ئىبادەت ۋە ئادەت

ئىبادەت ۋە ئادەت

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەرەب تىلىدىكى «العبادة» (ئىبادەت) دېگەن سۆز لۇغەت ئېتىبارى بىلەن «بويسۇنۇش»، «ئىتائەت قىلىش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە( )، ئىسلام ئاتالغۇسىدا ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ( ).

 دىنىمىزدا ئىبادەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى مۇئامىلىۋىي ئىبادەت، يەنە بىرى سسىمۋوللۇق ئىبادەتتۇر.

 

مۇئامىلىۋىي ئىبادەت

مۇئامىلىۋىي ئىبادەت— دۇرۇسلۇق ۋە ھەققانىيلىق دېگەنلىك بولۇپ، مۇئامىلە بىلەن ئەخلاققا مەركەزلىشىدۇ، يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ۋە مەخلۇقاتقا دۇرۇس ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم»  دېگەن سۆزىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئىبادەت مانا مۇشۇ مۇئامىلىۋىي ئىبادەتتۇر. ئىسلام دىنىمىزنىڭ غايىسى مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەردە ئەكس ئەتكەن. ھەبەشىستان (ھازىرقى ئېپوپىيە) پادىشاھى نەجاشى پاناھلىنىش ئۈچۈن ھەبەشىستانغا كەلگەن مۇسۇلمانلاردىن «دىنىڭلارنى ماڭا چۈشەندۈرۈڭلار» دېگەندە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئى پادىشاھ! بىز بۇتلارغا چوقۇنىدىغان، زىنا - پاھىشە قىلىدىغان، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىققا رىئايە قىلمايدىغان، ھۆر كىشىلەرنى قۇل قىلىدىغان، ھارامنى يەيدىغان، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بوزەك قىلىدىغان بىر قالاق قەۋم ئىدۇق. ئاللاھ بىزگە بىز نەسىبىنى، راستچىللىقىنى، ئىپپىتىنى ۋە ئەمىنلىكىنى ياخشى بىلىدىغان بىر كىشىنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ پەيغەمبەر بىزنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، راست سۆزلەشكە، ئامانەتكە ئىشەنچلىك بولۇشقا، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە، ھارامدىن يىراق تۇرۇشقا، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىدى. بىزنى زىنا - پاھىشىدىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، يېتىملارنىڭ مال - مۈلكىنى يەۋىلىشتىن، ئىپپەتلىك ئاياللارغا قارا چاپلاشتىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن مەنئى قىلدى»( ) .

 

سىمۋوللۇق ئىبادەت

سىمۋوللۇق ئىبادەت— ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، قۇئان ئوقۇش، زىكىر ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق پەرز، ۋاجىپ ئەمەللەرگە مەركەزلىشىدۇ. سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتىلىك رولىنى ئوينايدۇ. مۇئامىلىۋىي ئىبادەت سىزدىن راست گەپ قىلىشنى، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى، ھەر ئىشتا دۇرۇس ۋە توغرا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىمۋوللۇق ئىبادەت سىزدىن ناماز ئوقۇشنى، روزا تۇتۇشنى، زاكات بېرىش قاتارلىق پەرزلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇئامىلىۋىي ئىبادەت غايە، سسىمۋوللۇق ئىبادەت ۋاسىتەدۇر. بۇنىڭ مەنىسى سىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: ناماز يامان ئىشلاردىن توسۇلۇشقا تۈرتكە بولغانغا ئوخشاش. «ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ» . روزا تەقۋالىققا ئېرىشتۈرگەنگە ئوخشاش. «ئى ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋالىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى » . زاكات گۇناھتىن پاكلىغانغا ئوخشاش. «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە (زاكات) ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن» .

مۇئامىلىۋىي ئىبادەت جايىدا ئورۇندالمىسا، سسىمۋوللۇق ئىبادەتنىڭ پايدىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئاخىرەتتىمۇ سسىمۋوللۇق ئىبادەتلەر مۇئامىلىۋىي ئىبادەتلەردىكى نۇقسانلارنى تولدۇرالمايدۇ ۋە كىشىنى دوزاختىن ساقلاپ قالالمايدۇ.

مۇئامىلىۋىي ئىبادەت مۇئامىلىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ پۇل _ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشى ئەمەلى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»( ) دېگەن.

 

ئادەت

ئادەت— ئۆگىنىپ قالغان ھەرىكەت، قىلىق دېگەنلىكتۇر. ناۋادا ئىبادەت ھېس-تۇيغۇسىز، بىپەرۋالىق بىلەن قىلىنغاندا، ئۇ ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق قىلىنغان ئىبادەتلەر ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمەيدۇ ۋە كۈتۈلگەن مېۋىسىنى بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئىبادەت قەلب، ئەقىل ۋە ھېس-تۇيغۇ بىلەن قىلىنىدۇ.  قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ (1) الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ «مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن مۇرادىغا يەتتى. ئۇلار نامىزىدا ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر» .

 

ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش

ياخشى بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى شۇنىڭغا چېنىقتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ياخشىلىق —ئادەتتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ مەنىسىنى ھەرقانداق بىر ياخشى قىلىقنى ۋە ياخشى ئەمەلنى داۋاملىق قىلىش ئارقىلىق ئادەت ھالىغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

 

 ئىبادەتنىڭ ئادەتكە ۋە ئادەتنىڭ ئىبادەتكە ئايلىنىشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەركىم ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ» . ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت نىيەت بىلەن ھەرقانداق ئادەت ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى قازاندۇرىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق مۇباھ ئىشلار نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئارقىلىق ئىبادەتكە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىدىن باشقا غەرەزلەر بىلەن قىلىنغان ھەرقانداق ئىبادەت ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە ئۇنى قىلغۇچىنىڭ ساۋابتىن ھېچقانداق نېسىۋىسى بولمايدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار