تەنقىد ۋە تەنقىدلەش ئۇسۇلى

تەنقىد ۋە تەنقىدلەش ئۇسۇلى

مۇھەممەد يۈسۈپ

تەنقىد — كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر كۆرسىتىپ بېرىلگەن پىكىر دېگەنلىكتۇر[1]. ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەنقىد باشقىلار تەرىپىدىن سادىر بولغان ئىجابىي ۋە سەلبىي تىرىشچانلىقلار، يېڭىلىقلار، ئىش- ھەرىكەت، گەپ- سۆز ۋە كۆزقاراشلار ھەققىدىكى پىكىرنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش دېگەنلىكتۇر. بىر ئادەمنىڭ تەنقىد قىلىشى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىرى ئىجابىي دەپ قارىغان ئىشقا يەنە بىرى سەلبىي دەپ باھا بېرىشى مۇمكىن.

تەنقىد ھاياتىمىزدىكى كۆپلىگە ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىلمىي ياكى ئەدەبىي ئەسەر، شېئىر، نۇتۇق، سىياسەت، سەنئەت، دىنىي مەسىلە، كۆزقاراش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە بولىدۇ.

ئىجابىي تەنقىد— باشقىلاردىن سادىر بولغان ئىش –ھەرىكەت، گەپ – سۆز ۋە كۆزقاراش قاتارلىقلارغا ھەققانىي ۋە توغرا باھا بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىجابىي تەنقىد شەخسلەرنى ۋە كوللېكتىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئىجابىي تەنقىد كىشىلەرنىڭ نىيىتى ياكى ئوي-خىيالى بىلەن ھېسابلاشماستىن، مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدىلا بولىدۇ. ئىجابىي تەنقىد كىشىلەرنى سازايى قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزىگىلا قىلىنىدۇ. ئىجابىي تەنقىد ئىشلارنى تەلەپكە لايىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قازىنىشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىقتۇر. ئىجابىي تەنقىد سەمىمىي نەسىھەتتۇر. ئىمام شافىئىي تەنقىد ۋە نەسىھەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىراۋغا مەخپىي ھالدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان بولىدۇ، بىراۋغا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنى سۆككەن ۋە ئۇنى چۈشۈرگەن بولىدۇ».

سەلبىي تەنقىد— شەخس ۋە كوللېكتىپنى يىقىتىش، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆچ- ئاداۋەت، ھەسەت ۋە دۈشمەنلىك خاراكتېرلىك قىلمىش بولۇپ، ئۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئۆزىدۇر. سەلبىي تەنقىدچىلەر ئادەتتە باشقىلاردىن كەمچىلىك ئىزدەش، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن بارچە ئىقتىدارىنى ۋە ئەقلىي كۈچىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار نەتىجە قازانغان شەخسلەر ياكى جامائەتلەرنى ئەيىبلەشتە ئۇلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە يۆگەيدۇ، كەمچىلىكلىرىنى ۋە خاتالىقلىرىنى بولسا كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. سەلبىي تەنقىدچىلىككە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللار كۆپتۇر. ئەمما ئەڭ ئالدىنقىسى ھەسەت بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەسەت دېگەن شۇنداق كۈچلۈك قوزغاتقۇچكى، ئۇ ھەسەتخورنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ، كۆڭلىنى ئازابلايدۇ، ھەسەتنىڭ ئوتى ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرىدۇ، بىرلىرىنى غاجىۋالمىغۇچە ئۇنىڭ كۆڭلى قەتئىي ئارام تاپمايدۇ.

ئەرەبلەر ئىجابىي تەنقىدنى «النقد البنًاء» (قۇرۇپ چىققۇچى تەنقىد) دەيدۇ. ئۇلار بىناكارنىمۇ «البنًاء» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما سەلبىي تەنقىدنى بولسا «النقد الهدام» (يىقىتقۇچى تەنقىد) دەپ ئاتايدۇ.

ئىجابىي تەنقىد بىلەن سەلبىي تەنقىد ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر

—     ئىجابىي تەنقىد ئىلمىي ئۇسۇلدا، ئەدەپلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، سەلبىي تەنقىد سۆكۈش، تىللاش ۋە كەمسىتىش بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

—     ئىجابىي تەنقىدچى ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ماۋزۇدا گەپ قىلىدۇ، سەلبىي تەنقىدچى ئۆزى بىلمەيدىغان ۋە ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق گەپلەرنى قىلىدۇ.

—     ئىجابىي تەنقىدچى سەمىمىي نەسىھەت قىلىشنى كۆزلەيدۇ، سەلبىي تەنقىدچى قارشى تەرەپنى چۈشۈرۈش ۋە رەسۋا قىلىشنى كۆزلەيدۇ.

—     ئىجابىي تەنقىدچى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلايدۇ، سەلبىي تەنقىدچى ئۆزىنىڭ ھەقلىق قىلىپ چىقىرىشنىلا ئويلايدۇ.

—     ئىجابىي تەنقىدچى ھەربىر پىكىرنىڭ توغرا ۋە خاتا تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، سەلبى تەنقىدچى پەقەتلا سەلبىي تەرەپنىلا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

—     ئىجابىي تەنقىدچى تاشلانغان پىكىرلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، سەلبى تەنقىدچى ھېچقانداق رەددىيەنى قوبۇل قىلمايدۇ.

—     ئىجابىي تەنقىدچى كىمنىڭ پىكىرى بولۇشتىن قەتئىينەزەر دىققىتىنى پىكىرنىڭ ئۆزىگە مەركەزلەشتۈىرىدۇ، سەلبى تەنقىدچى بولسا پىكىر ئىگىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە قاراپ گەپ قىلىدۇ.

—     ئىجابىي تەنقىدچى ئىشلارنى ياخشىلارنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئەمما سەلبى تەنقىدچى ئۈچۈن ئىشلارنىڭ ياخشىلىنىشى مۇھىم ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.

—     ئىجابىي تەنقىدچى قارشى تەرەپنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىگە كۆز يۇممايدۇ، سەلبى تەدقىدچى بولسا قارشى تەرەپنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنىمۇ سەلبىي قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

—     ئىجابىي تەنقىدچى ئۆز پىكىرىنىڭ توغرا ۋە خاتالىققا ئېھتىمالى بولغان كۆزقاراش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، سەلبى تەنقىدچى ئۆز پىكىرىنى ھەقىقەتنىڭ ئۆزى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

ئىجابىي تەنقىدنىڭ پايدىسى

ئىجابىي تەنقىد تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەلەپلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى كەمچىلىك ۋە ناقىسلىق بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق سۈپىتى بولۇپ، بۇنىڭدىن ھېچكىم مۇستەسنا ئەمەس. كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىق مەۋجۇتلا ئىكەن، ئۇنى تۈزىتىش، تولۇقلاش ۋە توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈن چوقۇم تەنقىدكە ئېھتىياج بار. ناۋادا ئىجابىي تەنقىد بولمىسا، ھايات توغرا يۆنۈلۈشتە ماڭالمايدۇ. چۈنكى ھەربىر ئىنسان ئۆزى توغرا دەپ بىلگەنلىرىنى قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ۋە كەمچىلىكلىرىنى بىلمەي قالىدۇ. تەنقىد بولسا خاتالىقلىرىمىزنى ۋە كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرۈۋېلىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ. شۇڭا بىزدە «تەنقىد ئاچچىق، مېغىزى تاتلىق» دەيدىغان ھېكمەت بار.

ئىجابىي تەنقىد ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «مېنىڭ ئەيىبلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىگە ئاللاھ رەھىم قىلسۇن» دېگەن ئىكەن. بىز ھەممىمىز ئىجابىي تەنقىدلەرگە موھتاجمىز. چۈنكى ئىجابىي تەنقىدلەر ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى دەڭسىيەلەيمىز، كەمچىل تەرەپلىرىمىزنى تولۇقلىيالايمىز، ياخشى تەكلىپلەردىن پايدىلىنىمىز. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر «تەنقىد» دېگەن سۆزنى ئىنتايىن يامان كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن خۇددى ۋابادىن قاچقاندەك قاچىدۇ، ھەتتا ئىجابىي تەنقىدنىمۇ ئاڭلاپ باقاي دېمەيدۇ. ئەسلىدە تەنقىد يامان نەرسە ئەمەس، چۈنكى «نقد» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىنىڭ لۇغىتىدە: دىرھەمنى ساختىسىدىن ئايرىپ چىقىش دېگەنلىك بولۇپ، ساپلاشتۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، دەيمىزكى، تەنقىد تەنقىدلەنگۈچىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ.

تەنقىد قىلىشنىڭ شەرتلىرى

1.   بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئۆزىنىڭ تەنقىدىي پىكىرىنى بايان قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئاشۇ مەسىلىنىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇشى ياكى ھېچبولمىغاندا، ئاشۇ مەسىلىنى مۇكەممەل بىلىدىغان بولۇشى شەرت. ئۆزى بىلمەيدىغان ۋە تەپسىلاتىنى ئۇقمايدىغان ماۋزۇدا تەنقىدىي پىكىر بايان قىلىش ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىكتۇر.

2.   تەنقىدچىنىڭ ئۆزى تەنقىد قىلماقچى بولغان مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىغان بولۇشى، ئاز-تولا مەلۇماتلىق بولۇپلا تەنقىدنىڭ يولىنى تۇتماسلىقى شەرت.

3.   تەنقىدچىنىڭ راستچىللىق، سەمىمىيەت ۋە ھەققانىيلىقتىن ئىبارەت سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان بولۇشى ۋە ئۆزى تەنقىدلىمەكچى بولغان مەسىلىنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى ئايرىيالايدىغان سەۋىيەدە بولۇشى شەرت.

تەنقىد قىلىشنىڭ قائىدىسى

1.   بىرەر مەسىلىنى تەنقىد قىلغۇچى تەنقىد قىلىشتىن بۇرۇن بۇ تەنقىدنىڭ جايىدا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشى، تەنقىد قىلسا قانداق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، ناۋادا تەنقىد قىلمىسا نەتىجە قانداق بولىدۇ، بۇلار ھەققىدە ئويلىنىشى لازىم. چۈنكى «قىلمىغان ئىشقا بىر قېتىم، قىلىپ قويغان ئىشقا ئون قېتىم پۇشايمان قىلىدۇ» دەيدىغان سۆز بار. ئېغىزدىن چىققان سۆزنى قايتۇرۇپ ئالغىلى بولمايدۇ. سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى بىز باشقۇرىمىز، ئۇ ئېغىزىمىزدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بىزنى باشقۇرىدۇ. بەزى كىشىلەر بىر قېتىملىق خاتا سۆزىنىڭ دەردىنى ئۆمۈر بويىچە تارتىدۇ، بەزى كىشىلەر ئويلىمايلا ئېغىزىدىن چىقىرىپ قويغان بىرەر ئېغىز سۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

2.   تەنقىدنى ئاۋۋال شۇ كىشىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ماختاش بىلەن باشلاش. بۇ ناھايىتى مۇھىم ئىش بولۇپ، تەنقىد قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ قەلب پەنجىرىسى ئاچىدۇ ۋە ئۇ كىشىنىڭ تەنقىدنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا بىزگە گۈزەل ئۆرنەكلەرنى بەرگەن. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئۆمەر! سەن كۈچلۈك ئادەمسەن، ھەجەرۇلئەسۋەدنىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە قىستىلاڭغۇ پەيدا قىلمىغىن» دېگەن سۆزىدە، نەسىھىتىنى ئاۋۋال ئۇنىڭ كۈچلۈك ئادەم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ قەلبىنى ئېچىش بىلەن باشلىغان. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىر دۇئانى ئۆگىتىپ قويماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇئاز! مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەن ھەر نامازدىن كېيىن "ئى ئاللاھ! مېنىڭ سېنى ياد ئېتىشىمگە، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ياخشى ئىبادەت قىلىشىمغا مەدەت بەرگىن" دەپ دۇئا قىلىشنى ھەرگىز تەرك ئەتمىگىن. يەنى ئاۋۋال ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ قەلبىنى ئاچقان، ئاندىن دۇئانى ئۆگەتكەن.

3.   تەنقىدنى شەخسنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، ئۇنىڭ پىكىرىگە قارىتىش ۋە بۇنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىش. چۈنكى قارشى تەرەپ سىزنىڭ خالىس نىيىتىڭىزنى ۋە مەقسىتىڭىزنى توغرا چۈشەنمىگۈچە ۋە «مېنى كەمسىتىۋاتىدۇ» دېگەن ئوي-خىيالدىن ئۆزىنى ئازاد قىلمىغۇچە، سىزنىڭ تەنقىدلىرىڭىز قانچىلىك ئىجابىي، قانچىلىك ئورۇنلۇق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.

4.   تەنقىد جەريانىدا، قارشى تەرەپنىڭ قەدرى- قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان ياكى ئۇنى نادانغا چىقىرىدىغان ۋە ياكى خاتالاشقۇچى قىلىپ كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلەردىن، سۆز ۋە ئىبارىلەردىن ساقلىنىش. باشقىلارنى تەنقىد قىلغاندا ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك. چۈنكى باشقىلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان. ئۇلارمۇ بىز خۇشال بولىدىغان ئىشلاردىن خۇشال بولىدۇ، بىز خاپا بولىدىغان ئىشلاردىن خاپا بولىدۇ.

5.   يارا ۋە جاراھەتلەرنىڭ ئۈستىگىلا قونىدىغان چىۋىندەك بولماي، خۇش پۇراق گۈللەرگە قونىدىغان ھەسەل ھەرىسىدەك بولۇش. باشقىلارنى تەنقىدلەشتە ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى بايان قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش، پەقەت ئۇنىڭ پىكىرىگە تۈزىتىش بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ھەرقانداق ئادەم خاتالىشىدۇ، ھەرقانداق ئادەم  ئۆز خاتالىقىنى يۈزىگە سالسا خاپا بولىدۇ.

6.   تەنقىد قىلىشتىكى ۋەزىپىڭىز ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان پىكىرنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ قويۇشتىنلا ئىبارەت بولۇشى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا زورلىماسلىق لازىم. ئەگەر سىز ئۆز پىكرىڭىزنى قارشى تەرەپكە تاڭماقچى بولسىڭىز چوقۇم مەغلۇپ بولىسىز.

7.   تەنقىدنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ھەزەر ئەيلەش. تەنقىد قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنى غالىب، قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىشى شەكسىزكى، ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ باشلىنىشىدۇر. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا، تەنقىد ئۆز خاراكتېرىنى يوقاتقان ۋە تەنقىدچى بىلەن پىكىر ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن جەڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق جەڭدە پىكىرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى مۇھىم ئەمەس، پەقەت قارشى تەرەپنى يېڭىشلا مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە بۇنداق تەنقىدتىن ھېچقانداق ئىجابىي نەتىجە چىقمايدۇ.

نېمە ئۈچۈن تەنقىدتىن قورقىمىز؟

تەنقىدتىن قورقۇشنىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن:

1.          ھازىرقى ئىسلام دۇنياسى مەيلى سىياسى، مەيلى ئىجتىمائىي، مەيلى ئىلمىي، ئىسلام دەۋىتى ساھەسىدە باشقىلارنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا قالغان ۋە ئەڭ قالاقلىق دەۋرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ قالاقلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى شەخس، كوللېكتىپ ۋە جەمئىيەتلەرگە ئومۇملىشىپ كەتكەن. مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار ھەممە ساھەدە شۇنچىلىك بەك ئارقىدا قالغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىمىزنى تەرققىي قىلدۇرۇشقا، كەمچىل تەرەپلىرىمىزنى تولۇقلاشقا، بىلمىگەنلىرىمىزنى ئۆگىنىشكە قىلچە ئەھمىيەت بەرمەيمىز. ئەكسىچە، بىزنىڭ كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ قويىدىغان ھەرقانداق بىر ئىجابىي  تەنقىدنى دۈشمەنلىك دەپ بىلىمىز، سىياسەتچىلىرىمىز بولسا تەنقىدنى جىنايەت دەپ تونۇيدۇ. چۈنكى كۆپىنچىمىز ئۆزىمىزنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل دەپ ئويلايمىز، شۇڭا بىزدە ئىجابىي تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق يوق. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەتلەر، تەشكىلاتلار، جامائەتلەر ۋە شەخسلەر ئۆزلىرىگە ئىجابىي تەنقىد قىلغۇچىلارنى ۋە سەمىمىي نەسىھەت قىلغۇچىلارنى «دۈشمەن» دەپ تونۇيدۇ ۋە دۈشمەنگە قىلىدىغان مۇئامىلىنى قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقىدا )مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَى وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ( «مەن سىلەرگە پەقەت ئۆز كۆز قارىشىمنى مەسلىھەت بېرىۋاتىمەن ۋە سىلەرنى پەقەت توغرا يولغا يېتەكلەيمەن»[2] دەيدىغان پىرئەۋنچە ئەقلىيەت ھۆكۈم سۈرىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ئۆلۈم بىلەن تەڭ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىراپ شەكلىدىكى توغرا سۆزنى قىلىپ قويۇپ، ئۆز خاتالىقىنى ۋە كەمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلماي قۇتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ «ئېتىراپ شەكلىدىكى توغرا سۆز»ى قايسى دېگەندە، ئۇلارنىڭ «بىزمۇ ئىنسان. ئىنسان دېگەن خاتالىشىدۇ، خاتالىقتىن ھېچكىم خالىي ئەمەس» دەيدىغان سۆزىدۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى بۇ توغرا سۆزنى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتىن ئىبارەت باتىلى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇ توغرا سۆزنى قىلىپ قويغان بىلەن، ئۆزىدىكى خاتالىقنى ۋە كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. شەخسلەردىكى بۇ خىل سەلبىي پىسخېكىنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت، جەمئىيەت، مۇھىتنىڭ ۋە تەربىيەنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك. چۈنكى ساھابىلەردىكى بىر-بىرىنى سەمىمىي تەنقىدلەش ۋە تەنقىدنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىش، ئىسلام خەلىپىلىرىدىكى ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ نەسىھەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق زامانىمىزدا مۇنقەرزلىككە يۈز تۇتقان. شۇڭا «تەنقىد» دېيىلسە، يۈرەكلەر پوكۇلدايدىغان، چىرايلا سارغىيىدىغان، پۇت-قوللار تىترەيدىغان بولۇپ قالغان.

2.          تەنقىدنى سۇيىئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ھەسەتخورلۇقنى ۋە پىتنىخورلۇقنى مەركەز قىلغان قىلمىشلىرى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا «تەنقىد» دېگەن سۆز چىرايلىق ئاڭلانمايدىغان بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىجابىي تەنقىدتىن سەلبىي تەنقىدلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ كەتكەن، تەنقىد قىلغۇچىلاردا تۈزەش، ئىسلاھ قىلىش، مەسلىھەت بېرىش ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنى يىقىتىش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ قالغان مۇشۇ زاماندا تەنقىدكە ئىجابىي نەزەر بىلەن قارايدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولماقتا.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر قانچە، ھەتتا يۈزلەرچە ئادەم بىرەر ئاپتورنى ياكى سۆزلىگۈچىنى ئەيىبلىشىدۇ-يۇ، ئۆزىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ئەسلا گۇمان قىلىپ باقمايدۇ. بىزدە "سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق، ئاڭلىغۇچى توغرىلاپ ئاڭلىسۇن" دەيدىغان ھېكمەت بار. ھە دېگەندە باشقىلارنىڭ قارىشىنى بۇراپ، خاتاغا چىقىرىش ياكى قەستەن تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنى مەركىزى ئىدىيەدىن چەتنىتىۋېتىش ساپاسىزلىقى زامانىمىزدا كۆپىيىپ قالدى.

خۇلاسە:

1.   بىز ئاۋۋال ئۆزىمىزگە، ئاندىن پەرزەنتلىرىمىزگە ئىجابىي تەنقىدنىڭ شەرتلىرى ۋە قائىدىلىرى بارلىقىنى، پىكىر بايان قىلىش ھەرقانداق كىشىنىڭ ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئابرۇيىغا تىل تەگكۈزۈش جىنايەت ئىكەنلىكىنى، ئۆز پىكىرىمىزنىڭ ۋە قاراشلىرىمىزنىڭ تەنقىدنى قوبۇل قىلمايدىغان مۇقەددەس نەرسە ئەمەسلىكىنى ئۆگىتەيلى.

2.   تەنقىدتىن ھەرگىز قورقمايلى. خۇددى ئالتۇن ئوتتا قىزىتىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساپلىقىنى ئاشۇرغىنىدەك، بىزمۇ تەنقىد ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىمىز. چۈنكى كىشىلەر قىممىتى يوق نەرسىلەرنى تەنقىدلىمەيدۇ.

3.   بىراۋنى، ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىمىزدىن بىرەرسىنى تەنقىدلىمەكچى بولساق، چوقۇم ئۇنى ئادەم يوق يەردە تەنقىدلەيلى، پەرزەنتلىرىمىزنى دوستلىرىنىڭ ئالدىدا، جورىمىزنى تۇغقانلىرى ياكى قوشنىلار ئالدىدا تەنقىدلەشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيلى.

4. ھەر زامان باشقىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشنى ئۆزىمىزنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوبدان پۇرسەت دەپ بىلەيلى. تەنقىدنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى دەريادەك تۇتايلى. چۈنكى ئەگەر بىز كۆڭلىمىزنى ئىستاكاندەك تار تۇتۇۋالساق، تەنقىدنىڭ ئاچچىقى گېلىمىزنى ئېچىشتۇرۇپ قويىدۇ، ئەگەر كۆڭلىمىزنى دەريادەك ياكى كۆلدەك كەڭ تۇتساق، تەنقىدنىڭ ئاچچىقىنى ھېس قىلمايمىز.

[1] «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 287- بەت.
[2] غافىر سۈرىسى: 29- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار