
ئوقۇش-ئۆگىنىش تاللاش ئەمەس، مەجبۇرىيەتتۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىلىم ياراتقۇچىنى بىلىشتىن باشلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە: ﴿فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ﴾ «ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىن» دەپ بۇيرۇغان.
ئوقۇش، ئۆگىنىش ئىسلام دىنىنىڭ يادروسى ۋە ئەڭ ئالدىنقى چاقىرىقىدۇر. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ئايەت «ئوقۇ» دىن ئىبارەت بولغان.
ئىسلام نەزىرىدە ئوقۇش، ئۆگىنىش پەرزدۇر. ئىسلامدا پەرز بولغان ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى پەرز ئەين، يەنە بىرى پەرز كۇپايەدۇر.
ئاخىرەتلىك ئىلىم ۋە دۇنيالىق ئىلىم دەپ ئايرىش توغرا ئەمەس.
ئىبنى رۇشد، خارەزمىي، ئىبنى ھەيسەم، فارابىي، ئىبنى سىنا قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەربىرى مېدىتسىنا، جۇغراپىيە، خېمىيە، ماتېماتىكا، بىيولوگىيە، ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىم – پەنلەرگە تۇنجى ئۇل سالغان كىشىلەر بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغان ئىدى.
Herbert Spencer«تەربىيە» ناملىق ئەسىرىدە دەيدۇكى، «تەبىئىي پەن ئىلىملىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىبادەتتۇر. بۇ ئاغزاكى تەسبىھ ئەمەس، ئەمەلىي تەسبىھتۇر. مۇنداق ئىلىملەرگە قىلىنىدىغان ھۆرمەتمۇ مەنىسىز ھۆرمەت ئەمەس، بەلكى ئەقىل، تەپەككۇر ۋە ۋاقىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن قىممەتلىك ھۆرمەتتۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟» دەيدۇ. ھېربېرت سپېنسر خۇددى بۇ ئايەتنى شەرھىلىگەندەك مۇنداق دېگەن: «بىر تامچە سۇنى كۆرگەن ئالىم ئۇنىڭ ئوكسگېن بىلەن ھىدروگېندىن مەلۇم نىسبەتتە تەركىب تاپقان سۇ ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ. مۇنداق ئالىمنىڭ ئىلمى سۇ تامچىسىنى پەقەت بىر تامچە سۇ خالاس، دەيدىغان ئالىمنىڭ ئىلمىدىن ئەلۋەتتە يۇقىرى ۋە كۈچلۈك ئىلىمدۇر. شۇنىڭدەك، بىرتال قار دانىسىنى كۆرگەن ئالىممۇ ئۇنىڭدىكى بەدىئىي سەنئەتنى، دىققەت بىلەن لايىھىلەنگەن گۈزەللىكنى كۆرىدۇ. ئەمما شەيئىلەرگە يۈزەكى باقىدىغان ئالىم قار دانىسىنى ‹مۇزلىغان سۇ› دەپلا كۆرىدۇ، بەس»،
ئون ئالتىنچى يۈز يىلدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئەقىدە ۋە ئەخلاق جەھەتتىن چېرىكلىشىشكە باشلىۋىدى، تۈرلۈك خۇراپاتلار، يوقسۇللۇق ۋە موھتاجلىق ئۇلارنى قورشىۋالدى. ئۇلار مەسجىدتىن يۈز ئۆرۈپ خانىقاغا يۈزلىنىدىغان؛ ئىبادەتنى ئاللاھ تائالاغا قىلماي، ئاتالمىش ئەۋلىيالارغا قىلىدىغان؛ تەپسىر، ھەدىس، تارىخ، ئىلىملىرىنى ئوقۇشنىڭ ئورنىغا تەرىقەتچىلىك، تەركىدۇنيالىق دېگەندەك ئاساسلىق مەقسەتتىن يىراقلاشتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئوقۇشنى ۋە شۇلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان بولۇپ قالدى.
ئىلىم - پەن بىلەن قوراللانغانلار دۇنياغا ھۆكۈمران بولدى. ئىلىم - پەندىن يۈز ئۆرۈپ تەركىدۇنيا بولۇۋالغانلار دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولسۇن، باشقىلارغا بېقىندى بولۇپ مەھكۇملۇقتا ياشايدىغان بولدى. شۇڭا بىزنىڭ چىقىش يولىمىز ئوقۇش-ئۆگىنىشتۇر.
ئۆلىمالىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىز بىزنىڭ نۇرلۇق چىراغلىرىمىز بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتىدۇ ۋە بىزنى قۇتۇلۇش يولىغا يېتەكلەيدۇ. ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلالىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ھەر تەرەپتىن يېتىشتۈرۈشى ئۆلىمالارنىڭ پەننىي ساھەلەردىنمۇ خەۋەردار بولۇشى، زىيالىيلارنىڭمۇ دىنىمىزنى ئوبدان ئۆگىنىپ، دىنىي مەسىلىلەردىن خەۋەردار بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاھالىسى پۈتۈنلەي مۇسۇلمان بىر مىللەتنىڭ زىيالىيسى ئۆز مىللىتىنىڭ دىنىنى، ئەخلاقىنى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىنى پىششىق بىلىشى، خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئېتىقادى، ئاشۇ ئەخلاقى ۋە ئاشۇ قائىدە-يوسۇنلىرى بىلەن قوشۇپ سۆيۈشى لازىم.
پەرزەنتلىمىز بىزنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىقىمىز، زور كۈچىمىز ۋە كېلەچىكىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن بىردىنبىر سەرمايىمىزدۇر. بىز ئاللاھنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۇنىڭ دەۋاسىغا ئۆزىنى ئاتايدىغان، پىداكار ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە موھتاج. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزنى ھەم دىندا ھەم پەندە ئوقۇتۇپ، ۋەتىنىگە، خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىمىز زۆرۈر.

