بەخت نەدە؟

بەخت نەدە؟
مۇھەممەد يۈسۈپ

بەختكە ئېرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى، مەيلى ساددا پىكىرلىك ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن ياكى يېتىشكەن مۇتەپەككۇر، ئالىم بولسۇن ھامان بەختكە ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ. شاھلار ئۆزلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا بەخت ئۈچۈن ئاھ ئۇرسا، گادايلار غېرىبانە كۈلبىلىرىدە بەخت ئىزدەپ چوت سوقىدۇ ۋە ئەڭ شېرىن چۈشلەرنى كۆرىدۇ. كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، مەنىۋىيىتى ساغلام، ئەقىل – ھوشى جايىدا بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە جاپا – مۇشەققەت ئىزدىمەيدۇ، ئۆز بەختسىزلىكىگە رازى بولمايدۇ. بىراق ئۇ ئاھ ئۇرۇپ، بۇ چوت سوقۇپ ئىزدەۋاتقان، ئىنتىلىۋاتقان بەخت زادى قەيەردە؟ ھەقىقىي بەخت زادى نېمىدە؟ بەختنىڭ ئۆلچىمى بارمۇ؟

تارىختا تالايلىغان كىشىلەر بەخت ئىزدەپ ياشىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىپ كەلدى. بىراق ھەقىقىي بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن نۇرغۇن كىشىلەر بەخت ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان جايلاردىن بەخت ئىزدەپ خۇددى باياۋاندىن گۆھەر ئىزدىگەن كىشىدەك ھالسىرىغان، سالپايغان ھالدا قۇرۇق قول قايتىشتى. دەرۋەقە كىشىلەر ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ماددىي مەئىشەتكە چۆككەنسېرى، نەپسى خاھىشلىرىغا بېرىلگەنسېرى يېڭى كىرىزىسلارغا پېتىپ قېلىشتىن باشقا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇنداقتا بەخت زادى نەدە؟ ئۇ نېمىدە؟

بەخت_  سائادەت مال _ دۇنيادا ئەمەس
نۇرغۇن ئىنسانلار ماددىي ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ، ماددىي يۈكسەكلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئىنتىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئاشۇ ماددىي پاراغەتلەردە بىر قىسىم نەرسىلەرگە ئېرىشكەندەك قىلغان بىلەن، يەنە بىر قىسىم قىممەتلىك نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى ئاستا – ئاستا ھېس قىلىشماقتا. مال دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى بەختتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە مال – دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشى بىر مۇنچە كىشىلەردە تولا چاغلاردا غەم – قايغۇنىڭمۇ كۆپ بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ، ئاخىرەتتىلا ئەمەس، دۇنيادىمۇ بۇ كىشىگە نىسبەتەن بىر ئاپەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بىرمۇنچە كىشىلەر باي – باياشات بولۇشنى بەخت ھېسابلىشىدۇ. بىراق بىز تۇرمۇش سەۋىيەسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ماددىي تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى قولاي بولغان، يېمەك – ئىچمەكتىن غەم – ئەندىشىسى بولمىغان، تۇرالغۇلىرى، قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەتتا يېزا ئىگىلىككە قەدەر يۈكسەك دەرىجىدە ماشىنىلاشقان، زامانىۋىلاشقان، ئومۇمەن باياشاتچىلىققا تولغان تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە قارايدىغان بولساق، شۇ ئەل پۇقرالىرىدىن نۇرغۇنلىغانلىرى ھەر ۋاقىت تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىكى، قەلب ئازادىلىكىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكلىرىدىن قاقشايدۇ. بەختلىك بولۇش ئۈچۈن باشقا يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. لېكىن يەنىلا ئۆزلىرى بىزارلىق ھېس قىلىۋاتقان بۇرۇقتۇرما، بىر خىل قېلىپتىكى تۇرمۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى ئىنسان تەن ۋە روھتىن پۈتۈلگەن يارالما. ئۇ فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىن ئاش نانغا موھتاج بولغاندەك، روھىي جەھەتتىنمۇ مەنىۋى ئوزۇققا موھتاج بولىدۇ.

جىسمانىي ئېچىرقاش تەننى زەئىپلەشتۈرۈپ، ئىنساننى نورمال جىسمانىي مەشغۇلات ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلسا، مەنىۋى ئېچىرقاش ئىنساننى ساغلام تەپەككۇر قىلىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ مەھرۇملۇق ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن بىر پاجىئەدۇر. پاجىئە بولغاندىمۇ ھەر قانداق بىر پاجىئەنى بېسىپ چۈشىدىغان، ئۆز ئىچىدىن تۈگىشىش پاجىئەسىدۇر. بالىلار ھاياتلىقتىكى گۆھەرلەردۇر. خۇددى ئەجدادلار «بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار» دېگەندەك، بالىلارسىز تۇرمۇشتا سائادەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. بىراق بۇنىڭلىق بىلەنلا بەخت – سائادەت بالىلاردا دېيەلمەيمىز. چۈنكى رېئاللىقتا كۆرۈۋاتىمىزكى، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادارلىق بىلەن ھەقلىق يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى تۇزكورلارچە قاقشاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس. بىزگە يىراقنى يېقىن، مۈشكۈلنى ئاسان قىلىپ بېرىپ تۇرمۇشىمىزغا ھېسابسىز قولايلىقلارنى بەخش ئەتكەن پەن – تېخنىكىمۇ بىزنى بەختلىك قىلىشقا قادىر ئەمەس. ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ روسسېل «ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن كۈرەشتە پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ غەلىبە قىلدى. بىراق ئۆزى بىلەن بولغان كۈرەشتە غەلىبە قىلالمىدى. بۇ كۈرەشتە پەن – تېخنىكا ئەسقاتمىدى» دەپ يازىدۇ.»

بەخت ئۆزىمىزدە
بەخت دېگەن مەنىۋىيەتكە تەئەللۇق ئۇقۇم. شۇڭا ئۇنى كۆز بىلەن كۆرۈپ، تارازا بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۇنى بايلىق كانلىرىدىن ياكى ئوردا خەزىنىلىرىدىن تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. بەخت شۇنداق نەرسىكى، ئىنسان ئۇنى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ھېس قىلىپ تەڭداشسىز لەززەتكە نائىل بولالايدۇ. ئۇ قەلبنىڭ ئارامى، ۋىجداننىڭ راھىتى، كۆڭۈلنىڭ روشەنلىكىدۇر. ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تىرنىقىنىڭ ئۇچىلىرىغىچە ئازادىلىك بولىدۇ. بەخت ئىنسان قەلبىدىن ئۇخچۇپ تۇرىدۇكى، ئۇ سىرتتىن ئىمپورت قىلىنمايدۇ. ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئاتا قىلالمايدۇ. ھەقىقىي بەختكە ئېرىشكەن كىشىلەر باشلىرىغا ھەر قانداق بالايى-قازا، دىشۋارچىلىق كەلسىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ. تۇرمۇش ئۇلارنى مۇشەققەتلىرى بىلەن كۈتۈۋالسىمۇ، ئۇلار ھاياتلىققا مەردانە ھالدا كۈلۈمسىرەيدۇ.

 شەكسىزكى، بەخت شۈكۈر - قانائەتتە. چۈنكى ئىنسان پۈتۈن دۇنيانىڭ بايلىقىغا ۋە ئەڭ چوڭ سەلتەنەتكە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭدا قانائەت ۋە شۈكۈر بولمىسا، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالمايدۇ.  شۈكۈر - قانائەت ئىماندىن كېلىدۇ. ئىمان شۈكۈر – قانائەتنىڭ ۋە بەخت-سائادەتنىڭ مەنەسىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن بېرىمىز» دەيدۇ. ئايەتتىكى «ئوبدان ياشىتىمىز» دىن مەقسەت كۆپ مال-دۇنيا بېرىمىز ياكى تۇرمۇشىنى پاراۋان قىلىمىز دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى بەخت –سائادەت  ۋە  ھۇزۇر-ھالاۋەت ئىچىدە ياشىتىمىز دېگەنلىكتۇر. چۈنكى كۆپ بايلىقى بار بولسىمۇ، ھۇزۇر-ھالاۋەتسىز ياشىغان ئادەمنى بەختلىك دېگىلى بولمايدۇ. ئايەتتىن مەلۇمكى، بۇ نېمەت ئىمان ئېيتقانلارغا خاس نېمەتتۇر. شۇڭا باشقىلار ئۇلاردەك بەختلىك بولالمايدۇ.  ئەتراپىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق، شۇنى كەسكىن ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، دۇنيادا ئەڭ بەختلىك، ئەڭ خاتىرجەم ۋە ئەڭ قانائەتلىك ھايات كەچۈرىدىغانلار مۇسۇلمانلاردۇر. سۇنىڭدەك، دۇنيادا ئەڭ بەختسىز، ئەڭ ئىزتىراپلىق ۋە ئەڭ بىئارام ھايات كەچۈرىدىغانلار ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلاردۇر. ئىمانسىز ئادەملەر قانچىلىك باي بولۇپ كەتسىمۇ، قانچىلىك چوڭ مەنسەپدار بولۇپ كەتسىمۇ ۋە ھاياتنىڭ لەززەتلىرىنى قانچىلىك كۆپ تېتىغان بولسىمۇ، بۇ ھاياتتىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ھېس قىلالمايدۇ. پىسخىك كېسەللىكلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنى ئولتۈرۈۋالىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ماددىي جەھەتتىن تولۇق پاراۋانلىققا ئېرىشكەن، ئەمما مەنىۋىيات نۆل دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان دۆلەتلەردە كۆپ بولىدىغانلىقى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە مۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىمۇ بىر رىئاللىقتۇر. سەۋەب نېمە؟ سەۋەب ئېنىق. چۈنكى گەرچە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقى تۇرمۇش ساپاسى تۆۋەن، تىرىكچىلىك ئىشلىرى جاپالىق، ئۆزلىرى كەمبەغەل بىر ھاياتتا ياشىغان بولسىمۇ، ئۇلار ھاياتلىققا ئىمانى ۋە قانائىتى بىلەن  مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئازغا قانائەت قىلىدۇ، كۆپكە شۈكۈر قىلىدۇ، تۇرمۇشىدىن زارلانمايدۇ، ھاياتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدۇ. نەتىجىدە، بەختلىك، ھۇزۇرلۇق ھايات كەچۈرىدۇ، پىسخىكا بۇزۇقلىقى، روھىي كېسەللىك دېگەندەك ھالەتلەرنى ۋە مۇنداق كېسەللەرنى بىلمەيدۇ. پىسخولوگلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرمەيدۇ. ئەمما ئىماندىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمەتتىن مەھرۇم ھالدا ھايات كەچۈرىدىغانلارنىڭ ھاياتى مۇقىمسىز، ھۇزۇرسىز بىر ھاياتتۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھاياتىدا پىسخىكا بۇزۇقلۇقى، نېرۋا كېسەللىكى ۋە روھىي ئازابلىنىش قاتارلىق راھەتسىزلىكلەر كەم بولمايدۇ. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، قانائەتمۇ كاتتا نېمەت بولۇپ، ئۇ، ئىنساننى بەختلىك قىلىشققا يېتەرلىكتۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسىنى تۇپراق تويغۇزمىغىچە، ئۇنىڭ كۆزى تويمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «ئىنسان ئىككى ۋادى ئالتۇنغا ئېرىشسىمۇ، يەنە ئۇ ئۈچىنچىسىنى تىلەيدۇ» دېگەن. بۇ نېمىدېگەن توغرا دىئاگنوز، ھە! ئىنسان مەيلى  قانچىلىك چوڭ باي بولۇپ كەتسۇن، مەيلى پادىشاھ ياكى رەئىس جۇمھۇر بولسۇن، ئۇنىڭ نەپسى قانائەت قىلمىسا، ئۇ قانداقمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلىسۇن؟! شۈكۈرمۇ ئىنسانى بەختلىك قىلىدىغان بىر ئەمەل. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولىدۇ» دەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كالامى نېمىدېگەن ھەق! نېمىدېگەن توغرا، ھە! ئەمدى سىز ئىنسان شۈكۈر قىلسا، قانداقلارچە ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولىدۇ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. دەيمەنكى، سىز «ئەلھەمدۇ لىللاھ» دەپ چىن قەلبىڭىزدىن نېمەت بەرگۈچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ۋاقتىڭىزدا، سىز شۇنداق بىر ئازادىلىكنى، شۇنداق بىر راھەتنى ۋە شۇنداق بىر ھۇزۇرنى ھېس قىلىسىز. ئىشەنمىسىڭىز ھازىر چىن قەلبىڭىزدىن «ئەلھەمدۇ ئىللاھ»دەپ بېقىڭ. ئىنسان شۈكۈر قىلىش جەريانىدا بۇ نېمەتنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىدىكى كۆپلىگەن نېمەتلەرنى ۋە ئارتۇقچىلىقلارنىمۇ ھېس قىلىدۇ. بۇ ئورۇندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەن ئۆزۈڭدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلارغا ئەمەس، ئۆزۈڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارغا قارىغىن» دېگەن سۆزى نېمىدېگەن توغرا ئېيتىلغان! چۈنكى سىز ئەگەر كەمبەغەل بوسىڭىز ياكى بىچارە بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدىنمۇ كەمبەغەل، ئۆزىڭىزدىنمۇ بىچارە ئىنسانلارنى كۆرگىنىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارغا قارىغاندا ياخشى ئىكەنلىكىنىانى بىلىسىز ۋە سائادەت ھېس قىلىسىز. بەزىدە مېيپ ئىنسانلارنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ ساق يۈرۈۋاتقىنىڭىزدىن سۆيۈنۈپ: «شۈكرى خۇدايىم!» دەيسىز. بۇ چاغدا سىز ئۆزڭىز تەسۋىرلەپ بولالمايدىغان بىر خىل سائادەتنى ھېس قىلسىىز. ئەگەر ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ چوڭ-كىچىك بارلىق نېمەتلىرىگە ھەمىشە شۈكۈر قىلىپ ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن ياشايدىكەن، ئۇلار چوقۇم بەختلىك ياشايدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئەلۋەتتە (سىلەرگە بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) زىيادە قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان.

ئاخىردا دەيمەنكى، مۇشۇنداق ئېسىل مەنىۋى بايلىقى بار مۇسۇلمان ئادەمنىڭ پىسخىكا بۇزۇقلىقىغا ياكى روھىي كېسەللىككە ئۇچرىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرى تۆگە ئۈستىدە تۇرۇپ تۆگە ئىزدەۋاتقاندەك، شۇنچىلىك مەنىۋى بايلىقى بار تۇرۇپ، ئۆزىنى مەنىۋى يوقسۇللاردىن سانايدۇ، ئۆزىدىكى مەنىۋىياتنى كەشپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، مۇنداق بايلىقتىن مەھرۇم قالغان پىسخولوگلارنىڭ لېكسىيەلىرىدىن شىپالىق ئىزدەيدۇ. بۇ قانداق ئەخمەقلىق؟!».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار