ئوتتۇرا ئاسىيادىن خەت

ئوتتۇرا ئاسىيادىن خەت

ئۇيغۇر مىللىتى مەركىزىي ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن نەچچە مىڭ يىللىق يازما تارىخقا ئىگە، ئەڭ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. كۆپ ئەسىرلىك تارىخىي دەۋرلەردە، بىر قانچە قۇدرەتلىك سياسىي، جۇغراپىيەلىك تارىخىنى ۋە پارلاق، مول مەھسۇلاتلىق مەدەنىيەت تارىخىنى ياراتقان. مانا مۇشۇ ئۇزۇن يىللىق تارىخىي جەرىياندا خەلقىمىز ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئالىملار، يازغۇچى، شائىرلار، ئۆلىمالار، دىنىي زاتلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئۆلمەس شاھانە ئەسەرلەرنى يېزىپ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. بىز سۆز قىلماقچى بولۇۋاتقان ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاپ ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىستېداتلىق ئالىم، دىنىي ئۆلىما ھەم شائىر مۇھەممەت يۈسۈپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان مۇنەۋۋەر ئوغلانىدۇر. ئۇ كېيىنكى 20 يىللار مابەينىدە ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يارىتىپ خەلقىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ قەلىمىگە مەنسۈپ: "ئىسلام ۋە ئائىلە تۈزۈمى"، "ئىسلام ئەقىدىلىرى"، "ناماز ۋە ئۇنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى"، "ناماز ھەققىدە ساۋات"، "روزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى"، "دىنىمىزنىڭ ساپلىغىنى قوغدايلى"، "زاكات كىتابى"، "دۇئا ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى". "ئىلاھىي قورغان"، "غەرب مەدەنىيىتى ۋە بىز"، "ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى"، "ئىسلامدىكى ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار"، "بەش پەرز ۋە ئىسلامدىكى  ئائىلە تۈزۈمى"، "ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات"، "دىن ۋە ھايات – 2000 سوئالغا جاۋاپ"، "ئىسلام ئەخلاقى"، "ھەج بەدەل تىجارىتىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئوچۇق سۆز"، "پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز"، "تەپسىر جەۋھەرلىرى"، "بەخت-سائادەتنىڭ 40 ئامىلى" قاتارلىق ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن تارىخىي ۋەتىنىمىز جۈملىدىن قازاقىستاندىكى كىتاپ مۇخلىسلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ قىزىقىپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلىرىگە ئايلانماقتا. بولۇپمۇ ئۇنىڭ "دىن ۋە ھايات – 2000 سوئالغا جاۋاپ" ناملىق ئەسىرى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان كىتابى بولۇپ قالدى.

ئالمۇتا شەھىرى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى پېشقەدەم مائارىپچى ئۇستاز رابىلەم مەخسۇتوۋا مۇنداق دەيدۇ: "بىز مۇھەممەت يۈسۈپ يازغان ئەسەرلەرنى بولۇپمۇ ئىسلام دىنىمىزغا ئائىت كىتابلارنى جۈملىدىن "دىن ۋە ھايان – 2000 سوئالغا جاۋاپ" ناملىق كىتابنى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئوينايدىغان ئاياللار چېيىمىزدا 1-2 سائەت ئوقۇپ تۇرىمىز. راستىنى ئېيتىشىمىز كېرەككى، بىز بۇرۇن ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز قاراڭغۇ زۇلمەتتە يۈرگەندەك ئىدۇق، ئۇنىڭ "دىن ۋە ھايات – 2000 سوئالغا جاۋاپ ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۆزىمىز ئېچىلدى دىلىمىز يورۇدى؛ ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، بىز ئۈچۈن كىرىل ھەرىپىدە نەشىر قىلدۇرۇپ تەقدىم قىلغان مۇھەممەت يۈسۈپكە تەشەككۈرىمىزنى ئىزھار قىلىمىز" دەيدۇ.شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، مۇھەممەت يۈسۈپ ئەسەرلىرى قازاقىستان دىيارىدا زور قىزىقىش پەيدا قىلماقتا.

مۇھەممەت يۈسۈپ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مەسئۇللۇقىدىكى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكتىن ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ سانى يىگىرمىدىن ئاشىدۇ ۋە ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى 100 دىن كۆپ. شۇنداقلا ئۇنىڭ 50 تىن ئوشۇق DVD, CD, VCD دىسكىلىرى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇلاردىن باشقا ئەرەب ئەللىرى ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى دىنىي ئالىم-ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئەرەب تىلىدا نەشىر قىلىنغان 20 دىن ئوشۇق ئەسەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ: "قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى"، "پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇق ماقامىنى قوغدايلى"، "قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرى"، "غۇربەتتىكى ياشلىق"، "يۈرەك سىرى"، "قۇرئان كەرىم بىزنىڭ نىجات يولىمىز" قاتارلىق ئەسەرلەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2019- يىلى بولسا ئۇنىڭ 9 توملۇق "تەپسىر جەۋھەرلىرى" ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى كىرىل ھەرپىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئالمۇتىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ قازاقىستان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زور خوشاللىققا  چۆمدۈردى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، مۇشۇ كەمگىچە ئۇيغۇرلاردىن ھېچبىر كىشى 30 پارە قۇرئاننىڭ تەپسىرىنى تولۇق يېزىپ چىقالىغان ئەمەس. مانا شۇ جاپالىق ۋە ساۋابلىق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان مۇھەممەت يۈسۈپكە زور تەن ساقلىق ۋە ئىجادىي ئۇتۇقلار تىلەيمەن.   

                 

سادىقجان يۇنۇسوۋ (پېشقەدەم مەرىپەتچى)


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار