ئۆز چىرىغىڭىزنى ياندۇرۇڭ

ئۆز چىرىغىڭىزنى ياندۇرۇڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇنيادا ھەر ئادەمنىڭ ياشاش پەلسەپەسى ۋە پىرىنسىپى بار. مەيلى ھەق بولسۇن ياكى باتىل بولسۇن، ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتلىقتىكى پىرىنسىپى شۇ ئادەمنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىنى رەتكە سالىدىغان نەرسىدۇر. پىرىنسىپال ئادەم ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈسىگە ۋە ئىشەنچىسىكە يارايدىغان ئادەمدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان خاراكتېرىدىكى پەرقلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلار خۇددى ئالتۇن، كۈمۈشكە ئوخشاش مەدەنلەردۇر، ئۇلارنىڭ جاھىلىيەتتە ياخشى بولغانلىرى ئۆگەنسە ئىسلامدىمۇ ياخشىلاردۇر»([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ئىنسانلارنى ئالتۇن، كۈمۈشكە ئوخشاش مەدەنلەرگە ئوخشاتقان. بۇ ئىنتايىن توغرا ئوخشىتىش بولۇپ، مەدەنلەرمۇ يۇقىرىسى ئالماس، تۆۋىنى كۆمۈرگە ئوخشاش قىممەتتە ۋە شەكىل ھەم خۇسۇسىيەتلەردە بىر _ بىرىدىن پەرقلىق بولغىنىدەك، ئىنسانلارمۇ يارىتىلىش تەبىئىتىدە، مىجەز _ ئەخلاقىدا ۋە باشقا كۆپلىگەن جەھەتلەردە پەرقلىقتۇر.

ئەمدى ھەدىستىكى «جاھىلىيەتتە ياخشى بولغانلىرى ئۆگەنسە ئىسلامدىمۇ ياخشىلاردۇر» دېگەن جۈملىگە كەلسەك، بۇ جۈملە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.چۈنكى ئۆز پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغان، سۆزىدە تۇرىدىغان  خىسلەتكە ئىگە كىشىلەر قانداقلا بىر مۇھىت ۋە قانداقلا بىر جەمئىيەتتە ياشىسۇن، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى شۇ خىسلىتىنى جارى قىلدۇرماي قالمايدۇ.

شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت ئەھلىدىن ئادىمىگەرچىلىكى بار، ئەخلاقى ياخشى كىشىلەرنى تاللاپ چىقىپ، شۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ۋە شۇلار ئارقىلىق كۈچلىنىشنى ئاللاھ تائالادىن تىلەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى ئاللاھ! ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەن ئەمر ئىبنى ھىشام (ئەبۇ جەھل) ئىككىسىنىڭ قايسىسى ساڭا سۆيۈملۈك بولسا، شۇنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشى نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار ئىبادەتلىرىنى ئاشكارا قىلالايدىغان بولغانلىقى بۇنىڭ مىسالىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلار ئىچىدىن ئۆز دىنىغا مەھكەم، پىرىنسىپال ۋە ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەر ئىككىلەنمەيلا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتنى ئىزدەيدىغان پىرىنسىپال ئىنسانلار ئىدى. ئەمما يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنلىرىنى جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالغان ئەھلى كىتاب موللىلىرى كىشىلەرنى دىن نامىدىن قاقتى-سوقتى قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرەپ ھەقىقەتكە قارشى چىققان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلغان. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، سەلمان فارسىي قاتارلىق كىشىلەر ھەقىقەتنى ئىزدەپ ۋە ئۆز پىرىنسىپى بويىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سىناپ كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قايىل بولغان ۋە ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەن. دېمەك، پىرىنسىپ ئىنسان ھاياتىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ.

   پىرىنسىپال ئادەمنى كىشىلەر ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنالمىغان چاغدا يامان كۆرگەن بىلەن، ئۇنى كۆڭلىدىن ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭغا قىممەت بېرىدۇ. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى دىنسىز بولسۇن، ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغان ئادەم بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن كىشىلەر ئەنسىرىمەيدۇ. ئەمما ساختىپەزلەردىن ئۆكۈنىدۇ. دىن نامىدىن، ۋەتەنپەرۋەرلىك نامىدىن كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغانلار مەيلى قايسى دىنغا ۋە قايسى پەلسەپەگە مەنسۇپ بولسۇن، ئۇلارنى ھېچكىم ھۆرمەتلىمەيدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىك قىممەت بەرمەيدۇ.

كاشكى، ھەربىر ئادەم ئۆز پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىدىغان، ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان دىن ياكى پەلسەپەگە ئەمەل قىلىدىغان بولسا ئىدى، دۇنيادا كىشىلەرنى قاقتى- سوقتى قىلىش، دىن ياكى ئېقىم نامى بىلەن ئالداش يۈز بەرمىگەن بولار ئىدى. ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەقىللىق مەۋجۇدات قىلىپ ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا يول تاللاش ئىختىيارىنى بەرگەن ئىكەن، ئىنساننىڭ ئۆزى تاللىغان دىن ياكى پەلسەپەگە ئەمەل قىلىشى ۋە ئۆز پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى ھەركىمگە ئەسقاتىدىغىنى ئۆز پىرىنسىپىدۇر.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئەما كىشى ئاخشاملىق تاماققا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ساھىبخان مېھمانلارنى ئۇزىتىش ئەسناسىدا ھېلىقى ئەمانىڭ كېچىدە يالغۇز يول يۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا بىر قول چىرىغى بەرمەكچى بولۇپتۇ. ئەمما ئەما كىشى «مەن ئەما تۇرسام، چىراغنىڭ يورۇقىنى كۆرەلمىسەم، ماڭا چىراغ بەرگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ مەن ئاستا ئۆز يولۇمنى تېپىپ كېتەلەيمەن، رەھمەت سىزگە» دەپ چىراغنى قوبۇل قىلماپتۇ. ساھىبخان بولسا چىڭ تۇرۇۋاپتۇ: «سىز چىراغنىڭ يورۇقىنى كۆرەلمىسىڭىزمۇ، سىز چىراغنى تۇتۇپ ماڭسىڭىز، باشقىلار سىزنى كۆرىدۇ-دە، سىزگە سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەما ئادەم چىراغنى قوبۇل قىلىپتۇ. ئەما ئادەم ئۆيىگە ئاز قالغاندا، بىرى كېلىپ ئۇنىڭغا سوقۇلۇپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەما ئادەم يىقىلىپ كېتىپتۇ. ئەما ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ: «ھەي! سەنمۇ ئەمامىدىڭ؟ چىراغنىڭ يورۇقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟» دەپ كايىپتۇ. ئۇنىڭغا سوقۇلۇپ كەتكەن ئادەم: «ئەپەندىم! كەچۈرۈڭ، قولىڭىزدىكى چىراغ ئۆچۈپ قاپتىكەن، شۇڭا قاراڭغۇدا كۆرمەي قاپتىمەن» دەپتۇ. بۇ قىسسىدىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەما ئادەم باشقىلار بەرگەن چىراغقا ئىشەنچ قىلىپ، يىللاردىن بېرى ئۆزىگە يول كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئۆزىنىڭ ئەقىل چىرىغىنى ئىشقا سېلىشتىن بىھاجەت بولغان، قول چىراغنى كۆتۈرۈپ ماڭسام باشقىلار بۇنىڭ يورۇقىدا مېنى كۆرىدۇ، نەتىجىدە ماڭا سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىي ئەزالىرىنى ئىشلەتمىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ بېشىغا مەزكۇر كېلىشمەسلىك كەلگەن.



([1])بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار