ئاللاھنى  نېمە ئۈچۈن كۆرمەيمىز؟

ئاللاھنى  نېمە ئۈچۈن كۆرمەيمىز؟

«كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ  كۆزلەرنى كۆرىدۇ»

(ئەنئام سۈرىسى 103 ـ ئايەت).

ئىنسان كۆزى ماددىدىن يارىتىلغان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ دۇنيادىكى  فىزىكا(ماددا) ئالەمىنىڭ ئاز قىسمىنىلا كۆرەلەيدۇ. ئەمما ئۇ، مېتافىزىكا (ماددا سىرتى ئالەمى)نى كۆرۈشكە ھەرگىزمۇ قادىر ئەمەستۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن،  ئاللاھنى قانداق كۆرگىلى بولسۇن؟ ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ زاتى ماددا بولۇشتىن ئۈستۈندۇر.  ئاللاھ غەيبمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ چەكسىز قۇدرىتى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرى بىلەن ھەر ئان كۆز ئالدىمىزدا تەجەللى قىلىپ تۇرماقتا.

 Paratoner (چاقماق چاققاندا كىشىلەرگە زىيان يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى) نىڭ ئىجادكارى Benjamin Franklin ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، مەكتەپتە دەرس سۆزلىۋاتاتتى. ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ:

ــ مۇئەللىم، ــ دېگىنىچە سۆزگە باشلايدۇ ۋە مۇنداق بىر سوئالنى قويىدۇ، ــ سىز ھەمىشە ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدە سۆزلەيسىز، ئۇنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟

بۇۋاقىتتا Franklin ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپنىڭ باغچىسىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى قۇياشقا تىكىلىپ قاراشقا بۇيرۇيدۇ. ۋاقىت چۈش ۋاقتى بولۇپ، قۇياشنىڭ نۇرى كۆزلەرنى خىرەلەشتۈرىۋاتاتتى. كۆزلىرى خىرەلەشكەن ۋە ياشلانغانلىقتىن قۇياشقا قارىيالمايۋاتقان، بارا ــ بارا كۆزلىرى تورلىشىپ ھېچنەرسىنى كۆرەلمەيۋاتقان  ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرگەن Franklin مۇنۇلارنى ئېيتىدۇ:

ــ بالىلىرىم! بۇ قۇياش ئاللاھنىڭ سەنئىتىدۇر. سىلەر بۇ كۆزۈڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ  ياراتقان سەنئىتىنى  كۆرەلمەي تۇرۇپ، قانداقمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرەلەيسىلەر؟ ياراتقۇچى يارىتىلغانلارغا ئوخشىمايدىغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنى كۆرگىلى بولسۇن؟!(ئاخىرقى قىسسە  «دىنلار تارىخى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى ـ تۈركچە)

ئىنسان كۆرمىگىنىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ كۆرمىگىنىگە ئىشىنىدىغان يېگانە مەۋجۇداتتۇر. ئىمان  ــ كۆرۈنگەنگە ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمىگەنگە ئىشىنىش دېمەكتۇر. شۇنداق بولغاندىلا ئىماننىڭ قىممىتى مەيدانغا چىققان بولىدۇ. قۇياشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،  «سىز بۇنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟» دەپ سوراشنىڭ بېمەنىلىكى ئېنىقتۇر. كۆرۈش ئەلۋەتتە كىشىنىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما كۆرۈش ئىشىنىش بىلەن باغلىنىشلىق ئەمەس. ئالىملاردىن بىرى: «ئەگەر مەن ئاللاھنى كۆزۈم بىلەن كۆرسەممۇ، ئۇنىڭ بارلىقىغا بولغان ھازىرقى بۇ ئىمانىمدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمايدۇ» دېگەن ئىكەن. ئەقىل كۆرمىگىنىگە ئىنكار قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى ھەممە نەرسە ئەقىل بىلەنلا بىلىنمەيدۇ. مەسىلەن:  تاماقنىڭ تەمىنى ئەقىل بىلەن تېتىغىلى بولمىغاندەك، گۈلنىڭ خۇشپۇرىقىنى ئەقىل بىلەن پۇرىغىلى بولمايدۇ. بەلكى تاماقنىڭ تەمى تىل بىلەن تېتىلىدۇ، خۇشپۇراقلار بورۇن ئارقىلىق پۇرىلىدۇ. شۇ مۇزىكىنىڭ  ياخشىلىقىغا قاراڭ دېيىلگەن ھامان بۇ ۋەزىپە قۇلاققا چۈشكەن بولىدۇ. چۈنكى تىڭشاش بىلەن ئاڭلاشنىڭ قۇرالى قۇلاقتۇر، ئەقىل ئەمەس.

«بار بولغان نەرسە چوقۇم كۆرگىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك. كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسە يوق دېمەكتۇر» دەيدىغان مەنتىق ياكى پەلسەپە تۈپتىن خاتادۇر.  تەبىئىي پەن ئالىملىرى  مۇشۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولغان شەيئىيلەرنىڭ ئاران % 3.5 نىلا كۆرگىلى بولىدىغانلىقى، قالغان% 96.5 نى ــ ئۇلار مۇشۇ دۇنيادا بار تۇرۇپ  ــ كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى  ئىسپاتلاپ چىقتى. رادىئو دولقۇنلىرى، تېلېۋىزىيە قاناللىرى، توك ۋە بۇلاردىن باشقا مىڭلارچە ماددىي شەيئىيلەرنى كۆرەلمەيمىز. ئەمما بۇلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن ھېچ شەكلەنمەيمىز. بۇلارنىڭ بار ئىكەنلىكى كۆرۈش بىلەن ئەمەس، بەلكى تەسىرلىرى بىلەن بىلىنىدۇ. مەسىلەن:  ئەتراپىمىزدا رادىئو دولقۇنلىرى ئۈزۈپ يۈرىدۇ. بۇلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى رادىئونى ئېچىش ئارقىلىق بىلىمىز. تېلېۋىزىيە قاناللىرى، توك ۋە باشقىلارمۇ شۇنداق بىلىنىدۇ.

ماددا بولمىغان، بەلكى بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۇيغۇلىرىمىزنىمۇ كۆرمەيمىز. مەسىلەن: سۆيگۈ، ھاياجان، مۇھەببەت، نەپرەت، شەپقەت، ئىچ ئاغرىتىش، غەمكىنلىك، روھ، ۋىجدان، جان، ئەقىل، خىيال، پىكىر، كۆڭۈل، ئارزۇ قاتارلىق كۆپلىگەن مەنىۋىياتلار بىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ھېچبىرى كۆز بىلەن كۆرىلىدىغان، قول بىلەن تۇتۇلىدىغان ۋە بۇرۇن بىلەن پۇرىلىدىغان نەرسىلەر ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بىز ئەقلىمىز ۋە ھېسسىياتىمىز بىلەن بۇلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى  بىلىپ تۇرىمىز. ئاللاھنىڭ بار ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنىڭ ياراتقان يۈزمىڭلارچە سەنئىتىدىن ئەقىل بىلەن بىلىمىز.

بىز  «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە بۇنداق بىر ئەسەرنىڭ بار بولغىنىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ بىر ئاپتورىنىڭ بارلىقىغا ئەقلىمىز بىلەن ھۆكۈم قىلىمىز. ئەمما بۇ ئاپتورنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى  بىلەلمەيمىز. بۇۋاقىتتا نەقىل (مەنبە)  ئارىغا كىرىدۇ  ۋە  بۇ ئاپتورنىڭ  يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. نەتىجىدە، «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىكەلىكىگە ئىشىنىمىز.

ئەقىل «ھەرقانداق بىر ئەسەرنىڭ ئاپتورى، ھەر قانداق بىر ئىجادىيەتنىڭ ئىجادكارى ۋە ھەرقانداق بىر سەنئەتنىڭ سەنئەتكارى بولغىنىدەك، بۇ كاتتا كائىناتنىڭمۇ بىر ياراتقۇچىسى باردۇر» دېگەن ھۆكۈمنى چىقارسا،  ئىلاھىي كىتابلار «بۇ ياراتقۇچى ئاللاھتۇر!» دەپ ئېلان قىلماقتا. كۆز ھەيرانلىقتا  «ئۇ سەنئەتكار نەدە؟ مەن ئۇنى كۆرەلمەيۋاتىمەنغۇ؟» دەپ گاڭگىراپ قالماقتا.

بىز قايىسىسىغا ئىشىنىمىز؟ ئۇنىڭ ئوخشىشى ھايۋانلاردىمۇ بولغان ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ئاران%3.5 نى كۆرەلەيدىغان كۆزگىمۇ؟ ياكى  ئىنساننى بارچە مەخلۇقاتلاردىن  ئالاھىدە پەرقلىق ۋە ئۇلۇغ قىلغان ئەقىلغىمۇ؟

«كۆرمىگىنىمگە ئىشەنمەيمەن» دېيىش بىلەن، «مەن كۆزۈم بىلەن ئويلايمەن» دېيىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق  پەرق يوقتۇر. ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا،  ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ ئۇ نېمىگە يارايدۇ؟!


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار