ئۆزىڭىزدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇڭ

يىگىرمىنچى رېتسىپ

ئۆزىڭىزدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇڭ
مۇھەممەد يۈسۈپ

ئۇيغۇرلاردا « ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ»دەيدىغان ھېكمەت بار. دانالارغا كۆرە،  ئىنسان ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، خاتا كەتكەن تەرەپلىرىنى تۈزىتىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى مۇستەھكەملەپ تۇرىدىغان بولسا، بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مالامەتكە قېلىشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

 ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غەززالى « ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيادا ھەر قانداق بىر مۇھىم ئىشنىڭ ھېساباتى بولىدۇ، ئۇنىڭ كىرىمى، چىقىمى، پايدىسى ۋە زىيىنى ھېسابلىنىپ تۇرىدۇ. پەقەت ئىنسان ھاياتى مەجھۇل تەرەپكە خۇددى سۇدەك ئېقىپ كېتىۋېرىدۇ. مەخسۇس بىر دەپتەر تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى بىلەن يامان ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن توپلىغانلىرىنى بىلىپ تۇرۇشنى ئويلاپ باققان ئادەم بارمىدۇ؟ ئەلۋەتتە بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى بۇلارنى تولۇق خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق كەلگەن: ( كىشىلەرنىڭ نامە _ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدا خاتىرلەنگەنلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بۇ قانداق كىتاب؟ چوڭ _ كىچىك ھېچبىر ئىشنى چالا قويماي تولۇق خاتىرىلەپتۇغۇ؟» دەيدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار قىلغان _ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە _ ئەمالىغا خاتىرلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، رەببىڭ ھېچكىمگە ئۇۋال قىلمايدۇ)[1].

ئۆزىمىزنىڭ نامە _ ئەمالىمىزنى ئۆزىمىز خاتىرىلەپ قويساق ياكى ئۆزىمىز بىلىپ تۇرساق ياخشى ئەمەسمۇ؟ دۇنيادا ھېچقانداق سودىگەر ئۆزىنىڭ تىجارىتىدىكى پايدا_زىياننى ھېسابلىماي تاشلىۋەتمەيدۇ، ھەر ماگىزىن ئىگىسىمۇ ماگىزىنىدىكى تاۋارلارنىڭ ھېسابىنى بىلىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ئىقتىسادىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بانكىدا قانچىلىك پۇلى بارلىقى ۋە يېنىدا قانچىلىك بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما ئىنسان ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن قىلغان ئەتكەنلىرىنى بىلمەيدۇ، بىلگەندىمۇ بۇ دەرىجىدە بىلمەيدۇ».

ئىنسان ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىپ تۇرۇشقا موھتاج

ئەللامە مۇھەممەد غەززالى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئادەمنىڭ پات_پات ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىپ تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ‹ سىلەردىن ھېساب ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلاردىن ئۆزۈڭلار ھېساب ئېلىڭلار، ئەمەلىڭلار تارازىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇنى ئۆزۈڭلار تارتىپ كۆرۈڭلار› دېگەن. ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئىبنى مۇقەففە ئىنسان ئۆزىدىن سادىر بولغان بارلىق ئىشلارنى خاتىرىلەپ مېڭىشى لازىم دېگەن بولسا، ئامېرىكىدىكى «ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ئىنىستتوتى»نىڭ قۇرغۇچىسى دالى كارنېگ  ئىنسان ئۆزىدىن سادىر بولغان خاتالىقلارنىلا خاتىرىلەپ ماڭسا يېتەرلىك دەپ قارىغان. »

دالى كارنېگ  ئۆزى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « مەن ئىش ئۈستىلىمنىڭ تارتمىلىرىنىڭ بىرىدە ئۈستىگە ‹مەن سادىر قىلغان ئەخمەقلىقلەر› دەپ يېزىلغان مەخسۇس بىر دەپتەرنى ساقلايمەن. پات _ پات ئۇنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ بەزى خاتالىقلىرىمنى ساناپ چىقىمەن ۋە بەزىسىنى يېزىشتىن خىجىل بولۇپ كۆڭلۈمگە پۈتىمەن. ئەگەر مەن ئۆزۈمگە قارىتا سەمىمي بولالىغان بولسام، مېنىڭ بۇ ئۈستىلىمنىڭ تارتمىلىرى خاتالىقلىرىم ۋە ئەخمەقلىقلىرىم بىلەن تولۇپ كەتكەن بولاتتى. مەن ھەر قېتىم خاتالىقلىرىم يېزىلغان دەپتەرنى ئوقۇغىنىمدا، ئەڭ زور مۇشكىلاتلارنىمۇ يېڭىپ چىقىدىغان زور كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن». («بەخت-سائادەتنىڭ 40 رېتسىپى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى).

 



[1] كەھف سۈرىسى، 49_ ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار