ئىستىقامەت

ئىستىقامەت

مۇھەممەد يۈسۈپ

(إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ) «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توپتوغرا يولدا بولغانلارغا شەكسىزكى، (ئاخىرەتتە) ھېچبىر قورقۇنچ يوقتۇر، (ئۇلار دۇنيادا قالدۇرۇپ كەتكەنلىرىگە) قايغۇرمايدۇ». يەنى شەكسىزكى، ئاللاھ تائالاغا چىن قەلبىدىن ئىمان ئېيتىپ، تىلى بىلەن ئۇنى تەستىقلىغان، ئاندىن ئىسلام ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئۆزى كۆرسەتكەن بويىچە ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغان ۋە ساختا ئىلاھلاردىن يىراق تۇرۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىلەرگە بۇ دۇنيادا، بەرزەخ ئالىمىدە ۋە ئاخىرەتتە ھېچقانداق قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار دۇنيادا قالدۇرۇپ كەتكەنلىرى ئۈچۈن ھەرگىز قايغۇرمايدۇ، ھەسرەت چەكمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاخىرەتتە بۇ دۇنيادىكىسىدىنمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ.

ئىستىقامەت لۇغەتتە — تۈپتۈز، راۋۇرۇس تۇرۇش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا «دىندا چىڭ تۇرۇش، ئېتىقادتا ۋە ئەمەلدە مۇستەھكەم بولۇش، دىننىڭ بارلىق چەكلىمىلىرىگە، كۆرسەتمىلىرىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداپ، ئاللاھ تائالا توسقان قىلغان ئىشلاردىن قەتئىي چەكلىنىش» دېگەنلىكتۇر. خۇلاسە قىلغاندا، ئىستىقامەت — ھەر ئىشتا توپتوغرا بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، ئەقىدە، ئەمەل، ئەخلاق، گەپ- سۆز، مۇئامىلە قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا توپتوغرا، لىللاھ بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى ئىستىقامەتنىڭ مەنىسى ناھايىتى تولۇق چۈشەنگەن ۋە مۇكەممەل ئەمەل قىلغان، ھەتتا ساھابىلەردىن بىرى «مەن مۇسۇلمان بولغان كۈنۈمدىن باشلاپ بىر ئېغىزمۇ يالغان ئېيتمىدىم» دېگەن. ئىستىقامەتنى ھاسىل قىلىش جاپالىق ئىش بولۇپ، تائەت- ئىبادەتتە ئىزچىللىقنى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن قېچىشتا ھوشيارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندا )فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ( يەنى ‹بۇيرۇلغىنىڭدەك مۇستەھكەم بولغىن›[1] دېگەن ئايەتتىن ئېغىر ئايەت نازىل بولغان ئەمەس» دېگەن.

ئىستىقامەت ئىماننىڭ كامىللىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئالىي مەرتىۋە بولۇپ، مۇئمىن ئادەم ئەقىدە، ئەخلاق، مۇئامىلە، ئىبادەت، گەپ- سۆز، تەپەككۇر قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مۇستەھكەم بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ : «بەندىنىڭ قەلبى مۇستەھكەم بولمىغۇچە ئۇنىڭ ئىمانى مۇستەھكەم بولمايدۇ، ئۇنىڭ تىلى توغرا بولمىغۇچە قەلبى مۇستەھكەم بولمايدۇ»[2] دېگەن.

ئىستىقامەتنىڭ ئەھمىيىتى

ئىستىقامەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى ۋە مۇئمىن ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىق يولىدۇر. چۈنكى دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلاردا توپتوغرا يولدا مېڭىپ توغرا ۋە دۇرۇس ئىش قىلغان ئادەم بارچە زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە مۇرادىغا يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە بارلىق مۇئمىنلەرنى ئىستىقامەتكە بۇيرۇپ: )فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ( يەنى «بۇيرۇلغىنىڭدەك مۇستەھكەم بولغىن» دوپ كۆرسەتكەن. بىر كۈنى سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسەقەفىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: يارەسۇلۇللاھ! ماڭا مەن سىلىدىن كېيىن ھەچىكىمدىن سوراشقا ھاجەت قالمايدىغان بىر كەلىمە سۆز ئۆگىتىپ قويغان بولسىلىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئىمان ئېيتتىم دېگىن، ئاندىن توپتوغرا نولغىن» دەپ ئۆگەتكەن[3].

ئىستىقامەتنىڭ پايدىسى

ئىستىقامەت ئۈستىدىكى ئادەم ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان كۈچلۈك باغلىنىشى يۈزىسىدىن خاتىرجەملىك ۋە ھۇزۇر ئىچىدە بولىدۇ، توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىشتىن، گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن ساقلىنىپ قالىدۇ. ھاياتىنى ئىستىقامەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم جان ئۆزىدىغان ۋاقتىدىمۇ بۇ دۇنيادىن خۇشاللىق بىلەن ئايرىلىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا رەھمەت پەرىشتىلىرى چۈشۈپ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر ھەققىدە خۇشخەۋەر بېرىدۇ. (إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ . نَحْنُ أَوْلِيَاؤُكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآَخِرَةِ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِي أَنْفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ)«شۈبھىسىزكى، ‹رەببىمىز ئاللاھتۇر› دېگەن، ئاندىن (شۇ ئىمانىدا) مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەرگە پەرىشتىلەر چۈشۈپ: ‹قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بىلەن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار› دەيدۇ».

ئىستىقامەتنى ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى

ئىستىقامەتنى ھاسىل قىلىش ۋە ئىستىقامەت ئىچىدە ياشاش ھەربىر مۇئمىن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئامانلىق ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەت ئىستىقامەت سايىسىدا بولىدۇ. دىنىمىزدا ئىستىقامەتنى ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ بولۇپ، دىنىي ئىلىملەرنى ئوبدان ئۆگىنىش، تەقۋادارلىقتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلام پەرزلىرىنى تولۇق ئورۇنداش، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە نەپلە ئەمەللەرگە ئەھمىيەت بېرىش، ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلارنى قېتىرقىنىپ قىلىش، ئاخىرەتلىك ئەمەللەرنى دۇنيالىق ئىشلارنىڭ ئالدىغا قويۇش، ھەر زامان ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، تەۋبە-ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئىنسانلارغا قارىتا قىلىشقا تېگىشلىكلەرنى مۇكەممەل قىلىش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىستىقامەتنى ھاسىل قىلىشقا ياردەمچى بولىدۇ.

 [1]ھۇد سۈرىسى: 112-ئايەت.
[2] «مسند الإمام  أحمد»  20-توم، 343-بەت، 13047-ھەدىس.
[3] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار