بىلەن ناھەقنى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئايرىيدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانلىقى، ئاندىن سىزنى ئۆزىڭىز بىلگەن ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقى ھەقىقەتەن كاتتا نېمەتتۇر.

بىز ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى توغرا يولغا، توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىغا ھەممىدىن بەك موھتاجمىز. ھىدايەت دېيىلگەن ھامان ئەقلىمىزگە ھەق دىنغا ھىدايەت تېپىش كېلىدۇ. گەرچە ھىدايەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى مۇشۇ بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ھىدايەت بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى ھىدايەتنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭدۇر. توغرا دىنغا ئەگىشىشكە، ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇش، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىمىزدا توغرىسىغا ۋە ياخشىسىغا ئېرىشىش، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇشقا، توغرا كەسىپ تاللاشقا، ياخشى ئائىلە قۇرۇشقا، ياخشى ئۆي، ياخشى قوشنا ۋە ياخشى مۇھىتقا ئېرىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھىدايەتتۇر. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالادىن تىلىشىمىز لازىم. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ بېشىدىلا «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دەپ تىلىشىمىزنى ئۆگەتكەن.

 

2. تەن ساقلىقى

 تەن ساقلىقى بىز كۆپىنچە سەل قارايدىغان نېمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەتىگەندە ئاغرىقسىز ئويغىنىشىڭىز، ئۆز پۇتىڭىزدا مېڭىشىڭىز، ئەركىن نەپەس ئېلىشىڭىز، ئۆز خىزمىتىڭىزنى ۋە ئېھتىياجلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز بېجىرەلىشىڭىز ئاجايىپ كاتتا نېمەتتۇر. كېسەل بولماي تۇرۇپ، تەن ساقلىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلىشىمىز ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى تەن ساقلىقى ساق كىشىلەرنىڭ بېشىدىكى تاجىدۇر. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ قىممىتىنى كېسەل بولغاندىلا بىلىدۇ.

 

3. ئىستىقامەت

ئىستىقامەت — ھەر ئىشتا توپتوغرا بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، ئەقىدە، ئەمەل، ئەخلاق، گەپ-سۆز، مۇئامىلە قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا توپتوغرا، لىللاھ بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىستىقامەت ھىدايەتتىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر. چۈنكى ھىدايەتنىڭ يولىنى بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، ھەقنى بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ.

ئىستىقامەتنى ھاسىل قىلىش جاپالىق ئىش بولۇپ، تائەت-ئىبادەتتە ئىزچىللىقنى ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن قېچىشتا ھوشيارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندا )فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ(يەنى‹بۇيرۇلغىنىڭدەك مۇستەھكەم بولغىن›[2] دېگەن ئايەتتىن ئېغىر ئايەت نازىل بولغان ئەمەس» دېگەن.

 

4. ئائىلە

ئائىلە ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنى قۇرئان كەرىم كۆڭۈلنى توختىتىدىغان، مۇھەببەت ۋە كۆيۈمچانلىقنىڭ ئۇۋىسى بولغان جاي قىلىپ كۆرسەتكەن. «كۆڭلۈڭلارنى جورۇڭلار بىلەن ئارام تاپقۇزۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى ۋە ئاراڭلاردا سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە مېھىر-شەپقەتنى ئورناتقانلىقى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر»[3]. بەختلىك ئائىلە بۇ دۇنيانىڭ جەننىتى بولۇپ، بۇ جەننەت ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا ئىنئامىدۇر. شۇڭا شۈكۈر قىلىش زۆرۈر.

 

5. ئەركىنلىك

ئۆز دىنىڭىزنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئۆز ئېتىقادىڭىز بويىچە ئەركىن، ئازادە ھايات كەچۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىڭىز كاتتا نېمەتتۇر. ئانا ۋەتەندىكى خەلقىمىز سىزدەك ئەركىن ئەمەس. شۇڭا ئۇلار نە ئۆز ئېتىقادى، نە مىللىي ئەنئەنىسى بويىچە ياشاشتىن مەھرۇم قىلىنغان. سىز بولسىڭىز ئەركىن دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتىسىز. ئۆز پىكىرىڭىزنى ئىپادىلەش، ئۆز يولىڭىزنى تاللاش، خالىغىنىڭىزنى قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگىسىز.

 

6. ئەقىل

ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ پەرقلەرنىڭ بىرى ئەقىلدۇر. ئەقىل ھەقىقەتەن كاتتا نېمەتتۇر. ئەقىل ئادەمنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، ئۆگىنىش، ئايرىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە توغرا تاللاش ئىقتىدارى بېرىدىغان بىر نېمەتتۇر. چۈنكى، سىز ئەقىل ئارقىلىق توغرا يولدا ماڭالايسىز، ئەقىل ئارقىلىق توغرىنى قىلالايسىز. ئەقىل ئارقىلىق پىكىرلىرىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرەلەيسىز ۋە خاتالىقلىرىڭىزنى تونۇيالايسىز. شۇڭا بىزگە بۇ قىممەتلىك ئەقىلنى بەگەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش پەرزدۇر.

 

7. خاتىرجەملىك

خاتىرجەملىك شۇنداق بىر ئۇلۇغ نېمەتكى، ئۇنىڭ قىممىتىنى پەقەت قورقۇنچنىڭ دەردىنى تارتقانلار بىلىدۇ. ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىڭىز، ئۆيىڭىزدىن ئامان-ئېسەن چىقىپ، يەنە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىڭىز ئاللاھ تائالاغا كۆپلەپ ھەمدۇسانا ئېيتىشقا ئەرزىيدىغان بىر نېمەتتۇر. «قۇرەيشلەرگە ئوڭايلاشتۇرۇلغانلىقى — ئۇلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرى ئوڭايلاشتۇرۇلغانلىقى (غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش) ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاچلىقتىن تويغۇزغان، قورقۇنچتىن خاتىرجەم قىلغان بۇ ئۆي (كەئبە)نىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلسۇن!»[4].

 

8. ۋاقىت

ۋاقىت ئەڭ چوڭ نېمەتتۇر. قولىڭىزدىكى ۋاقىت ئۆگىنىش، ئىبادەت قىلىش، ئارام ئېلىش، ئوزۇقلىنىش، كەينىگە سۈرگەن ئىشلارنى تاماملاش ئۈچۈن بېرىلگەن پۇرسەتتۇر. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆپىنچە كىشىلەر قەدرىنى بىلەلمەيدىغان ئىككى نەرسە باردۇر: ئۇنىڭ بىرى تەن ساقلىقى، يەنە بىرى ۋاقىتتۇر»([5]) دەپ كۆرسەتكەن.

 

9. سۆيگۈ-مۇھەببەت

سۆيگۈ-مۇھەببەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى سۆيگەن ۋە سۆيۈلگەن ئىنسان تولىمۇ بەختلىك ئىنساندۇر. سۆيگۈ-مۇھەببەت شۇنداق بىر نېمەتكى، ئۇنى مال-دۇنيا بىلەن ئۆلچىگىلى ياكى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.

مۇھەببەت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قەلبلەرگە سېلىنىدىغان نېمەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىرەر بەندىسىنى ياخشى كۆرسە جىبرىلنى ئاسمان ئەھلىگە جاكارلاشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئاسمان ئەھلىگە زېمىن ئەھلىگە جاكارلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ بەندىنى ياخشى كۆرىدۇ»[6].

 

10. ئۇنتۇش

  ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىق خاتىرىلىرىنى ۋە بېشىمىزدىن ئۆتكەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇش ئالاھىدە كاتتا نېمەتتۇر. ئويلاپ باقايلىكى، ئەگەر بىز بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق خاپىلىقلارنى، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋە مۇسىبەتلەرنى ئۇنتۇمىساق، ئەس-يادىمىز ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىرىدا بولۇپ قالسا بىزنىڭ ھالىمىز قانداق بولار؟

كۆڭلىمىز ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىق كۈنلىرى بىلەن بولۇپ قالغاندا بىزنىڭ خۇشاللىنىش ۋە راھەتلىنىش ئۈچۈن پۇرسىتىمىز قالمايدۇ. شۇڭا بىز ئۇنتۇش ۋە كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۈستىمىزدىن بىزنى ئازابلىغان ئېغىر يۈكلەرنى ئېلىپ تاشلىغان بولىمىز. كەچۈرگەنلىكىمىز بىزگە يامانلىق قىلغانلار ئۈچۈن قىلىنغان شەپقەت ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزگە قىلغان شەپقىتىمىز ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پايدىسىنى ئاۋۋال ئۆزىمىز كۆرىمىز.



[1] ئىبراھىم سۈرىسى:7-ئايەت.
[2]ھۇد سۈرىسى:112-ئايەت.
[3] رۇم سۈرىسى: 21- ئايەت.
[4] قۇرەيش سۈرىسى.
([5]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
[6] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار