ئۈلگە ۋە ئۈلگىلىك رولنىڭ ئەھمىيىتى

ئۈلگە ۋە ئۈلگىلىك رولنىڭ ئەھمىيىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئۈلگە — كىشىلەر تەقلىد قىلىدىغان، دورايدىغان، ئۆگىنىشكە، نەمۇنە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئادەم، ئىش، نەرسە ياكى ئۇسۇل، نەمۇنە، تىپ دېمەكتۇر[1]. ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈلگە بولۇشقا تېگىشلىك. چۈنكى ھەربىر مۇسۇلمانغا بۇيرۇلغان «كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش»تىن ئىبارەت پەرزنى پەقەت ئۈلگىلىك رولنى جارى قىلدۇرۇش بىلەنلا ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك دەرىجىدە ئادا قىلغىلى بولىدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ھەرگىز سۆز بىلەنلا، ۋەز-نەسىھەت قىلىش بىلەنلا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا )وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا  («ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرىغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن»[2] دەپ بۇيرۇغانلىقى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قانداقلا بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇسا، ئاۋۋال ئۇنى ئۆزى ئورۇندايتتى، ئۇلارنى قانداقلا بىر ئىشنى قىلىشتىن توسسا، ئالدى بىلەن ئۇ ئىشنى ئۆزى تەرەك ئېتەتتى. ساھابىلەرمۇ شۇنداق قىلاتتى. سائادەت ئەسرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۆزى قىلمىغان ئىشلارغا باشقىلارنى بۇيرۇمايتتى، ھېچقانداق ئىشنى ئۆزى تەرك ئەتمەي تۇرۇپ باشقىلارنى تەرك ئېتىشكە بۇيرۇمايتتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئىسلام دەۋىتىنى يايغان مۇئمىنلەر بۇ دەۋەتنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى، ئەخلاقى، مۇئامىلىسى ۋە دۇرۇسلۇقى بىلەن يايغان ئىدى. نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئىسلام دەۋەتچىلىرىنىڭ دۇرۇسلۇقىدىن ۋە گۈزەل ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولغان. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق قىسسىسىمۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن. ئەپسۇسكى، ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىلارنىڭكىدىن تامامەن ئەكسىچە بولۇپ، ھازىرقى زاماندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولىدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا. چۈنكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىدە ئۈلگىلىك رولنى يوقاتقان. شۇڭا ھازىر مۇسۇلمان بولغانلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ ئەمەس، بەلكى ئىلىم- پەن سايىسىدا ئىسلام دىنىمىز ھەقلىقىنى، قۇرئانىمىزنىڭ مۆجىزىلىرىنى بىلىپ مۇسۇلمان بولماقتا.

ھەرقانداق ئۈلگە ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. ئاندىن مەھەللىدە، ئاندىن دۆلەتتە ئومۇملىشىدۇ. ئۈلگە بولۇش تەربىيە ئۇسۇللىرىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىكى ۋە ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۈلگە بولۇش بىلەن تەربىيەلەش ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، ئۆزلۈكىدىن تەسىر كۆرسىتىش، يەنە بىرى، سۆز ۋە ھەرىكەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

1. ئۆزلۈكىدىن تەسىر كۆرسىتىش

ئۆزلۈكىدىن، ياكى ئىختىيارسىز تەسىر كۆرسىتىش دېگەن ئاتا-ئانا ياكى ھەرقانداق بىر تەربىيەچىنىڭ پەقەت «بالىلار مەندىن تەقلىد قىلىپ ئۆگەنگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا مەن مەسئۇل ۋە جاۋابكارمەن» دېگەن ئېتىقاد بىلەن پۈتۈن ياخشى ئىشلاردا ئۇلارغا ياخشى  ئۈلگە  بولالىغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاۋۋال تەربىيەچى ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل قىلىپ يېتىشتۈرگەندىن كېيىن، بالىلار  ئۇنىڭدىكى ئېسىل پەزىلەتلەرنى ھېچقانداق  كۈچىمەستىن، ئىختىيارسىز ھالدا قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىدە يەرلەشتۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا يا تەربىيەچى، ياكى تەربىيەلەنگۈچى قىيىنچىلىق تارتمايدۇ. بەلكى بۇ ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇھىم بولغىنى تەربىيەچىنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى، ياخشى ئادەت ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرنى ئۆزىدە يېتىشتۈرىشىدۇر.

شۇڭا كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيەلەش  جەريانىدا ئۆزلىرى ياخشى ئادەملەردىن بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار بالىلىرىنى ئىمان ۋە ئەخلاقلىق، ئەل ئىشىغا ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش يولىدا، ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ ئالدىغا قەدەم ئالالمايدۇ.

2. سۆز ۋە ھەرىكەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىش

سۆز ۋە ھەرىكەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىش تەربىيەچىنىڭ بالىلارغا يول كۆرسىتىشى، بەزى ئىشلارنى ئېغىزى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆگىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈلگىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرىنچى تەربىيەچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساھابىلىرىغا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى گاھ سۆزى بىلەن گاھ ئەمەلىيىتى بىلەن، گاھ سۆزى ۋە ئەمەلىيىتى ھەر ئىككىسى بىلەن ئۆگىتەتتى. ئۇنىڭ: «نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار»([3]) ۋە «مەندىن ھەج قىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگىنىۋېلىڭلار»([4])  ېيىش ئارقىلىق ھەم سۆزى بىلەن ھەم ئەمەلىيىتى بىلەن قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆگەتكەنلىكى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گاھىدا نامازدا ئوقۇلىدىغان ئايەت، دۇئا ۋە تەسبىھلەرنى بالىلارغا ئۆگىتىش مەقسىتى بىلەن ئىچىدە ئوقۇلىدىغانلارنىمۇ ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرەتتى.

يېگانە ئۈلگىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇكەممەل  شەكلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام گوياكى ئىسلامنىڭ جانلاندۇرۇلغان شەكلى ئىدى. شۇڭا ئۇ تا قىيامەتكە قەدەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېگانە ئۈلگىدۇر. )لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآَخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا( يەنى)سىلەرگە —ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە— رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.[5]( ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى ماختاپ: )وَإِنَّكَ لَعَلى خُلُقٍ عَظِيمٍ( يەنى) سەن ھەقىقەتەن ئەڭ كاتتا ئەخلاققا ئىگىسەن( دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى»([6]) دېگەن.
ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنىڭ جانلىق تەرجىمانى ۋە ئۇنىڭ  ھاياتلىقتىكى كۆرۈنىشى ئىدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى توغرىلىق: «مېنى رەببىم ئەڭ مۇكەممەل تەربىيەلىدى»([7]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبادەتتە، مېھىر-شەپقەتتە، ئەدەپ-ئەخلاقتا، ئادالەتتە، سېخىيلىقتا، راستچىللىقتا، چىدام ۋە سەۋرچانلىقتا، كەمتەرلىكتە، تەقۋالىقتا، ئىلىم-مەرىپەتتە، بالىلىرىغا ۋە ئاياللىرىغا كۆيۈمچانلىقتا، مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يېيىشتە، يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يېتىشتە، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاشتا، جۈملىدىن دىن ۋە دۇنيالىق ھەممە ئىشتا ئەڭ مۇكەممەل ۋە يېگانە ئۈلگە ئىدى.

ئۇ ئاياللىرى ئۈچۈن ئەڭ ئۈلگىلىك ئەر، بالىلىرى ئۈچۈن ئەڭ شەپقەتلىك ئاتا، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل رەھبەر ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسىدىن ئۆرنەكلەر
1. بالىلارغا راستچىل بولۇش

ئابدۇللا ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى ئانام مېنى ئۆيگە چاقىردى. كىرسەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىمىزدە ئىكەن. ئانام ماڭا: «كەل ساڭا بىر نەرسە بېرىمەن» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانامدىن: «بالىڭىزغا نېمە بەرمەكچىسىز؟» دەپ سورىدى، ئانام: «خورما بېرەرمەن» دەپ جاۋاب بەردى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانامغا: «ئەگەر سىز بالىڭىزغا بىر نەرسە بەرمىسىڭىز، سىزگە بىر يالغان ئېيتقاننىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ» دېدى.

بۇ ھەدىس شەرىف ھەر قانداق بىر تەربىيەچىنىڭ تەربىيەسى ئاستىدىكىلەرگە ھەمىشە راستچىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئۆزىمىز يالغان ئېيتىپ تۇرۇپ بالىلىرىمىزغا: «يالغان ئېيتماڭلار» دەپ تەربىيە قىلغىنىمىزنىڭ زادى نېمە پايدىسى بولسۇن؟!

شۇڭا بالىلارغا ئاسانلىقچە بىرەر ئىشتا ۋەدە بەرمەسلىك كېرەك. ئەگەر ۋەدە بېرىلگەندە بولسا، چوقۇم ئۇنى ئورۇنداش كېرەك.

2. بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك بولۇش

بالىلارنى ئوخشاش كۆرۈش، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقلا بىر ئىشتا بولمىسۇن، چوقۇم ئادالەتلىك بولۇش لازىم. نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئاتام مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: « يارەسۇلۇللاھ! بۇ بالامغا بىر خىزمەتچىمنى بېرىۋەتتىم» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتامدىن: «بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق بەردىڭمۇ؟» دەپ سورىدى، ئاتام: «ياق» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا بەرگىنىڭنى قايتۇرۇۋال!» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمگە: «ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك  بولۇڭلار» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئەي بەشىر! سېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بالاڭ بارمۇ؟» دەپ سورىغان، بەشىر: «ھەئە» دېگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا مېنى بۇنىڭغا گۇۋاھچى قىلما، چۈنكى مەن ناھەقچىلىققا گۇۋاھ بولمايمەن»([8]) دېگەن.

بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك بولماسلىق، بىر نەرسە بەرگەندە بەزىسىنى قايرىپ قويۇپ، بەزىسىگە بېرىش، ياكى بىرىنى باشقىلىرىنىڭ ئالدىدا ماختاپ قويۇپ، يەنە بىرىنى سۆكۈش، ياكى بىرىنى «سىز» دەپ چاقىرىپ، يەنە بىرىنى «سەن» دەپ چاقىرىش، ياكى بىرىگە  قاپىقىنى ئېچىپ، يەنە بىرىگە قاپىقىنى تۈرۈش، ياكى بىرىنى ئوقۇتۇپ، يەنە بىرىنى ئۆي ئىشىغا سېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادالەتسىزلىك بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇھەببىتىگە ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا، بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك، قىزغىنىش ۋە ئاداۋەتكە سەۋەب بولىدۇ. نەتىجىدە، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىسيانكارلىققا ئۈندەپ قويىدۇ.

ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك بولمىغانلىقىنى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە ئارتىپ ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئۇ ئەدەپلىك، سۆز ئاڭلايدىغان، ئىتائەتچان ئىدى، بۇ ئەدەپسىز، ئىسيانكار ئىدى، ياكى ئۇ ئەقىللىك، بۇ ئەقىلسىز ئىدى، دېگەنگە ئوخشاش. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھېچبىرى ئاتا-ئانىنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى ئاقلىيالمايدۇ.

ھەتتا ئاتا-ئانىلار تەبەسسۇم قىلىش، قۇچاقلاپ باغرىغا بېسىش، پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇش، ياخشى سۆز قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك بولۇشقا بۇيرۇلغان.

ئىبنى ئەبى دۇنيا ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە ھەدىس سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى، شۇ ئەسنادا بىر نارىسىدە بالا قەۋمنىڭ چەت تەرىپىدە ئولتۇغان دادىسىنىڭ يېنىغا  كەلدى، ئۇ ئادەم بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئوڭ يۇتىسىدا ئولتۇرغۇزدى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ قىزى يېنىغا كەلدى، بۇ چاغدا ئۇ ئادەم قىزىنىڭ  بېشىنى سىلاپ قويۇپ يەردە ئولتۇرغۇزدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى ئادەمگە: «(قىزىڭنى) يەنە بىر يۇتاڭدا ئولتۇرغۇزساڭ بولمامدۇ!» دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم قىزىنى يەنە بىر يۇتىسىدا ئولتۇرغۇزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمدى ئادىل بولدۇڭ» دېدى.[9]

ئاتا-ئانىلار يۇقىرىقىدەك ئاددىي مۇئامىلىلەردىلا ئەمەس، بەلكى دۇئا، سۆيگۈ-مۇھەببەت قاتارلىق ئىچكى ئەمەللىرىدىمۇ ئادالەتلىك بولۇشى، ھەممىسىنى تەڭ سۆيۈشى ۋە ھەممىسىنىڭ ھەققىدە ياخشى دۇئالارنى قىلىشى لازىم. بۇلارنى بالىلار كۆرمىسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئەمەسمۇ؟!

3. مېھرىبانلىقىنى ۋە كۆيۈمچانلىقنى كۆرسىتىش

ئابدۇللا ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە ئوقۇۋاتاتتى. توساتتىن نەۋرىلىرى ھەسەن بىلەن ھۈسەيىنلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، مۇنبەردىن چۈشتى ۋە ئۇلارنى ئېلىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى، ئاندىن: «ئاللاھ بالىلىرىڭلار ۋە ماللىرىڭلار بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، دەپ راست ئېيتقان. مەن بۇ ئىككى نارەسىدىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرالماي قالدىم ۋە ئاخىرىدا خۇتبىنىمۇ ئۈزۈپ قويدۇم»([10]) دېدى.

دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆزلەۋاتقان خۇتبىنى توختىتىپ قويۇشقا ئېلىپ بارغان نەرسە، ۋايىغا يەتكەن ھەقىقىي مېھىر-شەپقەتنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر.

بالىلارغا ئەنە شۇنداق مېھىر-شەپقەتلىك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا تەربىيەدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى بالىلارغا تەربىيەنىلا ئەمەس، بەلكى ھېچبىر پىكىرنى زورلاپ تېڭىپ قوبۇل قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىش پەقەت مېھىر-شەپقىتىنى ۋە سۆيگۈسىنى ئۇلارغا ئىزھار قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنى ئۇلارغا سۆيدۈرۈش ۋە قوبۇل قىلدۇرۇش بىلەنلا بولىدۇ.

مۇئەللىممۇ بالىلارغا سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىپ، ئۇلارنى قايىل قىلغاندىلا ئۇلارنى سۆزىگە كىرگۈزەلەيدۇ ۋە ئۇلارغا تەربىيەسىنى سىڭدۈرەلەيدۇ.

4. بالىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداش

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدە ئىدى، نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالدى. بۇ سەۋەبلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىنى ناھايىتى ئۇزۇن قىلدى. نامازدىن كېيىن بىرسى ئۇنىڭدىن:  يارەسۇلۇللاھ! سەجدىنى بەك ئۇزۇن قىلدىلا، دەپ سورىۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «بالام ئۈستۈمگە مىنىۋالغانىدى، ئۇنى چۈشۈشكە ئالدىراتقۇم كەلمىدى»([11]) دېدى.

بالىلارغا كۆرسىتىلگەن  مۇشۇنچىلىك ئاددىي مېھرىبانلىقنىڭ بالىلارنىڭ قەلبىدىكى مەنىسى ۋە تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

ئاتا-ئانىسىدىن ياكى مۇئەللىمىدىن بۇنچىلىك كۆيۈمچانلىقنى كۆرگەن بالا ئۇلارنى رەنجىتىپ قويۇشقا قەتئىي چىداپ تۇرالمايدۇ-دە، ئۇلارنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە نېمىگە بۇيرىسا شۇنى قىلىدۇ.

5. بالىلار بىلەن ئويۇن ئويناش

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆت پۇتلۇق بولۇپ مېڭىۋېتىپتۇ، نەۋرىلىرى ھەسەن بىلەن ھۈسەيىن ئىككىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە چېقىۋاپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ تۆگەڭلار نېمىدېگەن ياخشى ۋە سىلەر نېمىدېگەن ياخشى مىنگۈچىلەر»([12]) دەيتتى.

قېنى ئويلاپ كۆرەيلى، دۆلەتنىڭ رەئىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ قوماندانى، جامائەتنىڭ ئىمامى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر تەرەپتىن غازاتلارغا قوماندانلىق قىلىپ ئالدىنقى سەپكە چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ ئىشلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆي ئىشلىرىدا ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە، بالىلىرىنىڭ كۆڭلىنى شاد قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئەمدى بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى شۇنداق شاد قىلماسلىققا ۋە ئۇلارنىڭ ئەقلىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇلارنى ئويناتماسلىققا يەنە نېمە ئۆزرىمىز بار؟

بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن  بۇيرۇق-چەكلىمىلەر بىلەنلا تەربىيەلەپ كەتكىلى بولىدۇ، دەپ جۆيلۈيدۇ. بالىلار  بۇيرۇق بىلەن، ياكى تاياق بىلەن باشقۇرغىلى بولىدىغان قوي، ياكى كالا ئەمەس. بەلكى بالىلار پەقەت سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن تەلەپلىرىنى ئورۇنداش  ئارقىلىق كۆڭلىنى خوش قىلىش بىلەن باشقۇرۇلىدۇ.

6. بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاسراش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ھەمىشە نامازغا ئۇزۇنراق سۈرە ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ نامازنى باشلايمەن. ناۋادا بىرەر بالىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ قالسام، بالىنىڭ يىغىسىدىن ئانىسىنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، نامازنى تېزرەك ئوقۇپ تۈگىتىمەن»([13]). مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا-بالىغا بولغان چەكسىز كۆيۈمچانلىقىنىڭ بىر  ئىپادىسىدۇر.

7. بالىلارغا سالام قىلىش ۋە تەبەسسۇم بىلەن كۆرۈشۈش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلارنى كۆرگىنىدە، ئۇلارغا خۇددى چوڭلارغا سالام قىلغاندەك سالام قىلاتتى ۋە تەبەسسۇم بىلەن ئۇلاردىن ئەھۋال سورايتتى. ئىمام بۇخارى مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يولدا قانداقلا بىر بالىنى كۆرسە ئاۋۋال ئۇنىڭغا سالام قىلاتتى، ئاندىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلاتتى»([14]) دەيتتى.

8. كىچىكلەرنى ئاسراش

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كىشىلەر ھەر يىلى مېۋىلىرى دەسلەپ چىققاندا، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! بىزگە مېۋىلىرىمىزدە، شەھىرىمىزدە،  كەمچەنلىرىمىزدە بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئى ئاللاھ! ئىبراھىم سېنىڭ بەندەڭ ۋە پەيغەمبىرىڭ بولغىنىدەك، مەنمۇ سېنىڭ بەندەڭ ۋە پەيغەمبىرىڭمەن. ئۇ مەككە ئۈچۈن دۇئا قىلغاندەك، مەن مەدىنە ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن.» دەيتتى. ئاندىن بۇ مېۋىنى ئائىلىنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا بېرەتتى ([15]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە بىزگە كىچىكلەرنى ئاسراشنى ۋە كىچىكلەرگە چوڭلارغا بېرىشتىن بۇرۇن بېرىشنى ئۆگەتكەن. چۈنكى چوڭلار سەۋر قىلالايدۇ. ئەمما كىچىك بالىلار تولا ۋاقىتتا سەۋر قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ  مېزىلىك يېمەكلىكلەرنى ۋە لەززەتلىك مېۋىلەرنى كۆرگەندە، كىچىك بالىلارنىڭ نەپسى تاقىلداپ قالىدۇ. شۇڭا بېرىدىغاننى ئاۋۋال ئۇلارغا بەرمەسلىك ئۇلارنى قىيناپ قويغانلىقتۇر.

بۇ بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئادالەتسىزلىك قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى چوڭلارمۇ كىچىك بولۇپ باققان. ئۇلارمۇ كىچىكلەرنىڭ سەۋرسىزلىكىنى چۈشىنىدۇ ۋە رەنجىپ قالمايدۇ. ناۋادا چوڭلار رەنجىپ قالسا، ئۇلارغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك.

9. ھەممە ئادەمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش

سەھل ئىبنى سەئىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر بالا، سول تەرىپىدە چوڭلار بار ئىدى. شۇ پەيتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  ئۇسسۇزلۇق كەلتۈرۈلىۋىدى، ئۇنىڭدىن ئىچتى. ئاندىن ئوڭ تەرىپىدىكى بالىدىن: «بۇنى ئاۋۋال چوڭلارغا بېرىشىمگە ئىجازەت بېرەمسەن؟» دەپ سورىۋىدى. بالا: «ياق، مەن ھەققىمنى ھېچكىمگە ئۆتۈنۈپ بەرمەيمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدىكىنى بالىغا بەردى ([16]).

بۇ بالا پەۋقۇلئاددە ئەقىللىك ۋە زېرەك بىر بالا بولۇپ، ئۇ ئىسلام ئەخلاقىنىڭ يېيىش-ئىچىش، ئېلىش-بېرىش، ھەتتا ئۆيگە، ياكى مەسجىدكە كىرىش قاتارلىق جىمى ئىشلاردا ئوڭدىن باشلاش پىرىنسىپىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇۋالغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنلا ئىچىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ شەرەپنى قانداقمۇ باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسۇن؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىنىڭ ئاۋۋال ئىچىشتىن ئىبارەت ھەققىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن ئىجازەت سورىغان. ئەمما بالا قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇنى زورلىمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاۋۋال بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئاددىي بىر مەسىلە ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ئادالەتلىك بولۇشنى ۋە ھەر كىمنىڭ ھەققىنى —چوڭ-كىچىك دېمەستىن— بېرىش لازىملىقىنى ئۆگەتكەن. چۈنكى ئادالەت ھامان ئادالەتتۇر. ئۇ چوڭ  ياكى كىچىكدېمەيدۇ.

10. خاتالىقنى سىلىقلىق بىلەن تۈزىتىش

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا رۇكۇدا ئىدى. مەن كېلىپ  سەپكە  قېتىلماستىنلا، ئارقىدا ئايرىم رۇكۇ قىلدىم. ئاندىن ناماز تۈگىگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئەھۋالنى بايان قىلىپ بېرىۋىدىم. ئۇ ماڭا: «ئاللاھ سېنىڭ تىرىشچانلىقىڭنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق قىلما»([17]) دېدى.

ئەسلىدە، بۇ ساھابە ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ئاندىن  نامازنى باشلىشى لازىم ئىدى. ئەمما ئۇ رۇكۇغا ئۈلگۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، تۇرغان يېرىدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلغان. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ياخشى دۇئا قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىن ئالدى سەپتە ئورۇن بولغان ھالەتتە، ئارقىدا يالغۇز تۇرماسلىققا بۇيرۇغان.

بۇ ئورۇندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  تەربىيەنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ئالدى بىلەن خاتالاشقۇچىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەپ، ئاندىن ئۇنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشتۇر. ئىسلامنىڭ تەربىيە ماۋزۇسىدىكى بۇ پىرىنسىپى چوڭ-كىچىك ھەممىگە قارىتىلغاندۇر.

شۇڭا بالىلار خاتالاشقاندا، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنىلا تىلغا ئالماستىن، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنى  خۇش قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ خاتالىقىغا چىرايلىقچە تۈزىتىش بېرىش لازىم. بۇ پىرىنسىپ بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يېنىڭىزدا ئىشلەيدىغان كادىر، ئىشچى، شاگىرت ۋە  ھەمراھىڭىز ئۈچۈنمۇ يارايدىغان پىرىنسىپتۇر.

چۈنكى سىز بىرەر كىشىنىڭ خاتالىقىغا تۈزىتىش بەرمەكچى بولغىنىڭىزدا، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ ئۇنى ماختاپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ خاتالىقىغا تۈزىتىش بەرسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئادالىتىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا ھەقسىزلىق قىلمىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىدۇ-دە، نەسىھىتىڭىزنى  ئاسانلا قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇسۇلدا سىز ئۇنىڭ ھەققىنى بەرگەن ئىكەنسىز، ئۇمۇ سىزنىڭ ھەققىڭىزنى بېرىش لازىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئەپسۇسكى، بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە، بۇنداق ئېسىل ئەخلاق ئومۇملاشمىغان. ئائىلىلەردىمۇ يىلتىز تارتىپ بولالمىغان. بىزدە بالا بىرەر خاتالىقنى سادىر قىلىپ قويغان ھامان ئۇنىڭ بارلىق خاتالىقلىرىنى، يېتەرسىزلىكلىرىنى، ھەتتا ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرىنى بىر-بىرلەپ يۈزىگە سېلىپ كېتىمىز، گويا ئۇ بىر قېتىممۇ توغرا ئىش قىلىپ باقمىغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز. نەتىجىدە،  بالىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئىستىكى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىسيانكارلىقى ئېشىپ كېتىدۇ.

بالىنىڭ  ھاياتىدىكى ئۈلگىلەر
1. ئاتا-ئانا ۋە مۇئەللىم

بالىلارغا ئۈلگە بولۇش  ئارقىلىق تەربىيەلەش ئۇسۇلى بارلىق تەربىيە ئۇسۇللىرىنىڭ ئىچىدە تەسىر ۋە ئۈنۈم جەھەتتىن ئەڭ غەلىبىلىك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى تەكىتلىمەكتە.

بالا ئاتا-ئانىسىدىن ۋە تەربىيەچىسىدىن ياخشىلىقنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئىسلام ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىدۇ. شۇڭا بالا تەربىيەلەش ھەر قانداق بىر ئاتا-ئانا ۋە تەربىيەچى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىۋېلىش، ئەخلاقىنى توغرىلىۋېلىش پۇرسىتى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بالىلارنى ئىسلامىي تەربىيەلەش ئىشىدا غەلىبە قىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.

ئاتا-ئانىسىنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان بالىنىڭ راستچىللىقنى ئۆگىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاتا-ئانىسىدىن تىل-ئاھانەتلەرنى ۋە ئەدەپسىز سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بالىنىڭ چىرايلىق سۆز قىلىشقا ئادەتلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاتا-ئانىسىدىن قوپاللىقنى ۋە شەپقەتسىزلىكنى كۆرۈپ چوڭ بولغان بالىنىڭ  مۇلايىملىقنى ۋە رەھىم-شەپقەتنى ئۆگىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئۇلۇغ دانىشمەن بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق شانلىق ئەسىرىدە بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق  ئىپادىلىگەن:

ئوغۇل-قىز سەۋەبى ئاتا ھەم ئانا،

بۇزۇلسا قىلىقى، تۈزەلسە يەنە.

ئوغۇل-قىز خۇي-پەيلى بولسا يامان،

يامان قىلغان ئاتا بۇلارنى ھامان.

 

2. بالىلارنى ئەڭ ئېسىل ئۈلگىگە باغلاش

ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارغا ئۆزلىرىدىنلا ئۈلگە كۆرسىتىشى كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى بالىلارنى ئۆزلىرىدىنمۇ ئېسىل ۋە مۇكەممەل ئۈلگە بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا باغلىشى  زۆرۈردۇر. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى، غازاتلىرىنى، ئىش-ئىزلىرىنى، سۆزلىرىنى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى بالىلارغا ھەمىشە سۆزلەپ بېرىش ۋە ئەستايىدىل ئۆگىتىش بىلەن بولىدۇ.

ئۈلگىلىك رولنىڭ يوقۇلۇشى ھەقىقىي كىرزىسنىڭ باشلىنىشىدۇر
ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە، خۇسۇسەن ئائىلىدە ئۈلگىلىك رولنى يوقۇلۇشى ھەقىقىي كىرزىسنىڭ باشلانغانلىقى بولۇپ، جەمئىيەتتە خەلقنى يېتەكلەيدىغان ئۆلىما، زىيالىي ۋە پىشقەدەملەردە خەلقنى قايىل قىلىپ يېتەكلىگۈدەك پەزىلەت، قابىلىيەت ۋە گۈزەل خىسلەتلەر يوقالغاندا، ئائىلىدە ئاتا-ئانا بولغۇچىلاردىكى ياكى ئاكا، ئاچا بولغۇچىلاردىكى ئەخلاق، پەزىلەت ۋە قابىلىيەت يوقالغاندا،  بۇنداق جەمئىيەت ۋە بۇنداق ئائىلە كىشىلىرىنىڭ پارلاق كېلەچىكىدىن سۆز ئېچىش قىيىن بولىدۇ. مىسىرلىق ئاتاغلىق شائىر ئەھمەد شەۋقى مۇنداق دەپ يازغان:

      إنما الأمم الأخلاق مابقيت      فإن هم ذهبت أخلاقهم ذهبوا

ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر

ئايرىلغانلار ئۇنىڭدىن زاۋاللىققا ھامان كېتــــــەر.

پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولالىغۇدەك دەرىجىدە ئىلىم- ھېكمەت ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن قوراللانمىغان ياكى ئۆزى ئۈلگە بولالىغۇدەك دەرىجىدە بولسىمۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەسىگە ۋە ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسى بىلەن چوڭ بولمىغان ياكى ئاتا-ئانىسىدىن ئۈلگە ئالالمىغان بالىلار كوچا تەربىيەسى بىلەن ئۆسىدۇ-دە، ئۆزلىرىگە جەمئىيەت داشقاللىرىنى، لۈكچەكلەرنى، سەنئەتچى كىنو چولپانلىرىنى، فۇتبول ماھىرلىرىنى ئۈلگە قىلىۋالىدۇ.

 ئۈلگە بولغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار

1.       ئۈلگە بولغۇچىنىڭ چوقۇم ئىخلاسلىق بولۇشى ۋە بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە، گەپ-سۆزلىرىدە سەمىمىي بولۇشى.

2.    راستچىللىق، چىدامچانلىق، سەۋرچانلىق، كەمتەرلىك، قانائەتچانلىق دېگەنگە ئوخشىغان مۇھىم ئەخلاقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولۇشى.

3.       ھەر ئىشتا ئوتتۇراھاللىقنى تۇتقا قىلىدىغان، ئوڭاي ۋە توغرا بولغاننى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇشى.

4.       ۋاقىتقا ئالاھىدە رىئايە قىلىدىغان، ۋەدىسىدە قەتئىي تۇرىدىغان بولۇشى.

ئۈلگە بولغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەر

1.       ئۈلگە بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولىدىغان ئىشنىڭ ۋە بېرىدىغان مەلۇماتلىرىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل بولۇشى.

2.       پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان، بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان بولۇشى.

3.    گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلانغان، مۇئامىلىدە ئادىل بولۇشى، خۇسۇسەن، ئەپۇچانلىق، سېخىيلىق، مېھرىبانلىق قاتارلىق خىسلەتلەرنى ئۆزىدە جەم قىلغان بولۇشى.

4.       ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشى.

5.    زاماننى ۋە ۋەزىيەتنى ياخشى چۈشىنىدىغان، مەلۇماتىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان، قاتماللىقتىن يىراق، ئۆز خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىدىغان بولۇشى.

6.       ئۈلگىنى شەكىلدە ياكى گەپ-سۆزىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىدىغان بولۇشى.

ئۇنتۇماڭكى، سىزنىڭ پەرزەنتلىرىڭىز قەلبىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرغا قەدەر چاقناپ تۇرىدىغان ۋە ھېچ ئۇنتۇلمايدىغان خاتىرە سىزنىڭ نامازنى مۇكەممەل شەكىلدە ئوقۇغان، قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا تىلاۋەت قىلغان، ئۈنلۈك ئاۋازدا مۇڭلۇق دۇئا قىلغان، جورىڭىزغا چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتلىك مۇئامىلە قىلغان، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىللىرىنى تولۇپ تاشقان كۆيۈمچانلىقىڭىز بىلەن يايرىتىۋەتكەن كۆرۈنۈشلىرىڭىزدۇر.

[1] «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 1202 – بەت.
[2] تاھا سۈرىسى: 132- ئايەت.
([3]) ئىمام بۇخارىنىڭ «صحيح البخاري» ناملىق ھەدىس توپلىمى « كِتَابُ الجَنَائِزِ » 1292- ھەدىس، ئىمام مۇسلىمنىڭ «صحيح مسلم» ناملىق ھەدىس توپلىمى « كِتَابُ الْأَيْمَانِ » 1658- ھەدىس.
([4])ئىمام مۇسلىمنىڭ « صحيح مسلم » ناملىق ھەدىس توپلىمى «كِتَابُ الْحَجِّ » 2-توم، 943-بەت، 1297-ھەدىس.
[5] ئەھزاب سۈرىسى: 21- ئايەت.
([6]) ئىمام ئەھمەدنىڭ «مسند الإمام أحمد» ناملىق ھەدىس توپلىمىنىڭ  24645- ھەدىسى.
([7]) مۇتتەقىينىڭ «كنز العمال» ناملىق ئەسىرىنىڭ 31895- ھەدىسى.
([8]) ئىمام مۇسلىمنىڭ «صحيح مسلم» ناملىق ھەدىس توپلىمى «  كِتَابُ الْهِبَاتِ » 1622- ھەدىس.
[9] ئىبنى ئەبى دۇنيانىڭ « العيال ويقع في مجلدين » ناملىق ھەدىس توپلىمى 173-بەت، 36-ھەدىس.
([10]) ئىمام بەيھەقى «سنن البيهقي» ناملىق ھەدىس توپلىمى 3- توم، 218-بېتىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
([11]) ئەبۇ يەئلانىڭ «المسند» ناملىق ھەدىس توپلىمى 3428- ھەدىس.
([12]) تەبەرانىي «المعجم الكبير» ناملىق ئەسىرىنىڭ 3- باب، 52- بېتىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
([13]) ئىمام بۇخارىنىڭ «صحيح البخاري» ناملىق ھەدىس توپلىمى « كِتَابُ الصَّلاَةِ » 750- ھەدىس.
([14]) ئىمام بۇخارىنىڭ «صحيح البخاري» ناملىق ھەدىس توپلىمى«كِتَابُ اللِّبَاسِ » 5893- ھەدىس.
([15]) ئىمام مۇسلىمنىڭ «صحيح مسلم» ناملىق ھەدىس توپلىمى « كِتَابُ الْحَجِّ » 1373- ھەدىس.
([16]) ئىمام بەيھەقى «سنن البيهقي» ناملىق ھەدىس توپلىمىنىڭ 7- توم، 286- بېتىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
([17]) ئىمام بۇخارىنىڭ «صحيح البخاري» ناملىق ھەدىس توپلىمى «  كِتَابُ الأَذَانِ » 750- ھەدىس.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار