مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ياشاش بەختنىڭ يولىدۇر

 

مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ياشاش بەختنىڭ يولىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ھاياتقا مىننەتدارلىق كۆزى بىلەن قارايدىغان ۋە رازىمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم، كۆڭلىدە خۇشاللىق، دىلىدا ھۇزۇر  كەم بولمايدىكەن.

مىننەتدارلىقنى خۇشاللىقنىڭ دورىسى دېسەك مۇبالىغە بولماس. چۈنكى ئۆزىدىن، ئەتراپىدىكىلەردىن  ۋە ئېرىشكەنلىرىدىن رازى بولۇپ، نېمەت بەرگۈچىگە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم كۆڭلىنى ھەسەت، ئاچكۆزلۈك، قانائەتسىزلىك دېگەندەك ئىللەتلەردىن يىراق تۇتۇش ئارقىلىق ئۇنى قانائەت، خۇشاللىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن تولدۇرىدۇ. نەتىجىدە، بۇنداق كىشى تۇرمۇشىنى ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك ئۆتكۈزىدۇ، تەن ساقلىقىنى قوغداپ قالالايدۇ.

مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ياشايدىغان، نېمەت ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئۇنىڭغا خۇشال بولالايدىغان، ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى رازى قىلىشقا تىرىشىدىغان ئىنسانلار ھاياتتا ئۆزىنى بەختلىك قىلالايدىغان ئىنسانلاردۇر. ئەكسىچە، رازى بولمايدىغان، قانائەت قىلمايدىغان، ھەمىشە شىكايەت بىلەنلا ياشايدىغان ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنى ئۆزى يارىتىدۇ. بۇنداقلا ئازغا شۈكۈر قىلمايدۇ، ھالبۇكى، ئازغا شۈكۈر قىلمايدىغانلار كۆپكىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ.

رازى بولساقمۇ بولمىساقمۇ بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىم قىلغىنى يتېـىدۇ. ئەمما رازى بولساق كۆڭلىمىز تىنچ ۋە مەمنۇنلۇق ئىچىدە بولىدۇ، قاقشىساقمۇ تەقسىماتتىن ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، ئەمما ئۆزىمىزگە، تەن ساقلىقىمىزغا زىيان يەتكۈزىمىز.

بىزنىڭ ھاياتىمىز، رىزقىمىز، ساقلىقمىز، ئامانلىقىمىز ۋە ھەممە نەرسىمىز ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋە بىز ھېچقانداق ھەق تۆلىمىگەن نەرسىلەردۇر. ھالبۇكى، بۇ دۇنيادا ھاۋادىن باشقا ھەممە نەرسىگە پۇل تۆلەيمىز. بىر ئائىلىنى مىسال قىلساق، ئۇنىڭ ئوزۇق- تۈلۈك، سەپ-پەي دېگەندەك چىقىملىرىدىن باشقا، ئۇنىڭغا توك پۇلى، سۇ پۇلى، گاز پۇلى ۋە بەزىدە خىزمەت پۇلى دىگەندەك پۇللارنى تۆلەيمىز. ئەمما ھاياتىمىزنى ياراتقان، بىزگە رىزىق بېرىۋاتقان، بىزنى قوغداپ تۇرۇۋاتقان، تېنىمىزنى ساق قىلغان زاتقا شۈكۈر ۋە ئىبادەتتىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تۆلەشكە بۇيرۇلمىدۇق. ئاللاھ تائالا يەنە بىزگە بىر كېچە-كۈندۈزدە 24 سائەت ۋاقىتنى ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر سائەتنى سەرپ قىلىپ ناماز ئوقۇش ۋە زىكىر –دۇئالارنى قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنچىلىكنىمۇ ئادا قىلالمىغان ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى «شۈكرى خۇدايىم» دەپ قويغانلىرىنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر.

بىزگە مىننەتدارلىقنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى تۇرىدىغانلارغا قارىماڭلار، بەلكى سىلەردىن  تۆۋەن تۇرىدىغانلارغا قاراڭلار، بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ نېمىتىنى كىچىك سانىماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر»[1]. چۈنكى تۇرمۇشىدا، تەن ساقلىقىدا، بايلىقتا، يۈز-ئابرۇيدا ۋە ھەرقانداق بىر دۇنيا مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ئىشلاردا ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرگە قارىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قارىغاندا ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ—دە، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ. ئۆلىمالار ئەمەل-ئىبادەتتە ۋە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتا ئۆزىمىزدىن ئارتۇق كىشىلەرگە قارىشىمىزنى، ئەمما دۇنيا مەنپەئەتلىرىدە ئۆزىمىزدىن تۆۋەن كىشىلەرگە قارىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

 مىننەتدارلىق — بىراۋنىڭ قىلغان ياخشىلىقىدىن، خىزمەتلىرىدىن رازى ۋە مەمنۇن بولۇش دېگەن بولىدۇ. مىننەتدارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش نېمەتنىڭ زىيادىلىشىشىگە، ياخشىلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ۋە بەرىكەتنىڭ كۆپىيىشىگە، شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان سېھىرلىك ئەمەلدۇر. مىننەتدارلىق سىز ئۈچۈن كۆز ئەينەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن  سىز ئۆزىڭىزدىكى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى نېمەتلەرنى كۆرەلەيسىز. سىزدىكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئېرىشىدىغان ياخشىلىقىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بۇ يەردىكى ياخشىلىقتىن ماددىي مەنپەئەتلا كۆزدە تۇتۇلمايدۇ، بەلكى ياخشى پۇرسەت، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش، ياخشى جاي، ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىش قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى پۈتۈن پايدا- مەنپەئەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. )لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ( «ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە (بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن»[2] دېگەن ئايەتكە قارايدىغانلا بولساق، بۇ ئايەتتىكى «زىيادە» دېگەن سۆز  مۇئەييەن بىر نېمەتنىڭ زىيادە قىلىنىدىغانلىقىغا خاس ئەمەس، بەلكى شۈكۈر قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق نېمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۆلىمالاردىن بىرى «دۇنيادا ماتېماتىكىلىق ستاتىستىكا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بىردىنبىر سانلىق مەلۇمات جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئىنئام قىلىنغان نېمەتلەردۇر» دېگەن ئىكەن. دېمىسىمۇ، كۈنىمىزدە پەن – تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ھەممە نەرسىنى ساناپ چىقالىغان بىلەن،تېخىچەقۇمنىڭ سانىنى، دېڭىز دولقۇنلىرىنى ساناپ بېرەلەيدىغان ئاپپارات ئىجات قىلىنمىغىنىدەك، جانابى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ساناپ بېرەلەيدىغان تېخنىكىنىڭ ئىجات قىلىنغىنى يوق .

مىننەتدارلىق ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئىنسانغا خۇشاللىق ۋە سائادەت بېغىشلاشتا سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن قالسا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. چۈنكى مىننەتدارلىق بىر تەرەپتىن كىشىنىڭ روھىغا زور ئېنېرگىيە ئاتا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى، خۇشاللىقىنى ۋە ھاياتلىق كۈرىشىدىكى پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن، شۇنىڭدەك ئىنساننىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمۇ كۆپ بولىدىكەن. كۈندىلىك ھاياتىدا مىننەتدارلىقنى ئادەت قىلىۋالغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارنى ۋە زور نەتىجىلەرنى قوبۇل قىلىشقا بولغان تەييارلىقى زىيادە بولىدىكەن، ئازغا مىننەتدار بولغۇچىلار كۆپكە ھەقلىق بولىدىكەن، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى قانچىلىك كۈچلۈك بولسا، ئېرىشىدىغان نېمەت ۋە ياخشىلىق شۇنچىلىك كۆپ بولىدىكەن. ھاياتتا نەتىجە قازانغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىقنى كۈندىلىك ھاياتىدا ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈۋالغانلىقىنى ۋە كۆپلىرىنىڭ غەلىبە قازىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھاياتقا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرىمىز.

مىننەتدارلىق ھېس قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللار

1.          ئۆزىمىزگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرنى بىلىش، تونۇش ۋە ھېس قىلىش.

2.          ھاياتىمىزدىكى نېمەتلەرنىڭ قىممىتىنى بىلىش ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇش.

3.          بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش.

4.          بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن خۇشاللىق ھېس قىلىش.

يۇقىرىقىلار ھاياتىمىزدا مىننەتدارلىقنىڭ سېھىرى كۈچىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق باسقۇچلىرىدۇر. مىننەتدارلىقتىن مەقسەت «ئاللاھقا شۈكۈر» ياكى «ئەلھەمدۇلىللاھ» دەپ قويۇش بىلەنلا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالاغا قارىتا چىن كۆڭلىمىزدىن چىققان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشتۇر. مانا بۇ سائادەت، مانا بۇ خۇشاللىق.

مىننەتدارلىق پىرىنسىپى

1.          ئۆزىمىزگە ئاتا قىلىنغان ھەربىر نېمەتنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان پەزلى- كەرەم ئىكەنلىكىنى تونۇش ۋە چىن قەلبىمىزدىن ئۇنى ئېتىراپ قىلىش.

2.          ئاللاھ تائالاغا دىل، تىل ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن شۈكۈر قىلىش. مەلۇمكى، شۈكۈر تىل بىلەنلا ياكى دىل بىلەنلا ئادا تاپمايدۇ. تىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان شۈكۈر — نېمەت بەرگۈچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاتا - ئېھسانلىرىنى تىل ئارقىلىق سۆزلەش ھەم ساناش بىلەن بولىدۇ. )وَأَمَّابِنِعْمَةِرَبِّكَفَحَدِّثْ( «رەببىڭنىڭ نېمىتىنى ئېغىزىڭدىن چۈشۈرمە»([3]).

   دىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان شۈكۈر __ نېمەت بەرگۈچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاتا _ ئېھسانلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، چىن يۈرەكتىن ئۇنىڭغا مىننەتدار بولۇش ۋە ئۇنى سۆيۈش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

   ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئادا قىلىنىدىغان شۈكۈر __ نېمەت بەرگۈچىنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاتا _ ئېھسانلىرىنى ئۇنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى ئورۇنداش يولىدا توغرا يەرلەرگە ئىشلىتىش، يوقسۇللارنى يوقلاش، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن: تەن ساقلىقتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمەتنى ئويۇن _ تاماشا ۋە ھارام كۆڭۈل ئېچىشلارغا ئىشلىتىپ تۈگەتمەستىن، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۈستىمىزدىكى پەرز ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش بۇ نېمەتنى ئاتا قىلغۇچىغا شۈكۈر ئادا قىلغانلىق بولىدۇ.

3.          ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى گۇناھ _ مەئسىيەتكە ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان يامان ئىشلارغا ئىشلەتمەسلىك.

مىننەتدارلىقنى ئادەت قىلىۋېلىشنىڭ ئۇسۇللىرى

1.          كۈندىلىك ھاياتىمىزنى ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە بۇ ھاياتنى ئاتا قىلغانلىق نېمىتىگە شۈركۈر قىلىش بىلەن باشلاش.

2.          تەن ساقلىقىمىز ۋە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئىشلەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چەكسىز شۈكۈر قىلىش.

3.          ئائىلە ئەزالىرىمىزغا، دوستلىرىمىزغا، قوشنىلىرىمىزغا ۋە بىزگە ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىقى يەتكەن ھەربىر كىشىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش.

4.          ئۆزىمىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلەردىن ئارتۇق نېمەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى ئەسكە ئېلىش، كېسەلچان، يوقسۇل، ئىشسىز قالغان كىشىلەرنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئېلىپ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش.

5.          ئۆزىمىزگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرنى مەخسۇس دەپتەرگە يېزىپ قويۇش ۋە پات-پات ئوقۇپ تۇرۇش.

نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئىماننىڭ ئالامىتىدۇر

ئىنساننىڭ كېچە-كۈندۈزدىكى ھەربىر لەھزىسىنى ئاللاھ تائالانىڭ سانسىزلىغان نازۇ - نېمەتلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، يۈرۈش، تۇرۇشى، ئىش – ھەرىكىتى، ھەتتا بىر ئانلىق نەپىسىمۇ پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتى بىلەن بولىدۇ. ھەربىر تىنىقىمىز بۇنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلى. چۈنكى تىنىقىمىز بىر لەھزە توختاپ قالسا ھالىمىز قانداق بولىدۇ؟ ئۇنى ئاللاھ تائالادىن باشقا كىم قايتۇرۇپ بېرەلەيدۇ؟ 

مۇئمىن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى تونۇغان، ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا قارىتا قەرزدار ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشىدۇر. مۇئمىنلىكنىڭ بىر سۈپىتى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش ۋە سانسىز نېمەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ياشاشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە مۇنداق دېگەن: ) يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَاشْكُرُوا لِلَّهِ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ( «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىدىغان بولساڭلار، بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار»[4].

ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ۋە ئېھسانلىرى ھەقىقەتەن سان - ساناقسىز ۋە ھسابسىزدۇر. )وَإِن تَعُدُّواْ نِعْمَتَ اللّهِ لاَ تُحْصُوهَا( «سىلەر ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر»([5]). بۇ نېمەتلەر ۋە ئاتا - ئېھسانلار ھەرقانداق ئەقلى بار ئىنساننى نېمەت بەرگۈچىگە شۈكۈر ئادا قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە خاراكتېرى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى، نېمەت بەرگۈچىنى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەشنى ئىنسانىي بۇرچ دەپ بىلىدۇ. بىرەر ئىنساننىڭ قىلىپ قويغان ياخشىلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش قەرز بولغان يەردە، بارچە نېمەتلىرى بىلەن بىزنى قورشاپ تۇرغان زاتقا شۈكۈر ئادا قىلىش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تولىمۇ زۆرۈردۇر.

[1] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[2] ئىبراھىم سۈرىسى:7- ئايەت.
([3])93- سۈرە زۇھا 11- ئايەت
[4]بەقەرە سۈرىسى: 172- ئايەت.
([5])ئىبراھىم سۈرىسى 34 - ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار