پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇيغۇرنى سۆيدۈرەيلى!

 تۈركىيەدە مېنى ئەڭ بىئارام قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى، بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ «بۇ ئىشنى ئۇيغۇرغا قىلدۇرمايلى»، «ئۇيغۇر ئۇستىلار ياخشى قىلمايدۇ»، «ئۇيغۇر ئۇستىلار بىلمەيدۇ» دېگەنگە ئوخشىغان سۆزلەر بولدى. مەن بۇنداق دېگەن قېرنداشلارنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى ئەمەلىيەت شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. مۇساپىرچىلىقتا ئادمنىڭ بېشىغا تۈرلۈك قىسمەتلەر ۋە تاللاشلار كېلىدۇ. ئاشۇ ھۈنەرۋەن دېيىلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ تولىسى بەلكى ھۈنەرۋەن ئەمەس، پەقەت تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىنى تەمىنلەش يولىنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئاشۇ ھۈنەرنى تۈرك ئۇستىلاردەك مۇكەممەل قىلالمىغان بولۇشى ئېھتىمال. بۇ بىر رېئاللىق. ئەمما شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئاشۇ نائۇستا دېيىلگەن ھۈنەرۋەن ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. ئاشۇلارمۇ بىز تارتقان ۋەتەنسىزلىك دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. مەيلى ئۇلارغا ئىش قىلدۇرايلى، مەيلى قىلدۇرمايلى، بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارى. ئەمما ئۇلارنى ئەيىبلىمەيلى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا كەمسىتمەيلى، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا «ئۇيغۇر ئۇستىلار ياخشى ئەمەس» دېگەن گەپنى قىلمايلى. چۈنكى بۇنداق سەلبىي گەپلەر پەرزەنتلىرىمىزگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە مېڭىسىدە خەلقىمىز توغرۇلۇق سەلبىي يەكۈنلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە دىنىمىزنى سۆيدۈرۈش بىلەن بىرگە مىللىتىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى سۆيدۈرۈش بۇرچىمىز بار. بىز ئۇيغۇرنى ئەيىبلەپ تۇرۇپ، قانداقمۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇيغۇرلۇقنى سۆيدۈرەلەيمىز؟ ناۋادا بىز ئۇلارغا ئۇيغۇرنى سۆيدۈرەلمىسەك، ۋەتەننى سۆيدۈرەلمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئاشۇ گۈزەل ۋەتىنىمىز پەقەت ئاشۇ ئەزىز خەلقىمىز بىلەنلا ۋەتەندۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار