ئىبادەتنى كۆپ قىلىش ئەمەس، ياخشى قىلىش مۇھىم

ئىبادەتنى كۆپ قىلىش ئەمەس، ياخشى قىلىش مۇھىم

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىبادەتتىن تەلەپ قىلىنغىنى ئۇنى كۆپ قىلىش ئەمەس، بەلكى ياخشى قىلىپ نەتىجە ئېلىشتۇر. چۈنكى ئىبادەت ئۆزى غايە ئەمەس، ۋاسىتىدۇر، يەنى ئىبادەت كامالەت دەرىجىلىرىگە يۈكسىلىشنىڭ شوتىسى، قەلبنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ دورىسىدۇر. شۇڭا ئىبادەتنىڭ كۆپ قىلىنىشىغا ئەمەس، ئۇنىڭ قەلبتە قالدۇرغان تەسىرىگە ۋە ئىنساننىڭ ئەخلاقىغا بەرگەن مېۋىسىگە قاراش كېرەك. قەلبنىڭ ئەمەللىرى بەدەننىڭ ئەمەللىرىدىن ئەۋزەل ۋە مۇھىمدۇر. قەلب ئەمەللىرى دېگىنىمىز: ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇھەببەت باغلاش، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇش، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا موھتاجلىقىنى ھېس قىلىش، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىش قاتارلىقلاردۇر.

كۆپ ناماز ئوقۇش، كۆپ روزا تۇتۇش، خەير_ ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش، كۆپ قۇرئان ئوقۇش، ساۋابلىق ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ناھايىتى ياخشى. ئەمما بۇ ئىبادەتلەر قەلبنى ئىسلاھ قىلىش، گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىش يولىدىكى سەۋەبلەردىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئاساسلىق غايە قەلبنى ئىسلاھ قىلىپ ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغىنى ساغلام قەلبتۇر. ﴿پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئادەملا(پايدا تاپىدۇ) ﴾[1] .

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە «ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى قايسى؟» دېگەن سوئالغا:« قەلبىڭ بىلەن قىلغان ئەمەلىڭدۇر»دەپ جاۋاب بەرگەن. چۈنكى مەقسەت ئەمەل_ ئىبادەتنى كۆپ قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن تەسىر ئېلىش، ئۇنىڭ ئارقىلىق ئەخلاقىنى تۈزىتىش، مۇكەممەللىككە قاراپ ئىلگىرلەشتۇر. نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئەمەل_ ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىدۇ، ھەتتا نەپلە ناماز، نەپلە روزا، خەير_ ئېھسان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بار، ئەمما ئەخلاقى ناچار، مۇئامىلىسى قوپال ياكى توغرا ئەمەس. مۇنداق كىشىلەر ئىبادەتنىڭ مېۋىسىنى ئالالمىغان كىشىلەر بولۇپ، بۇلار خۇددى بىر يىل جاپالىق يەر تېرىپ، ھېچقانداق ھوسۇل ئالالمىغان دېھقانغا ئوخشايدۇ. چۈنكى دېھقان ئۈچۈن كېرەك بولغان نەرسە يەرگە قانچىلىك كۆپ ئىشلىگەنلىكى، ئۇنى قانچە قېتىم سۇغۇرغانلىقى، قانچە قېتىم ئوغۇتلىغانلىقى ۋە قانچە قېتىم سۇ كۈتۈپ ئېتىزلىقتا نۆۋەت تۇتقانلىقى ئەمەس، بەلكى مول ھوسۇلمدۇر. ئىبادەتمۇ شۇنداق.

يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار دىندا ئالىم ۋە ناتىق. ئۇلارنىڭ دىن تەبلىغ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋاىدۇ، ئۇلارنىڭ تەبلىغلىرى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولىدۇ، يەنە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش يولىغا كىرىدۇ. ئۇلار تەبلىغلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەيلى قايسى ئىرقتىن ۋە قايسى دۆلەتتىن بولسۇن، رەڭگى قانداق رەڭدە بولسا بولسۇن، ھەممىسى قېرىنداش، ھەممىسى باراۋەر  مۇئامىلىگە لايىق ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، ھارام يېيىشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى، ۋەدىسىدە تۇرماسلىقنىڭ مۇناپىقلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ كېتىدۇ، ھەتتا سۆزىنىڭ تەسىرىدىن ئاڭلىغۇچىلىرىنى يىغلىتىۋېتىدۇ، ئەمما ئەپسۇسكى، بۇ تەبلىغ مەزكۇر تەبلىغ قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قىلچە تەسىر قىلمايدۇ، كىشىلەر ئۈچۈن تەشەببۇس قىلغان ئىشلارنى ئۆزى قىلمايدۇ، ئۇلارنى توسقان ئىشلارنى ئۆزى قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ كىيگەن كىيىمىگە ۋە چىرايىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە قوپاللىق قىلىدۇ، قوشنىلىرىغا ئەزىيەت بېرىدۇ، كىشىلەرگە ۋەدە قىلىپ خىلاپلىق قىلىدۇ، مۇئامىلىدە كىشىلەرنى قاقتى_ سوقتى قىلىدۇ. مانا بۇ تۈردىكى كىشىلەر قىلغان ئەمەل_ ئىبادەتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلمىگەن، مېۋىسىنى يېيەلمىگەن كىشىلەردۇر.

كىشىلەر جەننەتكە تەقۋالىقى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كىرىدۇ

كىشىلەر جەننەتكە ئەمەل_ ئىبادەتنىڭ كۆپلىكى بىلەن كىرمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى جەننەتكە ئەڭ كۆپ كىرگۈزىدىغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە سورالغىنىدا: «ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاقتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى سايىسىدا كېچىسى ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ»([2]).  

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇندا دېگەن: « قىيامەت كۈنى بەزى كىشىلەر تاغدەك كۆپ ئەمەل_ ئىبادەتلەر بىلەن كېلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمەل_ ئىبادەتلىرىنىڭ ساۋابى بوران تۇزىتىپ كەتكەندەكلا يوق بولۇپ كېتىدۇ». ساھابىلەر: يارەسۇللۇلاھ! ئۇلار قانداق كىشىلەر؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا :« ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، ئۇلارمۇ سىلەر ناماز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇيتتى، كېچىلىرى تەھەججۇد ئوقۇيتتى، ئەمما ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىنى توسالمايتتى» دېگەن. يەنى ئۇلارنىڭ بەدىنى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلغان بىلەن، قەلبى ئىتائەت قىلمايتتى، ئۇلار كۆرۈنۈشتە ناھايىتى تەقۋا بەندە بولغان بىلەن، قەلبىدە تەقۋالىقتىن ئەسەر يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولغان بىلەن، ئىچكى دۇنياسى خاراب ئىدى،  ئۇلار ئەمەل_ ئىبادەتنى كۆپ قىلغان بىلەن، ئەمەل_ ئىبادەت قىلىشنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدى. شۇڭا ئەمەل _ ئىبادەتنى كۆپ قىلىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن نەتىجە ئېلىشقا تىرىشىش لازىم. مۇئمىن ئادەم ئەمەل_ ئىبادەتتىن ئەلۋەتتە ھۇزۇر_ ھالاۋەت ئالىدۇ. ئەمما بىزگە زۆرۈر بولغىنى ئەمەل_ ئىبادەتنىڭ ھالاۋىتىلا ئەمەس، ئۇنىڭ نەتىجىسى ۋە مېۋىسىدۇر.

ئەمەل_ ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىنى ساقلاپ قېلىش مۇھىمدۇر

قىلىنغان ئەمەل_ ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىنى ساقلاش مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى ئەمەل_ ئىبادەت قىلىش ئوڭاي، ئەمما ئۇنىڭ ساۋابىنى زايە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش قىيىندۇر. چۈنكى بىر قېتىملىق غەيۋەت بىلەن، نۇرغۇن ئەمەل_ ئىبادەت بىكار بولۇپ كېتىپ، ئورنىغا غەيۋىتى قىلىنغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى يۈكلىنىدۇ، بىر قېتىملىق مىننەت قىلىش بىلەن، بېرىلگەن خەير_ ساخاۋەتنىڭ ساۋابى پۈتۈنلەي يوققا چىقىدۇ، مىننەت قىلىپ بېرىلگەن زاكات ھەرگىز ئادا تاپمايدۇ. بىراۋ مەسجىد ھەرەمدە قەدىر كېچىسىنى ئۆتكۈزەلىسە، بۇ ناھايىتى چوڭ ئۇتۇق ۋە كاتتا ئىبادەتتۇر. ئەمما ئەتىسى بۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىپ پەخىرلەنسە، قىلغان ئىبادەتلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ كەتسە، كىشىەلرنىڭ ماختىشىدىن ھۇزۇر ئالسا، ئۇنىڭ بىر كېچە ئۇخلىماي قىلغان بۇ كاتتا ئىبادىتىنىڭ ساۋابى يوقاپ كېتىدۇ.

ئەمەل_ ئىبادەتنى بىر كادىرنىڭ ياكى بىر ئىشچىنىڭ كۈندىلىك تىرىكچىلىك ئىشىغا ئوخشىتىۋېلىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلار زىيان تارتىدۇ. رەسمىيەت ئۈچۈن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ، سائەتنى توشقۇزۇش بىلەنلا ھېسابلىشىدىغان ئادەم بىلەن، قىلغان تىرىكچىلىكىدە پايدىنى كۆزلەيدىغان، بىر قەدەمنىمۇ بىكار ئاتمايدىغان ئادەم ئوخشاشمۇ؟ خۇددى بۇ مىسالدىكىدەك، ئىبادەتنى رەسمىيەت ئورنىدا قىلىپ قويىدىغان كىشىلەر بىلەن ئەمەل_ ئىبادەتنى نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلغان ئادەممۇ ئوخشاش ئەمەس.

ئىخلاس ئىبادەتنىڭ جېنىدۇر

ئىبادەتتە كەيپىيات بەك مۇھىمدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئەمەل - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش بىلەن ياكى كۆپ كىشىلەرنى دىنغا ئەگەشتۈرۈش بىلەن قازىنىلمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى پەقەت ئىخلاس بىلەنلا قازىنىلىدۇ. شۇڭا بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆز ياكى بىرەر ياخشى نىيەت ھەقىقىي سائادەتكە ۋە مەڭگۈلۈك نىجاتلىققا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئەمەل- ئىبادەتلەرنىڭ كۆپ قىلىنىشىغىلا قارىماستىن، بەلكى قەلبتىكى ئىخلاسقا قاراش كېرەك. چۈنكى كېرەك بولغىنى ئىخلاستۇر. زادى ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلىمەستىن باشقا مەقسەت ۋە مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ قىلىنغان پۈتۈن ئەمەللەر ۋە ئىبادەتلەر بىكاردۇر. مەسىلەن: كۆمۈر كىلوگرامما بىلەن ھەتتا توننىلاپ، ئالتۇن بولسا گرامملاپ تارتىلىدۇ. ئىخلاسلىق ئەمەل ئالتۇن بولسا، ئىخلاسسىز ئەمەل كۆمۈرگە ئوخشايدۇ.

 

 



[1]  شۇرا سۈرىسى، 69_ ئايەت.
([2]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار